مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 729|ئىنكاس: 8

پۇل تېپىشقىلا كۈچەش كېرەكمۇ ياكى تاپقان پۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13311
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 838
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2014-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 03:41:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روزغار باشقۇرۇشتا مۇنداق ئۈچ خىل ئادەم ئۇچرايدۇ: بىپەرۋالار، ئېسىلۋالغۇچىلار، ماھىرلار.



   بىپەرۋالار

   2008–يىلى باشلانغان دۇنياۋى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى تەدرىجىي بېسىقىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەسىرى، بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ روھىيىتىدىكى تەسىرى ئاسان تۈگىمەيدۇ. جۇڭگو ئەمگەكچىلىرى جاپالىق مۇھىتتا ئۇزاق مۇددەت ئېغىر ئەمگەك قىلىپ، ئازراقلا كىرىم قىلاتتى، ئىشچىلار، ھەتتا كارخانا خوجايىنلىرىمۇ شۇنداق ئىدى. مەن ئارىلاشقان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى 30 يىلدىن بۇيان تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئىشلەپ، كارخانىلىرىنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭ مۈلكىنى مەلۇم كۆلەمگە يەتكۈزگەن بولسىمۇ، 2008 – يىلى باشلانغان كىرىزىستا ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقى چېنىپ قالدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، باشقا كەسىپكە مەبلەغ سېلىپ باققۇسى كەلدى، لېكىن ئۇلار پۇل تېپىشقىلا كۈچەپ، تاپقان پۇلىنى باشقۇرۇشقا كۈچىمىگەنلىكىنى كېچىكىپرەك ھېس قىلدى.

   كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇھىم ئۇچۇرلاردىن خەۋەرسىز يۈرىدۇ. مەسىلەن: شىركەتنىڭ بانكىدا 10 مىليون يۈەن قەرەلسىز ئامانەت پۇلى بار دەيلى، ئەگەر شىركەت بۇ پۇلغا پۇل بازىرىغا سېلىنىدىغان فوند سېتىۋالغان بولسا، پايدىسىغا يامان ئەمەس پىكاپتىن بىرى كەلگەن بولاتتى. ئۇلار بىر تەرەپتىن، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئازراق ئالتۇن ئېلىپ قويۇشنىمۇ بىلمىدى، ئۇلار روزغارچىلىققا ئائىت بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە كەمدىن – كەم ۋاقىت ئاجرىتىدۇ، تولا چاغدا قىزىقىشىغا ۋە ئادىتىگە قاراپ ئىش قىلىدۇ. مېنىڭ بىر دوستۇم بولىدىغان، ئۇ ھەممە پۇلىغا ئۆي سېتىۋالغانىدى، ئۇنىڭ ھازىر 30 يۈرۈش ئۆيى بار، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ تۇرۇپمۇ ئۆي سېتىۋېلىۋاتىدۇ، ئۆي سېتىۋېلىش ئۇنىڭ مەبلەغ سېلىش ئادىتىگە ئايلانغانىدى.
   ئېسىلىۋالغۇچىلار
   روزغار باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىش تەدرىجىي بولىدۇ، ئالدى بىلەن، ئاساسىي بىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىۋېلىش، ئاندىن ئۆز ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تېخىمۇ تەپسىلىي بىلىملەرنى ئىگىلەش كېرەك. بۇ بەئەينى ماھارەت ئۆگىنىشكە ئوخشايدۇ، ئات مىنىشنى بىلمەي تۇرۇپ بەيگىگە چۈشسىڭىز بولمايدۇ. پاي چېكى بازىرىغا كىرگىنىگە ئەمدىلا نەچچە ئاي بولغان بىر خانىم پاي چېكى باھاسى خېلى چۈشۈپ كەتكەن كۈنى ماڭا تېلېفون ئۇرۇپ، بۇ قېتىمقىسى چۈشۈشنىڭ نەچچىنچى قېتىمى ئىكەنلىكىنى سورىدى. مەن دەرھال كەچۈرۈم سوراپ، داۋالغۇش قائىدىسىنى بىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى، نۇرغۇن تەجرىبە – ساۋاق بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى، بۇنداق تەجرىبە – ساۋاقلارغا خېلى ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، ئۆزۈمنىڭمۇ ئۇنى تازا بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىمنى ئېيتتىم ھەم پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتىم.

   روزغارچىلىققا يېڭى كىرىشكەن كىشى ئاۋۋال مەبلەغ سېلىنىدىغان تاۋارلارغا دائىر ئاساسىي ساۋاتلارنى، مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇش ماھارىتىنى ئىگىلىشى، ئاندىن ئىقتىسادشۇناسلىق قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنى پىششىق ئۆگىنىشى كېرەك، شۇندىلا نەزەر دائىرىسى كېڭىيىدۇ.
   ماھىرلار
   كارخانىچى T ئەپەندى ئويۇن قېپىراق ئادەم ئىدى، ئۇ ئۆي – زېمىن، فوند، بانكا روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىگە مەبلەغ سېلىشقا كەسپىي مەسلىھەتچى تەكلىپ قىلىدۇ. مەسلىھەتچىلەر ئۆز تەجرىبىلىرىنى ئۇنىڭغا ئۆگىتىدۇ، ئەڭ ياخشى تىجارەت تۈرىنى تاللاپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزى ئىقتىسادىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشەنچلىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىللە قايسى ساھەگە قانچىلىك سەرمايە سېلىشنى مۇھاكىمە قىلىش بىلەنلا بولىدۇ، كونكرېت تۈرلەرنى بېكىتىشنى مەسلىھەتچىلىرىگە تاشلاپ بېرىدۇ.
   بىر مەھەل تىرىشقاندىن كېيىن، توختاپ ئويلىنىپ، نىشانىڭىزنىڭ ھېلىمۇ توغرىلىقىغا، تولۇقلاشقا تېگىشلىك جايلىرىنىڭ بار – يوقلۇقىغا، ئۇنى قانداق تولۇقلىغىلى بولىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىشىڭىز كېرەك. نۇرغۇن كارخانىنىڭ ئومۇمىي پايدا نىسبىتى %10 ئەتراپىدىلا بولىدۇ، شۇنچىلىك پايدىنى دەپ، كارخانا باشقۇرۇپ، ۋاقتىڭىزنى زايا قىلىشقا ئەرزىمدۇ؟

  مال – مۈلۈكنى باشقۇرۇش بىر ئىلىم. پاي چېكى بازىرىدىكى تېخنىكا كۆرسەتكۈچلىرى ھەققىدە نەچچە كىتاب يازغىلى بولىدۇ. ئۇنداق بولسا نېمىنى ئۆگىنىش كېرەك؟ ۋاقتى چەكلىكلەر چوڭ – چوڭ قۇرۇلمىلارنى، رامكىلارنى ئۆگىنىشى كېرەك. مەسىلەن:
   * ئۆزىگە باھا بېرىش؛
   * مەبلەغ سېلىنىدىغان تۈرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى(مەبلەغ سېلىنىدىغان تۈرلەرنى باھالاش)؛
   * مەبلەغ سېلىش خەۋپ – خەتىرىدىن ساقلىنىش؛
   * مەبلەغ سېلىشتىكى ئاساسىي تەجرىبە ۋە ماھارەتلەر؛
   * روزغار باشقۇرۇش ئۇستىلىرىنى تېپىش ياكى روزغارچىلىق تۈرلىرىگە ھۆكۈم قىلىش؛
   * ئۇچۇرنى قانداق ئىگىلەش ۋە قانداق تاللاش.
   كىشىلەرنىڭ تولىسى جىددىي بىرتەرەپ قىلمىسا بولمايدىغان، ئەمما زۆرۈرىيىتى يوق ئىشنى تاللايدۇ، روزغارچىلىققا ئائىت بىلىملەرنى ئۆگىنىشتە مۇھىم، ئەمما جىددىي ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بولمىغانلىرى ھامان ئېتىبارسىز قارىلىدۇ، شۇڭا ئۆزىڭىز كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگىنىشىڭىز كېرەك، مال – مۈلكىڭىزنى ئاشۇرۇشتا ئۆزىڭىز بىرىنچى جاۋابكار ھېسابلىنىسىز.
   مەن تونۇيدىغانلارنىڭ %99ى چوڭلار، ياشلار بولسۇن، تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە بىر ئاخشامنى ئاجرىتىپ ئويلىنىپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن:

   * ئارامغا چىققاندىن كېيىن تۇرمۇشۇمنى قانداق ئۆتكۈزىمەن؟ تۇرمۇشۇمنىڭ ھازىرقى سەۋىيەسىنى ساقلاشقا قانچىلىك ئىقتىساد كېتىدۇ؟
   * ھازىرقى جۇغلانمام بىلەن كەلگۈسىدىكى كىرىمىم كۆزلىگەن نىشانغا يېتەمدۇ؟
   * ئەگەر كۆزلىگەن نىشانغا يەتمىسە، مەبلىغىمنىڭ پايدىسى قانچىگە يەتسە، ئۇ نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ؟
   * شۇنچىلىك پايدا نىسبىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قايسى تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشىم كېرەك؟
  * مۇشۇ تۈرلەرگە مەبلەغ سالغۇدەك ئىقتىدار مەندە بارمۇ؟
   * مۇناسىپ ئىقتىدار ھازىرلاش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك ياكى ئۇنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان ئامالنى تاپقىلى بولامدۇ؟
   يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە ئېنىق جاۋاب تاپالمىسىڭىز روزغار باشقۇرۇشىڭىز نىشانسىز ھەربىي يۈرۈشكە ئوخشاپ قالىدۇ، ئاسانلا نىشاندىن ئادىشىپ، خەتەرلىك يەرگە كېتىپ قالىسىز. شۇڭا مەبلەغ سېلىشتىن بۇرۇن يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالمىسىڭىز بولمايدۇ


ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك تىخىمۇ كۆپ ماقالىلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئۇيغۇر پايچىكى تورىغا مەرھەمەت
http://www.uyghurstock.com/List.asp?ID=4463

مۇنبەر ئاجايىپلا بىر دۇنيا، ئىتنىڭ سايىسى بۆرە كۆرۈنىدىغان........

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24247
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7298 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 04:05:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارامغا چىققاندىن كېيىن تۇرمۇشۇمنى قانداق ئۆتكۈزىمەن؟ تۇرمۇشۇمنىڭ ھازىرقى سەۋىيەسىنى ساقلاشقا قانچىلىك ئىقتىساد كېتىدۇ؟
===
مۇشۇ سۇئالنى ئۆزىگە قويالىغان كىشىنىڭ كەلگۈسىدە ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن !

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن
ئىدىرىس بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 04:06:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سەن ئەڭ بەخىتلىك

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3940
يازما سانى: 5037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80161
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 1411 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 04:09:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇلنىمۇ قانداق تېپىشنى ئويلۇشۇپ تېپىش كىرەك..پۇل تاپتىم دەپ ھارامدىن تاپسا بولمايدۇ،

ئەقلىمىزنى ئىشلەتسەك بىز ئەڭ ئەقىللىق مىللەت!

يوقۇتۇشنىڭ تۈپ ي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10230
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9834
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1769 سائەت
تىزىم: 2010-9-13
ئاخىرقى: 2014-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 04:13:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر زامان ھۇشيار بولغاندا . ئاز پۇل ئارقىلقمۇ كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . ياخشى تېما يوللاپسىز . رەھمەت .

مۇھەببەتتىن كەچسەڭمۇ ئازاپ 。 ۋىسالىغا يەتسەڭمۇ ئازاپ 。 ئاي پاتسا تىترمە قوياش يار ساڭا 。 تەقدىرىڭ ھومايسا چاقچاق دەپ سانا 。

گۇناھلىرىمنى يۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2137
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10599
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 13305 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 04:17:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل باشقۇرۇشنى بىلىدىغانلار پۇل تېپىشنىمۇ بىلىدۇ.ئەمما پۇل تاپقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پۇلنى قانداق باشقۇرۇشنى بىلىشى ناتايىن.ئۇلار تاپقان پۇلنى قانداق باشقۇرۇشنى بىلمىسە،ھەر قانچە جىق پۇل تاپسىمۇ ھامان يۇلىدا ئىشلىتەلمەي تۈگىتىۋىتىدۇ.شۇڭا پۇل تېپىشتىن بۇرۇن پۇل باشقۇرۇشنى ئۆگىنىش كېرەك،پۇلنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ ئۆزى پۇل تاپقان بىلەن باراۋەر.

ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55732
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 04:35:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇلنى تېپىپ بولۇپ ئاندىن پۇلنى قانداق باشقۇرۇشنى ئۆگىنەمدۇق؟ ياكى پۇل تېپىۋاتقان مەزگىلدە ئۆگىنەمدۇق.........

ئەي غېرىپلىق!ئاج

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8945
يازما سانى: 551
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10552
تۆھپە نۇمۇرى: 563
توردا: 2977 سائەت
تىزىم: 2010-9-3
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 04:59:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ مۇھىمى ئەقىل،بىلىم،تەدبىر.بۇلار بولمىسا ......بەرىبىر.

پەرزەنتلەر دائىم ئاتا-ئانىنىڭ كۆڭلىنى كېچىكىپ چۇشۇنۇپ يېتىدۇ~!

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4175
يازما سانى: 1398
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10804
تۆھپە نۇمۇرى: 562
توردا: 6906 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 11:47:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر گەپ بار  بىرموچەن  تىجگنىڭ  بىرموچەن  تاپقىنىڭ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش