مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1208|ئىنكاس: 10

قەدىمكى ئۇيغۇر باش كىيىمى – قالپاق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

http://www.dolanlik.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7539
يازما سانى: 773
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11720
تۆھپە نۇمۇرى: 1085
توردا: 11506 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 05:19:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەدىمكى ئۇيغۇر باش كىيىمى – قالپاق

مۇختار قادىر ھۇنزادە


ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ كىيىم – كىچەك سەنئىتى شۇ مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . تارىخ چاقى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، ئۇيغۇر كىيىم – كىچەكلىرى ئىچىدىكى باش كىيىمنىڭ تۈرلىرىمۇ تىنىمسىز دولقۇن ئىچىدە يېڭىدىن – يېڭى شەكىللەرگە ئىگە بولۇۋاتقان بولسىمۇ ، يەنىلا ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق تارىخىمىزدا قالدۇرۇپ كەتكەن ئەنئەنىۋى باش كىيىملىرى ھېلىمۇ تۇرمۇشىمىزنى گۈزەللەشتۈرۈپ كەلمەكتە . قالپاق ئەنە شۇلارنىڭ بىرى .

1979 – يىلى لوپنۇر كۆلىنىڭ شىمالىدىن قېزىۋىلىنغان جەسەتنىڭ بېشىغا بىر نەچچە تال پەي قىستۇرۇلغان كېگىز قالپاق كىيدۈرۈلگەن بولۇپ ، بۇنىڭدىن 4000 يىللار ئىلگىرىكى باش كىيىمى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان . چەرچەندىكى زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ بېشىغىمۇ كانايسىمان كېگىز قالپاق كىيدۈرۈلگەن ، ھەر بىر قالپاققا يەتتە ياكى توققۇز تالدىن قۇش پېيى قادالغان ، ئىلىدىن تېپىلغان مىس لەشكەر قونچاقنىڭ قالپىقى ئۇچلۇق بولۇپلا قالماستىن ئىككى ھەسسە ئېگىز ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن 3000 يىللار ئىلگىرىكى بويۇملار ، كۇچا قىزىل مىڭ ئۆيىدىكى تام رەسىملىرىدە بېشىغا تاجىسىمان گۈللۈك قالپاقلارنى كىيىپ ، ھەر خىل چالغۇلارنى چېلىۋاتقان سازەندىلەر تەسۋىرلەنگەن . تۇرپاندىكى بېزەكلىك مىڭ ئۆيىدىمۇ بېشىغا كەينى ئېگىز ، ئالدى پەس ، ئۇچى ئۇچلۇق باش كىيىمى كىيگەن قوچۇ خانىنىڭ رەسىمى بار . ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرى «تۈركى تىللار دىۋانى» دا : «ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا ، تۈرك قاغانى ئۇنىڭغا قارىشى 4000 ئادەم ئەۋەتكەن ، ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن ...»دېگەن مەلۇماتنى قالدۇرغان . بۇ پاكىتلاردىن قالپاقنىڭ قەدىمكى باش كىيىم بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى سەنئەتچىلەر ، ئەسكەرلەر ۋە پادىشاھ – ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئارزۇلىنىدىغان سەلتەنەتلىك كىيىم ئىكەنلىكىنى كۆرۋالالايمىز .

ھازىرقى زامان قالپاقلىرى قەدىمكى زامان قالپاقلىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ . ئەمما زور تۈركۈمدىكى قالپاقسىمان باش كىيىملەر (تەلپەك ، ئاق تۇماق ، كۆرپە تۇماق ، سەرپۇش تۇماق قاتارلىقلار) خەلقىمىز تەرىپىدىن ھېلھەم ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە . ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، قالپاقتىن ئىبارەت بۇ باش كىيىم ئانا دىيارىمىزدا يېڭلانماي ، چەت ئەللەردە ئۆزگەرتىپ ئىشلىنىپ نازايىتى تېزلا يەنە بىزنىڭ بازارلىرىمىزغا كىردى . بۇ يېڭى قالپاقلارنىڭ پاسۇنى ئۆزگىچە بولۇپ ، كۆركەم ، نەپىس ، كىيىشكە ئەپلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئىستىمالچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى .


"شىنجاڭ گېزىتى " 1993– يىلى 10–ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى سانىدىن

كۈزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر.

جەننەت ئانىلارن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10856
يازما سانى: 1580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31235
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1604 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 05:28:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغىرا.......بىزنىڭ ناھىيلىك مۇزىيىدا ھازىرمۇ....بىر نەچچىسى بار....ھەم شۇ ۋاقتىدىكى بەزى تۇرمۇش ئەسۋاپلىرىمۇ...بار...مەسىلەن....يىپ ئىگىرش ماشىنسى...بىلەي...پىچاق قاتارلىقلار..

چــۈش قـوينىدا ق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1507
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16430
تۆھپە نۇمۇرى: 757
توردا: 3946 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 05:37:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن ئوغۇل بالىلار يىگىتلىك يېشىغا (16 ياشتىن ئاشقاندا ) يەتكەندە ، بېشىغا گۈللۈك چىمەن دوپپا كىيەتتى . ئۇچىسىغا ( يەڭ ، ياقا ، پەۋازلىرىغا ) گۈل ، چىلتەك - جىيەكلەر تۇتۇلغان قاپ شەكىللىك كۆڭلەك كىيەتتى . بىلىگە پوتا ياكى كەمەر باغلىمايتتى . ئىشتانباغنىڭ ئۇچىغا پۆپۈك قىلىپ ، ئۇنى قىزىل رەڭدە بوياپ ، ئىككى ئۇچىنى تىزىغىچە ساڭگىلىتىۋالاتتى . پۇتىغا قونجىنى قايرىماي يالاڭ ئۆتۈك كىيەتتى . ساقال - بۇرۇت قويمايتتى .
   يىگىتلەر توي قىلغاندىن كېيىن ، بېشىغا چىرايلىق گۈل كەشتىلەنگەن دوپپىنى بېشىنىڭ ياڭشىقىغا ( بېشىنىڭ يان تەرىپىگە ) كىيىۋالاتتى . ئۆرە ياقىلىق كۆڭلەك كىيىپ ، بېلىگە گۈل كەشتىلەنگەن ياغلىقنى تۇمارچە (ئۈچ بۇرجەك) شەكلىدە يانپاش سۆڭگىچىنى باستۇرۇپ چىگىۋالاتتى . ئۆتۈكنىڭ قونجىسىنى ئىككىلىك قايرىپ ، قونجىغا غىلاپلىق پىچاقنى قىستۇرۇۋالاتتى . ئۆتۈك ئىچىگە تىزىنى يىپىپ تۇرىدىغان كەشتە پايپاق كىيىۋالاتتى ھەم بۇرۇت قويۇۋالاتتى .
   ئەرلەر بالىلىق بولغاندىن كېيىن ، بۇرۇتىدىن باشقا يەنە داقال قوياتتى . بېلىگە قىزىل ياكى جىگەر رەڭلىك پوتا باغلايتتى . ئۆتۈكنىڭ قونجىنى يېرىمىغىچە قايرىۋالاتتى . غىلاپنى پوتىسىغا ئېسىۋالاتتى . رەڭگى تۇتۇقراق كىيىملەرنى كىيەتتى .
   بۇلارنىڭ ئىپادىلەيدىغان شەرتلىك مەنىلىرى مۇنداق : " داقال " ---- ئۇنىڭ بالىلىق بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى . " پوتا " ---- ئۇنىڭ رەسمىي ئەر بولۇپ يېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرەتتى . " پوتا " ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . غىلاپنىڭ پوتىسىغا ئېسىلىشى --- ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ، بالىلىرىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىگىنى بىلدۈرەتتى . كىيىملەرنىڭ تۇتۇقراق رەڭلىرى بولسا ، ئۇنىڭ ياشلىق چاغلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىغىنى بىلدۈرىدۇ .
   ئەرلەر بالا - چاقىسى كۆپەيسە " قارا ساقال ئەر " دەپ ئاتىلىدۇ . ساقال قويىدۇ ، بېشىغا سىدام ياكى تۇتۇق رەڭدىكى گۈل كەشتە قىلىنغان دوپپىلارنى ، كۇلا - تۇماقلارنى كىيىدۇ . ئۇچىسىغا يان ئىزمىلىق ياكى قاپ شەكىللىك ، تىك ياقا كۆڭلەك كىيىپ ، بېلىگە پوتا باغلايتتى . پۇتىغا قىشتا ئۆتۈك ، باجىڭگىر ، يازدا شىۋەك كىيەتتى .
   بۇلارنىڭ ئىپادىلەيدىغان شەرتلىك مەنىلىرى مۇنداق: سىدام دوپپىسى ---- ئۇنىڭ ياشلىق چاغلىرىدىن ئەسەر قالمىغانلىقىنى ؛ ساقال --- كۆپ بالا - چاقىلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ؛ تىك ياقىلىق قاپ كۆڭلەك --- تۇرمۇش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنىڭ رىجىمىغا ئېلىنغانلىقىنى ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىگىدە ئاۋارە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى .
ياشانغان ( 45 ياشتىن ئاشقان ) ئەرلەر بېشىغا يازدا سىدام دوپپا ياكى شاپاق دوپپا ، كۈزدە ياكى قىشتا كەمچەت تۇماق كىيەتتى . ئۇچىسىغا يازلىقى يەكتەك ، قىشتا پىرىجە ( تون ) ، پۇتىغا مەسە - كالاچ كىيەتتى . ياشانغان ئەر كىشىلەرنىڭ بۇ خىل كىيىنىش ئادىتى ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت .


باش كىيىملىرى

تۇماق --- ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئاساسلىق باش كىيىمى ھېسابلىنىدۇ . باش كىيىم تۈلكە ، سۆسەر ، قاما ، قۇندۇز ، قوزا ، سۈلەيسۈن ، تىيىن قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىدىن پىششىقلاپ ( ئەيلەپ ) ئىشلەنگەن ماتىرىياللاردىن تىكىلىدۇ . تۇماقلارنىڭ كەمچەت (قاسقانلىق) تۇماق ، كۇلا تۇماق ، پىپى تۇماق ھەم سالۋار تۇماق دەيدىغان تۈرلىرى بار ، تۇماقلار ئاساسەن قىشلىق باش كىيىم ھېساپلىنىدۇ . ئەمما ، جەنۇبى شىنجاڭدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر ( ئەر - ئايال ) تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كىيىۋېرىدۇ . تۆۋەندە باش كىيىملەرنىڭ تۈرلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتەيلى :

1 . كۇلا تۇماق : ----- بۇ خىل تۇماق " رومبا " شەكلىدە ئىگىز قىلىپ تىكىلىدۇ . بۇ خىل تۇماققا ئاساسلىقى قوزا تېرىسى ( كۆپە ) ئىشلىتىلىدۇ . ئىچى كىگىز ياكى رەخت بىلەن ، سىرتى قوزا تېرىسى ( كۆپە ) بىلەن قاپلىنىدۇ .

2 . پىپى تۇماق : ---- بۇ خىل تۇماق غەكىل جەھەتتىن " كەمچەت تۇماق " بىلەن ئوخشاش بولىدۇ ، ئوخشىمايدىغان يېرى ، ئاغزىغا توم قاسقان قىلىنماي ، ئاددىي جىيەك تۇتىلىدۇ . رەخت بىلەن سىرتى قاپلانمايدۇ ، بەزىلىرىگە زىننەت ئۈچۈن زىغىرلىق تۇتىلىدۇ ، تېرىدىن تىكىلىدۇ . موم ( يۇڭ ) تەرىپى ئىچ تەرەپ قىلىنىدۇ .

3 . سالۋار تۇماق : ------ بۇ خىل تۇماق ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن تىكىلىدۇ . شەكلى " پىپى " تۇماققا ئوخشايدۇ . بىراق ، ئاغزىغا ھېچقانداق جىيەك تۇتۇلمايدۇ . تېرىنىڭ يۇڭلىرى سىرتىغا سالۋاراپ چىقىپ قالىدۇ ، شۇڭا بۇ خىل تۇماق " سالۋار " تۇماق دەپ ئاتىلىدۇ .

4 . تەلپەك :------ خوتەن رايونىدىكى ياش ھەم ئوتتۇرا ياش ئاياللارنىڭ باش قىسمىغا قادىۋالىدىغان بىر خىل زىننەت بويۇمى ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ شەكلى كېسىك كۇنۇشقا ئوخشايدۇ . ئۈستى تەرىپىگە چىرايلىق گۈل نۇسخىلىرى كەشتىلىنىدۇ . قالغان قىسمى قارا رەڭدە ئىنتايىن نەپىس ھەم سىپتا قىلىپ سىركاي چوڭلىقىدا قىلىپ تىكىلىدۇ . ياش ھەم ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ئۇنى باش ياغلىقى ئۈستىگە قوندۇرىۋالىدۇ .

5 . دوپپا : ---- دوپپا ----- ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئەنئەبىۋى باش كىيىمى بولۇپ ، ئۇنى ئەر - ئاياللار ئورتاق ھالدا ياز ، كۈز ھەم ئەتىيازدا كىيىدۇ . ئەمما دوپپىنىڭ رەڭگى ، گۈل نۇسخىلىرى ھەمدە ئىشلىتىلگەن ماتىرىياللىرىغا قاراپ تاللاپ ، ئۆزىنىڭ ياش قورامىغا ، جىنسىغا ھەم نەسەب - مەرتىۋىسىگە قاراپ ماسلاشتۇرۇپ كىيىدۇ .

6 . قالپاق : ----- ( شىلەپە ) ئىلى رايونىدىكى تارانچى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان بىر خىل باش كىيىم . ئۇنىڭ شەكلى قىرغىزلارنىڭ قالپىقىدىن پەرقلىنىدۇ . رەڭگى مەللە رەڭدە بولۇپ ، چەكمەن رەختتە قاتۇرۇپ تىكىلىدۇ . ئالدى تەرىپىدە چىكى بولىدۇ . تەلپقكى ئۈستى تەرەپكە قايرىلىپ تۇرىدۇ .

7 . قۇلاقچا : ----- قىشلىقى كىيىلىدىغان ئەرلەرنىڭ باش كىيىمى ھېسابلىنىدۇ . قۇلاقچىلارغا كۆپە ( قوزا تېرىسى ) ، سۆسەر ، قاما ، قۇندۇز ، تاۋرغان ، تۈلكە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئەيلەنگەن تېرىلىرى ، تېشىغا ھەر خىل رەڭلىك رەختلەر ھەم خۇرۇم ، بۇلغار قاتارلىق ماتىرىياللار ، قىتىغا پاختا ، يۇڭ ھەم كىگىز قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ .

8 . كۇلا : ----- سوپى - ئىشان ، باخشى - دەرۋىشلەر كىيىدىغان باش كىيىم ھېسابلىنىدۇ . بۇ خىل باش كىيىم ھەر خىل گۈللۈك ھەم سىدام رەختلەردىن قاتۇرۇلۇپ ، ئۇزۇن كۇنۇس شەكلىدە تىكىلىدۇ .

9. پوسما : ---- ئاساسەن بالىلارنىڭ باش كىيىمى ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ كۇلاسىمان ) كۇنۇس شەكلىدە ) بۆكىسىمان ، تۇماقسىمان شەكىللىرى بار .

10 . ياغلىق ( رومال ) :------- ( باش ياغلىقى ) ياكى شال دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇ ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كەڭ ئومۇملاشقان باش كىيىملىرىنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ . ياغلىق پاختىدىن ، يۇڭ - تىۋىتتىن ، مەشۈت ھەم يىپەكتىن ، سۈنئىي تالالاردىن توقۇلىدۇ .

نىمە يىگەنتىڭ زىمىن، مۇنچە ئۇسساپ كەتكۈدەك؟ تالاي ياش ۋە قان ئىچىپمۇ يەنە چاڭقاپ تۇرغۇدەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4329
يازما سانى: 1559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42374
تۆھپە نۇمۇرى: 632
توردا: 3196 سائەت
تىزىم: 2010-7-19
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 06:12:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ قالپىقىمغا ئوىشايدىغان قالپاقتىن بارمىدۇ  [s:111]
بولسا رەسىمىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز  [s:102]

مەن ھەققىدە نىمە ئويلىغان،مەن توغراسىدا نىمە قىلغان بولساڭ ئۇلۇغ  ئاللاھ ساڭا شۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن

ئاللا كۆڭلىمىزگ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15062
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8605
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 06:30:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  پەخىرلىنىشكە  ئەرزىيدۇ  جۇما    !!!  بۇ باش  كىيىم  نىڭ   4000-يىللىق تارىخى  بار  يەردە  بىز  ئۇيغۇر لار  نىڭ  قانچىلىك  تارىخىمىز  باردۇر   ؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!!  بۇ راسلا ئويلىنىشقا، تەتقىق  قىلىشقا  ئەرزىيدىغان  تىما  ..........  رەھمەت يوللىغىنىڭىز غا  !!!!!  [s:108]   [s:108]

ئىسىلنىڭ ئەسلىمۇ ۋەسلىمۇ ئىسىل، قىشى ياز باھارى پەسلمۇ ئىسىل. ئېسىلساڭ ئاشۇنداق ئىسىلغا ئېسىل، پاك ۋىجدان غورورى نەسلىمۇ ئىسىل.

غۇرۇر ،ۋىجدانىڭنى يۇقاتما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 431
يازما سانى: 966
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12801
تۆھپە نۇمۇرى: 427
توردا: 876 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 11:08:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىمىنى قۇشۇپ يوللىغان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى

سىنى سۆيگىنىم خاتا ئەمەس ،ئۇچراتقىنىم خاتا

قەدىرلىكىم ،قەد

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3438
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9383
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2013-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 11:14:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالپاقنىڭ رەسمىنى يوللىڭە  راس~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13430
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9916
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1636 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 11:18:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لۇپنۇرلۇق ئۇيغۇرلار كەيگەن قالپاق قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىملىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ ھازىرقى قىرغىزلارنىڭ قالپىقىدىن پەرىقلىندۇ، لۇپنۇر شىۋىسىمۇ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىددلىكىنى ساقلاپ قالغان شىۋە بۇلۇپ ھازىرقى شىۋىلەردىن تۇرپان شىۋىسى بىلەن ئۇرتاق ئالاھىدلىككە ئىگەبۇلغان تەرەپلىرى  خېلىلا كۈپ .كۈپ سۈزلىرىنى تەلەپپۇز قىلىش جەھەتتە تۇرپان تەلەپپۇزىغا ئۇخشاش.لىكىن ،لۇپنۇر شىۋىسى قىرغىز تىلىغا ئۇخشىمىسىمۇ قىرغىزلارنىڭ قالپاققا قاراپلا لۇپنۇرلۇقلارنى قىرغىز دىيىشى بىمەنىلىك. بىر ئاي بۇرۇن  قىرغىزلارنىڭ  بىر تۇر بىكىتىگە كىىرگىنىمدە قىرغىز دىل بىرىك سائىتىغۇ دەيمەن،لۇپنۇرلۇق قىرغزلار دەپ لۇپنۇر ئۇيغۇرلىرىنى قىرغىز دەپ مۇئەيەنلەشتۈرۋەتكىنى كۈرۈپ قالدىم .ئۇلار ھەتتا كىرۇران گۈزىلىنىما قىرغىز دەپتۇ. ئۇلار  كىرۇران گۈزىلىنىڭ قېيسىق كۈزلۇك ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرلارغا ئۇخشاش قاڭشارلىق يۇغان كۈزلۈك بۇلۇشتەك  تارىخى ئىسپات ھەقىقەتلەرنى نىمىشقا ئاساس قىلمايدىغاندۇ،ئىنكاس يازاي دەپ ئۇيلىغان ئىدىم ئەمما ئۇلارنىڭ تۇر بىكىتىگە قانداق كىرىشنى بىلەلمىەي بۇلدى قىلدىم.تۇۋا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمىلا نىمىسىنى تالىشدىغان بۇلۇپ قالدىغۇ بۇ  خەق.

غەيۋەتخور كىشى، ئەڭ پەس كىشىدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4402
يازما سانى: 2976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76348
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 6789 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 03:34:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تىمىكەن.تولۇق بىر چۈشۈنۈپ ئوقۇپ چىقاي.

ئىزىڭدىن ئۈنگەن تىكەن، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىنى يارا قىلۇر.

ۋاز كەچكەن كۇنۇڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13862
يازما سانى: 559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9225
تۆھپە نۇمۇرى: 423
توردا: 917 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2012-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 01:55:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسىت گەپ قىلسام مېنىڭ شۇنداق قەدىمىي كېيىم كېچەكلىرىمىزنى كېيىپ يۇرگىم بار.مېھمانلىق ئۇچۇنلا كېيىلدىغان شۇ كېيىملىرىمگە قارسام ئىچىم بەكلا سېرىلدۇ.

مىللەتنىڭ تومۇرى ئۇمىدى ياشلار ئاتاڭنىڭ ئىپتىخار پەخرى ياشلار ئادا قىل ئەجدادنىڭ ئۇمىد ئارزۇسىن شۇدىلا مەنىلىك ھاياتىڭ ياشلار
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش