ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مىسرانىم تور بېكىتىنىڭ مۆھتەرەم ئىشتىراكچىلىرى، پېقىر دارازىدىن ھەممىڭلارغا چوڭقۇر سالام!
مىسرانىم تور بېكىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بېكەت باشلىقى ۋە ھەر قايسى باشقۇرغۇچىلارنىڭ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، تورداشلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق يولباشچى تور بېكەتكە ئايلاندى. مەنمۇ مۇشۇ مۇنبەرنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن مىسرانىم مۇنبىرىدە يولغا قۇيۇلغان تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسىنىڭ 10-سانىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكىنىمدىن تولىمۇ خوشالمەن!
21-ئەسىر ئۇچۇر دەۋرى، ئىلىم-پەن دەۋرى. بۇنداق بىر دەۋردە ياشاۋاتقان ئىكەنمىز، چۇقۇم ئۆزىمىزنى ھەر تەرەپلىمە بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇشىمىز زۆرۈردۇر. شۇڭا كىچىككىنە مۇسابىقە مەيدانىمۇ سىزنى ئويلاپ باقمىغان كۆپ بىلىملەرگە ئىگە قىلىشى مۇمكىن. تىرىشىڭ، سىزمۇ جاۋاپ بېرىپ بېقىڭ. خاتا بۇلۇپ قالسا ھېچقىسى يوق، چۈنكى بىرەر ئىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىش سىزنى غەلبىگە يېتەكلەيدۇ. جاسارىتىڭىزنى نامايەن قىلىدۇ!
ئەمدى نەق گەپكە كېلەيلى. بۇ قېتىمقى تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسىغا نۇمۇر قۇيۇش ئۇسۇلى قوللىنىلدى. تاللاش سۇئاللىرى 10 تارماق، ھەر بىرى 3 نۇمۇردىن 30 نۇمۇر. جاۋاپ بېرىش سۇئالى 7 تارماق، ھەر بىرى 10 نۇمۇردىن 70 نۇمۇر. ئاخىرىدا ئالغان نۇمۇرىڭىزغا ئاساسەن، دەرىجىگە ئايرىلىپ مۇكاپاتلىنىدۇ.
ئۇنداق بولسا 10-سان تەلەي يۇلتۇزى رەسمىي باشلاندى!!!
تەلەي
1-سۇئال: گىرىلاندىيە ئارىلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئارال بۇلۇپ، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شىمالىغا، شىمالى مۇز ئوكياننىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان، ھاۋا كىلىماتى ئىنتايىن سوغوق. <<گىرىلاندىيە>> دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى:
ئا: مۇز ئارال
ب: چوڭ ئارال
س: يېشىل ئارال
د: ئوت ئارال
2-سۇئال: پىنگىۋىن تۆۋەندىكىلەردىن قايسى تۈرگەن تەۋە؟
ئا: قۇشلار تۈرىگە
ب: سۈت ئەمگۈچىلەر تۈرىگە
س: قوش ماكانلىقلار تۈرىگە
د: بېلىقلار تۈرىگە
3-سۇئال: قۇياش سېستىمىسىدىكى پىلانتلار ئىچىدە، قايسىسىنىڭ ھەمراھى ئەڭ كۆپ؟
ئا: مارس
ب: ۋېنىرا
س: يۇپىتىر
د: ساتۇرن
4-سۇئال: تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى كىم؟ قايسى يىلى پۇتبول ئەپەندىسى بولغان؟
ئا: مارادونا، 1990-يىلى
ب: كىلىنسىمان، 1991-يىلى
س: ماتىئۇس، 1992-يىلى
د: روبېرت باگگىئو، 1993-يىلى
5-سۇئال: ناترى ھىدرو كاربونات تۆۋەندىكىلەردىن قايسى تۈرگە كىرىدۇ؟
ئا: كىسلاتا
ب: ئىشقار
س: تۇز
د: ھېچقايسىسى ئەمەس
6-سۇئال: ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى <<ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ماھىرى>> قايسى ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ؟
ئا: ئىت ئائىلىسىگە تەۋە ھايۋانلار
ب: مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلار
س: پىرىماتلار (مايمۇن تۈرىدىكىلەر)
د: ئېيىق ئائىلىسىگە تەۋە ھايۋانلار
7-سۇئال: ئاۋمېننىڭ ۋەتىنىمىز قوينىغا قايتىپ كەلگەن ۋاقتى:
ئا: 1997-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
ب: 1997-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
س: 1999-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
د: 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
8-سۇئال: تۆۋەندىكى شەھەرلەر ئىچىدە، ياۋروپاغا تەۋە بولمىغىنى:
ئا: رىكياۋىك
ب: تورونتو
س: ئوسلو
د: بۇخارېست
9-سۇئال: <<ھۆكۈمدارلار دەستۇرى>> ناملىق كىتاپنىڭ ئاپتورى:
ئا: بالتاسار گىراسىئەن
ب: ماكياۋېللى
س: ئوگ ماندىنو
د: ناپولېئون خېئول
10-سۇئال: تېگىشىپ تۇرغان جىسىملارنىڭ بىر-بىرىگە ئۆتۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى ( ) دېيىلىدۇ.
ئا: سۇبلىماتسىيە
ب: ئاسلىماتسىيە
س: دىففۇزىيە
د: دىسلىماتسىيە
ئەقىل
1-سۇئال: تىلىمىزغا ئۆزلىشىپ قالغان تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە توغرا ئاتىلىشىنى ئېيتىپ بېرىڭ.
جۇۋاۋا، كومپيوتېر، ياڭيۇ، يۇتازا، چۇڭدىيەنچى، جۇسەي، تۇڭ (ماي تۇڭى دېگەندەك)، چىڭسەي، لازا، چەيزە.
2-سۇئال: بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسىدە نەچچە رېپىر بولىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئايرىم-ئايرىم چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
3-سۇئال: يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراب.
يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقۇتۇپ باقساڭمۇ،
ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاب.
بۇ پارچە كىمنىڭ قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغان؟ 2-مىسرادىكى <<كاراب>> دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟
4-سۇئال: ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا قانچە ئاپتۇنۇم ئوبلاست، قانچە ئاپتۇنۇم ناھىيە بار؟ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرىڭ.
5-سۇئال: سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قايسى خانلىقنىڭ قانچىنچى خانى؟ قايسى يىلدىن قايسى يىلغىچە نەچچە يىل تەخىتتە ئولتۇرغان؟
6-سۇئال: تۆۋەندىكى قىسقارتىلما ئاتالغۇلارنىڭ تۇلۇق ئاتىلىشىنى ئېيتىپ بېرىڭ.
WTO, UFO, WHO, FBI, FIFA, WC, CBA
7-سۇئال: نۇر يىلى دېگەن نېمىنىڭ بىرلىكى؟ بىر نۇر يىلى قانچىلىك بىرلىككە تەڭ؟ (مەسلەن: نۇر يىلى دېگىنىمىز ئېغىرلىقنىڭ بىرلىكى بولسا، بىر نۇر يىلى نەچچە كىلوگىرامغا تەڭ دېگەنگە ئوخشاش).
مۇكاپات بۇيۇمى تۆۋەندىكىچە
مىسرانىم تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسىنى ئۆتكۈزگۈچى
5000مۇنبەر پۇلى
ئالاھىدە مۇكاپات
ئۇدا ئۈچ قېتىم بىرىنجىلىكنى ساقلاپ قالغانلار
10000مۇنبەر پۇلى ۋە ئىجاتجان ئەزا مىدالىدىن بىر دانە.
1. دەرىجىلىك مۇكاپات
(بىر نەپەر)
سۇئالنىڭ ھەممىسىگە ئەڭ تىز، تۇلۇق جاۋاب بەرگەنلەر.
مۇكاپات سوممىسى 3000مۇنبەر پۇلى ۋە ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىدالىدىن بىر دانە
2-دەرىجىلىك مۇكاپات
2000 مۇنبەر پۇلى
3-دەرىجىلىك مۇكاپات
1000 مۇنبەر پۇلى
رىغبەتلەندۈرۈش
جاۋاپنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قاراپ 100 مۇنبەر پۇلىدىن 500مۇنبەر پۇلىغىچە.
مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى قىزغىندىن:
بۇ پائالىيەت بوش ۋاقىتتىن پايدىلنىپ زىھنى قۇۋۋىتىمىزنى ئاشۇرۇش ۋە ئەقىل پاراسىتىمىنى سىنايدىغان پۇرسەت بۇلۇپ ھەممىڭلارنىڭ ئورتاق قوللىشى ئاستىدا بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكىسى.
پائالىيەت باشلىنىپ تاكى نەتىجىسى چىققۇچە ئىككى كۈندە بىر قېتىپ تېما ئىلگىرلىتىپ تورداشلارنىڭ جاۋاب بىرشىگە قۇلايلىق يارتىپ بىرلىدۇ.
جاۋابىنى چۇقۇم يۇشۇرۇن شەكلىدە يوللايسىلەر، يوللاپ بۇلۇپ قايتا تەھرىرلەشكە ۋە ئىنكاس يېزىپ بۇلۇپ جاۋاب يېزىشقا قەتئى بولمايدۇ. (ئىنكاس يېزىپ بۇلۇپ ئاستىدا يازما يۇشۇرۇش دىگەن ئۇرۇن بار، ياندىكى كاتەكچىگە بەلگە سېلىپ يوللىساڭلار يازما يۇشۇرۇن ھالەتتە كۆرنىدۇ.)
تورداشلارنىڭ بىلىدىغانلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز ، سىزنىڭ جاۋابىڭىز ئارقىلىق ، باشقىلارنىڭ بىلمەيدىغانلىرى تولۇقلىنىپ قالسا بۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ شەرەپ.
كىيىنكى سان مىسرانىم تەلەي يۇلتۇزىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئەزا مۇشۇ تىما ئاستىغا ئىنكاس يېزىپ ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. كىيىنكى ساننى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تاللىنىپ ئىلتىماسى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە كىيىنكى سانغا تەييارلىغان سۇئاللارنى بىزگە ئەۋەتىپ بىرىدۇ. بىز سۇئاللارنى كۆرۈپ مۇقىملاشتۇرغاندىن كىيىن، ھەر ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئالدىنقى سان نەتىجىسى ئېلان قىلىپ، ماھىرلارغا مۇكاپات ئۆزلەشتۈرۈلگەندىن كىيىن، چۈشەنبە كۈنى كېيىنكى سان <<مىسرانىم تەلەي يۇلتۇزى>> نى ئېلان قىلسا بولىدۇ.
تەلەي يۇلتۇزىنىڭ كىلەركى سانلىرىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغانلار باشقۇرغۇچى تارىم ياكى قىزغىن بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ!
ھۆرمەت بىلەن مىسرانىم تور بىكىتى