ئەزالار گۇرۇپپا دەرىجىسىنى
قايتا رەتلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم، مىسرانىم تورىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىللىرى
ھەممىڭلارغا ئاۋال مىسرانىم مۇنبەر باشقۇرۇش كوللىگيىسى نامىدىن ئوتلۇق سالام
مىسرانىم مۇنبىرىنى رەتكە سېلىش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ . (ئاي ئاخىرغىچە)..باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملىرىمىز كۆپچىللىككە تېخىمۇ ئىناق، گۈزەل بولغان تور مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ . مۇنبىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تەرەققى قىلدۇرۇش - تورداشلارغا تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان تور مۇھىتىنى ھازىرلاپ بەرگۈسى .
نۆۋەتتە مۇنبىرىمىزنى رەتكە سېلىش خىزمىتى جەريانىدىكى ، بىر قىسىم يېڭى مەسىلىلەر توغرىسىدا تورداشلارغا ئىزاھات بەرمەكچىمىز.
مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ "ئەزا نامىلىرى" قايتا رەتلەندى
مۇنبىرىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ، بۇ جەرياندا ھەرخىل كەمچىللىك ۋە يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى ئۇدۇللۇق توغرىلاپ مېڭىۋاتىمىز. بۇقېتىمقى مۇنبەرنى رەتكە سېلىش خىزمىتىدە، مىداللار رەتكە سېلىنغاندىن باشقا، ئەزالار نامىغىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ قايتا رەتلەندى. ئەزالار نامى دىگىنىمىز < يېڭى ئەزا > < تېما چولپىنى > دىگەنگە ئوخشاش باش سۈرىتىڭىز ئاستىدا چىقىپ تۇرىدىغان ئۇنۋانىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.
بۇرۇنقى بار بولغان 14 ئەزا نامىنىڭ بەزىلىلىرى چىقىرىۋېتىلىپ يەنە بەزىللىرى يېڭىدىن تولۇقلىنىپ 20 تۈر بويىچە ئەزا دەرىجىسى بېكىتىلدى.
دىققەت: دەرىجىلەر چۈشمىدى ھەم كۆتۈرۈلمىدى،پەقەتلا ئەسلىدىكى دەرىجە ئىسىم ۋە رەسىملىرى ئۆزگەردى
يېڭىدىن رەتلەنگەن ئەزا ناملىرى تۆۋەندىكىچە: (تۆۋەندىن يۇقىرىغا)
دەرىجە نامى ---- دەرىجە رەسىمى
يېـڭى مــېھان ---
يىـڭى ئــەزا ---
ئادەتتىكى ئەزا ---
يېتىلىۋاتقان ئەزا ---
تىرىشچان ئەزا ---
ئاكتىپ ئەزا ---
ئۈمىدلىك ئەزا ---
دائىملىق ئــەزا -- -
شەرەپلىك ئەزا ---
كــۆنگەن ئــەزا ---
مەستانە ئـــەزا ---
تەجىربىلىك ئەزا ---
پائالىيەتچان ئەزا ---
تۆھپىكار ئـەزا -- -
ئىجادچان ئەزا ---
كۆزگە كۆرۈنگەن ---
كونا ئەزا ---
غوللۇق ئــەزا ---
ئۈلگىلىك ئەزا ---
ئالاھىدە ھوقوقلۇق ---
(سېستىما تەرىپىدىن مۇنبەر پۇلى ،ياخشى باھا، تۆھپە ،يازما قاتارلىقلارنىڭ ئوتتۇرچىسى ئېلىنىپ ئاپتۇماتىك بەلگىلىنىدۇ)
سېستىما گۇرۇپپىسىغا تەۋەلىرىدىن:
دەرىجى نامى -- --- دەرىجە رەسىمى
تەستىقلانمىغان ئەزا ----
مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى ---
چەكلەنگەن ئەزا-----
سەھىپە باشقۇرغۇچىسى-----
تەكلىبلىك ئەزا------
ئالىي ئەزا-----
مۇنبەر باشلىقى-----
(مۇنبەر باشلىقى ياكى مۇنبەر مەسئۇلى بىۋاستە بەلگىيەلەيدۇ)
ئەزا ناملىرىنى رەتكە سېلىش مۇنبىرىمىزنىڭ مۇكەممەللىشىش يولىدىكى بىر قەدەم بولۇپ قالغۇسى. مۆھتىرەم ئەزالارنىڭ تېخىمۇ نادىر بولغان تېما ۋە ئىنكاسىڭلار ئارقىلىق ئەزا نامىڭلارنى ئاشۇرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز .
ئۇندىن باشقا تورداشلارنىڭ تېما يوللىغاندا ئەستايىدىل بولۇپ،مۇنبەر قائىدە-تۈزۈملىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مىسرانىم مۇنبىرى ھەر بىرىڭلارنىڭ نادىر تېمىلىرىنى كۈتىدۇ ۋە سىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ، تور مۇھىتىڭلارغا خۇشاللىق تىلەيدۇ .
ئەسكەرتىش: ئەزا دەرىجىلىرى بىرمۇ بىر تەڭشىلدىغان بولغاچقا ،تىما كۆرەلمەسلىك ،ئىنكاس يازالماسلىقتەك بىر قاتار بۇرۇن قىلالايدىغان مەشغۇلاتلار چەكلىمىگە ئۇچراپ قالغان بولسا ،مىسرانىم ئەپەندىمگە قىسقا ئۇچۇر يوللىغايسىز!
مىسرانىم تور بېكىتى باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى
مىسرانىم مۇنبىرى باشقۇرغۇچىلار كوللىكتىپى
2010-يىل 26-ئۆتەبىر