 |
 |
 |
 |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار، بۈگۈن ئولتۇرۇپ ئۆزگمچە دوسلارغا قۇشاق بىلەن چاىچاق قىلغۇم كىلىپ قالدى، ھەممىسى چاقچاق ھە! سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلار ئۈچۈن، مۇنبەرنىڭ تىمپىراتورىسىنى قىززىتىش ئۈچۈن كەتتى ئەمىسە قۇشاقلار، ئاۋال چوڭلاردىن باشلايمەن، چۈشۈپ قالغانلارغا ئىنكاس ئارقىلىق يوللايمەن! بۇ مۇنبەرنى مىسرانىم ، كۈڭۈل قۇيۇپ باشقۇردى. بىزگە قىزغىن بولۇشنى ، كۈن قىز خانغا تاپشۇردى.
خۇشخۇي بولغاچ تورداشلار، تۇمۇچۇقتەك سايرايمىز. تارىم دەريا بۇيىدا ، لەرزان ئۇسۇل ئوينايمىز.
گۈل چۈشىگە جۆر بولۇپ، ساما سالسا ئىدرىسجان. مۇسلىنەگە چاقچاق قىلىپ، كۆز تاشلاركەن سۇلتانجان.
سەھرا ئوغلى شۇ دەمدە، شەيدا بوپتۇ ساماغا. سۇلغان گۈلدەك باقاركەن، دەقىيانۇس ھاۋاغا. خوك ئەپەندى شاش ئىكەن، كۆز قىسىپتۇ دىل ئايغا. ئارشاڭ بەگنى خاپا قىلىپ ، قول بېرىپتۇ شاتئايغا.
يازىمەن دەپ كېچىچە، تۇزلۇق قۇشاق تۇقۇدۇم. ئۇستازىمغا كۆرسەتمەي، ئارمان بىلەن ئۇقۇدۇم. (ئارمانىم2)
كۆرۈنمىگەچ رۈمەيسە، (رۇمەيسەنىڭ ئورنى) كۆڭلى يېرىم زۇلقەرجان. دەرتمەن بوپتۇ تاپالماي، ئىزدەپ يۈرەر ھەر زامان . (زامانى)
گۈل سىرىنىڭ سىرىنى ، بىلەلمەيدۇ نەسرۇللا. مۇڭ سىرداشقا سىرداشتۇر، مۇنبەردىكى توغراقلار. (2 توغراققا)
ئالىمجاننىڭ ئاتىسى، ئامراق ئىكەن كۈل قىزغا. سەرۋى قامەت بۇ قىزچاق، كۆيۈپ قاپتۇ كۆك نۇرغا.
تاڭ نۇرىنىڭ كۈيلىرى، زىننۇرەنى لال قىلدى . ئەل قىزى بەك يامانكەن، كۆك يالنى ھەم ئەل قىلدى.
كۆك يار بىلەن دوست بۇپتۇ، ھەسەل قىزچاق مۇنبەردە. ئاشكار قىلماي ئۆزىنى، كارۋان يۈردى نەلەردە.
كەپسىز قىزنىڭ شوخلىقى، ھىسلىرىمنى ئويغاتتى. شىرىن چۈشتە جۆيلۈپ ئۇ، ئەزىزانغا مۇش ئاتتى.
جاھان كىزىپ جان پولات، سۆيگۈ ئىزدەپ يۈرۈپتۇ. چاپلىن دىگەن بىتەلەي، سۇبات بىلەن قېچىپتۇ.
بۇلبۇل كىلىپ قۇنۇپتۇ، دىلنۇرۇمنىڭ بېغىغا. قىزىقاركەن زۇلەيخا، ئاقسۇ سىرىنىڭ سىرىغا.
قار مەلىكە بەك گۈزەل، كۈيۈپ قاپتۇ ئۆرۈكجان. ئەسرارىدەك يىگىتنى، تاپالماسكەن نەرگىزخان.
تاتلىغىمنىڭ گەپلىرى، مەرھابانى خۇش قىلار. ئىز باسارمۇ ئەگىشىپ، مەلىكەنى شات قىلار.
فائىزەگە بىر كۈنى ، ئۇچراپ قاپتۇ بىر يىلان. قۇتقۇزۇشتا كۆكچىندىن، بەك چاققانكەن بۇ مىلان.
بۆرە ھوۋلاپ كىچىچە، سەبىخەنى قورقۇتتى. ئازغۇن چىكىپ دەرىيزە، تەسەۋۇرنى چۆچۈتتى.
گۈزەل ئاتۇش دىيارى ، خەلقىم بىلەن ياشنايدۇ. سەنسىز سودا ھېچ پۈتمەس، جەسۇر يىگىت قاچمايدۇ.
ئانا مېھرى بولغاچقا ، ئۆركىشىنىڭ كۆڭلى توق. فاتىمەدەك گۈزەلگە، ئەلتىكىننىڭ كۆڭلى شوخ.
ھەسەل ھەرىسى بولغاچقا، گۈل ياپراقلار بەك خۇشال. لەيلى گۈللەر ئىچىلسا، مىسكىن يۈرەك شاد قۇچار.
سۈبىنۇرنىڭ كۆينىكى، ئوتقاش بولۇپ كۆرىنەر. ئەلزامانغا يارىغاچ، شەيدا بولۇپ سۈيىنەر.
چالىقۇشى رومانىنى، ئوقۇپ بوپتۇ سۈمەييە. كامران باينىڭ ۋەسلىگە ، يىتەلمەپتۇ زۇبەيرە.
نالە قىلىپ كىچىچە، سەبدە قىزچاق ئۇخلىماي. سەرۋان ئۈستىدىن دادلاپ، داخان قىزغا توختىماي.
قەيسەرجانغا ھەمىشە، ياردەم بېرەر ئەمچى. كەپسىز يىگىت تۇيۇقسىز، بولۇپ قاپتۇ رەمچى.
توڭ تاش ئەمەس قىزلارمۇ، دىل نازۇكتۇر بەك نازۇك. ئەلچى بوپتۇ قىزلارغا، دىل ناز دىگەن بۇ نازۇك.
تۈن لىرىكىسى ھەرگىز،
لىرىكا توقۇپ ھارماس. جەلىپكار قىزنىڭ ئىشقى، ئوت بولۇپ ياكى يانماس
يۇرتۇمدىكى كارىزنىڭ ، چەشمىلىرىنى بىلەمسىز ئىنتىلسىڭىز كىلىپ تىز، سۈزۈك سۈيىنى ئىچمەمسىز.
مەنبە: تاققا تۇققا ئىلھاملار
|
 |
 |
 |
 |
|