يىگىتنىڭ سول قولى قىزنىڭ مۈرىسىدىن يۆلىۋالغان،ئوڭ قولى قىزنىڭ بىر بىلكىدىن تۇتىۋالغانىدى.......
قىزنىڭ بىر جۈپ قوللېرى ھامان يېرىم تۈگۈلگەن ھالەتتە تۇراتتى،قاتقان بىلەكلېرى كىشىگە خۇددى بوشلۇقتا ئېسىپ قويغاندەك كۆرىنەتتى.
ئۇنىڭ پۇتلېرىنىڭمۇ شەكلى ئۆزگەرگەن بولۇپ،ھەر بىر قەدەم ئالغاندا،بەدىنى كۈچلۈك سىلكىنەتتى،يىراقتىن قارىغاندا ، كىشىگە خۇددى بىر غايەت زور يىقىلماس قونچاقتەك كۆرۈنەتتى.
يىگىت قىزنى يۆلىۋېلىپ،بىر قەدەم بىر قەدەمدىن يول باساتتى،قىزنىڭ ھەر بىر قەدەم ئېلىشىغا يىگىت خۇددى بارلىق كۈچىنى سەرىپ قىلىۋاتقاندەكلا قىلاتتى،بەلكىم ئۇزۇن مۇددەتلىك بېشىنى تۈۋەن سېلىپ،بېلىنى ئېگىپ يۈرۈشنىڭ نەتىجىسىدىن بولسا كېرەك، يىگىتنىڭ ئورۇق بەدىنى كىشىگە ئۇنى خېلى دوق ھالەتتە كۆرسىتەتتى.
دائىم باشقىلار ئۇلارنىڭ سىماسىغا قاراپ ئاھ ئۇراتتى:
_ ئەسلىدە قانچىلىك چىرايلىق، پەرىزاتتەكلا قىز ئىدى ھە،بىر قېتىملىق كېسەل ئۇنى قىيناپ مۇشۇ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى،تېخى يېشى ئوتتۇزغا بارمىغانتى،تولىمۇ ئەپسۇس........
يەنە بەزىلەر غودۇڭشۇپ:
_ ئاۋۇ يىگىت بەرداشلىق بېرەلمەي چوقۇم ھامان بىر كۈنى بەل قويىۋېتىدۇ،نېمىلا دېمەيلى ئۇ تېخى شۇنچە ياش يىگىت ئەمەسمۇ........
ھالبۇكى، ئەتىيازدىن - كۈزگىچە،يازدىن – قىشقىچە ،ئۇلار ھامان بۇ چوڭ يولدا كۈندە پەيدا بولاتتى،ۋاقىت ئۇزارغانسېرى،كىشىلەرمۇ كۆرۈۋېرىپ ئۇلارغا ئادەتلىنىپ كەتتى ، خۇددى يول بويىدىكى بىر توك سىمى تۈۋرىكىنى كۆرگەنگە ئوخشاش..... بەزىدە يىگىتنىڭ تونۇشلېرى ئۇچىراپ قالسا،ئۇلاردىن تېنچلىق سوراپ قالاتتى،بۇنداق چاغلاردا يىگىت بېشىنى كۆتۈرۈپ،كۆرۈرەڭگۈ قىياپەتتە ئۇلارغا كۈلىمسىرەپ:
_ ياخشى بولۇپ قالدى، كۆپ ياخشى بولۇپ قالدى،بۈگۈن ئۇ(قىزنى دېمەكچى) يەنە ئىككى قەدەمنى ئارتۇق ماڭدى.
بىر كۈنى يىگىت بۇرۇنقىغا ئوخشاش قىزنى يۆلەپ كېتىپ باراتتى،ھاۋا ھېچقانداق بېشارەتسىزلا قاتتىق بوران چىقىپ،گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر يېغىپ كەتتى،بوراننىڭ قاتتىق گۈركىرىشى،يامغۇرنىڭ تاراسلاپ يېغىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىناتتى.... تۇيۇقسىز "گۈم" قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ،ئۇلارنىڭ كەينىدىكى دەريا توسمىسى يېرىلىپ،بىر يوچۇق ئېچىلىپ،دەريا سۈيى شىددەت بىلەن چوڭ يولغا تېشىپ چىققانىدى...........
يامغۇردا يىگىت قولىنى توختىماستىن پۇلاڭلىتىپ ماشىنا توسقان بولسىمۇ،لېكىن بىرەرمۇ ماشىنا توختىمىدى.....يامغۇردا ئۇ بار ئاۋازى بىلەن توۋلاپ ياردەم چاقىردى،لېكىن يول بويىدا، يامغۇردا يۈگىرەپ كېتىۋاتقان ئادەملەردىن ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى.........
يولغا تېشىپ چىققان دەريا سۈيى ئاز-ئازدىن يۇقىرى كۆتۈرلىۋاتاتتى،ئۇلار تىزلېرى،بەللېرى مەيدىسىگىچە سۇنىڭ ئىچىدە قالغاندى، ئۇلار ھازىر خۇددى سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرىۋاتقان ئىككى تال يوپۇرماققا ئوخشاپ قالغانىدى.
ئۇ ئەمدى يەنە بىھۇدە قۇرۇق ۋارقىراپ باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرماي،قىزنى بېلىكىدىن يۈلەپ،سۇدا ئاز-ئازدىن ئالغا قاراپ سىلجىۋاتاتتى.................
بىر سائەتتىن كېيىن ئۇلار قۇتقۇزغۇچى قىسىم تەرپىدىن بايقىلىپ قۇتقۇزۋېلىندى،ئۇ چاغدا يىگىتنىڭ بىر قولى بىر تۈپ كامفورا دەرىخىنىڭ شېخىنى مەھكەم تۇتقان ،يەنە بىر قولى بولسا قىزنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتىۋالغان ھالەتتە بۇلۇپ ،قۇتۇزۋېلىنغان چاغدا يىگىت ئاللىقاچاق ھوشسىز ھالەتتە ئىدى،ھەيران قالارلىق بىر ئىش شۇ بولدىكى ،كىشىلەر شۇنچە قىلىپمۇ يىگىتنىڭ قولىنى قىزنىڭ قولىدىن ئاجىرتالمىدى، يىگىت ھوشىغا كېلىپ قىزنىڭ كۈلۈمسىرگەن چىرايىنى كۆرگەندىلا،ئۇنىڭ، قىزنىڭ قولىنى مەھكەم سىقىمدانغان ئالقىنى ئاندىن ئاستا-ئاستا ئېچىلىشقا باشلىدى........
ئەگەر يەنە بەش مىنۇت كېچىككەن بولسا كەلكۈن سۈيى ئۇلارنى چۆكتۈرۈپ شەكسىز ھالاك قىلغان بولار ئىدى،بەزىلەر يىگىتنى بەك ساددىكەن دېيىشتى،ئەگەر ئۇ قىزنىڭ قولىنى قويىۋەتكەن بولسا بەلكىم بۇ چاغقىچەئاللىبۇرۇن قۇتۇلۇپ قالاتتى دېيىشتى.يىگىتنىڭ دوستلېرى ئۇنىڭغا تولىمۇ نارازى بولۇپ،ئۇنى ئەيىپلەپ:
_ سەن ئۇنۇڭغا ھېلىمۇ يەتتە يىل چاكار بولۇپ خىزمەت قىلدىڭ،ئەمدىلىكتە ئۇنۇڭ ئۈچۈن ئۈزەڭنىڭ ھاياتىنىمۇ قۇربان قىلىماقچى ،بۇ ئەرزىمدۇ؟
كەلۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش نەق مەيدان مۇخپىرى دەل پەيتىدە بۇ مەنزىرنى كۆرۈپ قالدى، ئۇ ئۈن- تىنسىز ھالدا، تېلىكامىرانى يىگىتكە توغىرلىدى،يىگىت دوستلېرىغا غەزەپلىنىپ،تىلىنى چايناپ تۇرۇپ:
_ ئۇ ۋاقىتتا ، يەنەئەرزىش-ئەرزىمەسلىكنى ئويلايدىغانغا پەقەت كۈڭلۈم يوق ،مېنىڭ بىلىدىغىنىم شۇكى،ئادەتتىكى ۋاقىتقا ئوخشاش،ئۇنىڭ(قىزنى دېمەكچى)قولىدىن تۇتۇپ ،ئاستا-ئاستا ئالدىغا قاراپ مېڭىش......
يىگىت دوستلېرىغا پىسەنتمۇ قىلماستىن،قىزنىڭ يۈزلېرىنى لۆڭگە بىلەن سۈرتىۋاتاتتى،قىز مىڭ تەستە ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ،يۇمۇلماس بارماقلېرى بىلەن قولياغلىقىنى قىسقىنچە ،يىگىتنىڭ بىلەكلېرىدىكى سۇنى سۈرتمەكچى بولدى،بەزىدە قولاشمىغان ھەركەتلېرى بىلەن،قولياغلىقىنى يىگىتنىڭ يۈزلېرىگە سۈركەپ قوياتتى،بۇ ۋاقىتتا يىگىت بېلىنى ئېگىپ،بېشىنى تۈۋەن سېلىپ يۈزىنى قىزنىڭ قوللېرىغا يېقىپ،قىزنىڭ مەيلىگە قويۇپ بېرەتتى...........
كېيىن سۈرەتكە ئالغان تېلۋىزىيە خەۋرىدە كىشىلەر يىگىتنىڭ باشتىن – ئاخىر قىزغا قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتقان قىياپىتنى كۆردى،يىگىتنىڭ كۆزلېرىدە قىزغا بولغان تەبەسسۇم ۋە كۆيۈنۈش جىلۋىنەتتى، يىگىتنىڭ يۈزلېرىدىن شۇنداق خاتىرجەملىك چىقىپ تۇراتتى،كېيىنكى ھاياتىغا بولغان ھېچقانداق ھودۇقۇش ۋە قورقۇش ئىپادىسنى تاپقىلى بولمايتتى......
ئۇلار ئىككىسى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ھەر كۈنى سەھەردە پەيدا بولاتتى،ئۇلارنىڭ بىرلىكتە شۇنچە تەستە بېسىۋاتقان ھەر بىر قەدىمى ماڭا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۋاتاتتى، دۇنيادە ھەقىقەتەن مۇشۇنداق مۇھەببەت بولسا:
سېنىڭ ھاياتىڭدىكى قايغۇ-ھەسرەتلېرىڭنى سەن ئۈچۈن كۆتۈرۈپ بەرسە، ساڭا بولغان مۇھەببىتى گەرچە مەڭگۈ يىمىرىلمەس تاغدەك بولالمىسىمۇ،سەن بىلەن بىرگە قار –يامغۇردا ئاستا-ئاستا ئالغا قاراپ ماڭالىسا.................
تەرجىمە مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى،،،،،،
2010يىل6-ئاينىڭ 11 –كۈنى ، بېيجىڭ
_ مۇز-بالا