مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5483|ئىنكاس: 38

مىسرانىم تەلەي يۇلتۇزى 10-ساننىڭ نەتىجىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئادەم ياشىغىلى ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1933
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28410
تۆھپە نۇمۇرى: 380
توردا: 1330 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2011-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 03:25:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار، كەمىنە دارازىدىن سىلەرگە يەنە بىر قېتىم سالام!
10-سان تەلەي يۇلتۇزىنىڭ سۇئاللىرى چىقىرىلغىلىمۇ ھەش-پەش دېگۈچە بىر ھەپتە بولۇپ قاپتۇ ھەم جاۋابىنى ئېلان قىلىدىغان ۋاقىتمۇ كېلىپ قاپتۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۆۋەندە جاۋابلارنى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنى ئېلان قىلىمەن.
سۇئاللارنىڭ جاۋابىغا پىكىرىڭلار بولسا، مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويساڭلار ياكى ماڭا قىسقا ئۇچۇر قىلساڭلار بولىدۇ. ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ قۇيۇشنى ئۆزەمنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قارايمەن.

مىسرانىم تەلەي يۇلتۇزى 10-ساننىڭ سۇئاللىرى بۇ يەردە:
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-19423.Mhtml

مىسرانىم تەلەي يۇلتۇزى 10-ساننىڭ جاۋابلىرى تۆۋەندىكىچە:

1-ئۆتكەل : تەلەي (توغرا جاۋابلار يېشىل رەڭدە بويالدى).
1-سۇئال: گىرىلاندىيە ئارىلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئارال بۇلۇپ، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شىمالىغا، شىمالى مۇز ئوكياننىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان، ھاۋا كىلىماتى ئىنتايىن سوغوق. <<گىرىلاندىيە>> دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى:
ئا: مۇز ئارال
ب: چوڭ ئارال
س: يېشىل ئارال

د: ئوت ئارال


2-سۇئال: پىنگىۋىن تۆۋەندىكىلەردىن قايسى تۈرگەن تەۋە؟
ئا: قۇشلار تۈرىگە

ب: سۈت ئەمگۈچىلەر تۈرىگە
س: قوش ماكانلىقلار تۈرىگە
د: بېلىقلار تۈرىگە


3-سۇئال: قۇياش سېستىمىسىدىكى پىلانتلار ئىچىدە، قايسىسىنىڭ ھەمراھى ئەڭ كۆپ؟
ئا: مارس
ب: ۋېنىرا
س: يۇپىتىر
د: ساتۇرن


4-سۇئال: تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى كىم؟ قايسى يىلى پۇتبول ئەپەندىسى بولغان؟
ئا: مارادونا، 1990-يىلى
ب: كىلىنسىمان، 1991-يىلى
س: ماتىئۇس، 1992-يىلى

د: روبېرت باگگىئو، 1993-يىلى

ئىزاھات: ئەسلى <<ماتىئۇس، 1991-يىلى>> ئىدى. دىققەتسىزلىكتىن ئازراق سەۋەنلىك كۈرۈلۈپتۇ. شۇڭا ماتىئۇس دېگەن جاۋابنى تاللىغانلارغا نۇمۇر بېرىلدى).

5-سۇئال: ناترى ھىدرو كاربونات تۆۋەندىكىلەردىن قايسى تۈرگە كىرىدۇ؟
ئا: كىسلاتا
ب: ئىشقار
س: تۇز

د: ھېچقايسىسى ئەمەس


6-سۇئال: ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى <<ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ماھىرى>> قايسى ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ؟
ئا: ئىت ئائىلىسىگە تەۋە ھايۋانلار

ب: مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلار
س: پىرىماتلار (مايمۇن تۈرىدىكىلەر)
د: ئېيىق ئائىلىسىگە تەۋە ھايۋانلار

7-سۇئال: ئاۋمېننىڭ ۋەتىنىمىز قوينىغا قايتىپ كەلگەن ۋاقتى:
ئا: 1997-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
ب: 1997-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
س: 1999-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
د: 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى

8-سۇئال: تۆۋەندىكى شەھەرلەر ئىچىدە، ياۋروپاغا تەۋە بولمىغىنى:
ئا: رىكياۋىك
ب: تورونتو

س: ئوسلو
د: بۇخارېست

9-سۇئال: <<ھۆكۈمدارلار دەستۇرى>> ناملىق كىتاپنىڭ ئاپتورى:
ئا: بالتاسار گىراسىئەن
ب: ماكياۋېللى

س: ئوگ ماندىنو
د: ناپولېئون خېئول


10-سۇئال: تېگىشىپ تۇرغان جىسىملارنىڭ بىر-بىرىگە ئۆتۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى ( ) دېيىلىدۇ.
ئا: سۇبلىماتسىيە
ب: ئاسلىماتسىيە  
س: دىففۇزىيە

د: دىسلىماتسىيە




2-ئۆتكەل: ئەقىل.
1-سۇئال: تىلىمىزغا ئۆزلىشىپ قالغان تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە توغرا ئاتىلىشىنى ئېيتىپ بېرىڭ.
جۇۋاۋا - تۈگرە.
كومپيوتېر - كەمپۈتەر.
ياڭيۇ - بەرەڭگە.
يۇتازا - مايلىق تۈرمەل.
چۇڭدىيەنچى - توكلاتقۇ ياكى زەرەتلىگۈچ.
جۇسەي - كۈدە.
تۇڭ - باك، ئىدىش، كۈپ.
چىڭسەي - كەرەپشە.
لازا - مۇچ.
چەيزە - پىدىگەن.

2-سۇئال: بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسىدە نەچچە رېپىر بولىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئايرىم-ئايرىم چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
جاۋابى: 4 نەپەر رېپىر بولىدۇ. يەنى: بىر نەپەر باش رېپىر، ئومۇمىي ئىشلارغا مەسئۇل بۇلۇپ، پۈشتەك چېلىش، قائىدىگە خىلاپ توپلارغا ھۆكۈم قىلىش، سېرىق، قىزىل كارتا جازاسى بېرىش، ئىختىيارى ۋە نۇقتا توپلارنى قۇيۇپ بېرىش...دېگەندەك ئشىلارغا مەسئۇل. 2 نەپەر يان رېپىر، توپنىڭ يان سىزىقتىن چىقىپ كەتكەن ياكى كەتمىگەنلىكىگە قاراش، ئورۇنئاشتى (ئوفسايت) بولغان توپلارغا ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل. قۇشۇمچە رېپىر، ئادەم ئالماشتۇرۇش ۋە قۇشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتنى كۆرسىتىشكە مەسئۇل.

3-سۇئال: يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،  
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراب.

يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقۇتۇپ باقساڭمۇ،   
ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاب.  
بۇ پارچە كىمنىڭ قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغان؟ 2-مىسرادىكى <<كاراب>> دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟

جاۋابى: بۇ پارچە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ <<يىللارغا جاۋاب>> دېگەن شېئىرىدىن ئېلىنغان. كاراب دېگىنى بىر خىل بېلىق بۇلۇپ، ئىنتايىن تېز ئۈزىدىغان ۋە سۇنىڭ ئېقىش يۆنىلىشىگە قارشى ئۈزىدىغان بىر خىل بېلىقنى كۆرسىتىدۇ. <<كارىب بېلىقى>> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

4-سۇئال: ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا قانچە ئاپتۇنۇم ئوبلاست، قانچە ئاپتۇنۇم ناھىيە بار؟ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرىڭ.
جاۋابى: 5 ئاپتۇنۇم ئوبلاست، 6 ئاپتۇنۇم ناھىيە بار.
ئاپتۇنۇم ئوبلاستلار: ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستى، بۆرتالا مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتۇنۇم ئوبلاستى، بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستى.
ئاپتۇنۇم ناھىيەلەر: مورى قازاق ئاپتۇنۇم ناھىيىسى، بارىكۆل قازاق ئاپتۇنۇم ناھىيىسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتۇنۇم ناھىيىسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتۇنۇم ناھىيىسى، قۇبۇقسار مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ناھىيىسى، چاپچال شىبە ئاپتۇنۇم ناھىيىسى.

5-سۇئال: سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قايسى خانلىقنىڭ قانچىنچى خانى؟ قايسى يىلدىن قايسى يىلغىچە نەچچە يىل تەخىتتە ئولتۇرغان؟
جاۋابى: سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ 4-خانى. مىلادى 933-يىلدىن 955-يىلغىچە 22 يىل تەخىتتە ئولتۇرغان.

6-سۇئال: تۆۋەندىكى قىسقارتىلما ئاتالغۇلارنىڭ تۇلۇق ئاتىلىشىنى ئېيتىپ بېرىڭ.   
WTO, UFO, WHO, FBI, FIFA, WC, CBA

جاۋابى: WTO - دۇنيا سودا تەشكىلاتى.
UFO - نامەلۇم ئۇچار جىسىم.
WHO - دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى.
FBI - ئامېرىكا فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى.
FIFA - خەلىقئارا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى.
WC - ھاجەتخانا.
CBA - جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى.

7-سۇئال: نۇر يىلى دېگەن نېمىنىڭ بىرلىكى؟ بىر نۇر يىلى قانچىلىك بىرلىككە تەڭ؟ (مەسلەن: نۇر يىلى دېگىنىمىز ئېغىرلىقنىڭ بىرلىكى بولسا، بىر نۇر يىلى نەچچە كىلوگىرامغا تەڭ دېگەنگە ئوخشاش).
جاۋابى: نۇر يىلى دېگىنىمىز، ئاستىرونومىيە ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۇزۇنلۇق بىرلىكى بولۇپ، بىر نۇر يىلى بولسا، نۇرنىڭ بىر يىلدا بېسىپ ئۆتكەن ئارلىقىغا تەڭ بولىدۇ. (بۇنى ھېساپلاپ كەلسەك، بەك نۇرغۇن سان چىقىپ كېتىدۇ. شۇڭا، مۇشۇ بۇيىچە جاۋاب بەرگەن ۋە ھېسابلاب كۆرگەنلەرگە تولۇق نومۇر بېرىلدى).





ئىزاھات: ئىنكاسىنى تەھرىرلىگەنلەر، ساتقانلار، ئالدىدا ئىنكاس يېزىپ بۇلۇپ، كېيىن جاۋاپ بەرگەنلەرنىڭ جاۋابلىرى بىردەك ئىناۋەتسىز قىلىندى.


مىسرانىم تەلەي يۇلتۇزى 10-سانىدا مۇكاپاتقا ئېىشكەنلەر
1-دەرىجىگە ئېرىشكۈچى (بىر نەپەر)
azgun110
80 نۇمۇر
مۇكاپات سوممىسى 3000مۇنبەر پۇلى

2-دەرىجىگە ئېرىشكۈچى (ئىككى نەپەر)
huxhuy520
65 نۇمۇر

axkar
63 نۇمۇر
مۇكاپات سوممىسى: 2000 مۇنبەر پۇلى

3-دەرىجىگە ئېرىشكۈچى (ئۈچ نەپەر)
ArmanimⅡ
60 نۇمۇر

0903ot
58 نۇمۇر

akilyar
56 نۇمۇر
مۇكاپات سوممىسى: 1000 مۇنبەر پۇلى

رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى
uygur-xah
55 نۇمۇر (550 مۇنبەر پۇلى)

قامچا
54 نۇمۇر (540 مۇنبەر پۇلى)

bilgakut
47 نۇمۇر (470 مۇنبەر پۇلى)

DILNAZUK
46 نۇمۇر (460 مۇنبەر پۇلى)

yaziman
45 نۇمۇر (450 مۇنبەر پۇلى)

AsKe
43 نۇمۇر (430 مۇنبەر پۇلى)

marjan
41 نۇمۇر (410 مۇنبەر پۇلى)

gherip
37 نۇمۇر (370 مۇنبەر پۇلى)

KaLGuSi
26 نۇمۇر (260 مۇنبەر پۇلى)

XATUT507
19 نۇمۇر (190 مۇنبەر پۇلى)

kokyar
17 نۇمۇر (170 مۇنبەر پۇلى)

anamihri
12 نۇمۇر (120 مۇنبەر پۇلى)

JIBRAN
12 نۇمۇر (120 مۇنبەر پۇلى)

تامام.

11.سان تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسىنى ئۆتكۈزگۈچى <شېرىپ>ئەپەندى.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
ئۇيغۇرۇم007 + 5000 تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسىنى چىقىرىپ جاپ

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 5000   باھا خاتىرىسى

بىر تۈپ كۆچەت تىكىڭ، كېيىنكىلەر مېۋىسىگە ئېغىز تەگسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1487
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10839
تۆھپە نۇمۇرى: 478
توردا: 3808 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 05:08:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە مۇبارەك بولسۇن!!!!!!!!!!!!!!!!!
غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇب!!!!!!!!!

بىردەملىك تاقەت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2025
يازما سانى: 1628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21376
تۆھپە نۇمۇرى: 734
توردا: 4929 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 05:47:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. ئەجەپ ئىچىم ئېلىشتى...بېيىپ كىتىپسىلەر مانا .مىھمان قىلىڭلار ئەمدى مۇنبەر ئەھلىنى...ھې...ھې....

كونا ئەزا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4329
يازما سانى: 878
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28475
تۆھپە نۇمۇرى: 632
توردا: 3178 سائەت
تىزىم: 2010-7-19
ئاخىرقى: 2013-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 08:54:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىرىغاننىڭ پايدىسى تازا بولاپتۇ مانا  [s:64]
11-سانغا بىلىمنى باغلىغاچ تۇراي

مەن ھەققىدە نىمە ئويلىغان،مەن توغراسىدا نىمە قىلغان بولساڭ ئۇلۇغ  ئاللاھ ساڭا شۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 2280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224510
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11643 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 09:04:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قانداق گەپ ئەمدى         [s:96]  [s:96]

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

سەن ئەڭ بەخىتلىك

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3940
يازما سانى: 2708
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80118
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 1411 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 09:27:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

ئەقلىمىزنى ئىشلەتسەك بىز ئەڭ ئەقىللىق مىللەت!

ئۆز تەقدىرىڭ ئۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13754
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9759
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 404 سائەت
تىزىم: 2010-10-13
ئاخىرقى: 2011-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 09:43:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
11  سانىنى  كۈتەيلى. [s:57]  [s:57]  [s:57]

ئادەمنىڭ مەيلىگە باقمايدۇ جاھان، ھەر بىر كۈن ئالىدۇ سەندىن ئىمتاھان. يىتىسەن مەنزىلگە يىراق بولسىمۇ ، ھاياتتا  تاللىساڭ توغرا بىر نىشان. غەيرەت قىل،ئۆمۈر مەنزىلى، باشقىلار قىلغان ئىشلارنى سەن چوقۇم قىلالايسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3624
يازما سانى: 716
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13625
تۆھپە نۇمۇرى: 856
توردا: 9031 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2013-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 09:48:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا ئىرىشكەن دوسلارنى مۇبارەك بولسۇن

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1577976
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12109 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 10:22:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىھنى ئۆتكۈر تورداشلارغا ئاپىرىن،تەلەي يۇلتۇزى ئارقىلىقمۇ بەزى نەرسىلەرنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ،كىيىنكى سانلاردىن باشلاپ مەنمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ ماڭسام بولغۇدەك،ئۆزەممۇ ئاكتىپ ئەزا بولغاندىكىن [s:102]

دوستلۇق-ھاياتنىڭ ئىنتايىن گۈزەل خاتىرىسى. ئىنسان خوشال چاغلىرىدا بەلكىم دوستىنى ئويلىماسلىقى مۇمكىن، بىراق تۇرمۇش دولقۇنلىرىدا چايقىلىپ، بېشىغا خىلمۇ-خىل قىسمەتلەر چۈشكەندە، بىر چاغلاردىكى مېھرىبان دوستلىرى يادىغا يېتىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 226
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8650
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2011-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 12:01:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن
11-ساننى كۈتەي

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش