مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 603|ئىنكاس: 2

پىغانلىق تىلەك(مەدىنە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەسلىڭنى ئۇنۇتم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 264
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11197
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 793 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-24 08:38:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قانچەكۈندىن ياغقان يامغۇر مىنىڭ لىرىكىلىق ھىسياتىمنى ئۇرغۇتۇپ تۇرغان كۈنلەردە يازمىغان بۇ لىرىكام ھالا بۈگۈنكى كۈندە بارلىق پىغانلىرىم ئىچىدە يەنە مۇنبەرنى تاپتى،مەن يەنە سىنى سىغىندىم،ئۇنداق مۇنداق ئەمەس بارلىق پىراقىم،بارلىق ھەسىرىتم بىلەن سىنى سىغىندىم،ئاڭلاۋاتقىنىم مۇڭلۇق ناخشا،كاللامدا سىنىڭلا خىيالىڭ،نەگە بىرىشمنى نىمە قىلىشمنى بىلمەي ھاڭۋىقىپ تۇرۇپتىمەن، بىلەمسەن ئامرىغىم نىمە ئۈچۈن؟بۈگۈن نىمە كۈن؟بەلكىم سەن ئاشۇ سۆيۈملۈك دوسلىرىڭ بىلەن بۈگۈننى قانداق تەبىرىكلەش ئۈچۈن قايسىبىر رىستۇرانلارنى ئۇقىشىۋاتقانسەن ۋەياكى ئۆتكەن يىل مۇشۇ كۈندە سەن سۆيۈملۈك رەپىقەڭ بىلەن تويلۇق كىيىملەرنى كىيىپ ئايلانغان شۇ باغچىدا گۈزەل بىر ئەسلىمىلەر قوينىدا شۇ غەمكىن كۆزلىرىڭ بىلەن ساڭا غىل-پاللا كۆرۈنۈپ ئۆتۈپ كەتكەن شۇ  غىرىپ سىمانى ئىزدىگەچ ئايلىنىۋاتقانسەن،ئەمما سەن بىلەمسەن؟بۇ كۈن مەن ئۈچۈن ئەڭ ئىچىنىشلىق كۈن،ئەڭ ئازاپلىق كۈن،چۈنكى شۇ تۇرۇقۇڭنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن شۇنچە تالجىققان ،شۇنچە قاچقان يۈرۈگۈم رەھىمسىز تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن يەنىلا شۇ كۈندە يەنە بىر قارا داغنى ئۆزىگە قوندۇرغان،شۇنداق تۇرسا سەن قانداقمۇ شۇ ھەسىرەتلىك جايدا شۇ غىرىپ سىمانى ئۇچىرىتالايسەن؟ئۇ سىما شۇ تاپتا بارلىق پىغانى بىلەن مۆمىنجاننىڭ «مۇزلىغان يۈرەك»دىگەن ناخشىسنى ئاڭلاپ، شۇ كۈندىكى سىمايىڭنى ئەسلەپ سەن ئۈچۈن تۆككەن كۆز ياشلىرىنى قاپقاراڭغۇ تورخانىنىڭ بىر بۇلۇڭلىردا ھىچكىمگە كۆرسەتمەستىن تۆكۈپ يەنە سەن ئۈچۈن لىرىكىسنى يىزىپ ئولتۇردۇ،سەن ئىزدىمە،ئۇ سىما سىنى تويلۇق كىيىم بىلەن شۇ باغچىدا كۆرگەن كۈندىن بىرى ئۇ باغچىغا قەدەم بىسىپ باقمىدى،چۈنكى ئۇ شۇ كۈنى شۇنچىلىك نىدا قىلغان،«ئەي خۇدا،مەن بۇرۇندىن كىنولاردا شۇنداق ئىشلارنى رىژژسورلارنىڭ شۇنداق ئورۇنلاشتۇرشىدىن بىزار بولاتتىمغۇ،چۈنكى مەن چۈشنەتتىمغۇ؟ ئاشىقنىڭ سۆيگەن يارى تويى كۈنى مىسكىن كۆزلىرىنى ئۆزىگە تىكىپ ئىلاجىسىزلىقىنى ئىپادىلىگەن چاغدا يۈرۈگىنىڭ قانچە قانچە لەختە بولوپ كىتىدىغىنىنى چۈشنەتتىمغۇ؟ئەمما شۇ قىسمەت نىمە ئۈچۈن شۇ مىسكىنلىك يۈرۈگىمنى داغلىغان چاغدا كىلىپ مىنى قىينايدۇ؟»دەپ نالە قىلغان،شۇڭا سەن ئۇنى قايتا ئۇچۇرتالمايسەن.سەن تىلفونىڭغا پات پات قاراپ ئۇنىڭ بۇ كۈننى ئۇنتۇپ قالغان قالمىغانلىقىنى بىلمەكچى بولوپ ساقلاۋاتامسەن؟ساقلىما، ئۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ،بەلكىم بىر ئۆمۈر بۇ كۈننى ئۇنتۇپ قالماسلىغى مۈمكىن،لىكىن ساڭا تىلفون قىلمايدۇ،چۈنكى بۇ كۈندە سىنىڭ سۆيۈملۈك ئايالىڭنىڭ ھەر ۋاقىت قىشىڭدا بولوپ قىلىشنى بىلىدۇ،سىنىڭ تەمتىرىگەن ھالدا تىلفوننى ئىلىپ خاتىرجەم سۆزلىيەلمىگەن سۆزلىرىڭنىڭ، شۇنداقلا ساڭا خۇشاللىق ئاتا قىلالمايدىغان بۇنداق بەخىت تىلەشنىڭ لازىمى يوقلىقىنى بىلدۇ،ئۇ پەقەت مۇشۇنداقلا قىلالايدۇ،يالغۇز ئولتۇرۇپ سەن ئۈچۈن ياش تۆكەلەيدۇ،سىنىڭ كۈلكەڭنى ئەسلەيدۇ، سەن ئۈچۈن ناخشا ئاڭلاپ،سەن ئۈچۈن لىرىكىلا يازالايدۇ؟سەن خوشالمۇسەن جىنىم؟بەلكىم سەن شۇ ئىلمىي مىجەزىڭ بىلەن بۇ قۇتلۇق كۈننى شۇنداق ياخشى ئورۇنلاشتۇرشىڭ،ئايالىڭغا غەمكىن تىكىلىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ گۈلنى سۇنۇپ،ھاراقنى ئازىراقلا ئىچىپ، سىغىنغان ھىسىياتىڭنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن مەس بولوپ كەتمەي ئويناپ ئۆتكۈزىشىڭ مۈمكىن،چۈنكى سەن كەيىپ بولغانلاردىلا مىنى قاتتىق سىغنىسەن،سەن چابدۇرماسلىقىڭ كىرەك،چۈنكى قىشىڭدا سىنىڭ بەختىڭ بولىمىش گۈلدەك ئايالىڭ ئولتۇردۇ،لىكىن ئەتىسى سەھەر قوپوپ مىنى ئويلىغانسەنمۇ؟ياق، ئەمدى ئويلىما ،سەنمۇ ئىلاجىسىز،مەن بۇنى چۈشىنىمەن.مەنمۇ سىىنى قىينىمايمەن،بەلكىم ئوماق بالاڭنىڭ چوڭ بولىشىغا ئەگىشىپ ئوماق كۈلۈمسىرىشنى كۆرگەندە بارا-بارا مەن غىرىپ سىمانى قەلىپ خاتىرەڭدىن ئۆچۈرۈۋىتىشىڭمۇ مۇمكىن.لىكىن مەن مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن.سىنىڭ بەخىتىڭ مىنىڭ بەختىم بىلەمسەن.سەن بەخىتلىك بولغاندا چىرايىڭدىن پارلىغان خۇشال كۈلكىنى كۆرگىنىمدە سىنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخىت ھىس قىلىمەن.مەن سىنى سىغىنىۋاتىمەن،كۆز ياشلىرىمنى تۆكۈۋاتىمەن،لىكىن بىلەمسەن جىنىم بۇ ياشلىرىمنى تۆكۈشۈم يۈرۈكۈمگە ئارام بولىدۇ.چۈنكى مەن كۈتۈشنىڭ تولىمۇ لەززەتلىك بولدىغىنى ھىس قىلغان بىردىنبىر ئادەم،مەيلى مەن سىنىڭ شۇ خۇشاللىقىڭنى كۈتىمەن.پەرىشانلىقىمغا مەن سەۋەپچى دەپ ئۆزۈڭنىمۇ ئەيىپلەپ يۈرمە،ھەممىسىگە ئۆزۈمنىڭ شور پىشانەم ،كىچىكپ ئالغان بىر قەدىمىم سەۋەپكار.سىنى سۆيىمەن،لىكىن شۇ باغچىغا قەدەم باسمايمەن،سىنى سىغىنىمەن لىكىن تىلفونىڭغا تىلفون قىلمايمەن.پەقەت مۇشۇنداق لىرىكىلىرىم بىلەن سىغىنىمەن.يامغۇرلۇق ھاۋارايىدا سىغنىمەن،مۇڭلۇق ناخشىلاردا سىغىنىمەن،ئەمما  سىنى مەن تاپالمايمەن،سەن مىنى ئىزدىگىنىڭدە مۆمۈنجاننىڭ ناخشىسىدىكىدەك مۇزلىغان يۈرۈكۈمگە قۇياشنىڭ ئىللىق ھارارەتلىردە ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرغان يىرىمدىن تاپالايسەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
polatalamdar + 200 ياخشى ئەسەر

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

ئەي ئوت،ھەممە بىلدى كۆيدۈرگنىڭنى،كىم سورىدى كۆيگەنلىرىڭنى؟

مەن ھازرغىچە ھاي

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6943
يازما سانى: 1289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19247
تۆھپە نۇمۇرى: 668
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2010-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-24 11:52:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرقى قۇرلىرى ياخشى چىقىپتۇ . مەنمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن مۆمىنجاننىڭ ناخشىلىرنى .

ھەقىقەتنى كىشلەرنىڭ نامىدىن تۇنۇمىغىن،بەلكى ھەقىقەتنى ئاۋۋال تۇنۇغىنكى ئاندىن ئۇنىڭ ئەھلىنى بىلۋالالايسەن.

ئەجەپ ئۇزۇن بولد

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1655
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4952
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 11099 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 12:07:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوش كەلدىڭىز يىغلاڭغۇ .ياخشى ئەسەردىن يەنە بىرنى ئەپ كەپسىز ھە.

مەن ئاللاھتىن قورقمايدىغانلاردىن قورقمايمەن ، ئاللاھتىن قوققانلارنى ھۆرمەتلەيمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش