مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1422|ئىنكاس: 23

دادا! سېنى بەكمۇ سېغىندىم! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12835
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7805
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2010-10-5
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-4 10:26:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


دادا! سېنى بەكمۇ سېغىندىم!


«دادا»
ھەرقېتىم ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ مۇشۇنداق چاقىرىشلىرىنى، ئۆز دادىللىرى ھەقىقىدە قىلغان پاراڭلىرىنى ۋە ياكى دادىلىرى توغورلۇق ئاللىققانداق پاراڭلارنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا، غېرىبانە يالغۇز ياتىقىمغا كىرىپ سەن بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى ، سېنىڭ بىزگە قىلغان ئەجرىڭ ۋە تەربىيەلىرىڭنى ئەسلەيمەن، سېنىڭ سۆرىتىڭگە قاراپ ئۈنسىز ياش تۆكىمەن. كۆزۈمنى يۇمساملا كۆز ئالدىمغا سېنىڭ ئاشۇ مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرغان ئىللىق سىمايىڭ زاھىر بولىدۇ، ھەر قېتىم بىرەر ئىشتىن  بولمىسا خاپىلىق تارتىپ يىغلىغىىمدا خۇددى سەن يېنىمدا تۇرۇپ ماڭا ھەمرا بۇلىۋاتقاندەك، «بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ، چىدامچان، غەيرەتلىك بول، مەن مەڭگۈ سېنىڭ يېنىڭدا مەدەتكار» دەپ ئىلھام ، مەدەت ۋە تەسەللى بىرىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىمەن، ھەممە قايغۇلىرىم يىراقلارغا غايىپ بولۇپ، كۆزلىرىم ئۈمىد بىلەن ساڭا تىكىلىدۇ، بىراق كۆزۈمنى ئاچساملا كۆرۈنىدىغىنى سوغۇق ياتىقىمدىن باشقىسى ئەمەس.
مانا ھەش-پەش دېگۈچە 12يىل ئۆتۈپ كىتىپتۇ سېنىڭ بۇ يۇرۇق ئالەم بىلەن خوشلىشىپ باقىي ئالەمگە كەتكىنىڭگە. ئارمان بىلەن كىتىپ قالغان ئىدىڭ ئەمەسمۇ! تېخى ئۇچۇرما بولمىغان بەش بالاڭ دادىدىن ئىبارەت بۇ روھى تۈۋرىكىدىن ئايرىلىپ، قەلبى سۇنۇق ھالدا تەڭسىز بۇ ئالەمدە بىچارە جاپاكەش ئانا بىلەن يالغۇز قالدى. سەن يا بىر قىزىڭنىڭ يا بىر ئوغلۇڭنىڭ خوشال-خورام ئۇچۇرما بولغىنى، ئوماق نەۋرەڭنىڭ تاتلىق تىللىرى بىلەن «بوۋا»دەپ ساقاللىرىڭغا يامىشىپ تۇرۇپ چاقىرىشلىرىنى ئاڭلىيالماي ئارمان بىلەن كىتىپ قالدىڭ.
سەنسىز ئۆتكەن بۇ 12 يىل جەريانىدا بىز بەش قېرىنداش ئائىلىدىكى بارلىق جاپالارنى ئۆزىگە يۈكلىگەن مېھرىبان ئانىنىڭ تەربىيەسىدە ئۆز-ئارا ھەمدەمدە بولۇپ، كىشىگە زار، كىشى ئالدىدا خار بولماي، ئۆز كۈچىگە تاينىپ، تۇرمۇشى باشقىلاردەك بەك ھەشەمەت بولمىسۇ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۇرمەكتە. يالغۇز ئوغلۇڭ ھەم دادا ھەم ئاكا بۇلۇپ، ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكىنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ،  مەندىن ئىبارەت يەنە بىر قىزىڭنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، سېنىڭ قىلىپ بۇلالمىغان مەجبۇرىيىتىڭنى ئادا قىلدى. ئۆز تەربىيەڭنى نەتىجىسىنى كۆرەلمەيلا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتىڭ ئەمەسمۇ دادا. ھەر قېتىم تۇپراق بېشىڭغا بارغاندا ساڭا نۇرغۇن قەلب سۆزلىرىمنى ئېيتقۇم كىلىدۇ، بىراق بۇغۇزۇمغا كىلىپ قالغان يىغا بىلەن نەلەرگىدۇر غايىپ بۇلۇپ ئېيتالمەن، سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلىغۇم كىلدۇ،  بىراق سەن يوق ئاڭلىيالمايمەن.
دادا!....دادا!.....دادا!
ئاڭلاۋاتامسەن، يىراق يۇرتتا يالغۇز ياتاقتا  يەككە يىگانە تۇرغان قىزىڭنىڭ ئۈنسىز قىلۋاتقان خىتابىنى؟ بەلكىم سەن پانىي ئالەمدىكى جەننەتى ھۇزۇرىدا تۇرۇپ ئاڭلاۋاتقانسەن ۋە ماڭا مېھىرلىك كۆزلىرىڭ بىلەن قاراپ تۇرغانسەن.  ياقا يۇرتتا يۇرتىدىن ۋە قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ خىزمەت قىلىش ئۈچۈن يالغۇز قالغان قىزىڭغا ھەمراھ بۇلۇش ئۈچۈن غايىبانە  يېنىمدا تۇرغانسەن، ۋە يەنە سېنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىد، ئارزۇ-تىلەكلىرىڭنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئارزۇ قىلۋاتقانسەن، شۇنداقلا ئۆز ئارزۇلىرىڭنىڭ ئەمەلگە ئېشىۋاتقىنى ئۈچۈن خوشال بۇلىۋاتقانسەن.
شۇنداق دادا، سەن كىتىپ قالدىڭ، لىكىن پەرزەنىتلىرىڭ سېنىڭ يۈزۈۇڭنى تۆكىدىغان ھەرقانداق ئىشتىن خالىي ھالدا، ئۇ ئالەمدە سېنىڭ ئارمانسىز خاتىرجەم يېتىشىڭ. شۇنداقلا سېنىڭ ئارزۇ-ئۇمىدلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش  ئۈچۈن تىرىشماقتا.
ئىھ! مىھرىبان دادا! مەن ئۇلۇغ اللادىن سېنىڭ ياتقان يىرىڭنىڭ جەننەتى ھۇزۇرىدا بۇلىشىنى تىلەيمەن. خاتىرجەم ياتقايسەن! 

