مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2679|ئىنكاس: 32

<<بالامدىن ئايرىلسام مەيلىكى،ئالتۇن جا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6711
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7027 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 05:22:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بالامدىن ئايرىلسام مەيلىكى،ئالتۇن جاپدۇقلىرىمدىن ئايرىلمايمەن

 

ئىلاۋە:
پەرزەنت ئاتا-ئانا مېھرى مۇھەببەتىنىڭ جەۋھىرى،ئائىلىنىڭ خوشاللىقى،بارلىقى.شۇڭا كونىلار<بالىلىق ئۆي بازار،بالىسىز ئۆي مازار>>دەپ توغرا ئېيتقان.ئۆز پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيلەپ قاتارغا قوشۇش،ئەخلاق -پەزىلەتلىك قىلىپ يېتىشتۈرۈش ھەر-بىر ئاتا-ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇليىتى.ئەتراپقا نەزەر تاشلايدىغان بولساق،جەمىيەتتىكى قىسمەن ئاتا-ئانىلاربالىلىرى بىلەن كارى بولماي،ئەقىل كۆزلىرىنى ئېتىۋالغان ھالەتتە يۈرمەكتە.شۇ سەۋەپلىك نارىسىدە پەرزەنتلىرىمىز تىرىك يېتىمغا ئايلىنىپ ،تاسقىلىپ، غېرىپلىق،تېڭىرقاش،تەمتىرىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزمەكتە.ئەي ئاتا-ئانىلار ئاشۇ نارىسىدە بالىلىرىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ سەۋرنى ، مېھر-شەپقەتنى ئۇنتىمايلى!ئۇلار بالىلىق چاغلىرىنى غەمسىز، خاتىرجەم ئۆتكۈزسۇن!!!!


قاسىم بىلەن رەشىدە توي قىلىپ ئىككىنچى يىلى بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدى.ئۇلار ئوغلى مەمەت 4ياشقا كىرگۈچە ئىجىل ئىناق ئۆتتى.بەش ياشقا كىرگەندە قاسىم ھاراققا ئۈگىنىۋالدى ۋە ھە دىسىلا مەست كېلىپ،رەشىدەنى ئۇرىدىغان بولىۋالدى.رەشىدە قاسىمغا يېلىنىپ يالۋۇرغان بولسىمۇ قىلچىمۇ پايدىسى بولمىدى.
<خەپ>دىدى رەشىدە بىر كۈنى ئىچىدە:<سەن قىلغاننى مەن قىلالمايمەنمۇ؟ئەسلىدە بالىمىزنى دەپلا سەۋرى-
تاقەت قىلغان ئىدىم.كۆتۈر قاسقىنىڭنى،ئۇ مېنىڭلا بالاممىدى؟!> دىگەنلەرنى ئويلاپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى چامدانغا سېلىپ،ئالدى-كەينىگە قارىماي كەتتى.
قاسىم ئويغىنىپ،ئۆيدىكى نورمالسىزلىقلاردىن رەشىدەنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ئاخشام مەستلىكتە رەشىدەنىڭ تەييارلاپ قويغان ئاجرىشىش كېلىشىمىگە قول قۇيۇپ بەرگەنلىكىنى ئاران ئەسلىيەلىدى.قاسىم بالىسىنى يېتىلەپ ئاكىسى قاھارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ:< ئاكا،بالامغا بىر مەزگىل قاراپ تۇرساڭلار،بىر ئامال قىلىپ رەشىدەنى قايتۇرۇپ كېلەي >دىدى....ئەمما رەشىدە قايتىپ كەلمىدى.
كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن قاسىم ھاراق ئىچمىسە تۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى.ئۇنىڭ كاللىسدا بالا، ئائىلە دىگەنلەر ئەسلا مەۋجۈت ئەمەس ئىدى.مەمەت قاھارنىڭ ئۆيىدە يېتىمسىراش،قورۇنۇش ئىچىدە چوڭ بولىۋاتاتتى.بەزىدە دەرۋازا ئالدىدا ئولتۇرۇپ ،ئاتا-ئانىسىنىڭ قاياقلاردىندۇر قۇچاپ ئېچىپ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتى.قاھار قاسىمنى ئىزلەپ باردى . لېكىن ئۇنىڭ ئۆيىدە باشقا بىرسى ئولتۇراتتى،خۇلۇم-خوشنىلىرى قاھارغا قاسىمنىڭ ھاراققا بېرىلىپ پاتاڭغىچە قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەنلىكىنى،يەرلىرىنى ئەرزانلا سېتىۋېتىپ غايىپ بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى . ئىنىسىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن قاھار رەشىدەنى ئىزلەپ ئۇنىمۇ تاپالمىدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىنى داۋاملىق ئۆزى بېقىپ قاتارغا قوشۇشنى قارار قىلدى.
كۈنلەر ئايلارنى قوغلىشىپ بالا10ياشقا كىردى.قاسىم بىلەن رەشىدەمۇ پەيدا بولدى.قاسىم يەنىلا ھاراق ئۈچۈن ياشاۋاتقاندەك ئىدى.رەشىدە بولسا بىر شوپۇر بىلەن توي قىلىۋالغان ئىدى.ھەيران قالارلىقى شۇكى،ئۇلار بىر شەھەردە تۇرۇپمۇ ئوغلىنى يوقلاپ كەلمىگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ مەسئۇليەتسىزلىكىنى كۆڭلىگە سىغدۇرالمىغان قاھار:<سەنلەر ئەمدى بالام بار دىيىشمە > دەپ تەنە قىلىپ يۈردى.
بىر كۈنى مەمەت ئۆگزىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ قول-پۇتىنىڭ بەش يېرى سۇنۇپ كەتتى. سۇنۇق خېلى ئېغىر بولغاچقا ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ داۋالىتىشقا توغرا كەلدى.پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىش ئۈچۈن قاھارنىڭ چوڭ قىزى رەھىمە قاسىمنى ئىزلەپ باردى.لېكىن ھاراق ئەقلىنى يەپ كەتكەن قاسىم رەھىمەنىڭ سۆزىگە پىسەتمۇ قىلىپ قويمىدى، قاسىمدىن ئۈمۈدىنى ئۈزگەن رەھىمە مەمەتنىڭ ئانىىسى رەشىدەنى ئىزلەپ باردى ،بويۇن، قول-بېلەكلىرى ئالتۇن بىلەن بېزىلىپ كەتكەن رەشىدە:< بالا مېنىڭلا ئەمەس. بېرىپ قاسىمنى ئىزلەڭ، مېنىڭدە پۇل يوق> دىدى.رەھىمە يىغلاپ تۇرۇپ:<ئاچا،نىمە دىگەن بىلەن بالا باغرىڭىزنى يېرىپ چىققان يۈرەك پارىڭىز.سىز ئۇ بالىدىن مەڭگۈ تېنىپ كېتەلمەيسىز. پۇلۇم يوق دەيسىز،ئالتۇن-جابدۇقلىرىڭىزنى ساتسىڭىزمۇ خېلى كۆپ پۇلغا يارايدۇ ئەمەسمۇ؟>دەپ يېلىندى.بۇ گەپ رەشىدەنىڭ ئوغىسىنى قايناتقان چېغى:<بىلىپ قويۇڭ،بالىدىن ئايرىلسام مەيلىكى،ئالتۇن-جابدۇقلىرىمدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن>دەپ ۋاقىرغىنىچە رەھىمەنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقاردى.
رەھىمە توۋا دىگىنىچە بۇ باغرى تاش ئانىغا ئېچىندى .ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئاتىسى بىلەن مەسلىھەلىشىپ ئۆيدىكى قويلارنى سېتىپ ئۈرۈمچىگە بالىنى داۋاتقىلى ئېلىپ باردى .....تەكشۈرۈشچە ، پۇت -قول سۇنغاندىن باشقا ،بالىنىڭ بۆرىكىدىمۇ  تاش  بولۇپ ، ئۇلار ئېلىپ بارغان پۇل بۆرىكىنى داۋالىتىشقا ئاران يەتكەن ، قول مايماق تۇتۇپ قالغان.
مەن بۇ ھىكايىنى رەھىمەدىن ئاڭلاپ بالىغا چوڭقۇر ھىسدشلىق قىلدىم.مەن رەھىمەگە بالىنى كۆرۈش ئارزۇيۇم بارلىقىنى ئېيتتىم.رەھىمە خوشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى.مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارغاندا 12ياشلاردىكى بۇغداي ئۆڭ بالا تۇراتتى .ئۇنىڭ قولى رەھىمە ئېيتقاندەك خېلى ئېغىر ئەگرى تۇتۇپ قالغان ئىدى.
كېتىدىغان ۋاقتىمدا ئۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ:< ئاتا-ئانام بار تۇرۇپمۇ تىرىك يىتىملىكنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىمەن.ھازىر قاھار ئاتام كېسەل بولۇپ قالدى، رەھىمە ئاچام توي قىلىپ كەتسە ماڭا كىممۇ ئىگە بولار؟مەن قاچانغىچە تىرىك يىتىملىكنىڭ دەردىنى تارتىمەن؟>دىگىنىچە باغرىمغا ئۆزىنى ئاتتى.
يولدا كېتىۋېتىپ ئويلىنىپ قالدىم ..قاسىم بىلەن رەشىدەنىڭ ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتمىگەن بولسىلا مەمەتنى ئىزلەپ كېلىشى مۈمكىن.ياكى بولمىسا ئادىمىيلىك خىسلىتىنى ئۇنتۇپ[ كىشىلەرنىڭ لەنەت -نەپرىتى ئاستىدا ياشىشى مۈمكىن.

خەيرىيەت،ئىنسان تۇغۇلۇپ تاكى ئۆلگىچە جاپا بىلەن راھەت،ئازاپ بىلەن خوشالىق بەخت تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ. قىسقىسى ،نى نى قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ،ئەمما شۇ سەمىڭىزدە بولسۇنكى،مەيلى قانداق قىيىنچلىق ياكى قىسمەتكە دۇچار بولۇڭ،ھەرگىز سەبىي ،گۇناھسىز بالىلىرىڭىزنى ئازاپلىماڭ.ئۇلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ باغرىغا قانسۇنكى،ھەرگىز يېتىمسىراش،خورلۇق ئىچىدە قالمىسۇن،ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا بولغان رازىمەنلىك كۈلكىسى پۈتۈن دۇنياغا تارالسۇنكى،ھەرگىزمۇ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتمىسۇن.ئۇلارنىڭ گۈدەك قەلبى ئاتا-ئانىلارنىڭ مېھرى-مۇھەببەتى بىلەن قانسۇنكى،ھەرگىزمۇ مۇزلاپ قدلمىسۇن!![/

color]

مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى


مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

غەيرەت قىل!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4599
يازما سانى: 683
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10438
تۆھپە نۇمۇرى: 891
توردا: 2462 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 05:44:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىلار ئۇلۇغدۇر،ئۇلار بۈيۈكتۇر،ئەمما مۇنداق ۋىجدانسىزلارنىڭ ئانا بولۇشقا
ئۇلۇغ سانىلىشقا قىلچە ھەققى يوق،تېمىڭىزغا تەشەككۈر

http://user.qzone.qq.com/275899228/infocenter

ئاتۇش قىزى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5951
يازما سانى: 1623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11546
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 855 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 05:48:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن.  بايلىقنى دەپ دۈم چۈشىدۇ ئاخىر.  توۋا....................................توۋا.........................!

ئاتۇش قىزى

ھەي  كى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15482
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9066
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2010-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 05:50:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ  بىر نەچچە چۈجىسىنى ئارقىسىغا سېلىپ يۈرۈيدىغان بىر مېكىيان بار ، كەچلىكى تېخى قانىتى ئاستىغا كىرگۈزۈپ كېچىنى ئۆتكۈزىدىكەن ، چۈجىلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ قالغۇدەك بولساق بار جېنى بىلەن بىزگە ئېتىلىپ ھۇجۇم قىلىدۇ . ئىشۇ پوق يەيدىغان توخۇلار جېنىدا چۈجىلىرىنى مۇشۇنداق ئاسرايدۇ .

قاسىم بىلەن رەشىدەنىڭ  بىرىنىڭ كەيىپكە بىرىنىڭ شۆھرەتكە بېرىلىشى بىر ئائىلىنىڭلا ئەمەس بىر مىللەتنىڭ زاۋاللىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ .

قىز بالا بىر پارچە گۆش ، پۇراپ قالغىلى ئارانلا تۇرىدۇ . توۋا ! بۈگۈن بۇنى ئەتىسى ئۇنى ياخشى كورۇپ يىغلاپ  يۈرۈيدىغىنىڭغا ھەيرانمەن  .

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3980
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10842 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 05:59:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تىيمىڭىزنى ئۇقۇپ بولغۇچە يىغلاپ كەتتىم.
دادا مەسئۇلىيەتسىزلىق قىلىپ قارمىغان بولسىمۇ ئانا بولغۇچى يۈرەك پارىسى ئۈچۈن ئالتۇن جاپتۇقلىرنى سېتىشقىمۇ يارماپتۇ.
بۇنداق ئاياللار ئانا بۇلۇشقا لايىق ئەمەس.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15699
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 06:26:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ بالىنى مېنىڭمۇ باغرىمغا باسقۇم كېلىۋاتىدۇ...........مەمەتجان !ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ساڭا ھەمرا بولسۇن. ئاللا كۆرۈپ قويسۇن!.....
ئاتا-ئاناڭغا ئىنساپ بەرسۇن !ئاللا!!!!!!!!!!!
.

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13911
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8024
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2011-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 06:35:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەل-ئۆمرۈمدە يىقىلىپ كېتىپ بۆرىكىگە تاش چۈشۈپتۇ دېگەن گەپنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتىمەن ..... [s:87]

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6711
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7027 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 06:51:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  qunja كە 2010-10-28 06:35 PMئەۋەتىلدى  :
ئەل-ئۆمرۈمدە يىقىلىپ كېتىپ بۆرىكىگە تاش چۈشۈپتۇ دېگەن گەپنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتىمەن ..... [s:87]
بەلكىم شۇنداق بولغاندۇ ....بەزىدە تۈرلۈك تاسادىپىيلىقىلارمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ.......

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئۆلۈپ كەتكەندە ئ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2449
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9365
تۆھپە نۇمۇرى: 397
توردا: 3388 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 07:08:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىرىبان ئاللا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ .ئىتقات ، ھىدايەت ، ئاتا قىسۇن ، ھازىر جەمىتىمىز دە بولنىۋاتقان بەزى ئىشلار غا تۆۋە دىمەي ئىلاجىمىز يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 763
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11811
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 5318 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 07:20:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  qunja كە 2010-10-28 06:35 PMئەۋەتىلدى  :
ئەل-ئۆمرۈمدە يىقىلىپ كېتىپ بۆرىكىگە تاش چۈشۈپتۇ دېگەن گەپنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتىمەن ..... [s:87]
مۇشۇ ئىشقىمۇ كۇلۇپ كىتەمسىز ئەمدى ؟كۇلگىدەك شۇنداق قىززىق ئىشمىكەن نىمىدىگەن تىتىقسىزلىق بۇ ،توۋا قىلدىم .......بەلكىم شۇنداق كىسەل بولۇپ تەكشۇرۇش پۇرسىتى بولماي شۇ ئىش سەۋەبلىك ئىنىقلىنىپ چىققان ئىشتۇ ،،،،،ئاللاھ شۇ يىتىم بالىلارنىڭ بەختىنى بەرسۇن ،،،،ئاللا ئاسرىسۇن سىنى مەمەت بالام ،،،،،،،،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش