تۈنۈگۈن كەچتە يەنە بىر مەيدان چوڭ تىپتىكى ئىنتېرنېت ئۇرۇشى پارتىلىدى، 360 قاچىلانغان كومپيۇتېردا QQ غا چىققاندىن كېيىن، QQ كومپيۇتېردا 360 نىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ ئوتتۇرىسدا يۆتكىگىلى بولمايدىغان كۆزنەكتىن بىرنى چىقىرىپ 360 نى كومپيۇتېردىن ئۆچۈرىۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدىغان، ئاندىن QQ ئاپتوماتىك تاقىلىپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلدى. بۇ يەردە كۆپچىلىككە 360 بىلەن QQ نى بىرگە نورمال ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي…
QQ نىڭ مەجبۇرى تاقىلىپ كېتىش ئەھۋالىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك بولۇپ، كومپيۇتېردا 360 بىلەن QQ نى بىرگە نورمال ئىشلىتىش مەقسىدىگە يېتىشكە بولىدۇ......
ئەڭ ئاددى ئۇسۇل:
ئاۋال 360 نى پۈتۈنلەي تاقىۋېتىمىز، ئاندىن QQ غا نورمال تىزىملىتىپ چىققاندىن كېيىن 360 نى قايتا قوزغاتساقلا كۇپايە!
بىر قەدەر مۇرەككەپ ئۇسۇل بولسا، QQ نىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش مودىلى ئورنىتىلغان مۇندەرىجىنى تاقىۋېتىش:
XP دا ھەل قىلىش ئۇسۇلى:
C:\Documents and Settings\Administrator\Application Data\Tencent\QQ بۇ ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى، يەنى كومپيۇتېرىڭىزدىكى QQ قاچىلانغان ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى SafeBase مۇندەرىجىسىگە بېرىلگەن ھوقۇقنى پۈتۈنلەي رەت قىلىش ھالىتىگە تەڭشىسەك بولىدۇ.
پۈتۈنلەي رەت قىلىش ھالىتىگە تەڭشەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئاۋال، ئۈستىدىكى تىزىملىكتىن 工具 دىن 文件夹选项 غا، ئاندىن 查看 گە كىرىپ 使用简单文件共享 دېگەن تۈرنىڭ ئالدىدىكى بەلگىنى ئېلىۋېتىپ جەزملەشتۈرىمىز، ئاندىن مۇشۇ SafeBase دېگەن ھۆججەت قىسقۇچنىڭ 属性 سىنى ئاچساقلا ئۈستىدىكى رەسىمدىكى 安全 دېگەن تۈرنى كۆرەلەيمىز، ئاندىن ئۈستىدىكى 组或用户名称 دېگەن ئورۇندىن سېستىمىدىكى ئىشلەتكۈچى ئابونتنى تاللاپ، ئاستىدىكى 拒绝 دېگەن ئورۇنغا رەسىمدىكىدەك بەلگە ئۇرۇپ جەزملەشتۈرىۋەتسەك بولىدۇ.
WIN7 دا ھەل قىلىش ئۇسۇلى:
C:\Users\用户\AppData\Roaming\Tencent\QQ مۇندەرىجىسىدىكى SafeBase ھۆججەت قىسقۇچىغا بېرىلگەن ھوقۇقنى پۈتۈنلەي رەت قىلىش ھالىتىگە تەڭشىسەك بولىدۇ.
ئاندىن QQ غا قايتا تىزىملاتساق ھېچقانداق كاشىلىسىز نورمال مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايقايمىز.
مەنبە :توخۇمارلار كۇلۇبى
http://www.torhumar.com/360-qq-gong-cun.html