  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					راسـتـمـىـــدۇر  
  
تەشۋىش چۈشتى كۈڭۈلگە ئاۋارىمەن يايرىمنىڭ ،  
كىم بىلەندۇر باغلاردا يۈرگەنلىكى راستمىدۇر .  
ئەقىدەمگە ئىشەنمەي كىرىپ دۈشمەن كەينىگە ،  
ئۈمۈدىنى مىنىڭدىن ئۈزگەنلىكى راستمىدۇر  .  
   
مەن بۇ يەردە ئاھ ئۇرسام چىدىيالماي ئازاپقا ،  
خەندان ئۇرۇپ ئۇياقتا كۈلگەنلىكى راستمىدۇر  .  
مىنى بۇندا خار قىلىپ ھەسرىتىدە سارغايتىپ ،  
بۈگۈن يۇچۈن ئوتلاردا كۆيگەنلىكى راستمىدۇر .  
  
پايخان قىلىپ سۆيگۈمنى ئۇنتۇپ مىنى تۆت كۈندە ،  
گۈلى بۇلۇپ كىملەرنىڭ كەتكەنلىكى راستمىدۇر .  
يۈرىكىدىن ئىسمىمنى يۇيىۋېتىپ پاك- پاكىز  ،  
ئەنسىرەيمەن كىمنىدۇ سۆيگەنلىكى راستمىدۇر  . 
 
مەنبە: كۇچا مۇنبىردىن:ئورخۇن
  
 
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |