يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيىسى، ھاۋا ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشى، شاۋقۇندىن قالسا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بۇلغىنىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ھامىلىدار ئاياللار بۇ بۇلغىنىشلارنىڭ ھامىلىگە ئەكس تەسىر قىلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. تۆۋەندە بىز تۇرمۇشىمىزدا ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيىسىنى پەيدا قىلىدىغان بىر قىسىم ئېلېكتر سايمانلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقتۇق، ئۇلار:
لازېر نۇرى — رادىئاتسىيە تەسىرى بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك
لازېر نۇرى تەۋرىنىشى ئىنتايىن قىسقا، تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىدۇر. ئۇ مەلۇم دەرىجىدە رادىئاتسىيىلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ھامىلىدار ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە لازېر نۇرى بىلەن كۆپ ئۇچراشسا ھامىلىنىڭ غەيرىيلىكى، بويىدىن ئاجراش ۋە ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە تەسىرى ئانچە كۆپ بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ھامىلىدار ئاياللار لازېر نۇرى بىلەن بەك كۆپ ئۇچراشماسلىقى كېرەك. بۇنداق دېگەنلىك ھامىلىدار ئاياللار لازېر نۇرى بىلەن ئۇچراشسا قەتئىي بولمايدۇ دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى تەكشۈرتۈش مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك دېگەنلىكتۇر.
توك ئەدىيال — رادىئاتسىيە تەسىرى بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك
توك ئەدىيالغا توك ئۆتكەندىن كېيىن ئېلېكتر ماگنىت مەيدانىنى پەيدا قىلىپ، ئېلېكترو ماگنىتلىق رادىئاتسيە قويۇپ بېرىدۇ. بۇ خىل رادىئاتسىيە ھامىلە ھۈجەيرىسىنىڭ بۆلۈنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن ھۈجەيرىنىڭ غەيرىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلە يىلىك ھۈجەيرىسىنىڭمۇ ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيىسىگە بولغان سېزىمچانلىقى يۇقىرى بولغانلىقتىن، ناۋادا ھامىلىدار ئاياللار توك ئەدىيالنى بەك كۆپ ئىشلەتسە ھامىلىنىڭ مېڭە، نېرۋا، يىلىك ۋە يۈرەك قاتارلىق ئەزالىرىغا تەسىر قىلىدۇ.
توكلۇق چاچ قۇرۇتقۇچ — رادىئاتسىيە تەسىرى تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك
ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ئىچىدە توكلۇق چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ ئەكس تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك. بولۇپمۇ توكلۇق چاچ قۇرۇتقۇچنى ئېچىپ ئۆچۈرگەندىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ. قۇۋۋىتى قانچە كۈچلۈك بولسا ئەكس تەسىرىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇنى باشقا يېقىن تۇتۇپ ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، ئادەمنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ، باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق — رادىئاتسىيە تەسىرى تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك
مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ياتاق ئۆيگە قويۇشتىن ساقلىنىش، ئىشلەتكەندە يىراق تۇرۇش، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن توكتىن تارتىۋېتىش كېرەك. ھامىلىدار ئاياللار ئامال بار مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا ئىسسىتقان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم.
كومپىيوتىر رادىئەتسىيە تەسىرى _ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىك
كومپىيوتىر ھامىلدار ئايالللار ئەڭ ئىھتىيات قىلىدىغان ئائىلە سايمانلىرىنىڭ بىر بولۇپ ، ھامىلدار ئاياللار ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشى ، كومپىيوتىر ئىشلەتكەندە رادىئاتسىيەگە قارشى كىيىملەرنى كىيىش ، كومپىيوتىر ئىشلىتىش ۋاقىتنى كونتىرول قىلىش قاترلىقلارنىڭ ھەممىسى ھامىلدار ئاياللار قوللىنىدىغان ياخشى ئۇسۇللاردۇر .
قول تىلفۇن رادىئاتسىيە تەسىرى _ ئىككى يۇلتۇز دەرىجىلىك
قول تىلفۇننى ئىشلىتىۋاتقان ۋاقىتتا ئاساسى پونكىتقا سىمسىز تىلگىرامما يولى ئارقىلىق ئىلىكتىر دولقۇنى قويۇپ بىرىدىغانلىقتىن ، بۇ خىل دولقۇن ئادەم بەدىنىگە ئازدۇر-كۆپتۇر ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بولۇپمۇ قول تىلفۇن ئۇلانغان ۋاقىتتا رادىئاتسىيە تەسىر ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇرۇپ ئۇلانغىچە بولغان ئارلىقتا قول تىلفۇننى چوقۇم يىراقراق تۇتۇش كىرەك ، سىگنال ياخشى بولمىغان شارائىتتىمۇ ئۇنىڭ رادىئاتسىيەسى كۈچلۈك بولىدۇ ، شۇڭا ھامىلدار ئاياللار قول تىلفۇن ئىشلەتكەندە ئامال بار مەخسۇس تىڭشىغۇچ ۋە مىكروفۇن ئىشلىتىشى كىرەك .
تېلېۋۇزۇر رادىئاتسىيە تەسىرى _ ئىككى يۇلتۇز دەرىجىلىك
ئەنئەنىۋى تىلىۋىزە ئىكرانىغا قارىغاندا ھازىرقى سۈيۇق كىرىستال ئىكرانلىق ۋە تەڭ ئىئون تېلېۋۇزۇرلارنىڭ رادىئەتسىيە تەسىرى سەل تۆۋەنرەك بولىدۇ ، لىكىن شۇنىڭدىمۇ تېلېۋۇزۇر كۆرگەن ۋاقىتتا ئادەم بىلەن تېلېۋۇزۇرنىڭ ئارلىقى ئىككى مىتىر بولۇشى ، ئۆي ئىچىدە مۇۋاپىق مىقتاردا يورۇقلۇق بولۇشى ، تېلېۋۇزۇر كۆرۈش ۋاقتى ئىككى سائەتتىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كىرەك ، تېلېۋۇزۇر كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن يۈزنى يۇيۇپ يۈز تېرىسى شۈمۈرۈۋالغان رادىئاتسىيە ماددىلىرىنى تازلىۋىتىشكە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك .
نۇسخا ئالغۇ (复印机) ۋە پىرىنتىر (打印机) رادىئاتسىيە تەسىرى _ بىر يۇلتۇز دەرىجىلىك
توك ئىشلىتىدىغانلىكى سايمانلاردا ئېلېكتىر ماگىنىت دولقۇنى بولىدۇ ، ئېلېكتىر ماگىنىت دولقۇنىلا بولىدىكەن رادىئاتسىيە تەسىرىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ ، شۇڭا ھامىلدار ئاياللار بۇ ئەسۋاپلارنى ئىشلەتكەندە رادىئاتسىيەگە قارشى تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ ، ئەسۋاپلاردىن ئامال بار 30 سانتىمىتىر يىراق تۇرۇشى كىرەك .
ئايرۇدۇرۇمدىكى بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى رادىئاتسىيە تەسىرى _ بىر يۇلتۇز دەرىجىلىك
ئايرۇدۇرۇمدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئېلېكتىر ماگىنىت مەيدانىغا ئاساسەن مېتاللارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا رادىئاتسىيە تەسىر ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ ، شۇنداقتىمۇ ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇرۇش ۋاقتى ئالتە مىنۇتتىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كىرەك .
ئەسكەرتىش : يۇقارقىدەك ئائىلە-ئېلېكتىر سايمانلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ، چوقۇم رادىئاكسىيەگە قارشى كىيىملەرنى كىيىۋىلىش كىرەك .
مەنبە :
http://uyghur.people.com.cn/156017/15133877.html