 مەنبە :كۇچا مۇنبىرىدىن:كۇسەن قىزى


بوشلۇقتىكى قۇتلۇق سەپىرىڭىز -كۇچا كائىنات ئايرۇپىلان بېلىتىدىن باشلانغۇسى 15292550777

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12764
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8283
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2010-10-5
ئاخىرقى: 2011-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-4 10:45:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ مىھرىبان دادىڭىز جەننەتتىن سىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتقاندۇ بەلكىم،سىزدەك قىزىنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلنىۋاتقاندۇ.

ۋىجدان سنى قۇچاقلىمىسا سەن ۋىجداننى قۇچاقلىۋال چىڭ

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6406
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-4 10:48:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىغا ،كۆڭۈل كىرىپ بىردەم يىغلىۋالسۇن دەپ يوللىغانمىتىڭىز؟دادامنى ئويلاپ يۈرۈگۈم يەنە يىغلىدى. [s:162] دوسلارنىڭ، ئاتىلارنى ھايات ۋاقتىدا قەدىرلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!ئاتا ئۇ ئۆينىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈگى!

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15699
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-4 10:49:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمى ئۆتكۈر ئىكەن............مەنمۇ ئاتا-ئانامنىڭ يېنىمدا بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىپ ئولتۇرغاندا،بۇ تېما بەك تەسىر قىلدى...............ئۇلار بولسا ئۇماق نەۋرىسىنى قۇچىقىغا ئالسا.............مەڭزىگە سۆيسە..............دادا دىيىشلىرىنى ئاڭلاپ،خوشاللىقىدىن قۇچاقلاپ كەتسە..............بىز بالىلارمۇ ئۇلارنى خوشال قىلساق......ھەي.................قېنى ئۇلار،
ئاللاھ،ئۇلارغا جەننەت ئاتا قىلسۇن!

[s:166]  [s:166]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12835
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7805
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2010-10-5
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-4 10:56:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلار ھايات ۋاقتىدا قەدرىگە يەتمەيدىكەنمىز..... [s:162]

بوشلۇقتىكى قۇتلۇق سەپىرىڭىز -كۇچا كائىنات ئايرۇپىلان بېلىتىدىن باشلانغۇسى 15292550777

ئازاپنىڭ خۇشاللىقى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 695
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9768
تۆھپە نۇمۇرى: 468
توردا: 208 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-4 10:59:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ر
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  manzil0997 كە 2010-11-04 10:56 PMئەۋەتىلدى  :
ئۇلار ھايات ۋاقتىدا قەدرىگە يەتمەيدىكەنمىز..... [s:162]
راس دەيسىز    با ۋاقتقدا

ئەجەپ دۇنيا  بۇ  ئەركەكتەك ياشايىگىتلە

ئۈمۈد ئۆلۈمنى يېڭىدۇ، كۆرەش زۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11002
يازما سانى: 1266
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 27825
تۆھپە نۇمۇرى: 984
توردا: 4775 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-4 11:00:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزمۇ بىر كۈن دادا بولىمىز...رەھمەت قېرىندىشىم. ئىچىمنى ئاچچىق قىلىۋالدىم [s:85]  [s:3]

رېئال تۇرمۇشتىكى شەيئى ۋە ھادىسلەرنى ئۆزگىچە بولغان ئىلھام بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئالغان تەسىراتنى، ئىلھامىمىزدىكى  شېئىرى ھېس تۇيغۇلار بىلەن يۇغۇرۇپ، قەلبىمىزدىكى گۈزەل تىل ۋە لىرىكىلار بىلەن ئىپادىلىسەك ( شېئىر )بولىدۇ. ___ تۈن لىرىكىسى

للە ھىچ ئادەمنى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6191
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9782
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-4 11:01:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا ئانىڭىزغا جەننەتنى اللاھتىن مىۇنبەردە تىلىمەي ،، ئىبادەتلىرىڭىزنى ۋاختىدا قىلىپ ، نامىزىڭىزدا دۇئادا تىلەڭ ، اللە ناھايىتى مىھرىبان بەلكىم دۇئايىڭىز ئىجابەت بولىشى مۇمكىن ، بىرنىڭ ئۆلىمى يەنە بىرگە ئىبرەت  ، ھەممىمىز ئۆلىمىز چۇقۇم ئۇنىڭغا تەييارلىق بولۇشى كىرەك ،، بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى تۈگەيدۇ لىكىن ئۇ دۇنيان....~~~~~~~~~~~~

پوقنى قانچە كوچىلىغانسىرى ئۇنىڭ سىسىقلىقى شۇنچە نامايەن بولىدۇ !!!دسااااااااااااا

دوستۇم سەن مەندى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14563
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14922
تۆھپە نۇمۇرى: 371
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-4 11:04:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئوبدان يىزىلىپتۇ تەسىرلىككەن  [s:161]  [s:161] رەھمەت سىزگە

ئۇچقۇر شامال

ئاللا بەندەڭنى خ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6133
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8512
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 364 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2011-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-4 11:10:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دادا سىنى بەكمۇ  سىغىندىم دىگەن ماۋزۇنى كورۇپلا قىزىم ئائىشەنىڭ يىراقتىكى دادىسى بىلەن كورۇشكەندە دىگەن ئۇماق سوزلىرى يادىمغا يەتتى
- دادا! دادا !دادا! سىنى بەكمۇ سىغىندىم سەن نىمشقا ئۇيگە كەلمەيسەن ؟ ئەگەر يەنە كەلمەيدىغان بولساڭ سىنى ئولتۇرۋىتىمەن .
بۇ مىنىڭ 4 ياشقا كىرگەن ئوماق قىزىمنىڭ دادىسى بىلەن تىلفۇننى ئىلىپلا ئەركىلەپ تۇرۇپ قىلىدىغان ھەر قىتىملىق سوزى ئۇندىن كىيىن دادىسغا ئۇگەنگەن دەرستىن يادىقا قىلىپ بىرىدۇ . دادىسى قىزنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق ئائىشە بولۇپ چىقشقا تىرشىۋاتقانلىقدىن خۇشال بولۇپ كىتىدۇ...
شۇڭا دوستۇم سىزمۇ دادىڭىزغا نىمە كىرەكلىكىنى ھەمدىن بەكىرەك بىلىسزغۇ دەيمەن .
مەرھۇم دادىڭىزغا ھەم دادامغا ئۇلۇغ ئاللاھدىن جەننەت ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن .

قىزىم مىنىڭ بارلىقىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش