ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر ؟ ياخشى تەربىيلەنگەن پەرزەت ۋەتەن ئۈچۈن، مىللىت ئۈچۈن ، دىنىمزى ئۈچۈن شۇنداقلا شۇ پەرزەتنىڭ ئاتا - ئانسى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىباھا گۈھەردۇر ، ئۇ ئائىلدە ئاتا - ئانسىنى رازى قىلسا جەميەتتە مىللىتىمىز ئۈچۈن ، دىنىمىز ئۈچۈن ، ئۈلگۈلۈك رول ئويناپ شۇ مىللەتنىڭ ھەم شۇ جگميەتنىڭ تەرەققىي قىلشىغا ئالاھىدە تۆھپە قۇشۇدۇ . ناچار پەرزەت بولسا دەل بۇنۇڭ ئەكسىچە بۇلۇپ ئۇ ئائىلدا ئاتا - ئانىنى قاقشاتسا جگميەتتە شۇ جەميەتكە سەلبى تەسىر كۆرسىتىپ مىللەتنىڭ ھەم جەميەتنىڭ دۈشمىنى بۇلدۇ . شۇنۇڭ ئۈچۈن بار لىق ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۈزنىڭ يۈرەك پارىسى يۇرۇق دۇنياغا كۆزئېچىشى بىلەنلا ئۇلارغا ، ئەدەپ - ئەخلاق ، ئەقىدە - ئىمان ، دۇنيا ۋ ئاخىرەت بىلىملىرنى ياخشى ئۈگۈتۈشنى تەشەببۇس قىلمەن . بىز پەرزەنتىمىزگە كىرەكلىك بولغان بىلىملەرنى بەرمەي تۇرۇپ ئۇلاردىن قاقشاش ۋە ئۇلارنى ئەيىپلەش ھۇقۇقىمىز يوق .
تۈۋەندىكى ئىسلامدىكى ئەۋلاد تەربىيلەش دىگەن ماقالە پەرزەتلىرمىزنى قانداق تەربىيلەشنى بىر قەدەر ئۇچۇق ھەم رۇشەن چۈشەندۇرۇپ بەرگەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر ماقالىنى تەپسىلىي ئۇقشۇڭلارنى ، شۇنداقلار تۇرمۇشۇڭلارغا تەدبىقلىشىڭلار ئۈمۈت قىلمەن .

ئىسلامدىكى ئەۋلاد تەربىيلەش ئۇسۇلى
بىسمىللاھىر راھمانىر رەھىم
كىرىش سۆز
مۆھتەرەم مۇئمىنلار! ئاللاھ تەئالا بىزگە: «ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى دوزاختىن ساقلاڭلار»[1] دېيىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ۋە بالا-چاقىلىرىمىزنى دوزاختىن ساقلاشقا بۇيرۇيدۇ. ئۆزۈمىزنى دوزاختىن ساقلاش ئۈچۈن دۇنيادىكى چېغىمىزدا ئاللاھنىڭئەمىر-پەرمانلىرىغا بويسۇنىشىمىز، بالا-چاقىمىزنى دوزاختىنساقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۇبدان بېقىشىمىز، ياخشى تەربىيىلىشىمىز، قىسقىسى ئۇلار توغرىسىدازىممىزگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشىمىز لازىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقارقى ئايەتنىڭبايانى ماھىيىتىدىكى بىر ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ:
«ھەممىڭلار مەسئۇلسىلەر ۋە ھەممىڭلار ئۆزمەسئۇللۇقىڭلاردىن جاۋاپكار. باشلىقمۇ مەسئۇلدۇر؛ ئۇ ئۆز مەسئۇللىقىدىنجاۋاپكار. ئەر كىشىمۇ مەسئۇلدۇر؛ ئۇ ئۆز مەسئۇللىقىدىن جاۋاپكار. ئايال كىشىمۇ مەسئۇلدۇر؛ ئۇ ئۆز مەسئۇللىقىدىن جاۋاپكار. خىزمەتچىمۇ مەسئۇلدۇر؛ ئۇ ئۆزمەسئۇللىقىدىن جاۋاپكار. دېمەك، ھەممىڭلار مەسئۇل بولۇپ ئۆز مەسئۇللۇقىڭلاردىن جاۋابكارسىلەر»[2].
دىنىمىز ھەر بىر مۇئمىنغا ھالىغا يارىشا بىر مەسئۇلىيەتيۈكلەيدۇ. ئىنساننىڭ مۇئمىن ھېسابلىنىشى ئۈچۈن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇشى، قولىدىنكېلىشىچە ئۇنى ئادا قىلىشى شەرت. ئەكسى تەقدىردە مۇئمىنلىق دەۋاسى قىلىش بىرنەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئمىنلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇشى، بىلىدىغانلارنىڭبۇنىڭغا ياردەم قىلىشى كېرەك.
مۇئمىنلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنمەسئۇلىيەتلەردىن بىرى ئۆز ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلەشتۇر. ئەۋلادلىرىنى دىنىمىزنىڭكۆرسەتمىسى بويىچە تەربىيىلىمىگەن ئاتا-ئانىلار بۇ مەسئۇلىيىتىنى ئاداقىلمىغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇ توغرىدىكى ئايەت-ھەدىسلەردىن ئۆزلىرىنىڭبۇ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئۆگىنىشى، شۇنداقلا ئۇنى ئادا قىلىشقا تىرىشىشى لازىم. بۇيازمىدا مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ بو ھەقتە بىر قەدەر ئەتراپلىقمەلۇمات بېرىلىدۇ
تەربىيە سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى:
تەربىيە سۆزى «ر ب و» سۆز تومۇرىدىن ئېلىنغان ئۆتۈملۈكمەنىدەدۇر.
قۇرئان كەرىمدە، «ر ب و» دىن تۈرلەنگەن 17 دانە سۆز بار[3]. ئايەتلەردە ئۇ سۆزلەرگە كۆپمەك، ئۆسمەك، زىيادە بولماق، چوڭايماق، يېتىلمەك ۋە ئۆرلىمەك دېگەن سۆزلەرنىڭ پەرقلىق شەكىللىرىبىلەن مەنا بېرىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆتۈملۈك مەسدەر بولغان تەربىيە سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى كۆپتۈرمەك، ئۆستۈرمەك، زىيادە قىلماق، چوڭايتماق، يېتىلدۈرمەك ۋەئۆرلەتمەك دېگەن شەكىلدە بولىدۇ. لۇغەت كىتابلىرىدىمۇ تەربىيە سۆزىگە بۇ خىل مەنالار بېرىلىدۇ[4].
تەربىيە سۆزىنىڭ ئىستىلاھ مەنىسى:
مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەردە بالاتەربىيىلەش بالىنى جىسمانىي، ئەقلىي، روھىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن كامىلبىر ئىنسان قىلىپ يېتىلدۈرۈشنى ئىپادىلەيدۇ[5]. تەربىيە سۆزىنىڭ لۇغەتمەنىسىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.
ئەۋلاد تەربىيلەش
1- تۇغۇلغان ھامان قۇلىقىغا ئەزان ئوقۇش:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «مال-دۇنيالار ۋە بالىلار دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتىدۇر»[6].
بۇ ئايەتكە ئاساسەن بالا ئاللاھنىڭ بىر ئىنئامىدۇر. ئۇ بەزى چاغلاردا ئاتا-ئانىسىنىڭ دوستى، بەزى چاغلاردا ياردەمچىسىۋە بەزى چاغلاردا دۇئاچىسىدۇر. بالا تۇغۇلغان ھامان قۇلىقىغا ئەزان-تەكبىر ئوقۇش، بالىنى ئاتا قىلغان زاتقا شۈكۈر ئېيتقانلىق ھەمدە بالىغا تۇنجى قېتىم ئىسلامنىڭشۇئارىنى ۋە ئىماننىڭ ئاساسلىرىنى ئاڭلاتقانلىق بولىدۇ. ئەبى رافىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەسەن تۇغۇلغاندا قۇلىقىغا ئەزان ئوقۇغىنىنى كۆردۈم»[7].
2- ئېغىزلاندۇرۇش ۋە بەرىكەت تىلەش:
بۇنىڭ مەنىسى بالىنى تازىلاپ ئاغزىغا بىرىنچى قېتىميېمەكلىك سالماق (خورما سالسا تېخىمۇ ياخشى) دېگەن بولىدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: خورماياكى باشقا بىر يېمەكلىك ناھايىتى يۇمشاق چاينىلىپ بالىنىڭ ئاغزىغا سېلىنىدۇ، ئاندىن ناھايىتى مۇلايىم بىر شەكىلدە بالىنىڭ ئاغزى ئوڭ-سولغا ھەرىكەتلەندۈرۈلىدۇ، نەتىجىدە بالىنىڭ ئاغزىغا سېلىنغان نەرسە گېلىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ئىشنى تەقۋادار، سالىھ بىر كىشىنىڭ قىلىشى ئەۋزەل. بالىنى ئېغىزلاندۇرغان كىشى ئۇنىڭغا ئاللاھتىنبەرىكەت تىلەيدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىغا يېڭىتۇغۇلغان بالىلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ بالىلارنى ئېغىزلاندۇرۇپئۇلارغا بەرىكەت تىلەيتتى»[8]. ئەبۇ مۇسا ئىسىملىك بىر ساھابە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ بىر ئوغلۇم تۇغۇلغان ئىدى. ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپكەلدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوغلۇمغا ئىبراھىم دەپ ئىسىم قويدى، ئاندىنئېغىزلاندۇردى ۋە ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلىدى»[9].
3- ئېمىتىش:
بالىنىڭ ئانىسىنى ئېمىش ھەققى بار. ئېنىكئانىلارغا ئېمىتىشكىمۇ بولىدۇ. ئىشقىلىپ بالىنىڭ تۇغۇلۇپ بىر مۇددەتئانىسىنى ياكى ئېنىكئانىسىنى ئېمىش ھەققى بار. ئەگەر بالىنى تالاق قىلىنغان ئانىسىئېمىتسە، بۇ ئانىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى ۋە كىيىم-كېچىكىنى بالىنىڭ دادىسى بېرىشىكېرەك. ئەگەر دادا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ۋارىسلىرى بېرىدۇ. ئەگەر دادا بالىنى بىرئېنىكئانىغا ئېمىتمەكچى بولسا، ئېنىكئانىنىڭ ھەققىنى (دېيىشكەن بويىچەئېمىتىش ھەققىنى) تولۇق بېرىشى كېرەك. بۇ ئىشنى سۈت پاراشوكى ياكى ھايۋان سۈتىبىلەن «بېجىرگەنلەر» بالىنىڭ ئېمىش ھەققىنى ئادا قىلمىغان بولىدۇ[10].
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ئېمىش بالىنىڭ ھەققى، ئېمىتىش ئاتا-ئانىنىڭ مەجبۇرىيىتى. ئاتا-ئانىنىڭ بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغانلىقى ھەرگىزمۇ بالىغا قىلغان بىر ئىلتىپات ئەمەس. ئۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرى. ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئەمىرنى ئادا قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈنئۇلارنىڭ بالا چوڭ بولغاندا «بۇنى قىلساڭ بەرگەن سۈتۈمگەرازى ئەمەس، شۇنى قىلمىساڭ باققىنىمغا رازى ئەمەس» دېگەن گەپلەرنى قىلىپ ئۇنىكونترول قىلىۋېلىشى ھەددىدىن ئاشقانلىق بولىدۇ. بەزى ئاڭسىز ئاتا-ئانىلار قولىدىنكېلىشىچە ياخشىلىق قىلىپ تۇرۇۋاتقان بالىلىرىغا شۇنداق گەپلەرنى دېگەنتەقدىردە، بۇ گەپنىڭ بالىغا ھېچبىر زىيىنى يوق. چۈنكى بالا ئۆز ۋاقتىدا ئۆز ھەققىدىنپايدىلانغان، ئاتا-ئانىسى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان.
4- ياخشى ئىسىم قويۇش:
ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا ياخشى ئىسىم قويۇشىلازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر قىيامەت كۈنى ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئىسملىرى بىلەن چاقىرىلىسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن چىرايلىق ئىسىم قويۇڭلار»[11] بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەردە ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمى ئاللاھ تەئالانىڭ بىرەر ئىسىم-سۈپىتىنىڭ بېشىغا ئابدۇ (بەندە) قوشۇپ قويۇشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىبايان قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەنىسى ياخشى بولمىغان ئىسىملەرنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىغا ئىسىم تاللىغاندا ئىسىمنىڭ مەنىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئىسىم قويۇش بالىنىڭ ئەقىقىسىنى بەرگەنكۈنى (تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى) ئائىلە-تاۋابىئات ۋە يېقىن-يورۇقلارنىڭ ئىچىدە بۇبالىنىڭ ئىسمى مۇنداق بولسۇن دەپ بىر ئىسىمنى ئېلان قىلىش بىلەن بولىدۇ. بۇ چاغدا ئەزان-تەكبىر ئوقۇلمايدۇ. يۇقاردا بايان قىلىنغاندەك ئەزان-تەكبىر بالاتۇغۇلغان چاغنىڭ ئۆزىدە، ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن يەرگە چۈشكەن ھامان ئوقۇلىدۇ[12].
5- ئەقىقىسىنى بېرىش:
بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى بىر قوي ئۆلتۈرۈپ (بالا ئوغۇل بولسا ئىككىنى ئۆلتۈرۈش ئەۋزەل) گۆشىنىئائىلە-تاۋابىئات ۋە يېقىن-يورۇقلار يىغىلىپ بىر داستىخاندائولتۇرۇپ يېيىشى ۋە پېقىر-مىسكىنلەرگە تارقىتىشى سۈننەت. يۇقىرىدا بايانقىلىنغاندەك بالىنىڭ ئىسمىمۇ مۇشۇ ۋاقىتتا قويۇلىدۇ يەنى ئىسمىنىڭ نېمىلىكى مۇشۇۋاقىتتا ئېلان قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى ئەقىقىسى بۇغۇزلىنىدۇ، ئىسمى قويۇلىدۇ ۋە بېشى چۈشۈرۈلىدۇ» دېگەنلىكى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ ئەقىقىسىنى بەرگەنلىكىرىۋايەت قىلىنىدۇ[13].
6- چېچىنى چۈشۈرۈش:
شۇ كۈنى يەنى يەتتىنچى كۈنى بالىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ چېچىنىڭ مىقدارىدا ئالتۇن ياكى كۈمۈش سەدىقە قىلىش ياخشى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەر تۇغۇلغان بالىنىڭ ياخشى يېتىلىشى ئۇنىڭ ئەقىقىسىگە باغلىق. بۇئەقىقە بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى بۇغۇزلىنىدۇ، بېشى چۈشۈرۈلىدۇ ۋە ئىسمىقويۇلىدۇ» دېگەنلىكى ۋە نەۋرىسى ھەسەن ئۈچۈن ئەقىقە بۇغۇزلىغاندىن كېيىن: «ئى فاتىمە! ئۇنىڭ بېشىنى چۈشۈرگىن ۋە چاچنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ كېلىدىغان كۈمۈشنى مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلغىن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[14].
7- خەتنە قىلىش:
بۇ، ئوغۇل بالىلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئۇچ قىسمىدىكى تېرىسىنى قىسمەن كېسىش ياكى كەستۈرۈشنىكۆرسىتىدۇ. بۇ توغرىداپەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام مۇنداق دېگەن: «بەش تۈرلۈك ئىش سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىشلار: خەتنە قىلىش، سۈننەت قىلىش (ئەۋرەتنىڭ تۈكلىرىنى تازىلاش)، بۇرۇت قىرقىش، تىرناق ئېلىشۋە قولتۇق ئاستىدىكى تۈكلەرنى يۇلۇشتىنئىبارەت»[15].
8- مېھىر-شەپقەت بىلەن بېقىش:
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەلىنىڭ ئوغلى ھەسەننى سۆيگەنىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئەقرە ئىبن ھابىس ئولتۇراتتى. ئەقرە: «مېنىڭ ئون بالام بار، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى سۆيگەن ئەمەسمەن»، دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغاقاراپ قويغاندىن كېيىن: «مېھرىبان بولمىغان ئادەمگە ئاللاھ تەئالا مېھرىبان بولمايدۇ»، دېدى[16].
9-ئەقىل تېپىشقا باشلىغاندىن تارتىپقۇرئان ساۋادىنى چىقىرىشقا تىرىشىش، نەتىجىدە ئۇنى تەجۋىد قائىدىلىرى بويىچە قۇرئان ئوقۇيالايدىغان قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلەردۇر»[17].
10-يەتتە يېشىدا ناماز ئوقۇشنىئۆگىتىش ۋە ناماز ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈش، مەسچىت-جامەلەرگە ۋە ئىلىم-مەرىپەت سورۇنلىرىغا بىللە ئاپىرىش. ئاللاھ تەئالا مۇنداقدەيدۇ:
«ئائىلەڭنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشتاچىداملىق بولغىن»[18]. دېمەك نامازنى ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇشى يەتمەيدۇ، بالا-چاقىلىرىمىزنىمۇ نامازنى ئوقۇشقا بۇيرۇشىمىز كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «بالىلىرىڭلارنى يەتتە ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندە ئوقۇمىسا ئۇرۇڭلار»[19]. دېگەن سۆزى بۇ ئىشنىڭنەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ھەزرىتى لوقمان بۇ توغرىدا بالىسىغا مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: «ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى ئۈزلۈكسىز ئوقۇغىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن ۋە يامانلىقتىن توسقىن»[20]. بۇ ئايەتكە ئاساسەن بالىنى ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇش، بالا ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسا كۇپايىلىنىپ تۇرماسلىق، بەلكىدە ئۇنىڭغائىبادەتتە ۋە ياخشىئىشلاردا ئاكتىپ بولۇشنىڭ ئەھمىيىتىنىمۇ ئۆگتىش لازىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھقا ئەڭ ياخشى كۆرۈنىدىغانلار، بالا-چاقىلىرىغا ئەڭ ياخشىلىق قىلغۇچىلاردۇر»[21]. بالا-چاقىغا ئىلىمئۆگىتىش ۋە ئىلىملىك بولۇشى ئۈچۈن كېرەكلىك ئىشلارنى قىلىش ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغانلىق بولىدۇ.
11-يەنە يەتتە يېشىدا روزا تۇتۇشقائادەتلەندۈرۈش، زولۇققا ئويغۇتۇپ داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ زولۇق يېگۈزۈش، كۈندۈزى كۈچى يەتكەن يەرگىچە روزا تۇتقۇزۇش، ئەگەر پۈتۈن بىر كۈنروزا تۇتۇشقا كۈچى يېتىدىغانلىقىبايقالسا كۈن بۇيى روزا تۇتۇشقا زورلاش. چۈنكى رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتۇش دىنىمىزنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى. بۇ، بالاغەتكە يەتكەن ھەرمۇسۇلمانغا پەرز. بالىنىڭ بۇ پەرزنى بالاغەتكە يەتكەندە ئۇبدان ئورۇندىيالىشى ئۈچۈن بالاغەتكە يېتىشتىن ئىلگىرى ئادەتلىنىشى ياخشى. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىكىچىكىدىن باشلاپلا بۇ پەرزنى ئاداقىلىشقا كۆندىرىشى كېرەك.
12-ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئۆي ئىچىدە ۋە سىرتتاياخشى ئۈلگە بولۇش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىقئەمەلى توختايدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىماي نامۇئەمالىغا يېزىلىپ تۇرىدۇ: بىرىنچى، ساۋابى ئۈزۈلمەي بولۇپتۇرىدىغان سەدىقە. ئىككىنچى، ئەلگە پايدىلىق ئىلىم. ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا-ئانىسى ھەققىدە دۇئا قىلىپتۇرىدىغان ياخشى بالا»[22]. بالىنىڭ ياخشى ئادەمبولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ تۇنجىئۇستازى ھېسابلىنىدىغان ئاتا-ئانىلىرى يامان تەسىر بەرمەسلىكى لازىم
13-ئۆيگە كىرگەندە ئىشىكنى چېكىپرۇخسەت بېرىلگەندىن كېيىن كىرىشىنى، كىرىپلا ئۆيدىكىلەرگە سالام قىلىشنى ئۆگىتىش ۋەبۇ توغرىدا بالىغا ئۈلگە بولۇش[23].ئاللاھتەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! باشقىلارنىڭئۆيلىرىگە، ئۆي ئىگىسىدىنئىجازەت سورىماستىن ۋە ئۇلارغاسالامبەرمەستىن كىرمەڭلار. بۇ، سىلەر ئۈچۈنياخشىدۇر. نەسىھەت ئاڭلىغايسىلەر»[24]،
ئى مۇئمىنلار! قۇل ۋە چۆرىلىرىڭلار، بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلىرىڭلار، يېنىڭلارغاكىرىش ئۈچۈن شۇ ئۈچۋاقىتتا سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن: بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى، چۈشلۈك ئىستىراھەت ئۈچۈن كىيىمىڭلارنىسالىدىغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەننامىزىدىن كېيىن. بۇ ۋاقىتلارئەۋرەت يەرلىرىڭلارنىڭ ئېچىلىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان ۋاقىتلاردۇر. لېكىنبۇ ئۈچ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردائۇلار يېنىڭلارغا ئىجازەتسىز كىرسەسىلەرگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، ئۇلارغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى سىلەر بىر-بىرىڭلارنىڭ يېنىغا كىرىپ-چىقىپ تۇرىسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلەرىنىئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەتبىلەنئىش قىلغۇچىدۇر»[25].
بالىلىرىڭلاربالاغەتكە يەتكەنچاغلىرىدا بولسا، يېنىڭلارغا ھەر قېتىم كىرىشىدەچوڭلار ئىجازەت سورىغاندەك ئىجازەت سورىسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[26].
14ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە مەكتەپكەبېرىش، ئوقۇش لازىمەتلىرىنى تولۇق قىلىپ بېرىش. چۈنكىقۇرئان كەرىمنىڭ دەسلەپتە نازىل بولغان ئايىتى ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 247- ئايىتى، زۇمەرسۈرىسىنىڭ 9- ئايىتى، ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 7- ئايىتى، نىسا سۈرىسىنىڭ 162- ئايىتى، ئەنكەبۇت سۈرىسىنىڭ 49- ئايىتى، سەبەئ سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتى، فاتىر سۈرىسىنىڭ 28- ئايىتى، مۇجادەلەسۈرىسىنىڭ 11- ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەر ئىلىمنىڭ بەك مۇھىمئىكەنلىكىنى ۋە ئالىملارنىڭدەرىجىسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئىلىم تەلەپ قىلىش ئەر-ئايالبارلىق مۇسۇلمانلارغا پەرز»[27] دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتا-ئانىلارنىڭ، بالىلىرىنى ئوقۇتۇشى، ئوقۇش ئۈچۈنكېرەكلىك نەرسىلەرنى تولۇق قىلىپ بېرىشى، قىسقىسى بالىلىرىنىڭ ئىلىملىك، ياراملىقئادەم بولۇشىئۈچۈن قولىدىن كەلگەننىقىلىشىلازىم.
15- بالىلارنى تەڭ كۆرۈش:
نۇئمان ئىبن بەشر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، نۇئماننىڭ ئاتىسى ئۇنىرەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا ئېلىپكېلىپ: «مەن بۇ ئوغلۇمغامېنىڭ خىزمەتكارىمنى بېرىۋەتتىم»، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: سەن بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇنداق خىزمەتكاربەردىڭمۇ؟»، دېدى. ئۇ: «ياق»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇنىقايتۇرۇۋالغىن»، دېدى.
يەنە بىررىۋايەتتە: رەسۇلۇللاھ: بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇنداق قىلدىڭمۇ؟»، دېدى. ئۇ: «ياق»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئاللاھتىنقورقۇڭلار، بالىلىرىڭلارنىڭئارىسىدا ئادىل بولۇڭلار»، دېدى. دادامكېلىپ ئېھسان قىلغان نەرسىنىقايتۇرۇۋالدى، دېيىلگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداقدېيىلگەن: رەسۇلۇللاھ: ئى بەشىر! بۇنىڭدىن باشقا بالىلىرىڭ بارمۇ؟»، دېۋىدى. ئۇ: «ھەئە»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇلارنىڭ ھەممىسىگەمۇشۇنداق بەردىڭمۇ؟»، دېدى. ئۇ: «ياق»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇنداقتامېنى گۇۋاھلىققا تارتمىغىن، چۈنكى مەن زۇلۇمغا گۇۋاھبولمايمەن»، دېدى.
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: باشقائادەمنى گۇۋاھ قىلغىن»، دېدى. ئاندىن: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ساڭا قارىتا باراۋەرياخشىلىق قىلىشىدىن خۇشاللىنامسەن؟»، دېۋىدى، نوئمان: «شۇنداق»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداقتا سەنمۇ ئۇلارنىباراۋەركۆرگىن»، دېدى[28].
16- ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىش:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«سىلەر ئىنسانلارنىڭمەنپەئەتىئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭياخشىئۈممەتسىلەر. ياخشىلىققا بۇيرۇيسىلەر، يامانلىقتىنتوسىسىلەر، ئاللاھغا ئىشىنىسىلەر»[29].
رەسۇلۇللاھنىڭ تەربىيىسىدە بولغانئۇمەر ئىبن ئەبى سەلەمەرەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭتەربىيىسىدە تۇرۇۋاتقان بالا ئىدىم. تاماق يەۋاتقانچاغدا قولۇم لېگەندە چېپىپ يۈرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى بالا! ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەنباشلايمەن، دەپ ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭئالدىدىن يېگىن»، دېگەن. شۇنىڭدىن بۇيان تاماق يېيىش ئۇسۇلۇم ھامان رەسۇلۇللاھدېگەندەك بولۇپ كەلدى[30]. ئاتا-ئانا ئۆزبالىسىغاياخشى ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىشتىنمۇ ئۇبدانراقئوزۇق بېرەلمەيدۇ»[31].
17- ئەقىدە توغرىسىدا ئالاھىدە تەربىيە بېرىش:
بىرئىنساننىڭئەمەل-ئىبادەتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭئەقىدىسىنىڭتوغرا بولۇشى شەرت[32]. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپئاللاھنىڭ بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ياراتقۇچىسى، باققۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسىئىكەنلىكىنى، يەككە-يېگانە ئىكەنلىكىنى، چەكسىز قۇدرەت ۋە مۇتلەق ھاكىمىيەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭئىبادىتىگە لايىق بولۇشتايالغۇزئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشىكېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ۋەبالا-چاقاڭلارنى دوزاختىن ساقلاڭلار»[33]. بالا-چاقىنى دوزاختىنساقلاش ئۇلارغا توغرا ئەقىدە ئۆگىتىش بىلەن بولىدۇ. شېرىك ئەقىدىسى بىلەنئۆلگەنلەرنى ئاللاھ ھەرگىزمۇ ئەپۇۇ قىلمايدۇ[34].
بۇ توغرىدا ھەزرىتى لوقمانئوغلىغا مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ:
ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمە، چۈنكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ناھايىتى چوڭ زۇلۇمدۇر»[35].
ئى ئوغۇلچىقىم! قىلمىشىڭ بىردانە قىچا چاغلىق بولۇپ، ئۇبىر تاشنىڭ ئىچىدە ياكى ئاسمانلاردا ۋە ياكى يەر ئاستىدا بولغان تەقدىردىمۇ ئاللاھ ئۇنى ھازىر قىلىپسەندىن ھېسابىنى ئالىدۇ. اللەئىنچىكىلەپ كۆزەتكۈچىدۇر، تولۇق خەۋەرداردۇر»[36].
دىققەت قىلىدىغان بولساق ھەزرىتى لوقمان ئوغلىغا ئالدى بىلەن ئاللاھقا شېرىككەلتۈرشنىڭناھايىتى چوڭ بىر زولۇمئىكەنلىنىچۈشەندۈرىدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنىبىلىپ تۇرۇشىنى كىچىك بالىلارچۈشىنەلەيدىغان بىر مىسال بىلەن ئۇقتۇرىدۇ. دېمەك، بالىلارغائالدى بىلەن ئاللاھقاشېرىككەلتۈرۈشنىڭ ناھايىتى چوڭ زۇلۇم ئىكەنلىكىنى، ئاندىن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋەئىلمىنى چۈشەندۈرۈش لازىم. لائىلاھە ئىللەللاھ» نىڭ مەنىسىمۇبۇنى كۆرسىتىدۇ.
18- باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلەقىلىشنى ئۆگىتىش:
بۇ ئىككى تۈرلۈكبولىدۇ:
1- بالىغا ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىققىلىشنىئۆگتىش، ئاتا-ئانىنىڭ ئەۋلادلىرىئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ۋە بۇ ھەقلەرنىئادا قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇتۇش[37].
بۇ ھەقتەئاللاھتەئالا مۇنداق دەيدۇ:
بىز ئىنساننىئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق، ئانىسى ئۇنىقورسىقىداقاتمۇقات ئاجىزلىقبىلەن كۆتۈردى ۋە ئىككىيىل ئېمىتتى. ئى ئىنسان! ماڭا ۋەئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىل. ئاخىرى كېلىپ ماڭا ھېساب بېرىسەن»[38].
رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈمقىلدى: اللەدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار ۋەئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭيېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: «ئۇفف!»[39] دېگەن سۆزنىمۇقىلما. ئۇلارغا ئازار بەرمە، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىل.
ئۇلارغا مېھرىبانلىق ۋە كەمتەرلىكبىلەن قول-قاناتبولغىن ۋە ئۇلار ئۈچۈنمۇنداق دۇئا قىلغىن: «رەببىم! ئاتا-ئانام ماڭا كىچىكلىكىمدەتەربىيىلەپقانداق ياخشىلىق قىلغان بولسا، سەن ئۇلارغا شۇنداق ياخشىلىق قىلغىن!
رەببىڭلار ئىچىڭلاردىكىنىئۇبدانبىلىدۇ. ئەگەر ياخشى كىشىلەر بولساڭلار، شۇنى بىلىڭلاركىاللە تەۋبە قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر»[40].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقدەيدۇ:
بالا ئاتىنىڭياخشىلىقىنىقايتۇرالمايدۇ، پەقەت بالىنىڭئاتىسىقۇل بولۇپ، بالا ئۇنى سېتىۋېلىپ ئازاد قىلسا، ئاندىن ئاتىسىنىڭ ياخشىلىقىنىقايتۇرغان بولىدۇ»[41].
«ئاتىسى بىلەن ئانىسى ياكىئۇلاردىن بىرى قېرىغىچە ياشاپ، ئۇلارنىڭرازىلىقىنى ئېلىپ جەننەتكە كىرەلمىگەن كىشى خاروزار بولسۇن! خاروزار بولسۇن! خاروزار بولسۇن!»[42].
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى: ئاتا-ئانىغا قىلىنىدىغان ئىتائەت چەكلىك بولۇپ، بۇ توغرا ئىشلاردائۇلارغا ئىتائەت قىلىشنىڭلازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇلاربۇيرۇغان ئىش قىلغانلارگۇناھكاربولىدىغان بىر ئىش بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلارغا ئىتائەتقىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالالوقمان سۈرىسىنىڭ 14- ئايىتىدەئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقابۇيرۇپ ئارقىسىدىنلا مۇنداق بىر ئاگاھلاندۇرۇشتا بولىدۇ:
ئەگەر ئاتا-ئاناڭسېنى ماڭاقارىغۇلارچە شېرىككەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلما»[43]. دېمەك، ئاتا-ئانىغاياخشىلىق قىلىش ئاللاھقاشېرىككەلتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدىغان ئىش بولسا، ئاتا-ئانىغائىتائەت قىلماسلىق يەنى ئاللاھغا شېرىككەلتۈرمەسلىك لازىم. بۇ ئىككى ئىتائەت (ئاللاھغا ۋە ئاتا-ئاتىغاقىلىنىدىغانئىتائەت) بىر-بىرى بىلەن زىتلىشىپ قالمىسائىككىلىسىنى قىلىش كېرەك، ئەگەر زىتلىشىپ قالسا دەرھال ئاتا-ئانىنىڭ ئىتائىتىنىئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە قۇربان قىلىشكېرەك[44]. ئاللاھ تەئالا يۇقارقى ئايەتنى ئۇلارغا دۇنيالىق ئىشلاردا ياردەملەشكىن» دېگەن جۈملە بىلەنئاخىرلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى: شېرىككەزورلىغان ئاتا-ئانىلارغا ئىتائەتقىلىشتىن چەكلەش، دۇنيا ئىشلىرىدا ئۇلارغا ياخشىلىققىلماسلىقنىئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
2- بالىغا ئىنسانلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشنى ئۆگىتىش.
ھەزرىتى لوقمان بۇ توغرىدا ئوغلىغا مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: «ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ ئىنسانلارنى كەمسىتمە، زېمىندا غادىيىپ ماڭما، چۈنكى ئاللاھ ھاكاۋۇر پوچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. تەبىئىي ماڭ، ئاۋازىڭنى بىرئاز پەسلە، چۈنكى ئەڭ يامان ئاۋاز ئېشەك ئاۋازىدۇر» .
بۇ ئايەتتە ئىنسانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. دىققەت قىلىدىغان بولساق ئايەت بىزگە، بالىلىرىمىزغا ئىنسانلار بىلەن يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ-سۆز ۋە باشقا پۈتكۈل مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا تولۇق تەربىيە بېرىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى ئۆگىتىدۇ.
19- بالىغا دۇنيانىڭ ماھىيىتى چۈشەندۈرۈش
نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ راھەت-پاراغەت ئىچىدە چوڭ بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھەتتا ئۆزلىرى قىيىنچىلىق تارتسىمۇ بالىلىرىغا سەزدۈرمەي ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل بالىلار ، دۇنيا ھاياتىنى راھەت-پاراغەت، باياشاتچىلىق، ئويۇن-تاماشا دەپ چۈشىنىدۇ ۋە بۇ چۈشەنچ ئىچىدە چوڭ بولىدۇ. بۇ ئاتا-ئانىلار: «بىز بالىلىرىمىزنى ئۇبدان باقتۇق» دەپ ئويلايدۇ. بۇنداق بالىلار ئاتا-ئانىسىدىن قالسا نېمە ئىش قىلىشلىرىنى بىلمەي تېڭىرقاپ قالىدۇ، ئۆزى كەسپ قىلىپ تۇرمۇشىنى قامداشنى بىلمەيدۇ، ئاتا-ئانىسىدىن قالغىنى تۈگەيدۇ، نەتىجىدە جەمئىيەتتە قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشايدىغان نۇرغۇن «بايۋەچچە» لەر پەيدا بولىدۇ. دېمەك، بالىلارنى بېقىش يەتمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تەربىيىلەش كېرەك.
دىنىمىز ئاتا-ئانىلاردىن بالىلىرىغا دۇنيانىڭ ھەقىقىتىنى ۋە كېلەچەك ئەھۋالىنى تونۇتۇشىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىپ دۇنيانىڭ ئۇلارغا قالىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە تايىنىشلىرىنىڭ لازىملىقىنى ئۆگىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا بۇ توغرىدا لوقمان بالىسىغا مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: «ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى ئۈزلۈكسىز ئوقۇغىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن ۋە بېشىڭغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغىن. مانا بۇلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر» .
ھەزرىتى لوقمان بۇ يەردە ئوغلىنى نامازنى ئۈزلۈكسىز ئوقۇشقا يەنى ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئىبادىتىنى ئۆزلۈكسىز ۋە تەلەپكە لايىق ئورۇنداشقا بۇيرۇيدۇ. ئاندىن ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشقا يەنى جەمئىيەتكە ئارىلىشىشقا، شۇنداقلا توغرىنى تەشۋىق قىلىپ خاتاغا قارشى تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئاندىن بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىشقا يەنى جەمئىيەتتە ھەققانىيەتچى ۋە دادىل بىر كىشى بولۇپ ھايات كەچۈرۈشنىڭ بەدىلىنى تۈلەشكە ۋە ئەسلا يولدىن قايتماسلىققا بۇيرۇيدۇ.
دىققەت قىلىدىغان بولساق ھەزرىتى لوقمان بۇ يەردە بالىسىغا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ دۇنيادىن كېتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاتىسىز قالىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزىگە تايىنىشنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە بۇ ئىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىدۇ. ھەزرىتى لوقماننىڭ بۇ نەسىھەتلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنىشى قۇرئان كەرىمگە ئىمان كەلتۈرگەن بارلىق مۇئمىنلارنىڭ بالىلىرىغا شۇنداق نەسىھەت قىلىشىنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.
خۇلاسە
بالىنى پەقەت يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ئۆي-بىسات ۋە دورا-دەرمان…لار بىلەنلا تەمىنلەش ئۇنى تەربىيىلىگەنلىك بولمايدۇ. ئۇنداقتا تەربىيە باشقا بىر نەرسىدۇر. ئۇ بولسا، بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئۇنى دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىر تەرەپتىن بېقىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا كىچىكىدىن باشلاپ ئىماننىڭ ئاساسلىرىنى ۋە ئىسلامنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى ئۆگىتىش، قايسى ئىبادەتكە كۈچى يەتسە شۇنى قىلدۈرۈش، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي تەرەپلىرىنى ئوخشاشلا ئۆستۈرۈش، يېتىلدۈرۈش، كامالەتكە يەتكۈزۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
مەنبە ۋە ئىزاھلار:
1- تەھرىم سۈرىسى، 6- ئايەت.
2- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
3- ھەج سۈرىسىنىڭ 5- ئايىتى، فۇسسىلەت سۈرىسىنىڭ 39- ئايىتى، رۇم سۈرىسىنىڭ 39- ئايىتى، بەقەرە سۈرىسىنىڭ265، 275، 276، 278- ئايەتلىرى، ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 130- ئايىتى، نىسا سۈرىسىنىڭ 161- ئايىتى، نەھل سۈرىسىنىڭ 92- ئايىتى، رۇم سۈرىسىنىڭ 39- ئايىتى، رەئد سۈرىسىنىڭ 17- ئايىتى، ھاققە سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتى، نەھل سۈرىسىنىڭ 92- ئايىتى، ۋە مۇئمىنۇن سۈرىسىنىڭ 50- ئايىتى.
3- مۇفرەداتۇ ئەلفازىل قۇرئان، ئەلمۇھىت، مۇھىتۇلمۇھىت، ئەلغەنى، ئەلۋىسىت، ئەلمۇئجەمۇل ئەرەبىيۇل ئاساسىيۇ (لارۇس) ۋە لىسانۇلئەرەب.
5- ئىسرا سۈرىسى 24- ئايىتىدە ۋە شۇئەرا سۈرىسى 18- ئايىتىدە كەلگەن تەربىيە كەلىمىسى بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بالىلارنىڭ ئاتا-ئانا ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ھەدىسلەرمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ.
6- كەھف 18/46.
7- تىرمىزىي، ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.
8- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلىدۇ.
9- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلىدۇ.
10- بەقەرە سۈرىسى 233- ئايەت.
11- ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.
12- بالىغا ئىسىم قويۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي، نەسەئىي، ئىبنى ماجە ۋە دارىمىيلەر رىۋايەت قىلىدۇ.
13- بۇ رىۋايەتلەر ئەبۇ داۋۇد، نەسەئىي ۋە باشقا ھەدىس كىتابلىرىدا زىكىر قىلىنىدۇ.
14- ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي، نەسەئىي ۋە ئىبنى ماجە.
15- بۇخارى، لىباس 63، 64، ئىستىئزان 51؛ مۇسلىم، تاھارەت 39؛ مۇۋەتتا، سىفاتۇننەبىي 3؛ تىرمىزى، ئەدەب 14؛ ئەبۇداۋۇد، تەرەججۇل 16؛ نەسەئىي، تاھارەت 10، 11.
16- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
17- بۇخارى، فەزائىلۇل قۇرئان 21؛ تىرمىزى، فەزائىلۇل قۇرئان 15؛ ئەبۇ داۋۇد، سالاق 249؛ ئىبنى ماجە، مۇقەددىمە 16.
18- تاھا سۈرىسى، 132- ئايەت
19- ئەبۇ داۋۇد، سالات 25، 26؛ تىرمىزىي، سالات 299.
20- لوقمان سۈرىسى 17- ئايەت.
21- لوقمان سۈرىسى 17- ئايەت.
22- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
23- نۇر سۈرىسىنىڭ 27- ۋە 58-61 ئايەتلىرى بۇنى كۆرسىتىدۇ.
24- نۇر سۈرىسى 27- ئايەت.
25- نۇر سۈرىسى 58- ئايەت.
26- نۇر سۈرىسى 59- ئايەت.
27- بۇ ھەدىسنى ئىبنى ماجە، ئالىملارنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىلىم ئۆگىنىشكە تەشۋىق قىلىش بابىدا رىۋايەت قىلىدۇ.
28- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
29- ئال ئىمران 3/110.
30- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
31- تىرمىزىي رىۋايىتى.
32-نىسا سۈرىسىنىڭ 124- ئايىتى، نەھل سۈرىسىنىڭ 97- ئايىتى، ئىسرا سۈرىسىنىڭ 19- ئايىتى، تاھا سۈرىسىنىڭ 112- ئايىتى، ئەنبىيا سۈرىسىنىڭ 94- ئايىتى ۋە غافىر سۈرىسىنىڭ 40- ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بۇنىڭغا دەلىل بولىدۇ.
33- تەھرىم سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتى.
34- نىسا سۈرىسىنىڭ 48- ۋە 116- ئايەتلىرى بۇنى كۆرسىتىدۇ.
35- لوقمان سۈرىسى 13- ئايەت.
36- لوقمان سۈرىسى 16- ئايەت.
37- بۇ توغرىدىكى ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىدىن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئۈستىدە تۆۋەندىكى ھەقلىرىنىڭ بارلىقى چىقىدۇ:
1- ئاتا-ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش،
2- ئۇلارنى كىچىككىنە بىر سۆز ياكى ئاددىي بىر ھەرىكەت بىلەن بولسىمۇ رەنجىتمەسلىك،
3- ئۇلارنى ئازارلىماسلىق، يەنى ئۇلارغا ۋاقىراش ياكى قوپال گەپ-سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماسلىق،
4- ئۇلارنىڭ ئالدىدا كەمتەر بولۇش،
5- ئۇلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش،
6- ئۇلارغا رەھمەت ۋە تەشەككۇر ئېيتىش، يەنى ئۇلاردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى سۆز-ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن ھەر دائىم ئىپادىلەپ تۇرۇش،
7- ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش؛
ئەسكەرتىش: ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ، پەقەت ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ دىنىمىزدا گۇناھ ھېسابلانماسلىقى لازىم.
8- باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تىللىماسلىق سۆكمەسلىك ۋە ھاقارەت قىلماسلىق،
9- ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش، يەنى ئۇلار مەيلى ھايات بولسۇن مەيلى ھايات بولمىسۇن ئۇلار ئۈچۈن اللە تەئالاغا دۇئا قىلىش،
10- ئۇلارنىڭ قەرزى بولسا تۆلەپ قويۇش،
11- ئۇلارنىڭ دوست-يارەنلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ تۇرۇش.
38- لوقمان سۈرىسى 14- ئايەت.
39- ئۇفف! دېگەن سۆز، بەزگەنلىكنى ۋە زېرىككەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ.
40- ئىسرا 17/23، 24، 25- ئايەتلەر.
41- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
42- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
43- لوقمان سۈرىسى 15- ئايەت.
44- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ بايانى ماھىيىتىدىكى: «ئىتائەت پەقەتلا توغرا ئىشتا بولىدۇ؛ اللەنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچ ئىتائەت يوق»، «اللەنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچقانداق ئىنسانغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ؛ اللەغا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ ھېچقانداق مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن سۆزلىرى بۇنى كۆرسىتىدۇ. بىرىنچى ھەدىسنى مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئىي، ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلىدۇ. ئىككىنچى ھەدىسنى ئەھمەد بىننى ھەنبەل رىۋايەت قىلىدۇ.
45- لوقمان سۈرىسى 18- ۋە 19- ئايەتلەر.
46- لوقمان سۈرىسى 17- ئايەت.
مەنبە مۇسۇلمانلار تورى