مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2424|ئىنكاس: 23

ULY ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز  ؟! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

armanim120@hotmail.com

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2006
يازما سانى: 1116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14451
تۆھپە نۇمۇرى: 451
توردا: 2943 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 02:38:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (UKY) ھەققىدە

ئىلاۋە : ئۇيغۇر كۇمپىيوتىر يىزىقى گەرچە ئىلان قىلىنغانلىقىغا ئۇزۇن بولسىمۇ لىكىن ، بەزەن قىرىنداشلىرىمىز ھەم بەزى يىڭى ئۈگىنىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىز ، بۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولغاچقا ، يەنىلا ئۆلچەمسىز پىنيىنچە يىزىلىشى بۇيىچە ئالاقىلىشىپ كەلمەكتە . بۇگۇن تور ئارلاۋىتىپ ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمى جەمىيىتىنىڭ تور بىكىتىدىن ، يۇقارقى تەشۋىقات ماتىرىيالىنى قىلچە ئۆزگەرتمەي يوللاپ قۇيدۇم . مۇنبەردىكى بارلىق قىرىنداشلىرىمىزنىڭ يۇقارقى جەدۋەل بۇيىچە تەپسىلى كۈرۈپ ، بۇندىن كىيىنكى ئالاقە ئىشلىرىدا مۇشۇ بۇيىچە قوللىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ھەم شۇ بانادا بارلىق ئەزالىرىمىزنىڭ ئەزالىق نامىنى ئۆلچەملىك ULY ئۆلىچىمىدە ئىشلىتىشنى ئۈمۈد قىلىمەن .

بۇنى بۇ يەرگە يوللىشىم ئاتالمىش  << يىزىق ئۆزگەرتىش >> ،<<ULY نى ئىشلىتىش ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىنى ئىسلاھا قىلىش...>> ئەمەس ، تەپسىلاتى يازمىدا تەپسلى يىزىلغان .


ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى-- ULY) كومپيۇتېر ساھەسىدە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا يانداش قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان لاتىن ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن يېزىق بولۇپ، 2001- يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىبراھىم مۇتىھى، مىرسۇلتان ئوسمان، مۇھەببەت قاسىم، ئىمىن تۇرسۇن، ئابلىز ياقۇپ، خەمىت زاكىر، ئارسلان ئابدۇللا، ھوشۇر ئىسلام، تۈرگۈن ئىبراھىم .. قاتارلىق ئالىم، تىلشۇناس، دوكتور ۋە پروفېسسورلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 5 قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق 2000-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن 15 خىلدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان لاھىيىنى ئەستائىدىل مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق 2001-يىل 3-ئىيۇل كۈنى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن لاھىيە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە تىل-يېزىق كومېتېتىگە يوللانغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سابىق رەئىس ئابلەت ئابدۇرىشىتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شۇ يىلى باھاردا «ئۇيغۇر ئىسىم - فامىلىسى ۋە UKY توغرىسىدا مەخسۇس پىكىر ئاڭلاش يىغىنى» چاقىرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر ئىسىم - فامىلىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شۇنداقلا UKY نىڭ ئاممىۋىي ئاساسىنى پۇختىلاش، ئۇندىن كېيىن شارائىت پىششىپ يېتىلگەندە قايتا مۇزاكىرە قىلىش قارارىغا كەلگەن.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلاردا «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى) نى ئىشلىتىش يېزىق ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى قىلىش بولماستىن بەلكى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا قوشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ...» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن ھەم تەكىتلەنگەن.

UKY نىڭ بىرلىككە كېلىشى موشۇ بەتتە ساقىت قىلىنغان نۇرغۇن مۇتەخەسسىس ۋە تورداشلارنىڭ ئىلمىي مۇنازىرىلەر ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئورتاق نەتىجە بولۇپ، ئۇ مەلۇم بىر شەخىس ياكى تور بېكىتىنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس. UKY ئېلىپبەسى نۆۋەتتە نۇرغۇن تور بېكەتلىرى، كۈندىلىك ئالاقە ۋە ئىلمىي تەتقىقات ھەم باشقا ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. UKY ئېلىپبەسى جەدۋىلى تۆۋەندىكىچە:

                                  

ئەسكەرتىش: 1. ئەگەر «Öö, Üü, Éé» لارنى كىرگۈزۈشكە ئىمكان بولمىغاندا، UKY بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ماس ھالدا «Oo, Uu, Ee» لارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. «Öö, Üü, Éé» لارنى كىرگۈزۈش ئۇسۇلى http://www.ukij.org/teshwiq/uey%20eou.HTM دا تەپسىلىي كۆرسىتىلدى.
2. [zh] بولسا «ژ» (ژۇرنال) ھەرپىنىڭ ئوقۇلۇشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تولۇقلىما سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: ژۇرنال [zhurnal] .

دىققەت: 2005-يىلىنىڭ باشلىرىدا تورداشلارنىڭ تەكلىپى ۋە قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (UKY) دېگەن ئاتالغۇنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) دەپ ئېلىش مۇۋاپىق كۆرۈلگەن . بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت UKY نىڭ كومپيۇتېر تىلى/يېزىقى بولغان 0 ۋە 1 لەر بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپ كىشىلەردە ئاتالغا ياكى ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. UKY ۋە ULY لار بىر نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئارىسىدا قىسقارتىلما ئاتالغۇ شەكلىدە ئىشلىتىلگەندە ماس ھالدا«ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى» ۋە «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» دەپ ئوقىلىدۇ (يەنى قىسقارتىلغان سۆز «ش ئۇ ئا ر» نى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئوقىغاندەك).

UKY  ئىملا قائىدىسى


بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا خەت يازغاندا تۆۋەندىكى قائىتىلەرگە بويسۇنۇش كېرەك:
1. جۈملىنىڭ بىرىنچى سۆزىنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.
2. ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرى، دۆلەت ناملىرى، مىللەتلەرنىڭ ناملىرى ۋە يەر-جاي ئىسىملىرىنىڭ باش ھەرپى چوڭ يېزىلىدۇ.
مەسىلەن: Mehmud Qesqeri, Uyghur, Amérika, Ürümchi
3. خاس ئىسىملارنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ. چەتتىن كىرگەن خاس ئىسىملار ئۇيغۇر تىلىغا بويسۇندۇرۇپ يېزىلىدۇ، ئەسلى شۇ تىلدا يېزىلىشىنى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويسىمۇ بولىدۇ.
مەسىلەن: Qesqer, Yüsüp Xas Hajip, Nyuyork (New York), Béyjing (Beijing), Arman
4. قىسقارتىلغان ئىسىملار چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.
مەسىلەن: AQSh, BDT, UKY
5. خەلقئارا بىرلىكلەر، قىسقارتىلما سۆزلەر ۋە تاۋار ناملىرى ئۆز پېتى يېزىلىدۇ.
مەسىلەن: MTV, VCD, DVD, m, cm, volt, Microsoft
6. قىسقارتىلغان سۆزلۈكلەرنىڭ ئىچىدە قوشما ھەرپ بولسا شۇ ھەرپنىڭ بىرىنچى ھەرپى چوڭ يېزىلىپ ئىككىنچى ھەرپى كىچىك يېزىلىدۇ.
مەسىلەن: A.Q.Sh (ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى)، B.D.T. (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) ، ShUAR شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
7. مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ ناملىرىنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.
مەسىلەن: Shinjang Uyghur Aptonom Rayoni
8. يۇقىرىكىلەردىن باشقا ئەھۋاللاردا ھەرپلەر بىردەك كىچىك يېزىلىدۇ.
9. مەلۇم سۆزدە بىر بوغۇم ئۇزۇك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشسا شۇ بوغۇمنىڭ ئارقىدىن كەلگەن يەنە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانسا، بۇ ئىككى بوغۇم ئاپوستروف (') بىلەن ئايرىپ يېزىلىدۇ.
مەسىلەن: sen'et, chet'el, qet'iy, jem'iyet
10. مەلۇم سۆزدە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشسا شۇ بوغۇمنىڭ ئارقىدىن كەلگەن يەنە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانسا، بۇ ئىككى بوغۇم ئاپوستروف بىلەن ئايرىپ يېزىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر گراماتىكىسى بويىچە يەنى ئۇيغۇر تىلىدا ھەر بىر بوغۇمدا بىر سوزۇق تاۋۇش بولىدۇ، ئىككى سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا كېلىشىنىگ ئۆزىلا بوغۇم ئايرىشنىڭ بىشارىتىدۇر.
مەسىلەن: maarip, muellim, daire, mueyyen, tebiiy, paaliyet
11. پەرقلەندۈرۈپ ئوقۇشقا ئاسان بولۇش ئۈچۈن s'h, n'gh, n'g, ng'h لار ئارىسىغىمۇ ئاپوستروف قوشۇپ قويىلىدۇ.
مەسىلەن: Is'haq, Özbékistan'gha, Hin'gan, Cheklen'gen, Ganggirap, Bashlan'ghuch.




                
                      

ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى رەسىملىك ئېلىپبەسى

 
  


 
                مەنبەسى : ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمى جەمىيىتى
               تور ئادرىسى :  http://www.ukij.org/teshwiq

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Asman + 100 ناھايىتى زۆرۈر،ياخشى تېما!!!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15642
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10819
تۆھپە نۇمۇرى: 746
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 02:51:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:ULY ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز  ؟!

سىزگە كۆپ رەھمەت جۇمۇ ، مانا بۇ ئۈگەنمىسە بولمىغىدەك نەرسە .........

كەينىڭگە قاراپ شۈكۈر قىل ، ئالدىڭغا قاراپ پىكىر قىل .

نەفىسە(ئاماننىس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15631
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9574
تۆھپە نۇمۇرى: 802
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 02:52:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇ ئۇيغۇر كومپېيوتىر يىزىقى دېگەنگە ئۆچ بولدۇم.
ھازىر ئۇيغۇرۇمدا كومپىيوتېر يىزىقى ، ئۇيغۇر يىزىقى (ئەرەپ ئىلىپبەسى) ، ئۇيغۇر يىزىقى (سىلاۋىيان يىزىقى ) دەپ 3 خىل يىزىق پەيدا بولدى. 21-ئەسىردىمۇ ئۇيغۇرنىڭ يىزىقى 3 خىل  [s:119]   [s:119]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3924
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10020
تۆھپە نۇمۇرى: 385
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2011-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 05:20:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە ئېلان قىلىنغىلى 10 يىلغا يېقىن بولسىمۇ ، تورداشلىرىمىز ھازىرغا قەدەر تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرەلمەيۋاتىدۇ .
مەن چۈشەنمىدىمغۇ - ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقى ، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ... <ئۇيغۇر يېزىقى> دەپلا  يېزىق يوقما ؟!  ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقى دىگەن گەپ ئاڭلىماققا توغرىدەك قىلغىنى بىلەن ، مەنچە خاتا - نەدىمۇ ئەرەپ ئېلىپبەسىدە <چ ، پ ،ژ ،ڭ ..> قاتارلىقلار بولسۇن ...پارىسلار <ئىرانلىقلار> مۇ ئۆزىنىڭ يېزىقىنى<ئىران ئەرەپ يېزىقى > دەمدىغاندۇ ؟!!
تۇركلەرنىڭ قوللىنىۋاتقىنىمۇ لاتىن يېزىقىمۇ ؟ ئەگەر -ھەئە ، دىيىلسە ، ئۇلار نېمىشقا <تۈرك لاتېن يېزىقى >دىمەي ، <تۈرك يېزىقى > لا دەيدۇ ... مۇنبەردە نۇرغۇن بىلىملىك كىشلەر بار ، سەمىمىيتىم بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .
 يوللىغۇچى ،ئارمانىم... كۆپ رەھمەت سىزگە .

جان قەدىرلىك ۋىجدان بىلەنلا ، سەمىمىيەت ۋىجداننىڭ جېنى .

ھەركىم ئۆزتەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7115
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8686
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 09:14:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ دەماللىققا چۇشۇنۇپ بولالمايدىكەن مەن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

تەۋبىكار

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 2745
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23196
تۆھپە نۇمۇرى: 951
توردا: 1616 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 09:14:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mening bilidiganlirim kop amas mushunchilik yazalaymen xata yazdimmu yaki toghra yazdimmu buni bilip bolalmidim

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1705
يازما سانى: 675
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1446
تۆھپە نۇمۇرى: 564
توردا: 470 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 09:20:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرادەر باش سۆرىتىڭىزنى ئالماشتۇرىۋەتسىڭىز بولمامدۇ    [s:99]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 11:28:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2-قەۋەت (nepise) نىڭ يازمىسىغا

ھەممىسى بىز ئۈچۈن پايدىلىق،ھەرگىز زىيانلىق ئەمەس...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 1163
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14137
تۆھپە نۇمۇرى: 1227
توردا: 7277 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 11:53:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە بۇنى ئېلان قىلغىلى خىلى يىللار بولغان بولسىمۇ لېكىن تۇلۇق ئومۇملاشقىنى يوق، بەزى توربېكەتلەرمۇ مۇشۇ خىل يېزىقنى ئىشلەتمەي يەنە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى سەنىمىگە دەسساۋاتىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم مەيلى QQ ئالاقە قورالى بولسۇن ۋە ياكى توربېكەتلەردە بولسۇن مۇشۇ خىل توغرا بولغان ئۆلچەملىك لاتىن يېزىقىنى ئىشلەتسەك. ئەڭ ياخشىسى بىزنىڭ كومپىيۇتور كەسىپكارلىرىمىز بولسا ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى كۈچىمىزنىڭ بارىچە ئومۇملاشتۇرۇپ ھارقانداق دېتال ۋە توربەت تونۇيدىغان ھالەتكە ئەكەلسەك.

ne kadar az bilirsiniz, o kadar siddetlemudafa edersiniz.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7140
يازما سانى: 413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9535
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 418 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 12:25:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يېزىقنى تورداشلارنىڭ ئۆگىنىشى تەس جۇمۇ ،چۈنكى ھەممەيلەن پىنيىن يېزىقىغا كۈنۈپ كەتتى ،بۇ يېزىقنى تۇنۇيدىغانلار ئاز ،كۆپىنچە تورداشلار ئۇيغۇر كونا يېزىقىنىمۇ ناھايتى تەستە يازىدۇ شۇنداقمۇ ، [s:111]

پۇل ھەممە ئىشقا قادىر دىگەن ئادەم، پۇل ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىدىغان ئادەمدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش