مۆمىنجان ئابلىكىمگە چاقچاق
‹‹گۈلئايىم››دەپ توۋلايسىز،
‹‹مۇھەببەت ››دەپ ھارمايسىز.
رىشتە باغلاپ ‹‹مەلىكەم››گە،
‹‹دىۋانە بولۇپ ›› تالمايسىز.
‹‹ۋىسال ئىشقى››دەپ زارلايسىز،
‹‹سۆيگۈنۈم ››دەپ يىغلايسىز.
‹‹دەرت››لەرنى تۆكىۋىرىپ ،
‹‹پەرىشتەم ئەمدى يوق››دەيسىز.
يۈرىكىڭىز ‹‹مۇزلىغان يۈرەك››
دىلبىرىڭىز تىخى ‹‹بىخەۋەر ››
ئوقۇيسىز ،ئاھ ئۇرۇپ ۋاي -ۋاي ‹‹چىرايلىق››،
دەيسىز يەنە ،سەتكە -گۈزەل ‹‹يانداش كىلەر››.
‹‹بىر كۆرۈپ ››ئاشىق بولۇپ،
‹‹ھىجران ››پەيتىدە يىغلايسىز .
‹‹سىغىنىمەن ››دەپ قويۇپ ،
‹‹قەلەم قاش››قا تويمايسىز.
‹‹مەكتۈپ يىزىپ›› ئانىڭزغا،
‹‹ئايچىھرە››نى كۈيلەيسىز.
‹‹گەپ بولۇپتۇ ››مەھەللدە ،
‹‹مەلىكەم››نى ئالمامسىز .
‹‹بۇ دۇنيادىن كەتمىگەن كىم بار››
‹‹پات يىقىندا بارىمەن››دەيسىز.
‹‹ئەلەملىك دۇنيا ››دىن رەنجىپ،
‹‹يارنىڭ گۈلى باشقىچە ››دەيسىز .
مەنبەسى : تۈركىن ئاي ئىجادىيتى