ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مۇنبەرداشلار..
مەن مۇنبەرگە كىرگەندىن بۇيان ياخشى بولغان سۈرەتلىك ۋە سۈرەتسىز فىلىملەر،ئاۋازلىق ھۆججەتلەر
يوللانغان تىمىلاردا ئىنكاس يازغانلارنىڭ<چۈشۈرۈش ئادىرسىنى يوللاپ بەرسىڭىز بولاتتى!قانداق چۈشۈردۇ؟ |
>
دىگەندەك ئىنكاسلىرىنى كۆپ كۆردۈم..
شۇ ۋەجىدىن ئاشۇنداق چۈشۈرۈش ئادىرىسى بولمىغان فىلىملەرنى قانداق چۈشۈرۈشنى سىلەرگە
رەسىملىك كۆرسىتىپ قوياي! ئۈگىنىۋىلىڭلار!
(تەس ئەمەس)
مەن بۇ چۈشەندۈرۈشتە يوۋكۇ تورىنىڭ فىلىم قويغۇچىسىنى مىسال ئالدىم. |
سىزمۇ شۇ توربەتنى ئىچىپ ئۈگۈنۈڭ(ئاسان بولسۇن ئۈچۈن) |
http://v.youku.com/v_show/id_XMTg2ODg2NTQw.html
چوقۇم مەن بىلەن تەڭ مەشغۇلات ئىلىپ بىرىڭ،ئىتتىك ئۈگىنىۋالىسىز! |
1-قەدەم: ئالدى بىلەن يۇقارقى سۈرەتلىك ھۆججەت بار توربەتنى ئاچىسىز(سۈرەتلىك ھۆججەتنى قويماي تۇرۇڭ)
ئاندىن توربەت كۆزنىكىنىڭ سول تەرەپ ئۈستىدىكى 工具(قۇرال) كونۇپكىسىنى باسىمىز!<رەسىمدىكىدەك>
2-قەدەم:قۇرال كونۇپكىسىنى باسقاندىن كىيىن چىققان ئۇچۇر تاختىسىدىنInternet选项نى باسىمىز(رەسىمدىكى)
3-قەدەم:تاللاشنى باسقاندىن كىيىن ئىچىلغان كۆزنەكتىن 删除文件كونۇپكىسىنى بىسىپ تورھۆججەتلىرىنى يۇيۇشنى تاللايمىز.(بۇنىڭدا سىزنىڭ شەخسى ھۆججەتلىرىڭىز يۇيلۇپ كەتمەيدۇ)《رەسىمدىكىدەك>
بۇ كونۇپكىنى باسقاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كىچىك كۆزنەك ئىچىلىدۇ،كۆزنەكتىكى كاتەكچە ئىچىگە بەلگە ئۇرۇپ،.ئاندىن مۇقۇملاشتۇرۇش كونۇپكىسىنى باسسىڭىز كومپىيۇتىرىڭىزدىكى سۆرىلىۋالغان تور ھۆججەتلىرىنى يۇيىۋىتىدۇ...(رەسىمدىكىدەك)
4-قەدەم:ھۆججەتلەرنى يۇيۋەتكەندىن كىين قىپقالغان كۆزنەكتىكى 设置كونۇپكىسىنى باسىمىز!(رەسىمدىكىدەك)
5-قەدەم:يەنە بىر كىچىك كۆزنەك ئىچىلىدۇ،ئۇكۆزنەكتىكى 查看文件(ھۆججەت كۆرۈش)كونۇپكىسىنى باسىمىز!(رەسىمدىكىدەك)
6-قەدەم:ھۆججەت كۆرۈش كونۇپكىسىنى باسقاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك 文件夹(ھۆججەت قىسقۇچ)ئىچىلىدۇ(رەسمدىكىدەك)
7-قەدەم:ئىچىلغان ھۆججەت قىسقۇچنى پەسكە قاتلاپ قويۇپ،باياتىم بىز ئاچقان كىچىك كۆزنەكلەرنى تاقىۋىتىمىز..(رەسىمدىكىدەك)
8-قەدەم:ئەمدى ئالدىن ئىچىۋالغان توربەتتىكى سۈرەتلىك ھۆججەتنى قويۇڭ!
قويغاندىن كىيىن قويغۇچتا تۆۋەندىكى قىزىل سىزىق ئالدىن ماڭىدۇ..(ھۆججەتنىڭ چۈشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى)<رەسىمدىكىدەك>
ئۇ قىزىل سىزىق مىڭىپ ئاخىرقى نۇقتىغا تولۇق يەتكەندە بۇ سۈرەتلىك ھۆججەت چۈشۈپ بولغان بولىدۇ(رەسىمدىكىدەك)
9-قەدەم: بىز چۈشۈرمەكچى بولغان سۈرەتلىك ھۆججەت كومپىيۇتىرىمىزغا چۈشۈپ بولدى.ئەمدى بىز باياتىن قاتلاپ قويغان 文件夹(ھۆججەت قىسقۇچ)نى ئىچىپ،قىسقۇچ يۈزىگە مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بىسىپ 刷新(يىڭىلاش) كونۇپكىسىنى بىسىپ چۈشكەن ماتىرياللارنى يىڭىلايمىز.(رەسىمدىكىدەك)
قىسقۇچ يىڭىلاندى،ئەمدى بۇنىڭ ئىچىدىن بىز چۈشۈرگەن سۈرەتلىك ھۆججەتنى ئىزدەيمىز..ئىزدەشكە قولاي بولسۇن ئۈچۈن 类型كونۇپكىسىنى بىسىپ قىسقۇچتىكى ھۆججەتلەرنىڭ شەكلى بويىنچە رەتكەتىزىمىز...(رەسىمدىكىدەك)
رەتكە تىزغاندىن كىيىن قىسقۇچ ئىچىدىكى ھۆججەتلەر ھۆججەت شەكلى بويىنچە رەتكە تىزىلىدۇ..ئادەتتە توردىكى سۈرەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ شەكلى FLV،ياكى MP4شەكىلدە بولىدۇ..شۇنىڭغا ئاساسەن سۈرەتلىك ھۆججەتنى تاپىمىز(رەسىمدىكىدەك)
10-قەدەم: سۈرەتلىك ھۆججەتنى تاپتۇق، ئەمدى ئۇنى ئۈستەل يۈزىگە كۆپەيتىپ چۈشىرۋالساقلا ئىش تامام!(رەسىمدىكىدەك)
جەرياننى چۈشەندۈرۈشتە سەل قىينىلىپ قالدىم،ھەرگىز تىرىكمەي،زىرىكمەي سىناپ بىقىڭ!
بۇ ئۇسۇل ناھايىتى ئاددىي.
چوقۇم سىناپ بىقىڭ...ھەرقانداق سۈرەتلىك_سۈرەتسىز،ئاۋازلىق ھۆججەتلەرنى قىينالمايلا
چۈشۈرەلەيسىز...
سۈرەتسىز،ئاۋازلىق ھۆججەتلەرنىڭ شەكلى ئادەتتەMP3،WMA شەكىلدە چۈشىدۇ..
مەن يۇقىردىكى چۈشەندۈرۈشنى يوۋكۇ تورىنىڭ فىلىم قويغۇچىسىنى مىسال قىلىپ ئالدىم..
باشقا توربەتلەرنىڭمۇ ئاساسەن چۈشۈرۈش ئۇسۇلى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش..
ئەجرىمگە ھۆرمەت قىلىڭ...
ئىرىنمەي سىناپ بىقىڭ، يۇقىردىكى تەرتىپ بويىنچە قىلسىڭىز چوقۇم قىلالايسىز!
سىز بۇنىڭدىن پايدىلىنالىسڭىز مەن شۇنىڭدىن خوش!
رەھمەت..