مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1268|ئىنكاس: 15

سارىكول تاجىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دىنى ئېتىقا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 02:57:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     سارىكوللار شىنجاڭنىڭ تاشقورغان رايونىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىران تىللىق خەلقىلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ تاغ تاجىكلىرى دەپ ئاتىلىدىغان مىللى تۈركۈمگە تەۋە .  سارىكوللارنىڭ 2008-يىلى يىل ئاخىرىدىكى نوپۇسى 41مىڭ بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە تاشقورغان ۋە ئاقتۇنىڭ تار تاجىك يېزىسىغا  25مىڭ كىشى ئولتۇراقلاشقان. يەن ئونمىڭغا يېقىن سارىكول تاشقورغانغا تۇتاش پوسكام(3500)،  يەكەن(2500)، قاغىلىق (2000)،گۇما(1000) قاتارلىق جايلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. سارىكول تاجىكلىرى بىلەن قېرىنداش كېلىدىغان روشەن، شۇغنى، بارتانگىس قاتارلىق باشقا تاغ تاجىكلىرى تاجىكىستاننىڭ تاغلىق بەدەخشان رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ھازىر ئۇ يەردە بار سارىكوللار 10مىڭغا يەتمەيدۇ، شىنجاڭدىكى تاشقورغان سارىكوللارنىڭ ئەڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايى ھىساپلىنىدۇ .
    تاجىكلار تۈزلەڭلىك تاجىكلىرى ۋە تاغ تاجىكلىرى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ . تۈزلەڭلىك تاجىكلىرى سۈننى مەزھەپتە، تاغ تاجىكلىرى ئۇمۇمەن شىئە ئىمائىلىيە مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، تاغ تاجىكلىرىنىڭ تىلى  ﻫىندى - ياۋروپا تىلى سېستىمىسى ئىران تىلى ئائىلىسى شەرقى تىللار گۇرۇپپىسىدىكى ئىران ۋە تۈزلەڭلىك تاجىكلىرىنىڭ ئەكسىچە  غەربىي ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە  تىللاردا سۆزلىشىدۇ.  ۋە دىنى تۈزلەڭلىك تاجىكلىرىنىڭ تىلى ۋە دىنىغا ئوخشىمايدۇ،  نوپۇسى ئازراق ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى پامېر ئېگىزلىكىدە ۋە ئۇنىڭغا يانداش رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان . ئېلىمىزدىكى تاجىكلار تاغ تاجىكلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ ، قەدىمكى زاماندا شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ياشىغان ،سۆزلىشىدىغان مىللەت .
      تاشقورغاندىكى تاجىكلارنىڭمۇ ھەممىسىلا سارىكول ئەمەس، تاشقورغاندا يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغاندىن سارىكوللاردىن باشقا يەنە يەنە 8مىڭ ئەتراپىدا ۋاخان تاجىكلىرى، ئىككى مىڭ ئەتراپىدا شۇغنى تاجىكلىرى بار.
    تاجىك دىگەن نام تاج دىگەن سۆزگە ئىك دېگەن ئارقا قوشۇمچىسىنىڭ ئۇلىنىشى بىلەن تۈزۈلگەن . بۇ ﻫۆرمەت ۋە يېقىنلىقنى بىلدۈرىدىغان ئاتاق . خەن ، تاڭ دەۋرلىرىدە ، ئېلىمىز تاجىكلىرى ئولتۇراقلاشقان كۆكئارت (پامىر) رايونى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلەرنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىدا  بولغان . تاڭ سۇلالىسىدىن كېيىن قاراخانىيلار سۇلالىسى ، غەربىي لياۋ سۇلالىسى ، چاغاتاي خانلىقى ، يەكەن خانلىقىنىڭ قارمىقىدا بولغان . XVIII ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىنىغا قوشۇلغان .
  تاجىكلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە دارا ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىستىلاسىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرگەن بولۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات جەريانىدا ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىشتىن ئىلگىرى ، شەرقىي ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغان  مىللەتلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن دىنىي ئېتىقادى يوق ئىدى ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كەڭ تارقالغان زوروئاستېر دىنى بىلەن خىرىستىئان دىنى ، بۇددا دىنى ۋە مانى دىنىمۇ مەۋجۇت ئىدى . شىنجاڭدىكى تاجىكلار ئارىسىدا ئەزەلدىن مۇز تاغلار بوۋىسى دەپ ﻫۆرمەتلىنىدىغان مۇز تاغقا  بولغان ئىپتىدائىي ، تەبىئىي چوقۇنۇش مەۋجۇت ئىدى . قەدىمكى زاماندا كىرگەن زوروئاستېر دىنى بىلەن ئاۋېتسا نىڭ تەسىرىمۇ خېلى كەڭ ئىدى . مىلادى II - III ئەسىرلەردە ، تاشقورغان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا كاۋاتتا دۆلىتى قۇرۇلۇپ ، ئازكەم 500 يىل ﻫۆكۈم سۈرگەن ، بۇددا دىنى بۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت دىنى ئىدى .
  مىلادى VIII ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرەبلەر ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كەڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ، IX ئەسىردە تاجىكلار مىللەت بولۇپ شەكىللەنگىچە بولغان مەزگىلدە ، ئىسلام دىنى ﻫۆكۈمران ئورۇندىكى دىنغا ئايلانغان . شىنجاڭدا X ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قاراخانىيلارنىڭ ﻫۆكۈمرانى ئىسلام دىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، مىلادى 960 - يىلى ئىسلام دىنى دۆلەت دىنىغا ئايلانغان . قاراخانىيلار سۇلالىسى سۈننىي مەزﻫىپىنى ئىسلام دىنىغا ۋەكىككلىك قىلىدىغان مەزﻫەپ قىلىپ بېكىتكەن ، سۈننىي مەزﻫىپى بىلەن قارىمۇ - قارشى بولغان شىئە مەزﻫىپى ئاساسەن تاشقورغان رايونىدا ياشايدىغان تاجىكلار ئېتىقاد قىلىدىغان مەزﻫەپ بولۇپ قالغان .  تاجىكلار شىئەلەرنىڭ ئىسمائىلىيە مەزﻫىپىگە ئېتىقاد قىلغان ، بۇ ناسىر خۇسراۋنىڭ پامىرغا كېلىپ دىن تارقاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى . شۇڭا ناسىر خۇسراۋ ئېلىمىزدىكى تاجىك مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن پىر ، ئۇستاز ، ئەۋلىيائاتا دەپ  ئۇلۇغلانغان . بىراق ، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، پامىر رايونىدىكى ئىسمائىلىيە مەزﻫىپى نىسارى مەزﻫىپى -- مۇﻫەممەدشاﻫ نەسەبى -- قاسىم شاﻫ نەسەبى -- ئاغاخان نەسەبىدىن ئىبارەت تارقىتىش يولى بويىچە تەرەققىي قىلغان .
   پاتىمە سۇلالىسىنىڭ 8 - ئەۋلاد خەلىپىسى مۇستەنسىر  دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا ، پارسلارنىڭ ئىسمائىلىيە مەزﻫىپى ئىشلىرى ﻫەسەن ساباﻫ نىڭ رەﻫبەرلىكىدە گۈللەنگەن . ﻫەسەن ساباﻫ ئىراننىڭ قۇم شەﻫىرىدىن ئىدى ، ئۇ مىلادى 1078 - يىلى سودىگەرچە ياسىنىپ مىسىرغا بارغان ، مۇستەنسىر  كۆرۈشكەن ۋە تەيىنلەنگەندىن كېيىن پېرسىيىنىڭ ﻫەرقايسى جايلىرىدا دىن تارقاتقان . ئۇ مىلادى 1090 - يىلى دېرەم تاغ رايونىدىكى ئالامۇت قەلئەسىنى مەركەز قىلىپ ، تەشكىلىي مۇكەممەل ، ئىنتىزامى قاتتىق بىر تاغ پادىشاﻫلىقى قۇرۇپ ، سالجۇقىيلار سۇلالىسىنىڭ ﻫەربىي ﻫۆكۈمرانلىقىغا ۋە ئۆزىگە دۈشمەن بولغان باشقا سىياسىي ، دىنىي كۈچلەرگە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ، ۋەﻫىمە سېلىش يولى بىلەن قارشى تۇرغان . مىلادى 1094 - يىلى مۇستەنسىر ئۆلگەندىن كېيىن ، پاتىمە سۇلالىسىدىكى ئىسمائىلچىلەر ئىچىدە ئىماملىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلىش ﻫوقۇقىنى تالىشىپ چوڭ بۆلۈنۈش يۈز بەرگەن . مۇستەسنىر ئەسلىدە چوڭ ئوغلى نىسارىنى ۋارىس قىلىپ بەلگىلىگەن بولسىمۇ ، كېيىن ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى ئەخمەت باش ۋەزىر ئافدالنىڭ يۆلىشى بىلەن تەختكە چىقىپ ، مۇستارى دەپ ئاتالغان . نىسارى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىپ مەغلۇب بولغاندىن كېيىن زىندانغا تاشلىنىپ ، سولاقتا ئۆلگەن . ئۇ ئىككىيلەننىڭ ئىخلاسمەنلىرى مۇستارىچىلار ۋە نىسارىچىلار دېگەن ئىككى گۇرۇﻫ بولۇپ شەكىللەنگەن . ﻫەسەن ساباﻫ بىلەن پېرسىيىدىكى ئىسمائىلىيىچىلەر مۇستارىنىڭ ۋارىسلىق ﻫوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان . ئىماملىق ئورۇن بوش قالغان مەزگىلدە ، ﻫەسەن ساباﻫ نىسارىچىلارنىڭ ئەڭ كاتتا رەﻫبىرى بولۇپ قالغان . ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئالامۇت تېغى پادىشاﻫلىقىنىڭ 4 - ئەۋلاد رەﻫبىرى ﻫەسەن ئاللا زىكرىﻬ سالام ئىمام دەپ ئېتىراپ قىلىنىشقا باشلىغان . شۇنىڭدىن تارتىپ مىلادى 1256 - يىلى مۇڭغۇل ئستېلاچىسى ﻫىلاكۇ ئالامۇت قەلئەسىنى ئېلىپ ، ئىمام رۇفىدىن كۇرشاﻫنى قەتىل قىلغانغا قەدەر ~ نىسارىچىلارغا ئالامۇت قەلئەسىنىڭ رەﻫبىرى ئىمام بولغان . رۇفىدىن كۇرشاﻫنىڭ ئوغلى مۇﻫەممەد شەمسىدىن ( كۇرشاﻫنىڭ نەۋرىسى دېگەنمۇ گەپ بارمىش -- ئايچىۋەر ) ئەزەربەيجانغا قېچىپ كەتكەن . شەمسىدىندىن كېيىن ئىماملىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىدە يەنە بۆلۈنۈش يۈز بەرگەن . بىر تارماققا قاسىم شاﻫ ۋارىسلىق قىلغان ، بىر تارماققا مۇﻫەممەد شاﻫ ۋارىسلىق قىلغان .قاسىم شاﻫ ۋارىسلىق قىلغان تارماق بۇرۇن ئىراننىڭ ماخارا شەﻫىرى يېنىدىكى ئانزودىن يېزىسىدا ۋە شەﻫىرى باباق قاتارلىق جايلاردا جىم ياتقان ، XVIII ئەسىردىن باشلاپ بۇرۇنقى پىنﻬان تۇرمۇشىشنى ئۆزگەرتىپ ، سىياسىي سەﻫنىگە چىققان . بۇ نەسەبنىڭ ئىمامى ئەبۇ ﻫەسەن شاﻫ مىلادى 1756 - يىلدىن 1792 - يىلغىچە كىرماننىڭ باش ۋالىسى بولغان . ئۇنىڭ نەۋرىسى ﻫەسەن ئەلى شاﻫ ماخراتقا ( بۇ نەسەبنىڭ 46 - ئىمامى -- ئايچىۋەر ) پادىشاﻫ فاس ئەلى ئاغاخان دېگەن مەرتىۋىنى بەرگەن ، بۇ مەرتىۋە ئەۋلاتتىن - ئەۋلادقا مىراس بولۇپ قالغان . ﻫەسەن ئەلى شاﻫ كىرماننى ئۆز ئالدىغا سوراشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ، ئەمەلگە ئاشۇرالماي ، مىلادى 1840 - يىلى پاكىستانغا كۆچۈپ بېرىپ ، كاراچى ۋە كالكوتتىدا تۇرغان ، كېيىن ﻫىندىستانغا كۆچۈپ بېرىپ ، بومباينىڭ پۇنا دېگەن يېرىدە ماكانلاشقان . مۇﻫەممەد شاﻫ نەسەبىدىكى يەنە بىر تارماق دېرەمدىكى نىسارى گۇرۇﻫى بىلەن بەغلانغان . بۇ نەسەبنىڭ ئەڭ داڭلىق ئىمامى شاﻫ داشىر ﻫۈسەيىن داكانى سافاۋى پادىشاﻫلىقىنىڭ سۇلتانى تەرىپىدىن پېرسىيىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ ، دامغاندىكى ئەخمەت ناگار دېگەن يەرگە كېلىپ ، 1594 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن . بۇ نەسەبنىڭ ئىماملىقى ئەمىر مۇﻫەممەد باجىرغا كەلگەندە ئۈزۈلۈپ قالغان .
     ئوغۇز دەرياسى (ئامۇ دەرياسىنى دېمەكچى -- ئايچىۋەر)نىڭ بېشىدىكى ئىسمائىلىيە مەزﻫىپى ئالامۇت دەۋرىدىن بۇرۇنلا نىسارىچىلارنىڭ رەﻫبەرلىكنى قوبۇل قىلغان ﻫەم پىشىۋ ﻫۆكۈمرانلىقىدىكى شۇغنان سۇلالىسىنى قۇرغان . مىلادى 1507 - يىلى مۇﻫەممەد شاﻫ نەسەبىدىكى شاﻫ راديادىن بەدەخشانغا بېرىپ ، كۆپ قىسىم يەرلەرنى سورىغان . ئون يەتتىنچى ئەسىردە مۇﻫەممەد شاﻫ نەسەبىدىكى قۇدايبەىش دېگەن يەنە بىر ئىمام بەدەخشانغا ماكانلىشىپ ، 1664 - يىلى ۋاپات بولغان . ئىسمائىلىيە جامائەسىگە شۇ يەردىكى مۆتىۋەرلەر سۇلالىسى داۋاملىق رەﻫبەرلىك قىلغان .XIX ئەسىرگە كەلگەندە ، بەدەخشاندىكى ئىسمائىلىيە مۇخلىسلىرىنىڭ كۆپ قىسمى قاسىم شاﻫ نەسەبىگە ئۆتۈپ ، ئاغاخان نەسەبنامىسىنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلغان . بۇ ئۆزگۈرۈش مۇﻫەممەد شاﻫ نەسەبىدىكى ئىماملارنىڭ ۋارىسلىقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ۋە ئاغاخان I نىڭ ﻫىندىستانغا كۆچۈپ كېتىشى ئارقىسىدا قاسىم شاﻫ نەسەبىنىڭ تەسىرىنىڭ كېڭىيىپ كەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك .
      سارىكول تاجىكلىرى ئىچىدىكى ئىسمائىلىيەنىڭ ئۆزگۈرۈشى بەدەخشان رايونىنىڭ ئەﻫۋالى بىلەن ئوخشاش بولغان ، ئىجتىمائىي ، تارىخىي تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا ، XVI ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سەئىدسۈرە دېگەن بىر ئىشان ئىراندىن پامىر رايونىغا ئىسمائىلىيە مەزﻫىپىنىڭ ئەقىدىسىنى تارقاتقىلى كەلگەندە ، 70 ئەسكەرنى باشلاپ تاشقۇرغانغا بېرىپ ، ئۇ يەرنىڭ ﻫۆكۈمدارى جاﻫانگىر بىلەن ئەلەمگەرنى ئۆلتۈرۈپ ، ئۆزى سەئىد شارىخان بولىۋالغان . ئۇ نىسارىچىلارنىڭ مۇﻫەممەد شاﻫ نەسەبىدىكى دىن تارقاتقۇچىسى بولسا كېرەك . كېيىنكى ۋاقىتتا شىنجاڭ تاجىكلىرى ئىسمائىلىيىنى تاشلاپ ، قاسىم نەسەبىگە بەيئەت قىلغان . XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاغاخان II , ئاغا ئەلى شاﻫ (قاسىم نەسەبىنىڭ 47 - ئىمامى ) كېلىپ تاشقورغاننى كۆزدىن كەچۈرگەن . بۇ چاغدا ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ، تاجىك مۇسۇلمانلار بەدەل داۋانغىچە ئالدىغا بېرىپ قارشى ئالغان . شۇنىڭ بىلەن بۇ يەر  ئاغا قەدەم جاي  دەپ ئاتىلىپ ، تاجىك مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ ئىمامنى خاتىرلەيدىغان جايغا ئايلانغان . كىشىلەر بۇ يەردىن ئۆتكەندە ئۇلاغدىن چۈشۈپ ~ دۇئا قىلىپ ، سەدىقە بېرىپ ئۆتىدىغان بولغان .
    ناسىر خۇسراۋدىن كېيىن پامىر تاجىكلىرى ئارىسىدىكى ئىسمائىلىيە مەزﻫىپىدە بىر قاتار ئۆزگۈرۈش يۈز بەرگەن بولسىمۇ ، لېكىن نىسارىچىلار ناسىر خۇسراۋ ئىدىيىسىنىڭ ئورنىنى ئىنكار قىلمىغان .
    ناسىر خۇسراۋنىڭ دىنىي ئابرويى جوڭگو تاجىكلىرى ئىچىدە ئۇزاققىچە ساقلانغان . ئۇنىڭ چىراغ ئايەت دېگەن ئەسىرى تاجىكلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشىنىڭ يېتەكچىسى ، دەپ ئۇلۇغلانغان . تاجىكلار مېيىت يەرلىكىدە قويۇلغان كۈنى كېچىسى چىراغ تىلاۋىتى قىلىدۇ ، خەلىپە چىراغدا خەتمە قۇرئان قىلىدۇ ، چىراغ ئايەت شۇنىڭدىن كەلگەن .  چىراغ ئايەت تە ئۆلگۈچىنىڭ ئۇ ئالەمدە كۆرىدىغان كۈنى بايان قىلىنىدۇ ، ئۆلگۈچىنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ئوبدان بولۇشىغا تىكەكداشلىق بىلدۈرىلىدۇ . ئېيتىلىشىچە ، چىراغ ئايەت ئوقۇلمىسا ، ئۆلگۈچىنىڭ يەرلىكى ياخشى ، ئاخىرەتلىكى تىنچ بولماسمىش . شۇڭا تاجىكلار ئۇنى بەك ئۇلۇغلايدۇ ، بۇنىڭدىن باشقا بىرمۇنچە نەزىر - چىراغ پائالىيەتلىرىدە تاجىكلار مۇراسىمنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى ناسىر خۇسراۋنىڭ نامى بىلەن ئېلان قىلىدۇ ، ﻫەتتا مەملىكىتىمىزدىكى تاجىكلار ئىچىدىمۇ نۇرغۇن دىنىي زاتلار ئۆزىنى تاشقورغانغا ناسىر خۇسراۋ بىلەن بىللە  دىن تەشۋىق قىلىشقا كەلگەن دىنىي مەرىپەتچىلەرنىڭ ئەۋلادى ، دەيدۇ .
 ئىجتىمائىي ، تارىخي تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا ، سارىكول تاجىكلىرى ئېتىقاد ئىدىيىسىنىڭ جەﻫەتتە ئادەم ئۆلگەندە روﻫ ئۆلمەيدۇ ، ياخشى ئىش قىلغانلار ياخشىلىق كۆرىدۇ ، يامان ئىش قىلغانلار يامانلىق كۆرىدۇ ؛ كۆپ ياخشى ئىش قىلغانلارنىڭ ئەرۋاﻫى جەننەتكە كىرىدۇ ، جەننەت توققۇز قات ئاسماننىڭ ئۈستىدە بولىدۇ ، جەننەتكە كىرگەنلەر پەيغەمبەرنىڭ دەرگاﻫىغا بارىدۇ  ، ئەبەدىلئەبەت بەختلىك بولىدۇ ؛ يامانلىق قىلغانلارمۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئاسمانغا چىقىدۇ ، ئەمما جەننەتكە يېتىپ بارالماي ، يەتتە قەۋەت ئاسمانغا چىقىپلا يامغۇر ، قار بولۇپ يەرگە  چۈشىدۇ ؛ يەرمۇ توققۇز قات بولىدۇ ، يامغۇر ، قار يەرگە چۈشكەندە توپىغا سىڭىپ ، پاتقاق بولۇپ ، گىياﻫقا ئايلىنىدۇ ، گىياﻫ چارۋىغا ئوزۇق بولىدۇ ، چارۋىنىڭ قورسىقى دوزاختۇر ؛  يامانلىق قىلغانلار ئەنە شۇ يەردە ئازاب چېكىدۇ ، بەزىلىرى قاغا - قۇزغۇنغا ئايلىنىدۇ ،  بەزىلىرى ئېشەك ، تۆگە ، ئىت ، قوي ، كالا قاتارلىق ﻫايۋانلارغا ئايلىنىپ ئادەم تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ ، دەپ قارىغان .  تاجىكلارنىڭ ئىسمائىلىيە مەزﻫىپى ئېتىقادىنى ساۋابلىق ئىش قىلىش بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ، تاجىك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىبادەت ، جاﻫاندارچىلىق يولىنى گەۋدىلەندۈرگەن . تاجىكلاردا مازارغا چوقۇنۇش ۋە بەزى خۇراپاتلىقلار  مەۋجۇت.


---------------------------------------------------
مەنبە : ھاجى نۇر ھاجى بىلەن چېن گوگۇاڭ بىرلىشىپ يازغان «شىنجاڭ ئىسلام تارىخى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .
 http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=4908

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
xamxarka + 20 مۇشۇ تېمىدىكى ئىنكاسىمغا جاۋاپ بەرسىلە ئ

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 20   باھا خاتىرىسى

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13103
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 03:24:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىنداش مىللەتەرنى تونۇشتۇرۇش ياخشى بىر ئىش، يەنە رايۇنىمىزدا ياشاۋاتقان قېرىنداش مىللەتلەردىن سالار ۋە دوڭشياڭ مىللەتلىرىنىمۇ تونۇشتۇرغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتى!!  [s:79]

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

جەننەت+دوزاخ = ھايات

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1477
يازما سانى: 1954
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 201567
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 3387 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 03:52:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاجىكلار توغرۇلۇق مۇنداق تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان ماتىريالنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن .

سەمىمىيلىك ئىنساندىكى ئېسىل خىسلەتتۇر !  ئىللەت تۈزەلمىگۈچە ،مىللەت تۈزەلمەس!   ھەقىقەت ئېگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ !   تىلى ياتنىڭ دىلى يات !     تور دۇنياسى
گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 03:58:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 04:19:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاجىكلاردا بىدئەت ئىشلار كۆپكەن ھە !

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

جەننەت ئانىلارن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10856
يازما سانى: 1580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31235
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1604 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 04:19:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بوپتۇ......ياخشى خەۋەركەن...ياخشى بىلىم..

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 05:09:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىسىمىنى كۆرۇپلا يىلانكام يوللىدىمىكىن دېگەنتىم !
بايا بىر ماقالىدا مۇنۇ بىر جۇملىنى ئۇچىرىتىپ قالدىم !
ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ياشىغۇچى تاجىكلار ئەمەلىيەتتە سارىكوللار بولۇپ، تاجىكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى تاجىكلار بىلەن بىر مىللەت ئەمەس . بۇنىڭغا قانداق قارايسىز كىن ؟

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

ئوماق قىزىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 132
يازما سانى: 2063
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15107
تۆھپە نۇمۇرى: 559
توردا: 9685 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 07:06:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت xamxarka كە 2010-10-26 05:09 PMئەۋەتىلدى :
تېما ئىسىمىنى كۆرۇپلا يىلانكام يوللىدىمىكىن دېگەنتىم !
بايا بىر ماقالىدا مۇنۇ بىر جۇملىنى ئۇچىرىتىپ قالدىم !
ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ياشىغۇچى تاجىكلار ئەمەلىيەتتە سارىكوللار بولۇپ، تاجىكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى تاجىكلار بىلەن بىر مىللەت ئەمەس . بۇنىڭغا قانداق قارايسىز كىن ؟

بىر مىللەت ئەمەس دىگەن قانداق گەپ ئەمدى

سەنئەتكە بىرىلگەن مىللەت چۈشكۈنلەشكەن مىللەتتۇر

ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 2155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13237
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 07:18:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بۇ تاجىكلارنىڭ ئىتىقادى ئاجايىپ جۇمۇ .

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش .
يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

ياسىنجان(سىرلىق)

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5357
يازما سانى: 7033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90743
تۆھپە نۇمۇرى: 1350
توردا: 6262 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 08:10:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  تىما  يوللاپ  سىز  دوستۇم............ رەھمەت [s:79]

سىرلىق سەنئەتلىك لايىھەلەش سىتودىيسى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش