|
|
|
|
ئېرىڭىزنىڭ بارلىق ئاياغلىرىنى پاكىز سۈرتۈپ، مايلاپ قويۇڭ [align=justify]بىر ئەرنىڭ تازلىققا رىئايە قىلىدىغان- قىلمايدىغانلىقىنى ئۇنىڭ پۇتىدىكى ئايىقىغا قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. نىكاھ بىر كۈنلۈككە ئوخشايدۇ. ئۇ بولسىلا يامغۇردىن پاناھلانغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا تېخىمۇ نۇرغۇن، ئادەتتىكىدەك كۈنلەردە بۇ كۈنلۈك سىلەرگە چەكسىز ھېسسىياتلارنى بېغىشلىيالايدۇ.
سىز ئېرىڭىز ئۈچۈن تەييارلىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭ ئىشلىتىشكە تېخى ۋاقتى چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆيۈنىشىڭىز ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ روھىي ئىرەمبىغىغا ئورۇنلىشىپ بولغانلىقىغا ئىشىنىڭ .
مېنىڭ ئېرىم خىزمەت دېسە، ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە ئۇرۇپ ئىشلەيدىغان كەسىپچان ئەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە قول ئاستىمدىكىلەرگە چوقۇم ئۈلگە بولۇشۇم كېرەك، دەپ ئويلىغىنى ئۈچۈن، ئەتىگەندە كىيىپ چىقىپ كەتكەن كىيىم- كېچەك، ئاياغ- پايپاقلىرى يا توپا، يا پاتقاق بولۇپ كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ تاماقلىرىنى يەپ، ئۇخلاشقا ياتقاندا مەن چاندۇرماي چىقىپ ئۇنىڭ پاتقاق بولۇپ كەتكەن ئايىغىنى سۈرتۈپ، مايلاپ پاقىرتىپ قويىمەن. ئېرىمنىڭ ئەتىسى چىقىپ ئايىغىغا شۇنداق قاراپلا چىن دىلىدىن سۆيۈنۈپ كېتىدىغانلىقى ماڭا ئايان.
ياخشى ئايال ئەرنىڭ ئايىغىنىڭ پاقىراقلىقىنى ساقلاشنىڭ مۇھملىقىنى بىلىدۇ، دائىم ئېرىڭىزنىڭ ئايىغىنى سۈرتۈپ تۇرۇڭ بىر چېدىرنى ئون ئەركەك قۇرغان بىلەن، ئۆينى بىر ئايال تۇتالايدۇ.- ئېنگېرسوۋ
ئۇلۇغلۇق گەپتىن ئەمەس باشتىن ئاياغ،
يېرىم ئىشمۇ يۈزچە گەپتىن ياخشىراق. مەنبە:سىرداش تورى
|
|
|
|
|
|