مەستانە ئـــەزا
ئازاپ ۋە سۆيگۈ
مەن ئانچە يىراق بولمىغان كۆل بويىغا كەلدىم، كۆلنىڭ مەنزىرىسى شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدى. سۇغا چۈشكەن قۇياش نۇرى سۇس شامالدا يىنىك تەۋرىنىۋاتقان سۇ بىلەن تەڭ چايقىلىپ خۇددى كىچە ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك جىمىرلايىتتى. قىرغاقتىكى مەجنۇنتاللار ئىگلىپ كۆلگە سايە تاشلاپ تۇراتتى. _كاككۇك،كاككۇك! بىردىنلا كاككۇك سايراپ كەتتى. شۇ ھامان كىملەردىندۇر ئاڭلىۋالغان كاككۇك قونغان دەرەخنى كاككۇكقا سەزدۈرمەي ئۈچ قىتىم ئايلىنىپ تىلىكىنى ئىيىتسا مۇرادىغا يىتىدۇ، دىگەن سۆزلەر ئىسىمگە كەلدى. گەرچە بۇنداق قىلىشنىڭ ئاجايىپ بىر مۆجىزە يارىتالمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلسەممۇ، يەنىلا ئاستا دەرەخنى ئايلىنىشقا باشلىدىم. نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىمەن؟ كاككۇكمۇ ئاشىق- مەشۇقلارنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ بۇ گەپنى كىم توقىغان بولغىيتى، يالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشىنىمىز ھە! مەن ساناپ تۇرۇپ دەرەخنى ئۈچ قىتىم ئايلىنىپ تۇختۇدۇم ۋە ئاستا پىچىرلىدىم: _ ئەي خۇدا، مىنىڭمۇ ئىشقىمنى ئۇنىڭ دىلىغا سال، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ياشىغۇم بار،_ مەن تىلەكلىرىمنى دەپ بولۇپ، كاككۇكنىڭ ئۇچۇپ كەتكەن ئۇچۇپ كەتمىگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن شاخلارغا قارىدىم، ۋاي خۇدايىم، مەن نىمىلەرنى دىدىم، شاختا كاككۇك ئەمەس سەن ئولتۇراتتىڭ مەن داڭ قىتىپ قالدىم. سۈتتەڭ ئايدىڭ، بۈگۈن ئاخشام شۇنداق گۈزەلمۇ ياكى يىنىمدا سەن بولغاچقا ماڭا شۇنداق كۆرۈندىمۇ؟ بۇنى بۈلمەيمەن، ئەمما شۇ ماڭا ئايانكى، بۇ گۈزەل ئاخشام ماڭا شادلىقتىن كۆپرەك قايغۇ ئىلىپ كىلىدۇ. بەلكىم بۇ ئايرىلىش ئۈچۈن كۆرۈشۈشمۇ بولۇپ قالار. ياق ياق، ھەرگىز ئۇنداق بولمىسۇن! مەن بۇ ئازاپلىق ئويلاردىن ئۆزۈمنى شۇنچە قاچۇرساممۇ، لىكىن كۆز ئالدىمدىكى بۇ رىياللىق مىنى قىينىماقتا، مەن نىمە بولدۇم؟ مەن نىمە بولدۇم، سەن ئالدىمدا تۇرساڭ يەنە سىنى ئويلىغىنىم نىمىسى؟ مەن خىياللاردىن باش كۆتۈرۈپ ساڭا قارىدىم. سېنىڭمۇ ئازاپقا تولغان شۇ كۆزلىرىڭ يۈرىكىمگە پىچاق سانجىلغاندەك بىر ئاغرىقنى باشلاپ كىردى. مەن بۇ ئازاپلىق ئاغرىققا بەرداشلىق بىرەلمەي ئۈنسىز ئىڭراپ تاشلىدىم، يۈرۈگۈم ماڭا ئىلتىجا قىلىۋاتاتتى، بۈگۈن ئۆتۈپ كەتسە ئۇنى يەنە قاچان كۆرەلەيسەن؟ ھەممە سۆزلىرىڭنى دەۋال، بولمىسا كىيىن پۇشايماندا قالىسەن! مىنىڭ كىچىككىنە يۈرىكىم، بۇ ئالەمچە ئازاپنى پەقەتلا سىغدۇرالمىدىدە، ئۆزۈمنى باغرڭغا تاشلىدىم. _ ئەمدى بىز ئايرىلىپ كېتەيلى، مەن سىزنى ئۇنتۇپ كىتىمەن،- بۇ سۆزلەر ئازاپلىق ياشلىرىم بىلەن تەڭ ئېتىلىپ چىقتى. شۇ چاغدا مىنىڭ قانچىلىك ئازاپلانغانلىقىمنى بىلەمسەن؟ دۇنيادا بۇنىڭدىن ئارتۇق ئازاپ بارمۇ؟ يوق، ھەرگىز يوق. مەن شۇ ئازاپقا چىداپ ساڭا ئۇنتۇش ۋەدىسى بەرگەن بولساممۇ ئەمەل قىلالمىدىم. ھەر كۈنى ئاخشىمى كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ ئاپئاق بەتلىرىنى ساڭا بولغان ئوتلۇق سىغىنىشىم بىلەن بوياپ چىقىمەن، خۇددى ئۆز ۋاقتىدا قەلبىمنىڭ ئاپئاق بىتىگە سىمايىڭ چىكىلگەندەك. ھەر سەھەر تۇنجى بولۇپ سەن بىلەن سالاملىشىمەن. كۈنلىرىم سەن بىلەن قەلبىمدە سىردىشىپ ئۆتىمەن. باشقا دوسىتلىرىم شېرىن مۇھەببەت قاينىمىغا غەرىق بولسا، مەن خىيال دەرياسىدا سەن بىلەن ئۈزۈپ يۈردۈم، ھىجراننىڭ شۇنچىلىك ئازاپلىق، سېغىنىشنىڭ شۇ قەدەر شېرىنلىكى، مىنىڭ كىچىككىنە يۈرۈگۈمنى ئاجايىپ تاۋلىدىكى، سىنى ئويلىمىغان بىرەر سىكۇنىت، بىرەر دەقىقە بولسىدى، سىنى ئۇنتۇپ كىتەلىشىمگە ئىشەنگەن بولاتتىم. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس! مەن تا ھازىرغىچە مۇھەببەتنىڭ سىرلىق كوچىلىرىدا قايسى بىر ئىشىكتىن سىنى چىقار دەپ تەلمۈرۈپ يۈرمەكتىمەن. چۈشىنەمسەن؟ ھىجران ئازابى تارتىۋاتقان ئادەم باشقىلارنىڭ ۋىسال شادلىقىنى كۆرگەندە گەرچە باشقىلار ئۈچۈن خۇش بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئازابى ھەسسىلەپ كۈچىيىدىكەن. ئاشىق- مەشۇقلاردا بولىدىغان تاتلىق ھىسسيات مەندە يوق، ھەتتا شادلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ بۈلمەيمەن، مىنىڭ بۈلىدىغىنىم ھىجران ئازابى خالاس.
رەھىمسز رىياللىق مىنىڭ مۇھەببەتلىك تاتلىق چۈشلەرنىڭ ئىلكىدىن چىقىشىمنى، رىياللىققا تىزرەك قايتىشىمنى كۈتمەكتە. ياق مەجبۇرلىماقتا. كىشىلەر "مۇھەببەت ئىككى يۈرەكنىڭ سوقۇلۇشىدىن چاچرىغان ئۇچقۇن" دىيىشىدۇ. مەن بۇ ھىكمەتنىڭ توغرىلىقىنى ئەمدىلا ھىس قىلىۋاتىمەن. ھەقىقەتەن شۇنداقكەن، مەن بىردىنلا ئۆز- ئۆزەمنىڭ قىيناۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم. بۇنداق دىسەم بەلكىم ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولار، لىكىن بۇ يۈرەك سۆزۈم. سىنى سۆيگىنىم راسىت، ھىلىھەم سۆيىمەن. بىراق مەن بۇ ئاخىرى چىقمايدىغان مۇھەببەتنى ئويلاپ ئولتۇرىۋەرسەم چىكى يوق ھىجران چۆللەردە مەڭگۈ چاڭقاپ ئۆتىدىغانلىقىمنى تونۇپ يەتتىم. مۇھەببەت ئۇلۇغ، بىراق، مىنىڭ جىمجىت ئولتۇرۇپ سىنى سىغىنىشىم ھەرگىزمۇ مۇھەببەتنى ئۇلۇغلىغانلىق ئەمەسكەن. مەن ھىجران چۆلىدە تىڭىرقاپ تۇرۇۋەرمەسلىكىم، ئوڭۇشسىزلىقلارنى يىڭىپ ياشىشىم، ياشىغاندىمۇ قەيسەرلىك بىلەن ياشىشىم كىرەككەن. مەن شۇنى چوڭقۇر چۈشەندىم، ئەمدى ھەرگىزمۇ ئۆزەمنى ساڭا باغلىۋالمايمەن. ھاياتنىڭ ئاپئاق بەتلىرىگە ھىكمەت ئۈنچىلىرىنى تىزىش ئۈچۈن تىرىشىمەن. بۇ بەلكىم مىنىڭ توغرا تاللىشىمدۇر، ئامان بول، ماڭا بەخىت تىلە. نازۇك يازمىسى
پاش قىلىش
زەرنىڭ دوستى كۆپ
ئالىي ئەزا
ئاڭلانماس نىدا،
يىـڭى ئــەزا
ئۈمەرجان
دائىملىق ئــەزا
ئۈمۈدلىك كەلگۈسۈم ئۈچۈن
تىرىشچان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