مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 24404|ئىنكاس: 72

مىسرانىم مۇنبىرى يېڭى مېداللار ئېلان قىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 42
مۇنبەر پۇلى : 16000
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7655 سائەت
تىزىم: 2010-5-16
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 09:26:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



باشقا توربەت ئېگىلىرىنىڭ ئەجرىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ مېداللارنى خالىغانچە ئىشلىتىۋالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز


مېدال مەركىزى ئورنى ---  ياردەم  --- دېھقانچىلىق مەيدانى يېنىدىكى مۇلازىمەتنىڭ ئاستىدا



مېدال ئۆزگەرتىش خىزمىتىدىن ئاخىرقى خۇلاسە


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى؛

مېدال ئۆزگەرتىش خىزمىتى جەريانىدا تورداشلارنىڭ پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلغان ئاساستا ، باشقۇرغۇچىلار گورۇپپىمىز بىرلىكتە كېڭىشىپ ئاخىرقى قارارنى چىقاردۇق . ئەسلىدە پىلانلانغان 30 دانە مېدال سانى ئازايتىلىپ ، 17 دانە مېدال ھەقىقى تۈردە تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشمەكچى .  بۇ مېداللار ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئۆزگەرتىلمەيدۇ. ئەگەر يېڭى مېدال تەسىس قىلىش زۆرۈر بولسا ، ئايرىم ئېلان قىلىنىدۇ . تۆۋەندە ، مۇنبىرىمىز بېكىتىپ چىققان 17 دانە مېدال تونۇشتۇرىلىدۇ.


مېدال ئىسمى ھەم رەسىملىرى تۆۋەندىكىچە:

ئاخپارات ئەلچىسى         

بۇ مېدال خەۋەر تۈرىدىكى تېمىلارنى كۆپ يوللىغۇچى ۋە تۆھپىسى يۇقىرى ئەزالارغا بېرىلىدۇ . تېما سانى ۋە سۈپىتىگە قاتتىق يۇقىرى تەلەپ قويىلىدۇ . تېما ئىزچىللىقى تەۋسىيە قىلنىدۇ، شۇڭا خەۋەر يوللىغۇچى تورداشلارنىڭ خەۋەر تېمىلىرىنى يوللاشقا ئۆزلىرى بەلگىلىك ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر مانچە كۈندە بىر قېتىم يوللىشىنى ، ۋە شۇ كۈنلەردىكى خەۋەرلەرنىڭ ئەھمىيەتسىزلىرىنى شاللاپ ، جەۋھەر خەۋەرلەرنى تاللاپ يوللىشىنى ، سىياسىلىقى كۈچلۈك ، قالايمىقان ئىنكاس پەيدا قىلىشى مۇمكىن بولغان بارلىق خەۋەرلەرنى يوللىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز .

ئالاھىدە تەرجىمان        

بۇ مېدال تەرجىمە ئەسەرلەرنى كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى ئەزالارغا ئەمەس ، بەلكى ئەھمىيەتلىك نەرسىلەرنى ئۆزى بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ يوللايدىغان ئەزالارغا بېرىلىدۇ .تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى ۋە تەرجىمە سەۋىيەسىگە يۇقىرى تەلەپ قويىلىدۇ.

ماھىر قەلەمكەش            

بۇ مېدال بولسا ھېكايە-رومانلار ، نەسىرى ئەسەرلەرنى كۆپ يوللايدىغان ئىجادىيەتچى ئەزالارغا بېرىلىدۇ . ئىجادىيەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ.

مۇنبەر قىززىقچىسى        

بۇ مېدال بولسا ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەقىقى سەۋىيەلىك ، قىزىقارلىق يۇمۇرلارنى كۆپ يوللىغۇچى،ئىنكاسلىرى يۇمۇرلۇق بولغان ئەزالارغا بېرىلىدۇ .  تېما سۈپىتىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ.

مىسرانىم مەلىكىسى        

خانىم قىزلار سەھىپىسىنىڭ سەركىسى ، شۇنداقلا بارلىق ئۇنۋىرسال سەھىپىلەردە ئارتۇقچىلىقى كۆرۈنەرلىك خانىم (قىز)ئەزالارغا بېرىلىدۇ. تېمىلىرىنىڭ سۈپىتى ، ئىملاسىغا يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ.

مىسرانىم شاھزادىسى        

ئىنكاسلىرى قايىل قىلارلىق ، پەزىلەتلىك ، شۇنداقلا بارلىق ئۇنۋىرسال سەھىپىلەردە ئارتۇقچىلىقى كۆرۈنەرلىك ئوغۇل(ئەر) ئەزالارغا بېرىلىدۇ. تېمىلىرىنىڭ سۈپىتى ، ئىملاسىغا يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ.

رەسىم يوللاش ئۇستىسى        

بۇ مېدال بەيدۇدىن ئېلىنغان قالايمىقان رەسىملەرنى يوللىغۇچىغا ئەمەس ، بەلكى ئاز ئۇچرايدىغان نادىر  رەسىملەرنى كۆپ يوللىغۇچى ئەزالارغا بېرىلىدۇ . تېما سۈپىتىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ .

مۇنازىرە يېتەكچىسى         
 
ئىنكاسلىرى قايىل قىلارلىق ، پەزىلەتلىك ، شۇنداقلا بارلىق ئۇنۋىرسال سەھىپىلەردە ئارتۇقچىلىقى كۆرۈنەرلىك ئەزالارغا بېرىلىدۇ. تېمىلىرىنىڭ سۈپىتى ، ئىملاسىغا يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ.

ئۆمۈرلۈك شەرەپ         

مەلۇم خاس تېمىنى،خىزمەتنى ، پائالىيەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئەزالارغا بېرىلىدۇ

شېئىرىيەت پەرۋانىسى        

شېئىريەت سەھىپىسىنىڭ سەركىسى ، نادىر شېئىرلارنى كۆپ يوللىغۇچى ، ئىجادىيەت شېئىرلىرىنى كۆپ يوللىغۇچى ئەزالارغا بېرىلىدۇ.  شېئىرلارنىڭ سۈپىتى ، سەۋىيەسى ، ئىملاسىغا يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ.
 
ئالاھىدە تالانت       

ئاز ئۇچرايدىغان پەن ياكى ساھەلەر توغرىسىدا ئۆزگىچە تەپەككۇر قىلالايدىغان ، نەزەر دائىرىسى كەڭ ، تېمىلىرى ۋە ئىنكاسلىرى سەۋىيەلىك ئەزالارغا بېرىلىدۇ.

ئالاھىدە تۆھپە       

مۇنبىرىمىزنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان ، ھەر قايسى ئۇنۋىرسال سەھىپىلەردە كۆزگە كۆرۈنگەن ، تۆھپىسى يۇقىرى ئەزالارغا بېرىلىدۇ.

مۇنبەر نازارەتچىسى      

توردا كۆپرەك تۇرۇش شارائىتىگە ئىگە ، كۆپنى بىلەر ، جېدەلگە ئايلانغان تېمىلارنى تەرتىپكە سېلىپ ، تورداشلارنى ئىلمىي مۇنازىرگە باشلىيالايدىغان ئەزالار <مۇنبەر نازارەتچىسى> دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلۈپ ، بۇ مېدال بېرىلىدۇ.

ئىشچان باشقۇرغۇچى       

بىر ئايدا بىر سىتاستىكا قىلىنىپ ، ئەڭ كۆپ تېما تەستىقلىغان، تەھرىرلىگەن يۆتكىگەن،باھالىغان باشقۇرغۇچىغا بېرىلىدۇ.

ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى      

بىر ئايدا بىر سىتاستىكا قىلىنىپ ، ئەڭ كۆپ تېما ئۆچۈرگەن،تۈزەتكەن،تەھرىرلىگەن باشقۇرغۇچىغا بېرىلىدۇ.

ئىلغار باشقۇرغۇچى       

 باشقۇرغۇچىلىق سەھنىسىدە ئۇزۇن مۇددەت ئىپادىسى بىرخىل بولغان ، 6 ئايلىق باھالىنىشتا باھالانغان باشقۇرغۇچىلارغا بېرىلىدۇ!

تەلەي يۇلتۇزى  --  
  بۇ مېدال مۇنبىرىمىز ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك زېھىن ئىشلىتىدىغان پائالىيەتلەردە ئۇدا ئىككى قېتىم 1- بولغانلارغا 3 ئايلىق سوۋغا قىلىندۇ، بىر ئايلىق مېدال تەسىس قىلىنمايدۇ


مىسرانىم مەستانىسى   --- مىسرانىمدىكى توردا تۇرۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان  5 ئەزاغا بېرىلىدۇ. ھەرئايدا ئالدىنقى توردا تۇرۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن 5 ئەزا تاللاپ چىقىلىدۇ.

===============================

مېداللارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ---
https://uyghur-archive.com/misranim/hack.php?H_name=medal
 
كېيىنكى خىزمەت باسقۇچىمىزدا بولسا ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە مېدال بېرىلىدىغان ئەزالارنى قېزىپ چىقىپ ، مېدال تارقىتىش ....

مىسرانىم مۇنبىرى مۇنبەر ئامانلىقىنى قوغدىشىڭلارنى ،ھەرقانداق بىر يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ مۇنبەرنى قالايمىقان قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ مۇنبىرىمىزنى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇنبەر قىلىپ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىڭلارنى تەكىتلەيدۇ!

مىسرانىم توربەت باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى
مىسرانىم باشقۇرغۇچىلار كوللىگىيسى
2010-يىلى 10 - ئاينىڭ 30- كۈنى


ئۈمۈد ئۆلۈمنى يېڭىدۇ، كۆرەش زۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11002
يازما سانى: 1266
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 27823
تۆھپە نۇمۇرى: 984
توردا: 4774 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 09:31:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(مۇنبەر قىززىقچىسى) بىلەن (ئالاھىدە تەرجىمان) مېدالى ئوخشاشكەنغۇ؟؟؟؟

رېئال تۇرمۇشتىكى شەيئى ۋە ھادىسلەرنى ئۆزگىچە بولغان ئىلھام بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئالغان تەسىراتنى، ئىلھامىمىزدىكى  شېئىرى ھېس تۇيغۇلار بىلەن يۇغۇرۇپ، قەلبىمىزدىكى گۈزەل تىل ۋە لىرىكىلار بىلەن ئىپادىلىسەك ( شېئىر )بولىدۇ. ___ تۈن لىرىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7564
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8242
تۆھپە نۇمۇرى: 351
توردا: 827 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2011-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 09:32:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مىداللارنى نىمە قىلغىلى بولىدۇ

ققكق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 09:33:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ مىداللارمۇ كۆركەم ھەم بىر-بىرىدىن ئىسىل ئىكەن،بوينىمىزغا ئېسىلسا ياراشقۇدەك تازا [s:68]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ياسىنجان(سىرلىق)

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5357
يازما سانى: 7034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90756
تۆھپە نۇمۇرى: 1350
توردا: 6267 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 09:33:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ياخشى  بوپتۇ.............. ھەممەيلەن مىسرانىم  مۇنبىرى  ئۈچۈن  ئورتاق  تىرشايلى  دوسلار [s:108]

سىرلىق سەنئەتلىك لايىھەلەش سىتودىيسى.

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 2084
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 58606
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 09:33:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋوي  ۋوي  توختاڭ توختاڭ  ھەجەپ چىرايلىق لاھىلىنىپتۇ دىسە....
مەن بىرنى ئېسىپ باقاي ھە   مانا مانا  ئاستىم
ۋاي ۋاي بوينۇم بەك ئېغىركەن مىسرانىم  گىرام سانى ئېشىپ كىتىپتۇ....

ئاركادا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 09:34:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 09:34:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2-قەۋەت (xamal001) نىڭ يازمىسىغا

ئەزالارنىڭ ئەجرىگە بىرىلگەن مۇكاپات! مۇنبەرنىڭ‹‹نوبىل مۇكاپاتى››

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

سەن ئەڭ بەخىتلىك

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3940
يازما سانى: 5037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80159
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 1411 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2014-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 09:35:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما مىداللار تولىمۇ سۈپەتلىك ،ھەم كۆركەم چىقىپتۇ، سىلەرنىڭ مۇشۇنداق جاپا تاتقىنىڭلارنىڭ ھۆرمىتىگە مىسرانىم ئەزالىرى چوقۇم ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىنى قۇشالايدۇ.

رەخمەت مىسرانىم ئەپەندى جاپاتاتتىڭىز،مىسرانىم چوقۇم  ئۇيغۇر تورچىلىقىدىلكى ئالدىنقى قاتاردىكى مۇنبەرلارنىڭ بىرى بۇلۇپ قالغۇسى.
لىكىن ماڭا بىرەسى تىگەمۇ؟(چاخچاق)

ئەقلىمىزنى ئىشلەتسەك بىز ئەڭ ئەقىللىق مىللەت!

ئۈمۈد ئۆلۈمنى يېڭىدۇ، كۆرەش زۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11002
يازما سانى: 1266
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 27823
تۆھپە نۇمۇرى: 984
توردا: 4774 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 09:36:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت زامانى كە 2010-10-30 09:33 PMئەۋەتىلدى :
ۋوي  ۋوي  توختاڭ توختاڭ  ھەجەپ چىرايلىق لاھىلىنىپتۇ دىسە....
مەن بىرنى ئېسىپ باقاي ھە   مانا مانا  ئاستىم
ۋاي ۋاي بوينۇم بەك ئېغىركەن مىسرانىم  گىرام سانى ئېشىپ كىتىپتۇ....

ئەكىلىڭە...ئەكىلىڭە...بەرمەي تۇرۇڭ مىسرانىمغا، مەنمۇ بىر ئېسىپ باقاي.  ۋوي...راسلا ئېغىركەن جۇمۇ!!!

رېئال تۇرمۇشتىكى شەيئى ۋە ھادىسلەرنى ئۆزگىچە بولغان ئىلھام بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئالغان تەسىراتنى، ئىلھامىمىزدىكى  شېئىرى ھېس تۇيغۇلار بىلەن يۇغۇرۇپ، قەلبىمىزدىكى گۈزەل تىل ۋە لىرىكىلار بىلەن ئىپادىلىسەك ( شېئىر )بولىدۇ. ___ تۈن لىرىكىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش