مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1039|ئىنكاس: 6

ئىسلامىيەت ۋە مىللەتچىلىك..... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13103
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-24 06:53:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىسلام دىنىدا "مىللەت" ياكى "دۆلەت ئۇقۇمى بولغان ئەمەس، دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان بارلىق ئادەملەر ئورتاق ھالدا "ئوممە" بولۇپ ئۇيۇشقان، بۇ يەردىكى "ئوممە" دىگىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خەلىپىلەر رەھبەرلىك قىلغان مۇسۇلمانلار جامەسى ئىدى. ئۇنىڭ ئاساسى ئىلامغا بولغان ئورتاق ئېتىقات بولۇپ، تىل، زىمىن، ئىرىق چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، ئىسلامغا بەيئەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسىلا ئوممەنىڭ ئەزاسى ھىساپلانغان، كېيىنرەك كىشىلەر بۇنداق ئوممەنى مۇسۇلمان مىللەت، مۇسۇلمان دۆلىتى، ياكى مۇسۇلمانلار .ورتاق گەۋدىسى دەپ ئاتىغان.
  دەسلەپكى ئوممەدە يالغۇز ئەرەپلەرلا بار بولۇپ، كېيىنچە، ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، پېرسىيەلىك، مىسىرىلىق، بەربەر، تۈرىك قاتارلىق ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان مىللەتلەرمۇ ئوممەنىڭ ئەزاسى بولدى. مۇسۇلمانلاربويسۇندۇرغان رايۇنلاردىكى يەھۇدى ۋە خىرىستىيان مۇخلىسلىرى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتمەي، باج تاپشۇرسىلا ئەسلى دىنىنى ساقلاپ قېلىشىغا، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ياشىشىغا بولىدىغان بولدى، ئۇلار مۇسۇلان دۆلەتنىڭ پۇخراسى بولسىمۇ، لېكىن ئوممەنىڭ ئەزاسى ھىساپلانمىدى. يەنە بىر جەھەتتىن، ئىسلام دىنى يىراق جايلارغا كېڭىيىپ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل ىقلغان شۇ جايدىكى يەرلىك خەلىق مۇسۇلمان دۆلىتىدە ياشىمىسىمۇ، ئوممەنىڭ ئەزاسى ھىساپلاندى.
   ئەمەلىيەتتە، ئوممەنىڭ ئۆىرى تولىمۇ قىسقا بولدى، يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قازا قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدا بۆلۈنۈش يۈز بېرىپ، خاۋارىجلار، شىئەلەر، سۈننىيلەر قاتارلىق مەزھەپلەر پەيدا بولدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆتكۈر زىددىيەت گۈللەنگەن ئەرەپ ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا يەرلىك مىللەتچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىكنى پەيدا قىلىپ، چوڭ ھوقۇق تۇتقان سەركەردىلەر ئوتتۇرىسدا يېغىلىق ئەۋەج ئېلىپ كەتتى. شۇڭا 7- ئەسىردىن بۇيانقى 1300 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان بىرلىككە كەلگەن ئوممە مەۋجۇت بولالمىدى، شۇنداق بولسىمۇ، ئوممە بىر خىل غايە ۋە نىشان سۈپىتىدە مۇسۇلمانلار ئېڭى ۋە ئىدىيىسىدە مەۋجۇت بولۇپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ تارىخى تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى، بۇنداق ئورتاق دىنى ھىسىيات يات دىنى كۈچلەرنىڭ تاجاۋۇزى ۋە ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغاندا تېخىمۇ كۈچەيدى.
  دۇنيا تەرەققىياتى يېقىنقى زامانغا كەلگەندە، ئالدى بىلەن مىللەت ئۇقۇمى پەيدا بولدى. بۇنداق ئۇقۇمنىڭ قارىشىچە، ئورتاق بولغان تارىخ، مەدەنىيەت، تىل ۋە ئورتاق ئىرقىي مەنبەگە ئىگە بولغان مىللەت مۇئەييەن بىر زىمىندا ياشىشى كېرەك. بىر مىللەت باشقا مىللەتلەرنىڭ زۇلىمىغا ئۇچىرىماسلىقى، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولۇشى كېرەك. بۇنداق ئىدىيە "مىللەتچىلىك" دەپ ئاتالدى. مىللەتچىلىك ئىدىيىسى پەيدا بولغاندىن كېيىن، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە كەڭ تارقالدى، شۇنىڭ بىلەن دۇنيادا نۇرغۇن مىللى دۆلەتلەر بار بولدى. باشقا مىللەتلەرنىڭ ئېزىشىگە ئۇچىرىغان ئاجىز مىلەتلەرمۇ مىللەتچىلىك تۇغى ئاستىدا قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇستەققىلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللى دۆلەتلىرىنى قۇردى.
    مىللەتچىلىكنىڭ قارشىچە دىن بىلەن مىللەتنىڭ مۇناسىۋىتى بولمايدۇ، بىر مىللەتنىڭ ئىچىدە ئوخشىمىغان دىنى ئېتىقات بولسىمۇ بولىدۇ، ئوخشىمىغان مىللەتلەر بىر دىنغا ئېتىقات قىلسىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىلەتچىلىك ئىسلام دۇنياسىغا كىرگەندىن كېيىن، ئەنئەنىۋى ئىسلام دىنى بىلەن توقۇنۇش يۈز بەردى. چۈنكى ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مىللىتىگە سادىق بولۇشى كېرەكمۇ، ياكى ئىسلام دىنىغا يەنى ئوممەگە سادىق بولۇشى كېرەكمۇ، دىگەن تاللاشقا دۇچ كەلدى.
  بۇنداق تاللاش قىيىن بولسىمۇ، لېكىن غەرپنىڭ مۇستەملىكىسىگە قارشى تۇرۇپ، مىللى مۇستەققىلىقنى قولغا كەلتۈرۈش كۆرىشىدە مىللەتچىلىك بىلەن ئىسلام دىنى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە بىرلەشتۈرۈلدى. چۈنكى سىرتتىن كەلگەن دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش، ئۆز مەۋجۇتلىقى ۋە قىممىتىنى ساقلاپ قېلىشتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ نىشانى بىردەك ئىدى.
   ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مىللى ئازاتلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مىللەتچىلىك ئاساسى بايراق بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىسلام دىنىمۇ ناھايتى چوڭ رول ئوينىدى. ئامىرىكىلىق ئالىم گودخرېي جانسېن "جەڭگىۋار ئىسلام" ناملىق كىتاۋىدا مۇنداق يازىدۇ: " ئىسلام دۇنياسىنىڭ مىللەتچىلىكى نۇرغۇن ئىسلام ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەگەر ئىسلام بولمىغىنىدا بۇ مىللەتلەرنىڭ مۇستەققىلىقنى قولغا كەلتۈرۈش كۆرىشى نەچچە ئون يىل ئارقىغا سۈرۈلۈپ كەتكەن بولاتتى. راست، مەيلى شىمالى ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ فىرانسىيە، ئىتالىيە مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى كۆرىشى بولسۇن، ئوتتۇرا شەرىقتىكى مىسىر، ئىراقلارنىڭ ئەنگىلىيەگە قارشى كۆرەشلىرى بولسۇن، مەيلى ھىندونىزىيىنىڭ گولاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۆرىشى بولسۇن، ۋە مەيلى ئافغانىستاننىڭ ئەنگىلىيە، روسىيە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى كۆرەشلىرىدە بولسۇن، ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە سەپەرۋەر قىلىش رولىنى ئوينىدى، كۆرەشلەر كۆپ ھاللاردا <جىھات> چاقىرىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى".
    لېكىن، بۇ دۆلەتلەر مۇستەققىللىققا ئىگە بولغاندىن كېيىن، زور كۆپ ساندىكى دۆلەتلەردە مىللەتچىلىك ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئىگىلەيدىغان ئىدولوگىيە بولۇپ قالدى، ئىسلام دىنىنىڭ سىياسى رولى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە ئاجىزلاشتۇرۇلدى. مىللەتچىلەرگە نىسبەتەن، ئىسلام دىنى مەخسەت ئەمەس، بەلكى، ۋاستە بولۇپ قالدى، مۇستاپا كامال، ئابدۇل ناسىر قاتارلىق مىللەتچى داھىلار خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، غەرىپنىڭ خىرىستىيان كۈچلىرىگە زەربە بەرگەندە، ئىسلام دىنىنىڭ قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى، لېكىن، سىرتتىن كەلگەن ئاپەت يوقالغاندىن كېيىن، مەمىلىكەت مىقياسىدا مىللەتچىلىك تۈسىنى ئالغان دىندىن خالى ئىسلاھاتنى باشلاپ، ئىسلام دىنىنىڭ سىياسى، ئىقتىسات، قانۇن، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇردى، دىنى كۈچلەر زور بېسىمغا ئۇچىرىدى. نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئىسلام دىنىغا مىللى مەدىنى مىراس سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىندى، مەسىلەن: سۈرىيە ۋە ئىراقتا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن "ئەرەپ جەمىيىتىنى گۈللەندۈرۈش" پارتىيىسىنىڭ پىروگىراممىسى "ئەرەپلەرنىڭ بىرلىككە كېلىشى، ئەركىنلىكى، سوتسىيالىزىمى" بولۇپ، ئىسلام دىنى "ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان مەنىۋى كۈچ" دىيىلدى. 50-، 60- يىللاردا جامال ئابدۇل ناسىر، بۇمەيدىن، سوكارنو قاتارلىق مىللەتچى داھىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى يىغىلىشلاردا قولىنى پۇلاڭلاتقاندا، خەلقنىڭ قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەنلىكىدەك مەنزىرىنى كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقەتەن ئاجىزلىشىپ، دۆلەتنىڭ سىياسى ھاياتىدا ۋە خەلىقئارا مۇناسىۋەتتە ئانچە رول ئوينىيالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىغا ئىشەندى. ئىسلام تارىخشۇناسى ھىسام سەرەبى "1966- يىلى مۇنداق دەپ يازدى: زامانىمىزدىكى ئەرەپ دۇنياسىدا ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي سەل قارالدى".
   ۋاھالەنكى، بۇ ھۆكۈم بەك بالدۇر چىقىرىلغانىدى، ئىسلام دىنى بىلەن مىللەتچىلىك، دىندىن خالىيلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش ئاخىرلىشىشتىن يىراق ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ئىسلام دىنىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى چوڭقۇر، مۇسۇلمان جەمىيىتىدىكى دىنى كۈچلەر كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دىنى شانلىق تارىخقا ئىگە بولغانلىقتىن، زامامىنىمىزدا قۇرۇلغان بۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى ئىسلام دىنى بىلەن دىندىن خالىيلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش يېڭىدىن باشلانغانىدى.
مەنبە: يۈننەن غەربى جەنۇپ ئۇنۋېرستىتى پىروپېسسورى شياۋ شيەن ئەپەندىنىڭ "خەلقئارا ئىسلام دولقۇنى" نامىلق كىتاۋى.
كېيىنكى يازما: مۇشۇ كىتاپنىڭ داۋامى_ "ئىسلام سوتسىيالىزىمى" .
  ئىلمىي قاراشلىرىڭىز بولسا ئوتتۇرىغا قويۇڭ، قانۇن- سىياسەتكە خىلاپ ياكى پۈچەك ئىنكاسلارنى يازماڭ!!!!!!!!!!

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

...........خەير...........

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2924
يازما سانى: 1752
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18621
تۆھپە نۇمۇرى: 429
توردا: 4765 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2011-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-24 11:06:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىياۋ شەن ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت ...................

سۆيسە سۆيىمەن ،    يەر بىلەن يەكسان بولسا.      سۆيمىسە سۆيمەيمەن ،          گەر مىسرغا سۇلتان بولسا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2113
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10244
تۆھپە نۇمۇرى: 468
توردا: 2715 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 01:29:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت DILNAZUK كە 2010-10-24 11:06 PMئەۋەتىلدى :
شىياۋ شەن ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت ...................

نىمدىگەن  گەپ  بۇ    ؟؟؟  شىياۋشىيەن  دىگەن كىمكەن  ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 482
يازما سانى: 614
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11160
تۆھپە نۇمۇرى: 426
توردا: 1069 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 01:29:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭغا نىمە دىسەم بولار ئەمدى .ئاخىرنى كۆرۈپ بىرنەرسە دەيلى.

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 2039
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13944
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 9224 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 01:31:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلامىيەنىڭ مەيدانغا كىلىشى نۇرغۇن مۇرەككەپ تارىخى جەريانلارنى باشتىن ئۆتكۈرۈپتۇ ،ئۇنىڭ ئەگىرى - تۇقاي تارخى ئارقا كۆرنىشى ھەربىر كىشىنىڭ بىلىشىگە ، ۋە ئىزدىنىشىكە ئەرزىيدۇ ،بىزلەرگە مۇشۇنداق قىممەتلىك بىلىملەردىن زوخ ئالدۇرۇپ ، مۇشۇ بىلىپ ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ياشلار ئۈچۈن ، ئەجىر سىڭدۈرگىنىڭىزگە رەخمەت ، اللە سىزدىن رازى بولسۇن ، ھەمدە مۇشۇنداق قىممەتلىك ماتىرياللارنى يىزىپ ، تەتقىق قىلۋاتقان ئالىملىرىمىزغا مىڭ ئاپىرىن ! اللە ئۇلاردىن رازى بولسۇن ، يەنە داۋاملىق يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .

ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە ، ئىغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە .

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 2039
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13944
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 9224 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 01:43:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت yarkn كە 2010-10-25 01:29 AMئەۋەتىلدى :

نىمدىگەن  گەپ  بۇ    ؟؟؟  شىياۋشىيەن  دىگەن كىمكەن  ؟
 
  پۈچەك ئىنكاس يىزىپ تىما ئىگىسىنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ قۇيغۇچە ئىنكاس يازماي چىكەتسىڭىزمۇ بولىدىغۇ ؟ئوقۇپ قۇيۇڭ ! زوخ ئىلىڭ ! بۇنداق تىمىلار كۈندە يوللىنىۋەرمەيدۇ!؟

ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە ، ئىغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە .

...........خەير...........

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2924
يازما سانى: 1752
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18621
تۆھپە نۇمۇرى: 429
توردا: 4765 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2011-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 05:25:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2-قەۋەت (yarkn) نىڭ يازمىسىغا

شىياۋشەن ئەپەندى دېگەن "خەلقئارادىكى ئىسلام دولقۇنى"دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى ،دۆلىتىمىز سىياسيۇنى ما تېمىنىڭ ئاپتورى ،تېما ئىگىسىگە رەھمەت ئىيتش بىلەن بىللە "سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما"دەپ ئۇ ئەپەندىمىگىمۇ رەھمەت دەپ قويدۇم بۇ پۈچەك ئىنكاس بولماس ،تېما ئىگىسى يوللاۋەرسە بولىدۇ ........قانۇنغا خىلاپ ئەمەس بۇ دېگەن ناھايىتى بازارلىق قانۇنلۇق كىتاب  [s:108]

سۆيسە سۆيىمەن ،    يەر بىلەن يەكسان بولسا.      سۆيمىسە سۆيمەيمەن ،          گەر مىسرغا سۇلتان بولسا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش