مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1852|ئىنكاس: 24

سېرىق ئۇيغۇرلار ___  يۇغۇرلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 1347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12305
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2764 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 09:41:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يۇغۇرلارنىڭ《شىجۇخاجۇ》داستانى توغرىسىدا

راھىلە داۋۇت ئەلچىن







    يۇغۇرلار قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر بۆلىكى.ئۇلار تارىختا 《سېرىق ئۇيغۇرلار》دەپمۇ ئاتالغان.يۇغۇرلار ئاساسەن گەنسۇدىكى سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيىسىدە ئولتۇراقلاشقان. سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيىسى گەنسۇ ئۆلكىسى خېشى كارىدورىدىكى چىليەن تېغىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تار،ئۇزۇن كەتكەن بەلۋاغقا جايلاشقان.سۇنەن ناھىيىسىدىكى يۇغۇرلار ئاساسەن مىڭخۇا ،داخې،كاڭلى، خۇاڭچىڭدىن ئىبارەت تۆت رايونغا تارقالغان بۇلۇپ،نوپۇسى 10مىڭ ئەتراپىدا.
    《شىجۇخاجۇ》(《كۈنپېتىش ئايماقتىن كەلدى يۇغۇرلار》دەپمۇ ئاتىلىدۇ)داستانى يۇغۇر مىللىتىنىڭ زور كۆلەملىك شەرىققە كۆچۈشىنى بايان قىلغان بۇلۇپ،ئۇنىڭدا يۇغۇرلارنىڭ ئەسلى ماكانى،كۆچۈش سەۋەبى ۋە كۆچۈش جەريانى ناھايىتى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.داستان تولىمۇ مۇڭلۇق بولۇپ ،دەرتلىك ھېسيات بىلەن سۇغۇرىلغان.
    يۇغۇرلارنى تەشكىل قىلغۇچى خەلقلەر ئۈستىدە سۆز ئېچىلغاندا،كۆپ قىسىم ئالىملار ئۇلارنى قەدىمدە ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدا ياشاپ 9-ئەسىردە غەربكە كۆچۈپ ،خېشى كارىدورى رايونىدا ئولتۇراقلاشقان خېشى ئۇيغۇرلىرىغا باغلايدۇ.بۇخىل قاراش 《يۇغۇر مىللىتى》،《يۇغۇر مىللىتىنىڭ قىسقىچە تارىخى》قاتارلىق كىتابلاردىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.يۇقىرىقى كىتابلاردا يۇغۇرلارنىڭ شەرىققە كۆچۈشى توغرۇلۇق توختالغان بولسىمۇ،ئۇلارنى جىيايۈگۇەننىڭ سىرتىدىن كۆچۈپ كەلگەن،دەپلا قويۇلغان،كونكرېت ئورۇن كۆرسىتىلىپ بېرىلمىگەن. بۇ تارىخىي داستان شۇ تارىخنىڭ ئەينەن ئۆزى بولمىسىمۇ،ئەمما ئەينى تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە بىزنى قىممەتلىك تارىخىي ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.بىز 《شىجۇخاجۇ》داستانىنى ئەينى دەۋىردىكى يازما خاتىرىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق ،يۇغۇرلار توغرىسىدىكى يوقىرىقى قاراشلارنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكىنى بايقىيالايمىز.
    بىز ئالدى بىلەن گەنسۇ تەۋەلىكىگە ئەڭ بۇرۇن كۆچۈپ كەلگەن،ھازىرقى يۇغۇرلارنىڭ ئەجدادى دەپ قارالغان خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ كۆرەيلى:
    موڭغۇلىيە چۆللىرىنىڭ شىمالىدا قارا بالغاسۇننى پايتەخت قىلىپ روناق تاپقان ئۇيغۇر خانلىقى مىلادىيە 840-يىلىدىن كېيىن تەبىئىي ئاپەت،ئىچكى-تاشقى جىدەل-ماجىرالار تۈپەيلىدىن تېزلا زەئىپلەشتى.چوجان قۇتلۇق باغا ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە قىرغىز قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ قوشۇن تارتىپ خانلىق ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلدى.شۇ سەۋەبتىن خاقاننىڭ يېقىنلىرىدىن ئون ئۈچ قەبىلە باشلىقى ئۈگەنىڭ قۇماندانلىقىدا جەنوبقا سۈرۈلۈپ تاڭ سۇلالىسىغا بېقىندى.قالغان قىسمى پاسا تېكىن ۋە پانتېكىن باشچىلىقىدا ئۈچ يۆلىنىش بويىچە غەرىبكە كۆچتى.بۇلارنىڭ بىر يۆلىنىشى خېشى كارىدورى ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلدى.ئىككىنچى يۆلىنىشى تېخىمۇ غەربكەمېڭىپ قۇمۇل ،تۇرپان ئەتراپىغا كېلىپ قوچونى مەركەز قىلىپ ئولتۇراقلاشتى.ئۈچىنچى يۆلىنىشى قەشقەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قارلۇقلارنىڭ دائىرىسىگە كۆچۈپ كەلدى.
    ئۇيغۇرلارنىڭ خېشى كارىدورىغا كۆچكەن قىسمى ھازىرقى يەر نامى بويىچە گەنسۇنىڭ جياڭيې ناھىيىسى،دۇنخۇاڭ ناھىيىسى، تيەنشۈي ناھىيىسى ،جيۇچۈەن ناھىيىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا ماكانلاشقان بولۇپ،ئۇلار ئەينى دەۋىرلەردە خېشى ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتالغان.ئۇلار دەسلەپ تۈبۈتلەرنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان،كېيىنچە گەنجۇ (ھازىرقى جياڭيې)نى مەركەز قىلىپ كۈچىيىپ،9-ئەسىردە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان،شۇ سەۋەبتىن ئۇلار گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى دەپمۇ ئاتالغان.گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ناھايىتى كەڭ تېررىتورىيىگە ئىگە بولۇپ،《ئەينى دەۋىردە ئۇلارنىڭ نوپۇسى 300مىڭدىن ئارتۇق بولغان.1 》11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خېتاۋ ئەتراپىنى ئىگىلەپ ياتقان تاڭغۇتلار باش كۆتۈردى.ئۇلار خېشى كارىدورىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىپ ،كۆپ قېتىم خېشى ئۇيغۇرلىرى تەۋەلىكىگە ھۇجۇم قوزغىدى.گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى بۇ ئۇرۇشلار تۈپەيلىدىن ھالسىزلىنىپ ،مىلادىيە 1028-يىلى تاڭغۇتلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى.شۇنىڭ بىلەن 130 يىلدىن ئارتۇق (مىلادىيە 872-1028-يىللار) سەلتەنەت سۈرگەن گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى. گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ھەر تەرەپكە چېچىلدى.بىر قىسمى تۈبۈت خانى جۇي سىلودىن پاناھ ئىزدەپ بېرىپ ،كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇردى.بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بارا-بارا تۈبۈتلەرگە ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كەتتى.يەنە بىر قىسمى تاڭغۇتلارغا بېقىندى.ئۇلار كېيىنچە تاڭغۇتلار چىگراسىدىكى داڭشياڭ،تۈبۈت،خەنزۇلار تەرىپىدىن ئاسسىلماتسىيە قىلىندى . يەنە بىر قىسمى دۇنخۇاڭ،شاجۇ رايونىغا بېرىپ شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلەشتى.ئۇلار تارىختا سېرىق ئۇيغۇرلار دەپ ئاتالدى.
    دېمەك ،يۈز يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى نەچچە ئەسىرلىك بوران-چاپقۇنلار داۋامىدا ئىنتايىن ئاز قىسمىدىن باشقا ،قالغان كۆپ قىسمى باشقا مىللەتلەرگەسېڭىپ كەتكەن.شۇ سەۋەبتىن،ئۇلارنىڭ ھازىرقى يۇغۇر مىللىتىنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدۇ ،دېيىش كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ.ئۇنداقتا ھازىرقى يۇغۇرلارنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنى بىۋاستە تەشكىل قىلغۇچى خەلقلەر كىملەر؟
    بىز بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىنى 《شىجۇخاجۇ》داستانىدىن ۋە شۇ دەۋىرگەئائىت تارىخىي ماتېرىياللاردىن ئىزدەيلى.داستاننىڭ دەسلەپكى مىسرالىرىدا مۇنداق دېيىلگەن:

《ئاتىلار ناخشىسى ئۇقتۇردى شۇنى،
يۇغۇرلار كەلگەنمىش غەربىي ئايماقتىن.》


    داستاندىن مەلۇم بولۇشىچە،ئۇلار شىجۇنىڭ خاجۇسىدىن كەلگەن.ئەمدى بىز 《شىجۇخاجۇ》 دېگەن تارىخىي يەر-جاي ناملىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرەيلى.
    ئورخۇن ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى غەرىبكە كۆچكەندە ،ئۇلاردىن تۇرپان ،قۇمۇل ئەتراپىغا كېلىپ ئورۇنلاشقانلىرى 《شىجۇ(غەربىي ئايماق)ئۇيغۇرلىرى》دەپ ئاتالغان.خاجۇ بولسا قاراقوچو ،قوچو دېگەن ئاتالغۇ يۇغۇر تىلىدىكى تەلەپپۇزى بولۇپ،ئۇ ئەينى دەۋىردىكى شىجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەركىزى بولغان قوچو (ئىدىقۇت) نى كۆرسىتىدۇ.داستاندا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭئۆي،ۋەنفۇشيا،بازىدۇڭلاردىن كېسىپ ئۆتكەنلىكى ۋە سۇجۇغا كېلىپ ماكانلاشقانلىقى بايان قىلىنغان. مىڭئۆي،ۋەنفۇشيا ھازىرقى دۇنخۇاڭ شىڭشىڭشىيا ئەتراپىنى،بازىدۇڭ بولسا بۈگۈنكى چىليەن تېغىنىڭ شىمالىدىكى قارا مۇران دەرياسى قىرغىقىنى كۆرسىتىدۇ.سۇجۇ بولسا ھازىرقى جيۇ چۇەن شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ.دېمەك ،《شىجۇخاجۇ》داستانى تۇرپان ،قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك شەرققە،يەنى گەنسۇ تەۋەسىگە كۆچۈش جەريانىنى بايان قىلىدىغان داستاندۇر.
    داستان ۋەقەلىكىدە يۇغۇرلارنىڭ كۆچۈشىگە ئۇرۇش ۋە دىندىن ئىبارەت ئىككى ئامىلنىڭ سەۋەب بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

سارغايدى گۈللىرى بۇ گۈزەل يۇرتنىڭ،
يوقاتتى قۇياشمۇ پارلاق نۇرىنى .
قىلىچلار بىسىدىن يانغان ئۇچقۇننىڭ
كۆپلۈكى يۇلتۇزغا ئوخشايدۇ ئەينى.

ئوغلانلار جېنىنى ئەيلىدى پىدا،
يۈرەكنىڭ تەپتىدىن كۆيمەكتە تۇپراق.
ئاياللار جەسىتى قان دېڭىزىدا،
مۇزلىغان قۇچاقتا ياتىدۇ بوۋاق.

نارلارنىڭ لوكىسى پېتىپ زېمىنگە،
ئاتلارنىڭ تۇيىقى تىرىگەن ئاسمان.
ياتىدۇ ھەر يەردە سۇنۇق قىلىچلار،
بۇ خەلق بولماقچى يەر بىلەن يەكسان.

ئوقياسىز ئاتقىلى بولماس يولۋاسنى،
تۆگىسىز بولماس ھەم يۈرگىلى چۆلدە.
بولمايدۇ چىراغسىز تۈندە يول تېپىپ،
يۇغۇرلار نائىلاج يۇرتتىن كۆچمەكتە.


    داستاندا بايان قىلىنغان يۇغۇرلارنىڭ شەرىققە كۆچۈشىگە سەۋەب بولغان ئۇرۇش ۋەقەلىكىنى ئەمدى بىز تارىخىي مەنبەلەردىن ئىزدەپ كۆرەيلى:
    《13-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى ئوتتۇرىسىداقاتتىق ھوقوق ۋە يەر-زىمىن تالىشىش كۈرىشى يۈز بەردى .1275-يىلى موڭغۇل ھۆكۈمدارى دۇۋا قۇماندانلىقىدىكى 120مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ مەركىزى قوچونى قورشىۋالدى.ئىدىقۇت خانى قوچقار سېپىلگە تايىنىپ قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى.دۇۋا قوچقارنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندىگەندە،قوچقار قەتئىي ھالدا،مەن مۇشۇ شەھەردە توغۇلدۇم،ئۆلسەممۇ مۇشۇ يەردە ئۆلىمەن،ھەرگىز تەسلىم بولمايمەن،دەپ جاۋاب قايتۇردى.قورشاۋ ئالتە ئاي داۋام قىلدى .دۇۋا يەنە قوچقارغا <ئەگەر قىزىڭنى بەرسەڭ ئەسكەرلىرىمنى قايتۇرۇپ كېتىمەن .بولمىسا سېپىلىڭنى ۋەيران قىلىۋېتىمەن>دەپ خەت كىرگۈزدى.سېپىل ئىچىدىكى خەلقلەردۇۋانىڭ خېتىنىڭ مەزمونىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن،شەھەردە ئاشلىقمۇ تۈگىدى،كۈچىمىزمۇ ئاجىزلاپ كەتتى،ئەگەر دۇۋا يەنە ھۇجۇم قىلىۋېرىدىغان بولسا ھەممىمىز تۈگشىدىغان بولدۇق،دېيىشىپ ھەسرەت چېكىشتى.قوچقار ئۇلارغا،ئەن قانداقمۇ ئۆز قىزىمنى دەپ سىلەرنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرەلەيمەن،دەپ ئۇلارغا رەسەللى بەردى.ئۇ خەلقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆز قىزىنى ئارغامچا بىلەن سېپىلدىن چۈشۈرۈپ دۇۋاغا بەردى.دۇۋا قوچقارنىڭ قىزىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كەتتى.》قوچو ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىدىقۇت خانلىقى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچ جەھەتتىن زور چىقىمغا ئۇچرىدى.شەھەردە داۋاملىق تۇرۇۋېرىشكە ئىمكانىيەت قالمىغاچقا قوچقار يۇرت-ماكانىنى تاشلاپ بىر قىسىم خەلقىنى باشلاپقۇمۇلغا كۆچۈپ باردى.ئۇلار كۆچۈپ ئۇزاق ئۆتمەي موڭغۇل ھۆكۈمدارى قايدۇنىڭ قوشۇنلىرى شىمالدىن كېلىپ قۇمۇلغا ھۇجۇم قىلدى.ئىدىقۇت ۋاڭى قوچقارئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلدى.《قوچقارنىڭ ئوغلى نورېن تېكىن قالدۇق ئۇيغۇر پۇقرالىرى ۋە ئەسكەرلىرىنى باشلاپ،ئەينى دەۋىردە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرى غەربكە كۆچۈشتە ماڭغان يولنى بويلاپ،قارشى يۆنىلىش بويىچەغەربتىن شەرققە مېڭىپ پاناھ ئىزدەپ گەنسۇغا كەتتى يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇلارنى يۇڭچاڭغائورۇنلاشتۇردى.》
    يۇڭچاڭغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە يۇڭچاڭغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە داۋاملىق ئۆزمەدەنىيىتىنى ساقلاپ،ئۆزتارىخىنى تادلاپ كەلگەن.《ئىدىقۇت مەڭگۈ تېشى》بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر.بۇ تاش 1933-يىلى گاۋچاڭ يېزىسىنىڭ ئابىدەساي(高昌石碑沟) دېگەن يېرىدىن تېپىلغان بولۇپ،ھازىر گەنسۇ ئۆلكىسى ۋۇۋېي ناھىيىسىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئاسراش ئىدارىسىداساقلانماقتا.《ئىدىقۇت مەڭگۈ تېشى》نىڭ ساقلىنىپ قېلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تېكىستىدە ئىدىقۇتتىن ئىچكىرىگە كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.كۆچۈش سەۋەبى ۋە جايلاشقان ئورنى 《شىجۇخاجۇ》داستانىدىكى تەپسىلاتلارغا ئاساسەن ئوخشايدۇ.ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرققە كۆچۈشىگە سەۋەب بولغان ئىككىنچى ئامىل_دىن ئامىلىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.داستاندا مۇنداق بايان قىلىنغان:

كۈجىلەر ئۆچمەيدۇ بۇتخانىلاردا،
گىگەنلەر ئولتۇرار جۈپتەكلەپ ئالىقان.
ئەلەملەر يەلپۈنەر ھەممە ئەتراپتا،
جۈپ قوللار قۇللارنىڭ تىلىدا داستان.

يۈكۈنۈپ نالىيدۇ تەڭرىگە گىگەن،
مۇڭ قۇيار بۇتخانا قوڭغۇراقلىرى .
قەۋمىگە قول سوزدى ۋابا ئىلاھى ،
بۇتلارغا تەگمەكتە ئوۋچى ئوقلىرى.

كېتەيلى خورلانغان دىيارنى تاشلاپ،
كېتەيلى بۇ قانلىق جەننەتتىن يىراق.

......
    يۇقىرىقى بايانلار ئەينى دەۋىردىكى تارىخ كارتىنىسىنى ناھايىتى جانلىق ،سىمۋوللۇق سۈرەتلەپ بەرگەن.
تارىخىي يازما ماتېرىياللاردىن مەلۇمكى ،تۇرپان قەدىمدە بۇددا دىنىنىڭ ئەڭ چوڭ مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان.مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە شىنجاڭ تېررىتورىيىسىدىكى ھەرخىل دىنلارغا قارىتا قويۇپ بېرىش خاھىشى ئىپادىلەنگەن.بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار رايونىدا ھەرخىل دىنلارنىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. شۇ تىركىشىشتە ئىسلام دىنى بارغانچە كۈچىيىپ باشقا دىنلارنى يەكلىگەن .نەتىجىدە پەقەت تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردىلا بۇددا دىنى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالىغان،قاراخانىيلار خانىدانلىقى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ،بۇددا دىنىدىكى بەشبالىق ئۇيغۇرلىرى(جىمىسار،تۇرپان ئۇيغۇرلىرى) قاراخانىيلارنىڭ دىنىي دۈشمىنى ،كۆزىگە قادالغان مىخ بولۇپ قالغان .مەھمۇد كاشغەرىي شۇ چاغدىكى ۋەقەنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن:

كەلكۈن بولۇپ ئاقتۇق،
كەنتلەرنىڭ ئۈستىگەچىقتۇق،
بۇتخانىنى يىقىتتۇق
بۇت ئۈستىگە چىچتۇق.


(《دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك》1-توم448-بەت)
    موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە كەلگەندە نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ئىمپېرىيىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى دىنىي مەسىلىدە مەلۇم خاھىشنى ئىپادىلەشكە باشلىدى .بۇ خاھىش 1252-يىلىدىكى سالىندى تېكىن ۋەقەسىدە تولۇق ئىپادىلەندى:《سالىندى تېكىن بارچۇق ئارت تېكىننىڭ ئوغلى بولۇپ،ئۇ بارچۇقنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ (قوچو ئىدىقۇتى)بولغان .ۋەقە يۈز بەرگەندە سالىندى تېكىن ئىمپېرىيىنىڭ مەركىزى قارا قۇرۇمدا مۇنكېلىڭ خانلىقىغا چىقىش مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتاتتى.ئۇنىڭ بىر غالچىسى(ئائىلە قۇلى)مۇنكېنىڭ بېشبالىقتا تۇرۇۋاتقان پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى سەيپىدىنگە (ئۇ مۇسۇلمان ئىدى)(قوچو ئىدىقۇتى مەلۇم بىر جۈمە كۈنى بېشبالىق ۋە قوچودىكى مۇسۇلمانلارنى يوقاتماقچى بوپتۇ)دەپ ئەرز-شىكايەت قىلغان.دەسلەپتە يۈزلەشتۈرگەندە،سالىندى مۇنداق قەستتە بولمىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان.نۇرغۇن قىيىن-قىستاقلاردىن كېيىن ،نائىلاج بۇ تۆھمەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.1252-يىلى سالىندى تېكىن بېشبالىققا يالاپ ئېلىپ كېلىنىپ،بىر جۈمە كۈنى ئۇكىسى ئۈكىنچە تېكىن تەرىپىدىن بېلى كېسىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 》
    سالىندى تېكىن ۋەقەسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،ئىمپېرىيىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى ئىسلام دىنىغا ئاشكارا يان بېسىشقا باشلىغان .مۇسۇلمانلار مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ،باشقا دىنلارنى چەتتكە قاققان ۋە تازىلىغان ھەمدە تۇرپان ئويمانلىقىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە باشلىغان.قوچو ئۇيغۇرلىرىنىڭ دىنىمۇ 《دىۋان》دا ئېيتىلغاندەك ئېچىنىشلىق تەقدىرگە دۇچار بولغان.مانا بۇ ئەھۋاللارمۇ 13- ئەسىردە،يەنى دەل ئۇيغۇرلارنىڭ شەرققە كۆچۈش مەزگىلىدە يۈز بەرگەن.
    دېمەك ،شەھەر-قەسىرلىرى ئۇرۇش زەربىسىگە ئۇچرىغان،ئۆز ئېتىقادى دەپسەندە قىلىنغان تۇرپان ،قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى يات دىندىكىلەرگە باش ئېگىشنى خالىماي ،يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ،شەرققە كۆچۈپ جيايۈگۇەننىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ ماكانلاشقان.《شىجۇخاجۇ》داستانى يۇقىرىقى تارىخىي رېئاللىقنى بەدىئىي شەكىل ئارقىلىق جانلىق سۈرەتلەپ بەرگەن.
    تۇرپان،قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ گەنسۇ تەۋەسىگە كۆچۈپ بېرىشى بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىغان.15-ئەسىرنىڭ ئاخىرى16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسلاملاشقان تۇرپان ۋاڭلىقى بارغانچە كۈچىيىپ مىڭ سۇلالىسى بىلەن قۇمۇلنى تالاشقان.مانا مۇشۇ مەزگىللەردەئۇرۇشتىن بىزار بولغان ۋە ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان قۇمۇل يەرلىك ئاھالىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئارقا-ئارقىدىن گەنسۇ تەۋەسىگە كۆچكەن.پەقەت 1524-يىلىلا خېشى كارىدورى رايونىغا كۆچۈپ بارغان قۇمۇل ئاھالىسى مىڭدىن ئاشقان.بۇ ھەقتىكى خاتىرىلەر 《مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قۇمۇل ،تۇرپان ماتېرىياللىرى توپلىمى》ناملىق كىتابتا ۋە 《تارىخي رەشىدىي》دە كۆپ قەيت قىلىنغان.ئەمەلىيەتتە يۇغۇرلارنىڭ تىلىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرىدىغان بولساق ،ئۇنىڭدا يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى ۋە سۆزلۈكلىرى ساقلانغان.بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ تىلىدا ساقلانغان قۇمۇل،تۇرپان شېۋىلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.مەسىلەن:يۇغۇر ئاياللىرى بىرەر ئىشقا ئەجەبلەنسە،ھەيران قالسا 《ئاتتام》دېگەن شېۋىنى خۇددى ھازىرقى تۇرپانلىقلاردەك ئۇزۇن سوزۇپ ئېيتىدۇ.شۇنىڭدەك 《نى بۈتتى،نى دېيدۇ》(نېمە بولدى؟ نېمە دەيدۇ؟)دېگەنگە ئوخشاش قۇمۇل شېۋىلىرىمۇ ئۇلارنىڭ تىلىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.مەسىلەن،《ئۇ كىشى نېمە دەيدۇ ؟》دېگەن جۈملىنى 《ئۇ كىسى نى دېيدۇ؟》دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ.
    تۇرپان ،قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدىن باشقا 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرى16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا 《سېرىق ئۇيغۇر 》 دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇرلارمۇ گەنسۇنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ ئولتۇراقلاشقان.سېرىق ئۇيغۇرلار گەنسۇ ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرز قىلىنغاندىن كىيىن دۇنخۇاڭ ئەتراپىغا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ ،ئۇلار تارىختا شاجۇ ئۇيغۇرلىرى دەپمۇ ئاتالغان.سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ماكانى تارىخىي مەنبەلەرگەئاساسلانغاندا《دۇنخۇاڭنىڭ جەنوبى،سەيدام ئويمانلىقىنىڭ شىمالى،ھازىرقى لوپنور،چاقىلىقنىڭ شەرقى جەنوبىغا توغرا كېلىدۇ.》15-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سېرىق ئۇيغۇرلار ماكانىمۇ تۇرپان چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان ..شۇنىڭ بىلەن سېرىق ئۇيغۇرلار مىڭ سۇلالىسىنىڭ گەنسۇدا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارىدىن ئىچكىرىگە كۆچۈپ كېرىشنى تەلەپ قىلغان.ئۇلار 《چىڭ خۇانىڭ ئوتتۇرىلىرىدا(مىلادىيە 1465-1487-يىللار)،چېڭدېنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا(مىلادىيە 1506-1521-يىللار )ۋە چېڭدېنىڭ 8-يىلى(مىلادىيە 1513-يىللاردا)ئارقا-ئارقىدىن كۆچۈپ سۇجۇ (ھازىرقى جيۇچۈەن)ئەتراپىغا ۋە گەنجۇ(ھازىرقى جاڭيى)نىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلارغا ئورۇنلاشقان.》
    شۇ قېتىملىق كۆچۈش توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر يۇغۇرلار ئارىسىدا تا ھازىرغىچە ساقلانماقتا.بەزىلەرنىڭ 《شىجۇ خاجۇ》داستانى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ شەرققە كۆچۈشىنى ئىپادىلىگەن دەپ خاتا يەكۈن چىقىرىپ قويۇشىغىمۇ شۇ سەۋەبتۇر.



مەنبە:تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر تىل-ئەدەبىيات تاللىما دەرسلىكى(6) 114-بەت
يۇغۇرلارنىڭ《شىجۇخاجۇ》داستانى توغرىسىدا
راھىلە داۋۇت ئەلچىن


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
sargarda + 20 ئەسسالامۇ  ـ  ئەلەيك

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 20   باھا خاتىرىسى

ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 1347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12305
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2764 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 10:17:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا بەت لاھىيىلەشنى ئۆگىتىپ قويساڭلار بوپتىكەن.

ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !

ئاشۇ  ئىشلارنى 

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15300
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7055
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 2603 سائەت
تىزىم: 2010-10-26
ئاخىرقى: 2012-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 10:37:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ رەسىمدىكى   سېرىق   ئۇيغۇرلارما ؟
  رەسىمدىكىلەر   ئېنىقلا   مۇڭغۇللار  تۇرمامدۇ   ،  مەيلى كىيىم -كىچەك  ، ياكى
  چىرايى   ئۇيغۇرلارغا   ئازراقمۇ ئوخشۇمايدىكەن  .
  

ھايات كۈن ئۆتكۈز

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6487
يازما سانى: 1368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11715
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 1537 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 11:04:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوۋۋ  ھازىرقى ئەدەبىيات كىتابتا بۇ مەزمونلار بارما ؟؟؟   بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىم ئىكەن ، سېرىق ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ بۇددا دىنىغا ئېتقاد قىلامدۇ ؟؟؟

ياراتقان ئىگەمنىڭ نىېمىتى كارىز ، ئەمگەكچان خەلقىمنىڭ ھۈنىرى كارىز ، سۈيىم ھەم نېنىم ھەم ھۇزۇرى كارىز . جاھاندا بىرلا ئۇ شەربىتى كارىز ، 

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12764
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8283
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2010-10-5
ئاخىرقى: 2011-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 11:05:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئەدەبىيات كىتاپتا بىز ئوقىغاندا بۇنداق دەرسلەر يوق ئىدى، بۇنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم،كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەكتەپلەردە جوڭگۇ تارىخى ئورنىغا ئۇيغۇر تارىخى ئۆتۈپ قالامدۇ نېمە.
جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدۇق رەھمەت،جەلىپكار خانقىز

ۋىجدان سنى قۇچاقلىمىسا سەن ۋىجداننى قۇچاقلىۋال چىڭ

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 1347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12305
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2764 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 11:54:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  KAREZ كە 2010-10-26 11:04 PMئەۋەتىلدى  :
يوۋۋ  ھازىرقى ئەدەبىيات كىتابتا بۇ مەزمونلار بارما ؟؟؟   بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىم ئىكەن ، سېرىق ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ بۇددا دىنىغا ئېتقاد قىلامدۇ ؟؟؟
بۇددا دىنىنىڭ لاما مەزھىپى دەمدۇق بۇنى ،لاما دىنىغا،ئاز بىر قىسمى شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىكەن.كىيىم -كېچەك مەدەنىيىتىمۇ ئاساسەن مۇڭغۇللارغا ئوخشاپ قالىدىكەن.تىلدىمۇ يېرىمى تۈركىي تىللار ئائىلىسىىكى يۇغۇر تىلىنى،يەنە ئاز بىر قىسمى مۇڭغۇل تىلىنى ئىشلىتىدىكەن.لىكىن ھازىر ئاساسەن خەنزۇ تىلىنى كۆپرەك قوللىندىكەن.

ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2357
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3093
تۆھپە نۇمۇرى: 414
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2010-6-9
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 12:35:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋىلىشقا تېگىشلىك تارىخىي ماتىريال ئىكەن. ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر!

&ناتىۋان 3.8 &

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10099
يازما سانى: 1518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10715
تۆھپە نۇمۇرى: 518
توردا: 2575 سائەت
تىزىم: 2010-9-12
ئاخىرقى: 2013-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 12:44:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا كۆرۈشكە تىگىشلىك ئىكەن، رەخمەت سىزگە.

ماڭا قىلساڭ،ئاقىۋەتتە ئۈزەڭگە قىلىسەن!!!       ئاتۇش قىزى.          ناتىۋان

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 12:45:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىيەن جەمەتى دېگەن تېمىغا كىرسىڭىز ھەممىسى بار  !

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

ئادەمنىڭ سۈرىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 498
يازما سانى: 1092
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21775
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 4080 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 12:56:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

8-قەۋەت (xamxarka) نىڭ يازمىسىغا

بۇ تېمىنىمۇ كۆرۈپ چىقىشقا بولىدۇ. تەپسىلى ماتېريال.... بەزى ئىشلارنى بىلىپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق ئەلۋەتتە!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش