كورىيە كىنولىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ئۇيغۇرلار خېلى بارغۇ دەيمەن - ھە؟ ئۇنداقتا كورىيەلىكلەر راستىنلا شۇ كىنولاردىكى ئارتىسلار ياراتقان ئوبراز بىلەن ئوخشاشمۇ؟ يېقىندىن بۇيان كورىيەگە قىزىقىدىغانلار، كورىيەگە كېلىپ، ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارمۇ خېلى كۆپىيىپ قالدى. مەن كورىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن كورىيە شۇنداقلا كورىئانلار توغۇرسىدا بىلگەنلىرىمدىن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يوللىدىم.
1. ئاۋۋال كورىيە تىلى توغۇرسىدا توختىلىپ ئۆتەي:
كورىيە تىلىمۇ ئالتاي تىل سېستىمىسغا كىرىدىغان بولغاچقا ، جۈملىنىڭ گرامماتىكلىق تەرتىپى ھەقىقەتەن ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ. يەنى ئاۋۋال ئىگە، ئاندىن تولدۇرغۇچى،ئاخىرىدا خەۋەر تەرتىپى بۇيىچە تۈزۈلىدۇ. ھازىرقى زامان كورىيە تىلىنىڭ سۆزلۈكلىرى بولسا تەخمىنەن %50 خەنزۇچە سۆزلۈكلەر بىلەن ئوخششىپ كېتىدۇ. مەسلەن : تەييارلىق. تەييارلاش . بۇ سۆز خەنزۇچىدا 准备 بولسا، كورىيەتىلىدا : 준비 ] جۇنبى [ دەپ ئوقۇلىدۇ . خۇددى zhunbei دېگەن سۆزنى خەنزۇچە توغرا تەلەپپۇز قىلالمىغاندەكلا ئاڭلىنىدۇ. تاماشا قىلىش، سەيلە قىلىش 观光دېگەن سۆز،كورىيە تىلىدا 관광 بۇلۇپ، ] گۇان گۇاڭ [ دەپ ئوقۇلىدۇ. تازلىق ئۆيى(ھاجەتخانا) بولسا 화장실 ]خۇا جاڭ شىل [ دەپ ئوقۇلىدۇ. بۇ خەنزۇ تىلىدىكى 化妆室 دېگەن سۆزگە توغرا كېلىدۇ.
جۈملىدىن مىسال كەلتۈرسەك : 아이산 씨가 시장에 갔어요 (ھەسەن بازارغا كەتتى) ] ئائى سان شى گا شى چاڭ ئېي كاتسويو[ دەپ ئوقۇلىدۇ. بۇيەردىكى 시장 ]شى چاڭ[ نىڭ 市场 ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بولدىڭىزغۇ -دەيمەن. كورىيە تىلىدا يەنە ھۆرمەت شەكلى دەيدىغان مۇرەككەپرەك بىرخىل جۈملە شەكلى بۇلۇپ، چوڭلارغا، مېھمان ياكى خېرىدارلارغا سۆزلىگەندە ئىشلىتىلىدۇ، ھەتتا ئاتا - ئانىسى، ياكى ئوقۇتقۇچىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى باشقىلارغا بايان قىلماقچى بولسىمۇ ، يەنىلا جۈملىنىڭ ھۆرمەت شەكلىنى قوللىنىدۇ.
بىز ئۇيغۇرلار كورىيە تىلىنىڭ گرامماتىكا تەرتىپىنى ئۇيغۇر تىلىغا، سۆزلىرىنى بولسا خەنزۇ تىلىغا تەتبىقلاپ ئۆگەنسەك، باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ تېز ئۆگىنەلەيمىز. بۇ بىزدە بار بولغان ئالاھىدە ئەۋزەللىك. كورىيە يېزىقىدا ئاساسلىقى24 ھەرىپ بولغاچقا ، كورىيەدە ساۋاتسىزلار مەۋجۈت ئەمەس دەپ قارىلىدۇ. ھەقىقەتەن شۇنداق، 80 ياشلىق مومايلاردىن سورىسىڭىزمۇ خەت دېگەننى ھەجىلمەي ئوقۇپ بېرەلەيدۇ. لېكىن بىزنىڭ تىلىمىزمۇ پەقەت 32 ھەرىپتىن تۈزۈلگەن بۇلۇشىغا قارىماي، تېخىچە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ئۇچۈن تىرىشىپ ئولتۇرىۋاتىمىز.
ئۇندىن باشقا ئامىرىكىنىڭ كورىيەگە بولغان تەسىرى تۈپەيلى ، كورىيە تىلىدا ئېنگىلىز تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەرمۇ ئاز ئەمەس. كورىيەلىكلەرنىڭ تىلى قاتتىق بولغاچقا ئېنگلىز تىلىنى ئۆگۈنۈشتە ئەڭ قىينىلدىغان مىللەت دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا ئېنىگلىز تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەر كىشىنى بىر خىل بىئارام قىلىدۇ. بەلكىم ئېنگلىز تىلى بىلمىسىڭىز بۇنى ھېس قىلالمايسىز.
مەسلەن: express دېگەن بۇ سۆز، كورىيە تىلىدىمۇ كەڭ ئىشىلىتىلىدىغان سۆز بۇلۇپ . 엑스프레스 ]ئېك سى پې رې سى [ دەپ ئوقۇلىدۇ. كورىيە تىلىد<< ف،F>> ھەرىپى يوق. شۇڭا ئېنگلىز تىلىدىكى fighting سۆزىنى يېزىقچە 파이팅 ] پائى تىڭ [ دەپ ئىپادىلىسە، ئېغىزتىلىدا ] خۇاي تىڭ[ دەپ ئىپادىلەيدۇ. <<رومانتىك داچا>> فىلىمىدە ]ئاجا جا خۇاي تىڭ[ دېگەن سۆزنى تولا ئاڭلىغان بۇلىشىڭىز مومكىن.
2. كورىيەنىڭ قىزلىرىغا كەلسەك:
كورىيە قىزلىرى بىز كىنولاردا كۆرگەندەك ئۇنچە چىرايلىقمۇ ئەمەس. كىنولارغا ئەلۋەتتە چىرايلىقلىرىنى تاللاپ چىقىرىدىغاننى ھەممىمىز ئويلاپ يىتەلەيمىز. لېكىن شۇ چىرايلىق ئارتىسلارمۇ كۆپىنچىسى ھۆسىن تۈزەتكەن سۈنئي گۈزەللەر.كورىيە ھۆسىن تۈزەش تېخنىكىسى جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. كورىيەدە كىنو ئارتىسلىرى بىرەر كىنودا رول ئېلىپ قۇيۇپ، تېزلا چولپان بۇلۇپ كېتىدۇ ، بۈگۈنى بىر كىنودا ياخشى رول ئالغان ئارتىس ئەتىسىلا تېلۋىزوردىكى ھەرخىل مەھسۇلات ئېلانلىرىدا پەيدا بۇلىدۇ. لېكىن بۇ چولپانلار يەنە ئۇزۇنغا قالمايلا غايىپ بۇلىدۇ. بۇلۇپمۇ ئايال ئارتسلار. چۈنكى كورىيەدە قىزلار توي قىلىپ بۇلۇپلا ھېچقانداق خىزمەت قىلماي، مەخسۇس ئائىلىدە بالا باقىدۇ، بالا تەربىيلەيدۇ. شۇڭا ياش چىرايلىق قىز ئارتىسلار، توي قىلغاندىن كىيىن <چولپان>لىقى بىلەن تېزلا خوشلىشىدۇ.
ئادەتتە كورىيە قىزلىرى ماي دېگەننى بۇلۇشىغا سۈرۈپ يۇزىنى ئاپئاق قىلىۋالىدۇ. لېكىن يازنىڭ پىژغىرىم ئىسىىقىدا تەرلەپ مايلىرى ئېقىپ كەتمەيدىغىنىغا ھەيرانمەن. كورىيە قىزلىرى ئاق ھاراق دېگەننى سۇدەك ئىچىپ قۇيىدۇ. سېمىز ئوغۇللارنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. ئۇلار ئوغۇللارنىڭ قورسىقىغا بەك دېققەت قىلىدۇ. ئوغۇللارنىڭ قورسىقىدىكى مۇسكۇل قانچە چىڭ ھەم بۆلەكلىرى شۇنچە كۆرىنەرلىك بولسا ، قىزلارغا شۇنچە بەك ياراىدۇ. كورىيە قىزلىرى بىز كىنودا كۆرگەندەك مۇھەببەت دېسە ھەممىدىن كېچىدىغان، مۇھەببەت ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلىدىغان ئۇنچىۋالا ساداقەتمەنمۇ ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئوغۇللارنىڭ پۇلى. شۇڭا ھازىر كورىيەدە ياشلارنىڭ توي قىلىش مەسلىسى بىر ئېغىر مەسلە بۇلۇپ قالماقتا. ئوغۇللار ئاز چىقىم قىلىپ چەتئەللەردىن خوتۇن ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. قىزلار بولسا غەرىپلىك ئەرلەرگە تەلمۇرۇپ قاراپ ئولتۇرىدۇ. بىر قاملاشمىغان يېرى شۇكى توي قىلغان ئەر - خوتۇنلار سىرىتتا يەنە ئاشنا تۇتۇپ يۈرۈش ھېچقانچە ئىش ئەمەستەك، ھەر ئىككى تەرەپ سىرتتا ئاشنىس بارلىقىنى ئېنىق بىلىشىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا بىر ئۆريدە ئارتۇق جوداسى يوق ئەر - خوتۇن بۇلۇپ ئۆتېىۋىرىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.
3 . ئېسىل پەزىلەتلىرى
ئاياللار بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئەتىراپلىق تەربىيلەشكە بەك كۈچ چىقىرىدۇ. بالىنىڭ مەلۇم قىزىقىشى ياكى تالانتىنى بايقىسىلا كىچىكىدىن باشلاپ شۇ يۈنلىش بۇيىچە تەربىيلەيدۇ.كورىيەنىڭ STARKING دەيدىغان بىر تېلۋېزىيە پروگراممىسى بار بۇلۇپ، بۇ پروگراممىدا ئاجايىپ تالانىت ۋە ماھارەتكە ئىگە بالىلارنى دائىم تۇنۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ. بالىلار شۇنچىلىك ئىلمى -سىپايە ھەم ئەستاھىدىل چوڭ بۇلىدۇ. چوڭلارنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ. ھەتتا كوچا ئاپتۇبىسىغا چىقسىمۇ ، شوپۇرغا ئېگىلىپ ئۆز-ئارا سالاملىشىدۇ. ھەرۋاقىت باشقىلارغا ياردەم بېرىش ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارنىڭ ئېسىل پەزىلىتى. يولدا كېتىپ بارغانلاردىن پالانى يەرگە قانداق بارىدۇ؟ دەپ سوراپ قالسىڭىز، ۋاقتى بولسا ئۆزى يول باشلاپ سىزنى شۇ جايغا ئاپىرىپ قويىدۇ. كورىيەدە ئوغۇرلۇق يوق دىيەرلىك. ھەتتا تېلغۇن ياكى لەپتوپ كومپىيوتېرىڭىزنى بىرەر جايدا ئۇنتۇلۇپ قالسىڭىز، 1 كۈندىن كىيىن شۇ جايغا بېرىپمۇ نەرسلىرىڭىزنى تېپىپ كېلەلەيسىز. بۇلار ئۆيلىرىدە كونىراپ قالغان ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنى ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئەچىقىپ تاشلىۋىتىدۇ. شۇنىمۇ ئېلىپ كېتىدىغانلار چىقمايدۇ. ئەخلەت قاتارىدا تاشلىۋىتلدى دېگەن خەتنى يېزىپ چاپلاپ قويغاندىلا، تازلىق ئىشچىلىرى ئەخلەت ماشىنلىرىغا سېلىپ ئېلىپ كېتىدۇ.
كورىيەلىكلەر تۈركىيەلىكلەرنى ئالاھىدە چوڭ كۆرىدۇ.تۈركىيە ئۇرۇش مەزگىللىرىدە كورىيەگە ياردەم قىلغان بولغاچقا، تۈركىيەلىكلەرنى ئاكا مىللەت دەپ قارايدۇ. تۈركىيەلىكلەر كورىيەدە ئوقۇماقچى بولسا، ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدۇ.
4. يىمەك ئىچمەك مەدىنىيىتى:
كورىيانلارنىڭ ئاساسلىق يەيدىغىنى گۈرۈچ. ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىلىققىمۇ گۈرۈچ تامىقى (مىغەن) يەيدۇ. ئۇن يمەكلىرىنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. تاماق يىگەندە قايناقسۇ ياكى چاي ئىچمەستىن،قىش ياكى ياز بۇلىشىغا قارىماي توڭلاتقۇدا ساقلاپ قويغان مۇزدەك سۇنى ئىچىدۇ. كورىيەدە كالا گۆشى ھەممىدىن قىممەت. قوي گۆشى ئەرزان. مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ دېگىنىدەك ، كورىيەلىكلەر يېسىۋېلەك (بەسەي)نى راستىنلا كالىدەك يەپ قويىدۇ. مەيلى قانداقلا تاماق يسىۇن، چىلىغان يېسىۋېلەك كەم بولسا بولمايدۇ. يېسىۋىلەكنى لازا قىيامى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ، خېمىر يۇغۇرغاندەك يۇغۇرۇپ، بىز ئۇيغۇرلار 1 ئاي چىلاپ پۇشۇرىدىغان يېسىۋىلەكنى بۇلار 1 سائەتتىلا بىر تەرەپ قلىۋېتىدۇ. بۇ يىل كورىيەنىڭ ھاۋا كىلماتى تۈپەيلى ېېسىۋىلەك بازار ئېھتىياجىنى قامدىيالماي قالدى. كورىيە ھۆكۈمىتى جوڭگو بىلەن باجنى كېمەيتشىكە كېلىشىپ تۇرۇپ، جوڭگودىن يېسۋېلەك ئىمپورىت قىلدى. لېكىن ئىمپورىت قىلغان يېسىۋىلەك كورىيەلىكلەرنىڭ ئاغزىغا تېتىمىغاچقا ، نۇرغۇن يېسىۋىلەك بازارغا چىقماي تۇرۇپلا سېسىپ كەتتى.
5. سىياسى جەھەتتە:
كورىيەدە دىموكراتىيەمۇ خىلى يۇقۇرى پەللىگە چىققان. ھەرقانچە چوڭ ھوقوقى بار ئەمەلدارنى ئادەتتە بىر ساقچى تۇتۇپ ئاپىرىپ سوراق قىلالايدۇ. خىيانەتچىلىكى بايغالغان ئەمەلدارنى خەلق بايغاپ قالغان ھامان ئۆرۈپ تاشلايدۇ. ھەرقانداق بىر پۇقرا ئۆزىگە يارىمىغان ئەمەلدارغا قارىتا ئۆزىنىڭ پىكرىنى بايان قىلالايدۇ. ئالدىنقى قېتىملىق كورىيە زوڭتۇڭى دېھقانلار ئىچىدىن چىققان زوڭتۇڭ بۇلۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن 2 تۈمەن خەلق پۇلىغا خىيانەت قىلدى دەپ ئەيىپلىنگەچكە، ئۆزىنى تاغدىن تاشلاپ ئۆلىۋالغان. ئاخىرى ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. كورىيەنىڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىلىرى خۇسۇسىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بۇلۇپ، دۆلەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئىشلارنى ئۆز ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپ تارقىتىش ئەركىنلىككە ئىگە. ھۆكۈمەتمۇ بۇ ئىشلارغا ئارلىشالمايدۇ.
ئاخىرىنى ئېسىمگە كەلگەندە ئىنكاس قاتارىدا يېزىپ قۇياي، يەنە قايسى جەھەتتىكى ئىشلارنى بىلگىڭلار بولسا، ئىنكاس قالدۇرۇپ قۇيارسىلەر. ئىمكانقەدەر تۇلۇقلاشقا تىرىشىمەن.
6.كورىيەدىكى ئۇيغۇرلار:
كورىيەدىكى ئۇيغۇرلار باشقا دۆلەتلەردىكىدەك كۆپ ئەمەس، بىلىشىمچە ھازىر كورىيەدە 30 دەك ئۇيغۇر بار. كۆپىنچىسى كومپىيوتېر، سودا -سانائەت، تىبابەت قاتارلىق كەسپىدە ماگىستىر، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار.قىزلار بەك ئاز


. ئۇندىن باشقا يەنە شىنجاڭ ئونۋىرىستىتىدىن كەلگەن ، سىئول ئونۋىرىستىتىدا تەتقىقات بىلەن شوغۇنلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن ئۆزى جاپالىق ئىشلەپ پۇل تېپىپ، تۇرمۇش پۇلى ۋە ئوقۇش پۇلىنى ھەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. كورىيەلىك بىلەن توي قىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار يوق ئوخشايدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بۇنداقلارنى بىلىدىغانلارمۇ يوقكەن.
7. كورىئانلاردىكى مىللى ئاڭ.
كورىئانلارنىڭ مىللى ئېڭى ۋەتەنپەرۋەرلىكى كۈچلۇك، شۇڭا ئۇلار باشقا دۆلەتنىڭ ماللىرىنى سېتىۋالماي، مىللى كارخانىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈنلەي كورىيە ماللىرىنى سېتىۋالىدۇ. كوچىلارغا قارىسىڭىزمۇ چەتئەلنىڭ داڭلىق باۋما، بېنىز دېگەندەك ماشىنلىرىنى كۆپ ئۇچىرىتالمايسىز. ئاساسەن كورىيەنىڭ داڭلىق ماشىنا كارخانىلىرىدا ئىشلەنگەن <شىيەندەي - hyonday >، <كىيا - KIA >,< شۇاڭلۇڭ - 双龙 - SSANG YONG >, <دايۈ -DAEWOO > قاتارلىق ماشىنلىرىنى ئىشلىتىدۇ. كورىيەنىڭ مىللى كارخانىلىرىمۇ مەھسۇلات سۈپىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغاچقا ، ساختا مەھسۇلات ئاساسەن يوق دىيەرلىك. سېتىۋېلىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتىمۇ كىشىنى شۇنداق رازى قىلىدۇ. سېتىۋالغان مەھسۇلات يارىماي قالسا، مەھسۇلات سۈپىتىدە چاتاق بولمىغان تەقدىردىمۇ ، قايتۇرىۋېتىپ پۇلىڭىزنى تۇلۇق تاپشۇرۇپ ئېلىۋالالايسىز. كورىيەلىكلەر ئۆز -ئارا بەك ئىشىنىشىدۇ. شۇڭا توردىن مال سېتىۋىلىشتىنمۇ قىلچىلىك ئەندىشە قىلىپ كەتمەيدۇ. ھەرقانداق مەھسۇلاتنى دىگۈدەك پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەيدىغان《 按揭》قىلىپ سېتىۋېلىشقا بۇلىدۇ. شۇڭا كورىيەلىكلەر قىممەت باھالىق مەھسۇلاتلارنىمۇ ئىككىلەنمەي سېتىۋالالايدۇ. كورىيەلىكلەر مال باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن يۇقۇرى مۇئاش ئالىدۇ. ئادەتتىكى خىزمەتچىلەر بىر ئايلىق مۇئاشىغا <SAMSONG> لەپتوپ كومپىوتېرىدىن 3 -4 نىمۇ سېتىۋالالايدۇ.
كورىيە توغىرسىدىكى تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار بلوگىمىزدا . بلوگ ئادىرىسىمىز:
http://xjkorea.blogbus.com