مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1338|ئىنكاس: 24

قۇمۇل دىيارىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10181
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 64062
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 8017 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 06:17:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇمۇل ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ شەرقىگە جايلاشقان. شەرقتىن گەنسۇ ئۆلكىسى، غەربتىن تۇرپان ۋىلايىتى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، جەنۇبتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالدىن تاشقى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 595 كىلومېتىر كېلىدۇ). جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 440 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 404 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى  137 مىڭ  600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭغا  1 شەھەر،  2 ناھىيە (قۇمۇل شەھىرى، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، ئاتۈرۈك ناھىيىسى) قارايدۇ. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇمۇل دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئاراتۈرۈك ھەربىي ئات مەيدانى بار. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە جايلاشقان قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 588 كىلومېتىر كېلىدۇ.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  446 مىڭ  300 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  19.96% نى، خەنزۇلار  66.69% نى، باشقا مىللەتلەر  13.35% نى تەشكىل قىلىدۇ.   قۇمۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار قەدىمدە <كۇنمۇ> دەپ ئاتالغان. ئۇسۇن خان مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ يۇڭپىڭ 16 - يىلى (73 - يىلى يېخې لەشكەر بېشى قويۇلغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېنگوەن 4 - يىلى (630  - يىلى) غەربىي ئىۋىرغۇل ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. جېنگوەننىڭ 6 - يىلى (632 - يىلى) ئىۋىرغول ئايمىقى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىدە قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىغا قارىغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىۋىرغول ئايمىقى دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە قۇمۇل دەپ ئاتىلىپ، گەنسۇ ۋاقىتلىق ۋازارىتىگە قارىغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭلې  4 - يىلى  (1406 - يىلى) قۇمۇل ياساۋۇلخانىسى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ  24 - يىلى (1759 - يىلى) قۇمۇل نازارىتى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 10 - يىلى (4188 - يىلى) دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەت قىلىنغان. مىنگونىڭ  2  - يىلى (1913 - يىلى) قۇمۇل ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، جېندى دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ  23 - يىلى (1934 - يىلى) قۇمۇل مەمۇرىي رايونى تەسىس قىلىنغان.  1943 - يىلى قۇمۇل ۋالىي مەھكمىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن.  1970  - يىلى قۇمۇل ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان.   يەر تۈزۈلۈشى: شىمال تەرىپى ئېگىز، جەنۇب تەرىپى پەس بولۇپ، شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسىمى تاغلىق رايون، جەنۇبىي قىسمى تۈزلەڭلىك ۋە چۆل - باياۋان. تاغ يېرى 70.5% نى، تۈزلەڭلىك ۋە چۆللۈك  29.5% نى ئىگىلەيدۇ. ۋىلايەتتە شۇنازۇر كۆلى، بارىكۆل، تۇزكۆل قاتارلىق تەبىئىي كۆل ۋ  140  تىن ئارتۇق دەريا، تاغ بۇلىقى بار. يەر يۈزى سۇ بايلىقى 1 مىليارد 83 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقداردىن  1 مىليارد  350 مىليون كۇب مېتىر.  ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاساسلىقى قۇلان، ياۋا تۆگە، يىلپىز، قارا تايغان بۇغا، سۈلەيسۈن، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى چاچ سەي، زاراڭزا، سوغىگۈل، قانتېپەر، چاكاندا، قارلەيلىسى، ماندارىن قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، مىس، نېكىل، ئالتۇن، تۇز، گىلائۇبېر تۇزى قاتارلىقلار بار.   قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ئىنتايىن زور. بارىكۆل ئويمانلىقى مۆتىدىل بەلۋاغ 2 - دەرىجىلىك قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. ئاراتۈرۈك ئويمانلىقى سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. قۇمۇل ئويمانلىقى بىلەن نوم كۆلى قاتارلىق چۆللەر مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  9.9℃ ~ 0.1℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 43.9℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 43.6℃ ، كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3200 ~ 3400 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  1700℃ ~ 4100℃. قىروسىز مەزگىلى 102 ~ 229 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 250 ~ 10 مىللىمېتىر. شامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى بىر قەدەر مول. سەنتاڭخۇ كۆلى بىلەن نوم كۆلىدە يىلدا بوران چىقىدىغان كۈن سانى ئوتتۇرىچە 100 كۈندىن ئاشىدۇ.   بۇ ۋىلايەت دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  46 مىڭ  400 گېكتار (696 مىڭ مو). ئورمان كۆلىمى  90 مىڭ  100 گېكتار (1 مىليون  351 مىڭ  500  مو)، ئوتلاق كۆلىمى  4 مىليون  193 مىڭ  600 گېكتار (62 مىليون  904 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىش باب كېلىدىغان  266 مىڭ  700 گېكتار (4 مىليون مو) قاقاس يەر بار. ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، پاختا، ئۈزۈم، قوغۇن، چىلان، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، تۆگە، ئىشەكنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ئالتۇن قېزىش، نىئورگانىك تۇز خىمىيە سانائىتى ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى قاتارلىقلار بار.   قۇمۇل ۋىلايىتى شىنجاڭنىڭ شەرقىي چوڭ دەرۋازىسى بولۇپ، قاتناش، خەۋەرلىشىش ئىشلىرى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولى، دۆلەت تاشيولىنىڭ  312 - لىنىيىسى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزا يوللىرى ھەر تەرەپكە تۇتاشقان. ئاسىيا - ياۋروپا نۇر كابىلى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش تورىغا تۇتاشتۇرۇلغان. بۇ ۋىلايەتكە جايلاشقان پەسىللىك ئېغىز لاۋيېمياۋ ئېغىزى شىنجاڭنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن سودا ئېغىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.   بۇ ۋىلايەتنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن بەلسۇنغۇل جىلغىسىدىكى ئىپتىدائىي قىيا تاش ئويمىلىرى، قارا دۆۋە قەدىمكى قەبرىلىرى، خۇەنسەيگۇ جىلغىسىدىكى خەن سۇلالىسى، خۇيۋاڭ قەبرىسى قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن ئاقتاش، سارچوقا قاتارلىقلار بار.


 ئۇيغۇر قىز ـ ئاياللىرى ئەزەلدىن كەشتە تىكىشكە ماھىر بولۇپ، قۇمۇل قىز ـ ئاياللىرىنىڭ چىۋەرلىكى بۇ جەھەتتە ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ. ئۇلار تەبىئەتتىكى ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىك كۆز قارىشىنى ئەڭ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان گۈل ـ گىياھ، ئوت ــ چۆپ، تاغ ـ تىزمىلىرى، ئېقىن سۇ قاتارلىقلارنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ تەسەۋۋۇر قىلىپ، يىڭنە ۋە رەڭلىك يىپ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى نامايەن قىلىدىغان گۈزەل سۈرەتلەرنى دوپپا، ياقا، يەڭ، ياستۇق، داستىخان، پەردە، يوتقان ـ كۆرپە قاتارلىقلارغا كەشتىلەپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ چېۋەرلىكى ۋە ئىجادكارلىقىنى نامايەن قىلىدۇ،


 














قۇمۇل غىجىكىنىڭ ياسىلىشى ۋە قۇمۇل 12 مۇقامىدىكى ئاساسلىق رولى




قۇمۇل غىجىكى قۇمۇلنىڭ ئۆزگىچە چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى. بولۇپمۇ قۇمۇل 12 مۇقامىنى ئورۇنلاشتا ئەڭ ئاساسلىق سازلارنىڭ بىرى بولۇپ، قۇمۇل غىجىكىدە ئورۇنلانغان مۇقاملار ناھايىتى مۇڭلۇق، تەسىرچانلىققا ئىگە ، كىشىلەرنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ.  

قۇمۇلدا توي – تۆكۈن، ئولتۇرۇش ۋە چوڭ تىپتىكى ھېيت - بايراملاردا مەشرەپ ئوينىلىدۇ، قۇمۇل مۇقاملىرى ئېيتىلىدۇ. مەشرەپتە، قۇمۇل غىجىكى باش قىلىنىپ باشقا سازلار تەڭكەش قىلىنىپ چېلىنىدۇ، بولۇپمۇ قۇمۇل مۇقاملىرىدا قۇمۇل غىجىكىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.

  قۇمۇل غىجىكى تۈزۈلۈشى ئاددىي، جاراڭلىق، مۇڭلۇق، كۆپ تارىلىق بولۇپ، ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللىرى ئاددىي، تەننەرقى تۆۋەن بولۇپ، ئاددىي قىلىپ ياسىغىلىمۇ، گۈزەل كۆركەم قىلىپ ياسىغىلىمۇ، بېشىنى ياغاچتىن ئويۇپ ياسىغىلىمۇ، تۆمۈردىن، مىستىن قۇيۇپ ياسىغىلىمۇ بولىدۇ. شۇڭا قۇمۇل غىجىكى قۇمۇلنىڭ شەھەر ئىچىدىن تارتىپ كەڭ يېزىلىرى چەت ياقا تاغلىق رايونلىرىغىچە كەڭ تارقالغان ۋە ئومۇملاشقان.

  تارىخى نۇقتىدىن قارىغاندا، قۇمۇل غىجىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ نۇسخىسىدىن مىراس قالغان بولۇپ، باشقا مىللەتلەرگىمۇ تارقالغان، بولۇپمۇ خۇيزۇ مىللىتى قەدىمدىن تارتىپ قۇمۇل غىجىكىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ كەلگەن. ھازىر خۇيزۇلار ئىشلىتىۋاتقان ھەر خىل شەكىلدىكى ئىككى تارىلىق غىجەكلەرنىڭ ئەسلى نۇسخسى قۇمۇل غىجىكىدىن ئېلىنغان. ئېيتىلىشىچە خەنزۇچە "ئەرخۇ" (二胡 ) دېگەن ئىسىمدىكى "ئەر" سۆزى ئىككى دېگەن سۆز بولۇپ، غىجەكنىڭ ئىككى تارىسىنى، "خۇ" دېگەن سۆز ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كۆرسىتىدىكەن. "ئەرخۇ" دېگەن ئاز سانلىق مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىنغان ئىككى تارىلىق چالغۇ ئەسۋابى دېگەن مەنانى بىلدۈرىدىكەن.

 

 


           قۇمۇل راۋابى






[align=justify] 

 

[align=justify]  قۇمۇل راۋابىمۇ قەدىمكى راۋابلارنىڭ بىرى بولۇپ ، ياسىلىش شەكلى چوڭ جەھەتتە دولان راۋابىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ . بىراق ، قۇرۇلمىسىدا مەلۇم پەرقلەر بار .

  قۇمۇل راۋابى راۋاب بېشى ، پەدە قويۇلغان كەڭرەك ئۇزۇن دەستىسى ، پەدە قويۇلمايدىغان تارراق قىسقا دەستىسى ۋە قۇلاق ئورنى قاتارلىق تۆت قىسىمدىن ياسىلىدۇ . قۇلاق ئورنى ئۈچ بۇرجەك شەكىلدە بولۇپ ، ئالتە دانە قۇلاق بېكىتىلگەن . راۋاب دەستىسىنىڭ يۇقىرىقى قىسمى دولان راۋابىغا ئوخشاش ياسىلىپ پەدە قويۇلمايدۇ . تۆۋەنكى قىسمى كەڭرەك بولۇپ ، مىستىن 14 دانە پەدە قويۇلىدۇ .

  قۇمۇل راۋابى كۆپىنچە ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ . راۋاب بېشى ياغاچتىن ئىچى ئويۇلۇپ ، سوقىچاق ۋە ياپىلاقراق ھەمدە سەل چوڭراق ياسىلىدۇ . سوقىچاق بېشىنىڭ كەڭ دىئامېتىرى 23 سانتېمىتىر ، تار دېئامىتىرى 20 سانتېمىتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ . پەدە قويۇلمىغان دەستىسى 15 سانتېمىتىر ، پەدە قويۇلغىنى 28 سانتېمىتىر ئەتراپىدا بولۇپ ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 85 سانتېمىتىر .

  قۇمۇل راۋابىنىڭ يۈزلۈكىگە بۇرۇن ئات ، ئېشەك تېرىسى كېرىلەتتى ھەم ئۈچەيدىن تار ئېشىپ سېلىناتتى . ھازىر ئومۇمەن يىلان تېرىسى كېرىلىپ ، پولات سىم سېلىنىدىغان بولدى . ئۇنىڭ 13 تال تارى بولۇپ ، ئالدىنقى ئالتە تال تارى ئاساسلىق چېلىنىدىغان تار ، قالغانلىرى ئەكىس سادا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ . 1 - ، 2 - تارى بىر جۈپ ھالدا <<d>> ئاھاڭىغا ، 3 - ، 4 - تارى بىر جۈپ ھالدا <<g>> ئاھاڭىغا ، 5 - ، 6 - تارلىرى تومراق بولۇپ ، تۆۋەنرەك بولغان <<d>><<g>>ئاھاڭلىرىغا تەڭشىلىدۇ . قۇچاقتا يانتۇ قويۇلۇپ ، سول قولدا پەدە بېسىلىپ ، ئوڭ قولدا زەخمەك بىلەن تار چېكىلىپ چېلىنىدۇ .

  قۇمۇل راۋابىنىڭ ئۈستىگە خىلمۇخىل مىللىي پاسوندىكى نەقىشلەر ئويۇلىدۇ . بەزىلىرىگە ھەتتا ئۈنچە - ياقۇتلار قويۇلۇپ نەپىس ياسىلىدۇ . بۇ خىل راۋاب شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتى تەۋەسىدە كۆپرەك قوللىنىلغاچقا ، << قۇمۇل راۋابى >> دەپ ئاتالغان .

[align=justify] 


قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئەينى دەۋىردىكى سىرىتىقى كۈرۈنىشى

قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرلىشى

تۈۋەندىكىسى بۇنىڭدىن 450يىللار ئېلگىرى ئورنىتىلغان قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىنىڭ پۈتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى  تاش ئابىدە. (بۇ تاش ئابىدە ھازىرمۇ قۇمۇل ۋاڭلىرى خاتىرە سارىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. يېزىقى چاغتايچە يېزىق بىلەن ئەينى دەۋىرىدىكى ئۇيغۇر خاقانىيە تىلى بىلەن پۈتۈلگەن).

ئاستىدىكى چاغتايچىدىن يەشمىسىنى ئېنىق ئۇقۇيالمىغان بولسىڭىز، نەزىرىڭىز تۈۋەندىكى رەسىمدە بولسۇن 
 


تۈۋەندە قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىنىڭ سىرىتقى كۈرۈنىشى

تۈۋەندە قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئىچىكى كۈرۈنىشى ( كىين مەسجىت قىلىۋىتىلگەن ئىكەن)

تۈۋەندە قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىنىڭ تۇرىسىدىكى  بىر قسىم نەقىشلەر. ( خاتىرلەرگە قارغاندا ئېلگرى قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىدا بىر قېتىملىق ئوت ئاپتى يۈز بىرىپ، ئوردىنىڭ خېلى كۆپ قىسىم جايلىرى كۈيۈپ كەتكەن ئىكەن ، كىين ئامالنىڭ بارىچە ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرىلگەن.)  

تۈۋەندە قۇمۇل ۋاڭ تەختىنىڭ ھازىرقى ئەسلىگە كەلتۈرىلگەن ھالتى( كۆرگەزمە خانىدا بار بۇلۇپ، ساياھەتچىلەر ۋاڭ كىيىملىرىنى كىيىپ ، بۇ تەخىتتە ئولتۇرۇپ رەسىمگە چۈشىدىكەن. 



تۈۋەندە قۇمۇل ۋاڭ تەختىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرلىشى 



تۈۋەندە قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ، قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قايتا قۇرۇش تۈرنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرلىشى  


 


مەنبە:يىغىپ رەتلىدىم.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
xamxarka + 50 يۇرتۇم ! ھى ھى رەھمەت سىزگە !

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 50   باھا خاتىرىسى

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

ياسىنجان(سىرلىق)

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5357
يازما سانى: 7034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90762
تۆھپە نۇمۇرى: 1350
توردا: 6271 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 10:27:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە  رەھمەت  دوستۇم.............. ئۆلمىسەم  چۇقۇم  بىر  بارمەن [s:108]

سىرلىق سەنئەتلىك لايىھەلەش سىتودىيسى.

ياردەم مەزمۇنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1169
يازما سانى: 544
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16252
تۆھپە نۇمۇرى: 964
توردا: 4389 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 10:31:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بولسا بۇ تېمىنى قۇمۇل مۇنبىرىگىمۇ ئەۋەتىپ قويارسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10181
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 64062
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 8017 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 10:35:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت ئاگاھ كە 2010-10-25 10:31 AMئەۋەتىلدى :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بولسا بۇ تېمىنى قۇمۇل مۇنبىرىگىمۇ ئەۋەتىپ قويارسىز

 مەن ئۇ مۇنبەرگە تىزىملاتمىغان. سىز يۆتكەپ قويۇڭ بولسا .  رەھمەت.

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

ياردەم مەزمۇنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1169
يازما سانى: 544
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16252
تۆھپە نۇمۇرى: 964
توردا: 4389 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 10:43:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن بۇ تازمىنى كۆچۈرسەم قالايمىقان نەرسىلەر چىقىۋالدى .چۈنكى مىسرانىم مۇنبىرىگە كۆچىرىشتىن چەكلەش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن .
لېكىن سىز بۇنى يۆتكىلەلەيسىز ..تەھرىرلەش دىگەن يەردىن كىرىپ ماقالىنى كۆچىرۋېلىپ
http://bbs.12tagh.com       غا ئەۋەتكەن بولسىڭىز .

ئوگەنگۇ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 10:55:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۇيغۇرلار تارىخ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5896
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8989
تۆھپە نۇمۇرى: 506
توردا: 2534 سائەت
تىزىم: 2010-8-8
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 11:22:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىيارى قۇمۇلنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى دەپ ئاپسىز،بۇ گرامماتىكىغا تازا ئۇيغۇن ئەمەس،ئەسلى قۇمۇل دىيارىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى دەپ ئالغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتى!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10181
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 64062
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 8017 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 12:54:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت Orxun كە 2010-10-25 11:22 AMئەۋەتىلدى :
دىيارى قۇمۇلنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى دەپ ئاپسىز،بۇ گرامماتىكىغا تازا ئۇيغۇن ئەمەس،ئەسلى قۇمۇل دىيارىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى دەپ ئالغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتى!!!!


نىمانچە ئەمدى....  بۇ شېئىرى تىل . مەن مۇشۇنداق دىيىشكە ئامراق. شۇنچە نەرسىنى يوللىسام كىچىك كۆزلىرىڭىز ئەنە شۇ بىر سۆزنى كۆردىمۇ؟  مەن رەنجىدىم. راس.
ئوڭشاپ قويدۇم.

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 03:21:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇمۇل مەشىرىپى ، قۇمۇل مازارلىقى ، 12 تاغ ، قۇمۇل توغۇرىسىدىكى رىۋايەتلەر ، توققۇز ئەجىدىھا رىۋايتى ، قۇمۇل مۇقامى ، قۇمۇل بېيىتى ، توي تۆكۇن نەزىر چىراق قائىدىلىرى ...... ھە مۇشۇلارمۇ قېتىلسا تېما ئاساسى جەھەتتىن مۇكەممەللىشىدۇ ! [s:110] ئەجرىڭىزگە رەھمەت ! كېچىكىپ قاپتىمەن ، بالدۇر كۆرىگەن بولسام چوققۇم تولۇقلاپ قوياتتىم ! [s:80]

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

جەننەت+دوزاخ = ھايات

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1477
يازما سانى: 1954
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 201567
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 3387 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 04:26:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ مىسرانىم مۇنبىرى ›› نىڭ پايدىسىدا مەن پۇل خەجلىمەي تۇرۇپ ، دىيارىمىزدىكى جايلارنى ھەقسىز ساياھەت قىلىۋالىدىغان بولدۇم-دە ! [s:60]

سەمىمىيلىك ئىنساندىكى ئېسىل خىسلەتتۇر !  ئىللەت تۈزەلمىگۈچە ،مىللەت تۈزەلمەس!   ھەقىقەت ئېگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ !   تىلى ياتنىڭ دىلى يات !     تور دۇنياسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش