مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1065|ئىنكاس: 15

مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ تارىخى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر مەن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13512
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9820
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2013-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 03:19:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     مۇھەممەد ئەلەيھىسالام
(مىلادىيە 570 - 632 )

مېنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى دۇنيا تارىخىدىكى 100 مەشھۇر كىشىنىڭ بىرىنچىسى قىلىپ تىزىشىمدىن نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر ھەيران ھەيران قېلىشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق قارىشى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسالام دۇنيا تارىخىدا دىن ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ساھەسىدە مۇتلەق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىردىنبىر ئۇلۇغ شەخىس.
تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىققان مۇھەممەد ئەلەيھىسالام دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ دىنلارنىڭ بىرى-ئىسلام دىنىنىيرىتىپ ۋە تارقىتىپ، ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي داھىيغا ئايلاندى. ئۇ ئالامدىن ئۆتۈپ 13 ئەسىردىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئۇنىڭ تەسىرى يەنىلا شۇنداق زور بولماقتا.
مەن بۇ كىتابقا تاللاپ كىرگۈزگەن شەخىسلەرنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە، قويۇق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە دۆلەتلەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسالام بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدى. ئۇ مىلادىيە 570 -يىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مەككىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان، ئۇ چاغلاردا بۇ جاي سودا، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن يىراق، ئارقىدا قالغان رايون ئىدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئالتە ياش چېغىدا قارا يېتىم بولۇپ قالغان. ئۇ ناھايىتى جاپالىق شارائىتتا چوڭ بولغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ساۋاتسىز ئىكەن، 25ياشقا كىرگەن يىلى بىر باي سودىگەردىن تۇل قالغان خەدىچە بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشىلانغان، 40ياشقا كەلگەندە، ھەرخىل بىشارەتلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ھەقىقەتەن كامالەتكە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بەردى.
ئەينى ۋاقىتتا كۆپلىگەن ئەرەبلەر ئەنئەنىۋى قەبىلە ئىلاھلىرىغا ئېتىقاد قىلاتتى، لېكىن مەككىدە ئاز ساندىكى كىشلەر يەھۇدىي دىنى ۋە خرىستىئان دىنىنىڭ مۇخلىسلىرى ئىدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئەتىمالىم بۇ ئىككى خىل دىننىي ئەقىدىدىن ئالەمنى ئىدارە قىلىدىغان ھەممىگە قادىر بىرلا ئاللانىڭ بارلىقىنى چۈشەندى بولغاني، 40 ياشقا كىرگەندە، ئۇ ئاللانىڭ ئۇنى بۇ دۇنياغا دىن تارقاتسۇن دەپ، روسۇل يەنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىگە ھەقىقىي ئىشەندى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسالام دەشلەپكى ئۈچ يىل ئۇرۇق تۇغقانلىرى ۋە ئەل ئاغىنىلىرى ئارىسىدا يېڭى دىننى تەرغىب قىلدى، مىلادىيە 613 -يىلى دىننى تەرغىب قىلىشنى ئاشكارا ئېلىپ باردى. شۇنداق قىلىپ، بىر قىسىم كىشلەر ئۇنىڭغا مۇرت بولدى. مەككىدىكى قەبىلە ئاقسۆڭەكلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىرخىل تەھدىت دەپ قارىدى، شۇڭا ئۇلار مۇسۇلمانلارغا ھەر جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى. مىلادىيە 622 -يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى مەككىدىن 200 كىلومېتر يىراقلىقتىكى مەدىنىگە مەجبۇرىي كۆچۈپ كەتتى ھەمدە ئۇ يەردە دىننىي ھاكىمىيەت ئاستىدىكى بىر دۆلەت قۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى.
ئىسلام دىنىدا بۇ تارىخىي ۋەقە ھىجرەت دەپ ئاتالدى، مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. مەككىدىكى چېغىدا، ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ئاز ئىدى. مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى، ئىسلام دىنىنىڭ كۈچىمۇ تەرەققىي قىلىپ يېتىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ساھابىلەر ۋەمۇرىتلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، مەككىدىكى مۇشرىكلار بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلدى. ئاخىر مىلادىيە 630 - يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇرۇشتا غەلبە قىلىپ، مەككىگە كىردى، مەككىدىكى مۇشرىكلار ئىسلام دىنىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلدى ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ كاتتا نوپۇزىنى ئېتراپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى ئىككى يىل ئىچىدە، كۈرمىڭلىغان ئادەملەر ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدى. 632 -يىلى پەيغەمبەر ۋاپات بولغاندا، پۈتكۈل ئەرەب يېرىم ئارىلى ئومۇمەن بىرلىككە كېلىپ بولغانىدى.
ئەرەب يېرىم ئارىلىغا ئولتۇراقلاشقان بەدەۋىلەر باتۇر ھەم جەڭگە ماھىرلىقى بىلەن تونۇلغان خەلق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار شىمال تەرەپتىكى دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئەرەبلەرنىڭ رەقىبى بولالمايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام تارىختا تۇنجى قېتىم ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاللانىڭ بەرھەقلىكىگە ئىشەندۈردى. شۇڭا سانى ئاز بولغان مۇسۇلمانلار قوشۇنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەمدىكى ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارالىدى. ساسانىلار دەۋرىدىكى پېرسىيە ئېمپىرىيىسى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شىمال قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئادەم سانى جەھەتتىن مۇسۇلمان قوشۇنى ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيتتى. لېكىن مۇسۇلمان قوشۇنى جەڭلەردە كارامەت باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، مېسوپوتامىيە، سۈرىيە ۋە پەلەستىنلارنى بېسىقتۇردى، مىلادىيە 642 -يىلى مىسىرنى ۋىزانتىيە ئىمپىيىرىسىنىڭ ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلدى ھەمدە 637 -يىلىدىكى كادىسىيە ئۇرۇشى ۋە 642 -يىلدىكى نىنىۋى ئۇرۇشلىرىدا پېرسىيە قوشۇنىنى مەغلۇب قىلدى.
بۇ ھالقىلىق غەلبىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ يېقىن ئاغىنىلىرى ھەم ۋارىسى ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەربىن خەتتابتىن ئىبارەت ئىككى خەلىپە دەۋرىدە قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئەرەبلەرنىڭ غازاتلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن دېرەك بەرمەيتتى. 711 -يىلى ئەرەب قوشۇنلىرى شىمالىي ئافرىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، تاكى ئاتلانتىك ئوكيانغىچە بېسىپ كەلدى، كېيىن شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، جەبىلتارىق بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، ئىسپانىيەنى ئۆز تەسەررۇپىغا ئالدى.
ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئىسلام قوشۇنلىرى پۈتكۈل خىرىستىئان دىنى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ياۋروپانى ئىگىلەپ كېتىدىغاندەكلا تۇراتتى. بىراق 732 -يىلى فرانسىيەنىڭ مەركىزىگىچە بېسىپ كەلگەن مۇسۇلمان قوشۇنلىرى تۇر ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولدى. شۇنداقتىمۇ بەدەۋىلەر ئۆز زېمىنىنى شەرقتە ھىندىستان چېگرىسىدىن تارتىپ، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغىچە كېڭەيتتى، بۇ ھازىرغا قەدەر بولغان تارىختىكى ئەڭ زور ئېمپىرىيە ئىدى. ئىسلام قوشۇنلىرى بارغانلىكى يېرىدە ئىسلام دىنىنى تارقاتتى.
ئەرەبلەر ئۆزلىرى ئىشغال قىلغان زېمىندا پۇت تىرەپ تۇرالمىدى. پارسلار ئىسلام دىنىغا چىن ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەرەبلەرنىڭ قولىدىن ئېگىلىۋېلىنغان يەرلىرىنى تارتىۋالدى، ئەرەبلەر ئىسپانىيەدە يەتتە ئەسىر ئۇرۇش قىلغانىدى، لېكىن كېيىن خرىستىئان دىني پۈتكۈل يېرىم ئارالغا قايتىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى، لېكىن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بولغان مېسوپوتامىيە ۋە مسىردىن ئىبارەت ئىككى جاي يەنىلا ئەرەبلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرۇۋەردى. شىمالىي ئافرىقىمۇ شۇنداق بولدى. بۇ يېڭى دىن كېيىنكى نەچچە ئەسىر ئىچىدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ئۆز تەسىرىنى ئەرەب ئېمپىرىيىسىنىڭ چېگرىسىدىن ھالقىتىپ، ياراق يىراقلارغا ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى. ھازىر ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئافرىقا، ئوتتۇرا ئاسىيا، پاكىستان شۇنىڭدەك ھىندىستاننىڭ شىمالى قىسمىدىكى رايونلارغىچە كېڭىيىپ، نەچچە يۈز مىليونغا يەتتى. ئىسلام دىنى ھېندىنوزىيەنى بىرلىككە كەلتۈردى. ئەمما، ھىندىستاندا مۇسۇلمانلار بىلەن ھىندى دىنى مۇرىتلىرى ئوتتۇرىسدا ئۈزلۈكسىز توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىتتىپاقسىزلىقىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى.
ئىسلام دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. باشقا دىنلارمۇ شۇنداق. شۇڭلاشقا دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ دىنلارنى بەرپا قىلغۇچىلار بۇ كىتابقا كىرگۈزۈلدى. خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ سانى مۇسۇلمانلاردىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئىسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئالدىغا قويۇلۇشى ئوقۇرمەنلىرىمىزنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن، بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ، يەنى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئىسلام دىنىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى رولى بولسا ئىسا ئەلەيھىسالامنىڭ خرىستىئان دىنىدىكى رولىدىن چوڭ بولدى. ئىسا ئەلەيھىسالام گەرچە خرىستىئان دىنىنىڭ ئەركەن-ئەھكاملىرىغا ئاساس سالغان بولسىمۇ، لېكىن ھەۋارىيون پائۇل خىرىستىئان دىنىنىڭ دىننىي ئەقىدىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، > يېڭى ئەھدە < دىكى نۇرغۇن مەزمۇنلارنى يېزىپ چىققانىدۇق.
مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىگە، ئەھكاملىرىغا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقىي مىزىنلىرىغا ئاساس سالغان كىشى. ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان. قۇرئان كەرىم پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان. قۇرئان كەرىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ سۆزلىرى توپلىمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىدىيىسى ۋە ھايات ۋاقتىدىكى ئىش پائالىيەتلىرى ئىنىق خاتىرلەنگەن. ئەمما خرىستىئان دىنىدا، ئىسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى ئىنىق خاتىرلەنگەن بىرەر كىتاب يوق. ئىنجىل خىرىستىئان مۇرىتلىرىغا مۇھىم بولغىنىدەك، قۇرئان كەرىممۇ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام قۇرئان كەرىم ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى تارقاتقان. ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئىسا ئەلەيھىسالام بىلەن ھەۋارىيۇن پائۇلدىن ئىبارەت ئىككى ئادەمنىڭ خرىستىئان دىنىغا كۆرسەتكەن تەسىرىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. دىنىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا كۆرسەتكەن رولى ھېچبولمىغاندا ئىسا ئەلەيھىسالامنىڭكىدەك غايەت زور، ئەلۋەتتە.
مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئىسا ئەلەيھىسالام بىلەن يەنە بىر ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئىسلام دۇنياسىدىكى دىنىي داھىي، ئۇ قۇشۇن باشلاپ نۇرغۇن ئۇرۇش قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە دۇنيادىكى ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە سىياسىي زاتلارنىڭ بىرى.
تارىخنى ئەسلەپ ئۆتسەك، كىشلەر ئېھتىمال بۇنداق ئالاھىدە شەخىسلەر بولمىسىمۇ، ئىنسانىيەت ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋېرەتتى، مۇبادا سىمون بولىۋاردەك ئادەم چىقمىغان بولسىمۇ، جەنۇبىي ئامىرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر ئىسپانىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولالايتتى، دېيىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ گەپنى ئەرەبلەرنىڭ غازاتىغا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. مۇبادا، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام بولمىغان بولسا، غازات مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەن بولاتتى. ئېيتايلۇق، 13 -ئەسىردىكى مۇڭغۇللار ئۇرۇشى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى، بۇ ئۇرۇشقا چىڭگىزخان رەھبەرلىك قىلغان، گەرچە ئۇ ئىستېلا قىلغان رايونلار ئەرەبلەرنىڭكىدەك كەڭ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ رايونلاردىكى ھۆكۈمرانلىقى ئۇزۇنغا بارمىدى. ئاخىر مۇڭغۇللارغا تەۋە رايون چىڭگىزخان كېڭەيمىچىلىك قىلشتىن بۇرۇنقى زېمىن بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى.
ئەرەبلەرنىڭ غازات ئۇرۇشى ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئىراقتىن ئەلمەغرىبكىچە باستۇرۇپ بېرىپ، بۇ كەڭ زېمىننى بىر تۇتاش ئەرەبلەر دۆلىتىگە ئايلاندۇردى. ئۇلار بۇ يەرلەرنى پەقەت ئىسلام دىنى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىنمۇ بىرلىككە كەلتۈردى. ئەرەبلەر قۇرئان كەرىمگە ئېتىقاد قىلدۇ، بۇ خىل تەۋرەنمەس ئېتىقاد ئەرەب تىلىنى ساقلاپ قالدى، ئەرەبلەرنى ھەرخىل يەرلىك شېۋىنىڭ مۇداخىلىسىدىن ئازاد قىلدى. دەرۋەقە، ئەرەب دۆلەتلىرىدە يەنىلا بىر مۇنچە پەرق ۋە ئىختىلاپلار مەۋجۇت، لېكىن بۇ ئەرەب دۇنياسىنىڭ مەزمۇت ھەم مۇستەھكەم ئىتتىپاقىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. مەسىلەن، 1973 -، 1974 -يىللىرى ئىران ۋە ھىندونىزىيەدىن ئىبارەت نىفىت ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئىككى دۆلەت بىلەن بەزى ئىسلام ئەللىرى غەرب ئەللىرىگە نېفىت ئىكىسپورت قىلىشنى چەكلەش ھەرىكىتىگە قاتناشمىدى. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى، پەقەت ئەرەب دۆلەتلىرىلا شۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە قاتناشتى.
ناھايىتى روشەنكى، 7 -ئەسىردىكى ئەرەبلەرنىڭ غازات ئۇرۇشى تاكى ھازىرغىچە ئىنسانلار تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە، ئىسلام دۇنياسىدا دىن بىلەن جەمىئىيەت ئوتتۇرىسىدا شۇ قەدەر زىچ باغلىنىشنىڭ بولۇشى مېنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تەسىرى ئەڭ زور شەخىس ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىىشەندۈردى.

مەنبە: 100 مەشھۇر شەخس دېگەن كىتابنىڭ   197بەتتىن  ئېلىندى

ھاياتمەن قوينۇڭدا ياشاپ ئۆزگىچە ئۆزگە يولدا ماڭىمەن دادىل ماختاش تىللاش ،قارغاش بەرىبىرئۆز ئەقىدەم ئۇزەمگە ئادىل       --- ئۇچقۇن---

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 1108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 01:11:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ چ چ بوشلۇقۇمدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ قەبرىسى ، ھاسسى ، قىلىچى كىيىملىرى دېگەندەك نۇرغۇن رەسىملىرى بار ! [s:110]

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 2284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224293
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11673 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 01:23:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى> ، <شىرىن بۇلاق > دىگەن كىتاپلاردا ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئېنىق تارىخى بار .

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

ئۇيغۇر دەپ تۇغۇل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10812
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8598
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1643 سائەت
تىزىم: 2010-9-18
ئاخىرقى: 2013-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 01:33:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.بولسا مۇنبەرنى نادىر تېمىلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرارسىز

ئۇيغۇر دەپ تۇغۇلدۇڭ ،ئۇيغۇردەك ياشا!!!

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 838
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9846
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 6923 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 05:32:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەيغەمبىرىمىز ۋە ئۇنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتلىرىغا سالاملار بولسۇن !
تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر . بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر ۋە ئىنكاسلىغانلار بەكلا ئازغۇ ؟!

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

نەفىسە(ئاماننىس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15631
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9561
تۆھپە نۇمۇرى: 802
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2011-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 05:40:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرى يىلنامىسى

تەييارلىغۇچى: مەھزۇن

ئىسلام تارىخى ئۆگەنگۈچىلىرىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندىن ۋاپات بولغانغا قەدەر يۈز بەرگەن مۇھىم ھادىسىلەر يىللارغا ئايرىلىپ تەييارلاندى. يىلنامىدە ھىجرەتتىن بۇرۇنقى دەۋىر مىلادىيە كالىندارى بويىچە، ھىجرەتتىن كېيىنكى دەۋىر بولسا ھەم مىلادىيە ھەم ھىجرىيە كالىندار بويىچە ئېلىندى.

    مەككە دەۋرى:
571-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەن.(ھىجرەتتىن  53يىل بۇرۇن رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12-كۈنى. مىلادىيە 569-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى دۈشەنبە . ياكى ھىجرەتتىن 51 يىل بۇرۇن رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 9-كۈنى. مىلادىيە 571-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى دۈشەنبە)
571-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنىگانا ھەلىمەگە بىرىلگەن.
574-يىلى: ئىنىگانا تەرىپىدىن مەككە شەھرىگە ئېلىپ كىلىنىپ ئانىسى ئامىنەگە تاپشۇرۇلغان.
575-يىلى: ئاپىسى ئامىنە «ئەبۋا» دېگەن جايدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇممۇ ئەيمەن تەرىپىدىن مەككە شەھرىگە ئېلىپ كىلىنىپ چوڭ دادىسى ئابدۇلمۇتتەلىپگە تاپشۇرۇلغان.
577-يىلى: چوڭ دادىسى ئابدۇلمۇتتەلىپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن تاغىسى ئەبۇ تالىپنىڭ ھىمايىسىگە تاپشۇرۇلغان.
578-يىلى: تاغىسى ئەبۇ تالىپ بىلەن سۈرىيە سەپىرىگە چىققان.
589-يىلى: فۇججار ئۇرۇشىغا قاتناشقان.
589-يىلى: ھىلفۇل فۇزۇل كېلىشىمىگە قاتناشقان.
594-يىلى: خەدىجەنىڭ سودا كارۋانلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇپ بۇسرا شەھرىگە بارغان.
594-يىلى: خەدىجە بىلەن ئۆيلەنگەن.
605-يىلى: ھەجەرۇل ئەسۋەتنىڭ جايىغا قۇيۇلۇش ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىپ قويىدىغان كىشى بولۇپ تاللانغان.
610- يىلى: ھىرا غارىدا تۇنجى قېتىم ۋەھىي تاپشۇرۋالغان. (رامىزان ئېيىنىڭ 27-كۈنى).
613-يىلى: ئۇچۇق ئاشكارا ھالدا ئىسلام دىننى تەشۋىق قىلىشقا بۇيرۇلغاندا تۇنجى بولۇپ يېقىن تۇققانلىرىنى ئىسلامغا چاقىرغان.
614-يىلى: مەككە مۇشرىكلىرى مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت قىلىشقا باشلىغان.
614-يىلى: ھەبەشىستانغان بىرىنچى قېتىم ھىجرەت قىلىنغان.
615-يىلى: ھەبەشىستانغان ئىككىنچى قېتىم ھىجرەت قىلىنغان.
615-يىلى: ھەمزە مۇسۇلمان بولغان.
615-يىلى: ھەزرىتى ئۆمەر مۇسۇلمان بولغان.
615-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلار دارۇل ئەرقەمدىن چىققان.
615-يىلى ھاشىم جەمەتى بىلەن مۇتتەلىپ جەمەتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداش ئۈچۈن ئەبۇ تالىپنىڭ ھۇزۇرىدا توپلانغان. مۇشرىكلار بۇنىڭغا قارىشى ئۇلارغا ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادى ئىمبارگو يۈرگۈزۈشنى باشلىغان.
619-يىلى: ئىمبارگو بىكار قىلىنغان.
620-يىلى: ئەبۇ تالىپ ۋە خەدىجە ۋاپات بولغان ۋە بۇ يىل «قايغۇ يىلى» دەپ ئاتالغان.
620-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىننى تەشۋىقات ئۈچۈن تائىف قا بېرىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغىنىدا يەرلىك كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ مۇتئىم ئىبنى ئادى ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ ھىمايىسى ئاستىدا مەككىگە يېنىپ كىلىۋالغان.(شەۋۋال ئېيى)
620-يىلى: ھەج پەسلىدە ئەقەبەدە خەزرەج ئايمىقىدىن بىر تۈركۈم كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن.(زۇلھەججە ئېيى)
621-يىلى: ئىسرا ۋە مىراج ھادىسىسى يۈز بەرگەن.(رەجەپ ئېيىنىڭ 27-كۈنى)
621- بىرىنجى قېتىملىق ئەقەبە بەيئىتى ئېلىنغان ۋە كەينىدىنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامىيەتنى ئۈگۈتۈش ئۈچۈن مۇسئەب ئىبنى ئۆمەيرنى مەدىنىگە ئەۋەتكەن.(زۇلھەججە ئېيى)
622-يىلى: ئىككىنچى قېتىملىق ئەقەبە بەيئىتى ئېلىنغان. (زۇلھەججە ئېيى)

    مەدىنە دەۋرى:
مىلادىيە 622-يىلى، ھىجىريە 1-يىلى: مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش باشلانغان.
1/622-يىلى: مۇشرىكلەر دارۇننەدۋەدە يىغىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۇيقەست قىلىش قارارىنى ماقۇللىغان. (سەپەر ئېيىنىڭ 26-كۈنى/9-ئاينىڭ 9-كۈنى)
1/622-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر بىلەن بىللە سۇر غارىغا يۇشۇرنۇۋالغان. (سەپەر ئېيىنىڭ 26-كۈنى/9-ئاينىڭ 9-كۈنى)
1/622-يىلى: سۇر غارىدىن چىقىپ مەدىنىگە قاراپ يول ئالغان. (رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 1-كۈنى/9-ئاينىڭ 13-كۈنى)
1/622-يىلى: قۇباغا يىتىپ كەلگەن. (رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 8-كۈنى/9-ئاينىڭ 20كۈنى)
1/622-يىلى: قۇبا مەسجىدى بىنا قىلىنغان. (رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيى/9-ئاي)
1/622-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇبادىن ئايرىلىپ رەنۇنە ۋادىسىدا تۇنجى جۇمە نامىزىنى قىلغان.
1/622-يىلى: مەدىنىگە يېتىپ كەلگەن ۋە ئەبۇ ئەييۇب ئەلئەنسارىينىڭ ئۆيگە چۈشكەن. (رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12-كۈنى/9-ئاينىڭ 24-كۈنى)
1/622-يىلى: پەيغەمبەر مەسجىدى سېلىنىشقا باشلىغان. (رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيى/9-ئاي).
623/1-يىلى: مۇھاجىرلەر بىلەن ئەنسارلار قېرىنداش ئېلان قىلىنغان. (رەجەپ ئېيى/1-ئاي)
623/1-يىلى: ئۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان.
623/1-يىلى: ھەر قايسى جايلارغا قۇشۇن ئەۋەتىش باشلانغان.(ھەمزىنىڭ قۇشۇنى. رامىزان ئېيى/3-ئاي)
623/1-يىلى: پەيغەمبەر مەسجىدى پۇتكۈزۈلگەن.(شەۋۋال ئېيى/4-ئاي)
623/1-يىلى: پەيغەمبەر مەسجىدىدە سۇففە ئەھلى تەشكىللەنگەن.
623/2-يىلى: بىرىنچى قېتىملىق بەدر(سەفەۋان) ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيى/9-ئاي).
624/2-يىلى:  ئابدۇللاھ ئىبنى جەھش باشچىلىقىدا بەتنى نەخلىگە قۇشۇن ئەۋەتىلگەن.(رەجەب ئېيى/1-ئاي.
624/2-يىلى: قىبلە قۇددۇستىكى مەسجىدى ئەقسادىن مەككىدىكى مەسجىدى ھەرام (كەئبە)گە ئۆزگەرتىلگەن. (رەجەب ئېيى/1-ئاي)
624/2-يىلى: چوڭ بەدر ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (رامىزان ئېيىنىڭ 17-كۈنى/3-ئاينىڭ 13-كۈنى)
624/2-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى رۇقىيە ۋاپات بولغان.(رامىزان ئېيى/3-ئاي)
624/2-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە بىلەن ئۆيلەنگەن. (شەۋۋال ئېيى/4-ئاي)
624/2-يىلى: بەنۇ قەينۇقا ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (شەۋۋال ئېيى/4-ئاي)
624/2-يىلى: ھەزرىتى ئەلى بىلەن فاتىمە ئۆيلەنگەن. (زۇلقەئدە ئېيى/5-ئاي ياكى زۇلھەججە ئېيى/6-ئاي.
624/2-يىلى:  سەۋىق ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (زۇلھەججە ئېيىنىڭ 5-كۈنى/5-ئاينىڭ 29-كۈنى)
624/3-يىلى: ھەزرىتى ئوسمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى ئۇممۇ كۇلسۇم بىلەن ئۆيلەنگەن. (رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيى/8-ياكى 9-ئاي)
624/3-يىلى: كەئب ئىبنى ئەشرەپ ئۆلتۈرۈلگەن. (رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 14-كۈنى/ 9-ئاينىڭ 4-كۈنى)
625/3-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەفسە بىلەن ئۆيلەنگەن. (شەئبان ئېيى/1-ئاي)
625/3-يىلى: ھەزرىتى ھەسەن تۇغۇلغان. (شەئبان ئېيى/1-ياكى 2-ئاي. ۋەياكى رامىزان ئېيىنىڭ 15- كۈنى/3-ئاينىڭ 1-كۈنى)
625/3-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەينەپ بىنتى ھۇزەيمە بىلەن ئۆيلەنگەن. (رامىزان ئېيى/2-ياكى 2-ئاي)
625/3-يىلى: ئۇھۇد ئۇرۇشى يۈز بەرگەن.(شەۋۋال ئېيىنىڭ 7-ياكى 11-كۈنى/3-ئاينىڭ 23-ياكى 24-كۈنى)
625/4-يىلى: رەجىئ ۋەقەسى يۈز بەرگەن (مەرسەد ئىبنى ئەبۇ مەرسەد قۇشۇنى). (سەفەر ئېيى/7-ئاي)
625/4-يىلى: بىئرى مەئۇنە ۋەقەسى يۈز بەرگەن.(سەفەر ئېيى/7-ئاي)
625/4-يىلى: بەنۇ نەدر ۋەقەسى يۈز بەرگەن. (رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيى/8-ئاي)
625/4-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى زەينەب بىنتى ھۇزەيمە ۋاپات بولغان. (رەبىئۇل ئاخىر/10-ئاي)
626/4-يىلى: ھەزرىتى ھۈسەين تۇغۇلغان. (شەئبان ئېيىنىڭ 5-كۈنى/1-ئاينىڭ 10-كۈنى)
626/4-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممۇ سەلەمە بىلەن ئۆيلەنگەن. (شەۋۋال ئېيى/3-ياكى 4-ئاي)
626/4-يىلى: كېيىنكى بەدر ئۇرۇشى يۈز بەرگەن.(زۇلقەئدە ئېيى/4-ئاي)
626/5-يىلى: زاتۇرىقا ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10-كۈنى/6-ئاينىڭ 11-كۈنى)
626/5-يىلى: دەۋمەتۇلجەندەل ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىنىڭ 25-كۈنى/8-ئاينىڭ 24-كۈنى)
626/5-يىلى: مۇسۇلمان بولغان تۆتيۈز كىشلىك مۈزەينە ھەيئىتى مەدىنىگە كەلگەن. (رەجەب ئېيى/12-ئاي)
627/5-يىلى: بەنۇ مۇستەلىق (مۇرەيسئ) ئۇرۇشى يۈز بەرگەن.(شەئبان ياكى رامىزان ئېيى/1-ياكى2-ئاي)
627/5-يىلى: ھەزرىتى ئائىشەگە تۆھمەت چاپلانغان.
627/5-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۇۋەيرىيە بىنتى ھارىس بىلەن ئۆيلەنگەن.
627/5-يىلى: خەندەك (ئەھزاب)ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (زۇلقەئدە ئېيى/4-ئاي)
627/5-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەينەب بىنتى جەھش بىلەن ئۆيلەنگەن. (زۇلقەئدە ئېيى/4-ئاي)
627/5-يىلى: بەنۇ قۇرەيزە ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (زۇلقەئدە ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى/4-ئاي)
627/6-يىلى: بەنۇ لىھيان ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيى/7-ئاي)
627/6-يىلى: مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە باشچىلىقىدا زۇلقەسسەگە بىرىنچى قېتىم قۇشۇن ئەۋەتىلگەن. (رەبىئۇل ئاخىر ئېيى/8-ئاي)
627/6-يىلى: ئەبۇ ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى جەرراھ باشچىلىقىدا زۇلقەسسە ئىككىنچى قېتىم قۇشۇن ئەۋەتىلگەن. (رەبىئۇل ئاخىر ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى/9-ئاي)
627/6-يىلى: زەيد ئىبنى ھارىس باشچىلىقىدا تەرفكە قۇشۇن ئەۋەتىلگەن.(جۇمادىيەل ئاخىر ئېيى/10-ياكى 11-ئاي)
627/6-يىلى: زەيد ئىبنى ھارىس باشچىلىقىدا ۋادى قۇراغا قۇشۇن ئەۋەتىلگەن. (رەجەب ئېيى/11-ياكى 12-ئاي)
628/6-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفنى دەۋمەتۇلجەندەلگە ئەۋەتكەن. (شەئبان ئېيىنىڭ 6-كۈنى/627-يىلى 12-ئاي ياكى 628-يىلى 1-ئاي)
628/6-يىلى: زەيد ئىبنى ھارىس باشچىلىقىدا مەديەنگە قۇشۇن ئەۋەتىلگەن. (شەئبان ئېيىنىڭ 6-كۈنى/627-يىلى 12-ئاي ياكى 628-يىلى 1-ئاي)
628/6-يىلى: ھەزرىتى ئەلى باشچىلىقىدا فەدەككە قۇشۇن ئەۋەتىلگەن. (شەئبان ئېيىنىڭ 6-كۈنى/627-يىلى 12-ئاي ياكى 628-يىلى 1-ئاي)
628/6-يىلى: زەيد ئىبنى ھارىس باشچىلىقىدا ۋادى قۇراغا ئىككىنچى قېتىم قۇشۇن ئەۋەتىلگەن. (رامىزان ئېيى/1-ياكى 2-ئاي)
628/6-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆمرە سەپىرى. (زۇلقەئدە ئېيى/3-ئاي)
628/6-يىلى: ھۇدەيبىيەدە قۇرەيش تەرەپكە ئەلچى بولۇپ ئەۋەتىلگەن ھەزرىتى ئوسماننى مۇشرىكلەر قۇيۇۋەتىمىگەن. بۇ سەۋەپلەردىن رىزۋان بەيئىتى ئېلىنغان. (زۇلقەئدە ئېيى/3- ياكى 4-ئاي)
628/6-يىلى: ھۈدەيبىيە سۈلھىسى ئىمزالانغان. (زۇلھەججە ئېي/4-ئاي)
628/6-يىلى: فەتھ سۈرىسى نازىل بولغان.
628/7-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىزانتىيە ۋە ساسانىي ئىمپراتۇرلىرىغا، قوشنا ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىغا، قەبىلە رەئىسلىرىگە ئەلچىلەر ئەۋەتكەن.ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ مەكتۇپلار يوللىغان. (مۇھەررەم ئېيى/5-ئاي)
628/7-يىلى: ھەبەشىستان نەجاشسى (ھۆكۈمدارى) ئەسھەمە مۇسۇلمان بولغان.
628/7-يىلى: مىسىر مۇقەۋقىسى (ھۆكۈمدارى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەر خىل ھەدىيەلەر بىلەن بىللە قۇشۇپ مارىيەنى ئەۋەتكەن.
628/7-يىلى: خەيبەر ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (مۇھەررەم ياكى سەفەر ئېيى/5-ياكى 6-ئاي)
628/7-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەفىييە بىنتى ھۇيەي بىلەن ئۆيلەنگەن.
628/7-يىلى: يەمەن ۋالىسى بازان مۇسۇلمان بولغان. (جۇمادىيەل ئەۋۋەل ئېيى/9-ئاي)
628/7-يىلى: ۋادى قۇرا ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (جۇمادىيەل ئاخىر ئېيى/10-ئاي)
628/7-يىلى: تەيما يەھۇدىيلىرى بىلەن سۈلھى تۈزۈلگەن.
628/7-يىلى: ھەزرىتى ئۆمەر باشچىلىقىدا تەرەبەگە قۇشۇن ئەۋەتىلگەن. (شەئبان ئېيى/12-ئاي)
628/7-يىلى: ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر باشچىلىقىدا نەجدگە قۇشۇن ئەۋەتىلگەن. (شەئبان ئېيى/12-ئاي)
629/7-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمرەنىڭ قازاسىنى قىلىش ئۈچۈن مەككىگە سەپەر قىلغان. (زۇلقەئدە ئېيى/3-ئاي)
629/7-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممى ھەبىبە بىنتى ئەبۇ سۈفيان بىلەن ئۆيلەنگەن.
629/7-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيمۇنە بىنتى ھارىس بىلەن ئۆيلەنگەن. (زۇلقەئدە ئېيى/3-ئاي)
629/8-يىلى: خالىد ئىبنى ۋەلىد، ئەمر ئىبنى ئاس ۋە ئوسمان ئىبنى تەلھەلەر مۇسۇلمان بولغان. (سەفەر ئېيىنىڭ 1-كۈنى/5-ئاينىڭ 31-كۈنى)
629/8-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى زەينەپ ۋاپات بولغان. (سەفەر ئېي/6-ئاي)
629/8-يىلى: مۇئتە ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (جمادىيەل ئەۋۋەل ئېيى/9-ئاي)
629/8-يىلى: ئەمر ئىبنى ئاس باشچىلىقىدا زاتۇسسەلاسىلغا قۇشۇن ئەۋەتىلگەن. (جمادىيەل ئاخىر ئېيى/10-ئاي)
629/8-يىلى: سۇلەيم ۋە غىفار جەمەتى مۇسۇلمان بولغان ۋە خالىد ئىبنى ۋەلىد قۇماندانلىقىدا مەككە فەتىھىگە قاتناشقان.
630/8-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىنى فەتھ قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان. (رامىزان ئېيىنىڭ 13-كۈنى/1-ئاينىڭ 4-كۈنى)
630/8-يىلى: مەككە فەتھى قىلىنغان. (رامىزان ئېيىنىڭ 20-كۈنى/1-ئاينىڭ 11-كۈنى)
630/8-يىلى: ھىشام ئىبنى ئاس يەلەملەم تەرەپكە، خالىد ئىبنى سەئىد ئۇرەنە تەرەپكە، خالىد ئىبنى ۋەلىد بەتىن نەخلىدىكى ئۇززا بۇتىنى چېقىشقا، سەئىد ئىبنى زەيد ئەشھەلى مۇشەللەلدىكى مەنات بۇتىنى چېقىشقا، ئەمر ئىبنى ئاس رۇھاتتىكى سۇۋا بۇتىنى چېقىشقا، تۇفەيل ئىبنى ئەمر زۇلكەففين بۇتىنى چېقىشقا ئەۋەتىلگەن.(رامىزان ئېيى/1-ئاي)
630/8-يىلى: ھۇنەين ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (شەۋۋال ئېيىنىڭ 11-كۈنى/2-ئاينىڭ 1-كۈنى)
630/8-يىلى: تائىف ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (شەۋۋال ئېيى/2-ئاي)
630/8-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىئىرانە دېگەن جايدا ھۇنەيىن غەنىيمەتلىرىنى تەقسىم قىلغان. (زۇلقەئدە/2-ئاي)
630/8-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇرۇن يېنىدىن ئايرىلىپ كەتكەن ئىمىلدەش قىز بىر تۇققىنى شەيما بىلەن تۇنجى قېتىم كۈرۈشكەن.
630/8-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمرە قىلغان.(زۇلقەئدە ئېيىنىڭ 19-كۈنى/3-ئاينىڭ 10-كۈنى)
630/8-يىلى: ئەمر ئىبنى ئاس ئۇمان ھۆكۈمدارلىرىغا ئەلچى بولۇپ ئەۋەتىلگەن. (زۇلقەئدە/3-ئاي)
630/8-يىلى: ئەلا ئىبنى خەزرەمى ئەبۇ ھۇرەيرە بىلەن بىللە بەھرەين ھۆكۈمدارى مۇنزىر ئىبنى سەۋاغا ئەلچى بولۇپ ئەۋەتىلگەن.
630/8-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىبراھىم تۇغۇلغان. (زۇلھەججە ئېيى/3-ياكى 4-ئاي)
630/8-يىلى: سەئلەبە، سۇدا، باخىلە، سۇمالە، جەرم، ئەھابىش، ئەق ۋە ھۇزەيل قاتارلىق قەبىلە-ئايماقلارنىڭ ئەلچىلىرى مەدىنىگە كىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
630/9-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قىسىم شەھەر ۋە قەبىلىلەرگە زاكات يىققۇچىلارنى ئەۋەتكەن. (مۇھەررەم ئېيى/4-ياكى5-ئاي)
630/9-يىلى: ئۇيەينە ئىبنى ھىسن باشچىلىقىدا تەمىم قەبىلىسىگە قۇشۇن ئەۋەتىلگەن ۋە تەمىم قەبىلىسى مەدىنىگە كىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. (مۇھەررەم ئېيى/5-ئاي)
630/9-يىلى: ئەسەد قەبىلىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر مەدىنىگە كىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
630/9-يىلى: ئەلقەمە ئىبنى مۇجەززىز باشچىلىقىدا تۇنجى قېتىم دېڭىزغا سەپەر قىلىنغان. (رەبىئۇل ئاخىر ئېيى/7-ياكى8-ئاي)
630/9-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەبەش نەجاشىسى ئەسھەمەنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ ئۇنىڭغا ئاتاپ جىنازا نامىزى قىلغان.(رەجەب ئېيى/10-ئاي)
630/9-يىلى: تەبۇك ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (رەجەب ئېيى/10-ئاي)
630/9-يىلى: خالىد ئىبنى ۋەلىد باشچىلىقىدا دەۋمەتۇل جەندەل رەئىسى ئۇكەيدىر ئىبنى ئابدۇلمەلىككە قارىشى قۇشۇن ئەۋەتىلگەن ۋە ئۇكەيدىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن سۈلھى تۈزگەن.
630/9-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىزانتىيە ئېمپىراتورى ھىرەقلۇسنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ ئىككىنچى قېتىم مەكتۇپ يوللىغان.
630/9-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى ئۇممۇ كۇلسۇم ۋاپات بولغان.
630/9-يىلى: ئۇقەيل، كەلب، كىلاب، تۇجىب، غەتەفان، ھەنزەلە ئىبنى مالىك، قۇدائە، بەلىي، بەھرا قاتارلىق قەبىلە-ئايماقلارنىڭ ئەلچىلىرى مەدىنىگە كىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
630/9-يىلى: خىرىستىئان تەغلىپ قەبىلىسى مەدىنىگە كىلىپ كىلىشىم تۈزگەن.
630/9-يىلى: شائىر كەئب ئىبنى زۇھەيىر مۇسۇلمان بولغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تونىنى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىپ بەرگەن.
630/9-يىلى: جۇزام قەبىلىسى ئەلچىلىرى مەدىنىگە كىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
630/9-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇناپىقلارنىڭ باشقۇرىشىدىكى مەسجىدى زىرارىنى چېقىۋەتكەن.
630/9-يىلى: ھىميەر ھۆكۈمدارلىرى ئىسلامغا دەۋەت قىلىنغان ۋە ئىسلامنى قۇبۇل قىلغان.
630/9-يىلى: ھەمەدان، فۇزارە، مۇررە قەبىلىلىرى ۋە تائىفتىكى سەقىف قەبىلە ئەلچىلىرى مەدىنىگە كىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
630/9-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ سۇفيان بىلەن مۇغىيرە ئىبنى شۇئبەنى لات بۇتىنى چېقىشقا ئەۋەتكەن.
631/9-يىلى: مۇناپىقلارنىڭ كاتتىۋىشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇل ئۆلگەن. (زۇلقەئدە ئېيى/2-ئاي)
631/9-يىلى: ھەزرىتى ئەبۇ بەكر ھەج تەشكىللىگۈچىسى بولغان.زۇلقەئدە ياكى زۇلھەججە ئېيى/3-ئاي)
631/9-يىلى: تەۋبە سۈرىسىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگۈتۈش ئۈچۈن ھەزرىتى ئەلى مەككىگە ئەۋەتىلگەن. (زۇلھەججە ئېيى/3-ئاي)
631/9-يىلى: نەجران خىرىستىئانلىرىدىن بىر تۈركۈم ئەلچىلەر مەدىنىگە كەلگەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كىلىشىم تۈزگەن.(زۇلھەججە ئېيى/4-ئاي)
631/10-يىلى: خالىد ئىبنى ۋەلىد باشچىلىقىدا نەجرانغا قۇشۇن ئەۋەتىلگەن ۋە ھارىس قەبىلىسى ئەلچىلىرى مەدىنىگە كىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. (رەبىئۇل ئاخىر ئېيى/7-ئاي)
631/10-يىلى: ھەزرىتى ئەلى باشچىلىقىدا يەمەنگە قۇشۇن ئەۋەتىلگەن ۋە مەزھىج قەبىلىسى مۇسۇلمان بولغان.(رامىزان ئېيى/12-ئاي)
631/10-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمنى پەرىشتە جىبرائىل ئالدىدا ئىككى قېتىم ئۇقۇغان ۋە يىگىرمە كۈن ئىتىكافتا ئولتۇرغان. (رامىزان ئېيى/12-ئاي)
631/10-يىلى: ئەزد، ئەبنا، تەي، ئامىر ئىبنى سائسائە، كىند، تۇجىب، غەفىق، مەھرە، ھەنىيفە، ئەنس، مۇراد، ئابدۇلقەيس، ھىلال، رۇھا، زۇبەيدە، قاتارلىق قەبىلە-ئايماقلاردىن مەدىنىگە كەلگەن ئەلچىلەر مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
632/10-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىبراھىم ۋاپات بولغان. (شەۋۋال ئېيىنىڭ 29-كۈنى/1-ئاينىڭ 28-كۈنى)
632/10-يىلى: ۋىدالىشىش ھەججى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدىن ئايرىلغان. (زۇلقەئدە ئېيىنىڭ 26-كۈنى/2-ئاينىڭ 23-كۈنى)
632/10-يىلى: ۋىدالىشىش نۇتقىنى سۆزلىگەن. (زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9-كۈنى/3-ئاينىڭ 7-كۈنى)
632/10-يىلى: نەسر سۈرىسى نازىل بولغان.(زۇلھەججە ئېيى/3-ئاي)
632/11-يىلى: مەدىنىگە ئەڭ ئاخىردا كەلگەن نەھا قەبىلىسى ئەلچىلىرى مۇسۇلمان بولغان.
632/11-يىلى: ئۇسامە ئىبنى زەيد سۈرىيەگە يولغا چىقماقچى بولغان قۇشۇننىڭ قۇماندانى بولۇپ تەيىنلەنگەن. (5-ئاي)
632/11-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېسەل بولۇپ قالغان.(سەفەر ئېيىنىڭ 27-كۈنى/5-ئاينىڭ 24-كۈنى يەكشەنبە)
632/11-يىلى: پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلغان ئەسۋەد ئۆلتۈرۈلگەن.(رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 8-كۈنى/6-ئاينىڭ 3-كۈنى)
632/11-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان.(رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 13-كۈنى/6-ئاينىڭ 8-كۈنى دۈشەنبە)
632/11-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. (رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 14-كۈنى/6-ئاينىڭ 9-كۈنى سەيشەنبە)

   *بۇ يىلنامە ئاساسلىق ئىسلام تارىخى مەنبەلىرىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالىغا مۇناسىۋەتلىك ماۋزۇلاردىن، تۈركىيە دىيانەت ئسىلام ئېنسىكلوپىدىسىدىكى «مۇھەممەد» ماددىسىدىن ۋە دوتسېنت، دوكتور ئادەم ئاپاق نىڭ «ئاساسى لېنىيەلەر بويىچە ئىسلام تارىخى» ناملىق كىتاۋى بىرىنچى تومىغا بىرىلگەن يىلنامىدىن پايدىلنىپ تۈزۈلدى. ئۇيغۇرچە ئىسلام تارىخى ئاتالغۇلىرى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان مۇھەممەد خۇزەرىنىڭ«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى» ناملىق كىتابقا ئاساسلنىپ تۇرۇپ ئېلىندى.

ئادەم قىممەت ئەم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5041
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9970
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 5481 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 06:10:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇمكىن بولسا 100 مەشھۇر كىشىلەرنىڭ تارىخىنى بىر باشتىن يىزىپ چىقىڭ . مەن سىزنىڭ سادىق ئوقۇرمىنىڭىز .

بىرنى بىر دەيتمىز ماخما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10414
يازما سانى: 909
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14751
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 9461 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2013-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 06:44:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىلادىيە 622 -يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى مەككىدىن 200 كىلومېتر يىراقلىقتىكى مەدىنىگە مەجبۇرىي كۆچۈپ كەتتى ھەمدە ئۇ يەردە دىننىي ھاكىمىيەت ئاستىدىكى بىر دۆلەت قۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى.
ئەمىلىيەتتە مەككە بىلەن مەدىنىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن500 كلومېتىر  كىلىدۇ.

قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9832
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9134
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 632 سائەت
تىزىم: 2010-9-10
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 06:53:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يولاپسىز ،،،بىلمىگەننى بىلدۇق ،،مول بىلىمىلەرگە ئىگە بولدۇق  ..،،،،،ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب بەرسۇن ...

ئۇيغۇر مەن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13512
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9820
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2013-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 03:28:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

10-قەۋەت (شەرەپ) نىڭ يازمىسىغا

خاتا    بۇلۇپ   قالغان مۇ   نىمە؟

ھاياتمەن قوينۇڭدا ياشاپ ئۆزگىچە ئۆزگە يولدا ماڭىمەن دادىل ماختاش تىللاش ،قارغاش بەرىبىرئۆز ئەقىدەم ئۇزەمگە ئادىل       --- ئۇچقۇن---
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش