مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 698|ئىنكاس: 4

ئاشىق،قاتىل،قاچقۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كېيىنكى ئەۋلاتل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 1301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13606
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4805 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-10 10:24:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىيىت بىركۈرۈپ ئاشىق بولۇپ قېلىشقا ئىشەنمەيتى ،بۇنداق ئىشلارنى ىنودىلا بولىدۇ ،دەپ بىلەتتى .ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر يىراق كان رايۇنىدىن ناھىيە بازىرىغا يېقىن دېھقانچىلىق  مەيدانىغا كۈچۈپ كەلگەندىن كېيىن ،ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملەشتى ،مال باقتى .سىيىت سەھەردىلا قويلىرىنى يېقىن ئەتراپتىكى تاغ باغرىغا ئوتلاشقا قۇيىۋېتىپ ،ئۈنلۈك ئاۋازدا ناخشا توۋلايتى ،ئۆزىنى چوپلۈككە تاشلاپ ،يايلاقنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ھۇزۇرلىناتتى ،كوپكوك ئاسمانغا قارىغىنىچە ،شىرىن خيالغا غەرىق بولاتتى .....

ئۇ بىريىلى قۇربان قۇربان ھېيىتنىڭ ئالدىدا ئاتىسىغا بىرنەچچە قوينى ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىپ سېتىش مەسلىھەتىنى بەردى ۋە ئاتىسى قۇشۇلغاندىن كېيىن 20 دەك قوينى تاللاپ ،نەۋرە ئىنىسى بىلەن يولغا چىقتى .ئۇ يول بويى ((قويلىرىم سېتىلماي قالسا قانداق قىلارمەن ؟))دەپ ئويلىغان ئىدى ،لېكىن بازارغا كىرىپ تۇنجى كۈنىلا ئۆيىدە بوردىغان بۇ قويلار تالاشتا قالدى .

سىيت <<يازىچە ئاپتاپقا قاخلىنىپ قۇرۇق نان غاجاپ مال باقتىم .مانا جاپاغا چۇشلۇق پۇلمۇ تاپتىم ،ناھىيە بازىرىدا بىرەركۈن تۇرۇپ ،بازار ئايلىنىپ قايتاي >>ئويلىدى قۇلىدىكى پۇلغا قاراپ .ئۇ شۇ خىيالدا بىر مېھمانسارايغا ئورۇنلىشىپ ياتاققا كىرىۋاتقاندا ،بىرقىز بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قالدى .كۈنبۇيى يايلاقتا مال بېقىپ يۈرگەشكىمۇ ،قىزنى كۈرۈپ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىللىق بىر سىزىم پەيدا بولدى دە قىز يېنىدىن ئۆتكىچە كۈزىنى ئۈزەلمەي قاراپ قالدى .ئۇ ياتاققا كىرىپ ،كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ :

- بۇ ئۇڭۇممۇ -چۈشۈممۇ  ؟ئۇ قىزنىڭ كۈزى نىمە دىگەن ئوتلۇق ......-دىدى ئىختىيارسىز ھالدا .نەۋرە ئىنىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ :

-يۈرە ئاكا ،قىزنىڭ كەينىدىن چىقىپ باقايلى ،-دېدى سىيىتنىڭ قەلبىنى چۈشەنگندەك .

ئۇلار سىرتقا چىققاندا ،ھىلىقى قىزباشقا بىرنەچچە قىز-يىگىت بىلەن مېھمانسارايدىن چىقىپ كېتىۋاتتى ،سىيىت ئۇلارغا ئەگىشىپ بىر ئاشخانىغا كىردى ۋە ئۇلارغا ئۆزىنى تۇنۇش تۇردى ھەم قىزنىڭ ئىسمىنىڭ ((مېھرىنىسا))ئىكەنلىكىنى بىلدى ،تاماق پۇلىنى سىيىت تۆلىدى ،ئۇلار تاماقتىن كېيىن ياتاققا بىللە قايتىشتى ،سيىت پاراڭ جەريانىدا ،بۇ ياشلارنىڭ ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىن كەلگەنلىكىنى ىبلدى .

سىيىت بۇكېچە كىچىچە ئۇخلىيالمىدى ،قىزنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرى،يا ئۇقىدەك كىرپىكلىرى ،ئويماقتەك ئاغزى ئۇنى رام قىلىۋالغانىدى .سىيىت ئەتىسى ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ ،مېھرىنىسانى ساقلىدى ساقلىدى مېھرىنىسا چىقىشىغا ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ :

-بىللە بازار ئايلانساق ؟-دەپ سورىدى توۋەنچىلىك بىلەن ،مېرىنىسا :

-بولىدۇ ، بالدۇراق قايتىپ كېلەيلى ئەمىسە ،-نازلىنىپ .

ئۇلار كۇچا ئايلانغاندىن كېيىن بىللە غىزالاندى ،ئارقىدىن بىر باغچىگە ئولتۇردى .مېھرىنىسا نىڭ شۇئارىدا ئېيىتقان ناخشىسى كوڭلىگە تۇتاشقان ئوتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى .ئۇ غەيرەتكە كېلىپ مېھرىنىسانىڭ قۇلىنى تۇتۇۋېلىپ كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى .

-يېڭىلا تۇنۇشتۇق ،بىر بىرىمىزنى چۈشەنمەيمىز،تەلىپىڭىزگ ماقۇل بولالمايمەن .

-مەيلى ئويلۇنۇپ جاۋاب بېرىڭ، مەن سىزنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم ........

-يىگىتلەرنىڭ ياخشى كۈرۈپ قالدىم دىگىنىگە كىم ئىشىنىدۇ ؟

-مەن ....

- بولدى يالغان ئېيتماڭ ،

سىيىت ئۇ كۈنى كېچىمۇ ئۇخلىيالمىدى ،قىزنىڭ بىر قارىسا جاننى ئالىدىغان ئويناق كۆزلىرى ئۇنىڭغا ئاراملىق بەرمىدى .ئۇ ئەتىسى ئورنىدىن تۇرغاندا مېھرىنىسالار كىتىپ بولغان ئىدى .ئۇ يېزىغا قايتقاندىن كېيىن جىمىپلا كەتتى .ئاتىسى ئوغلىنىڭ مىجەزىنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى كۈرۈپ :((ئوغلۇم شەھەر كۈرۈپ ئۆزگۈرۈپتۇ ،مېجەزى ئېغىرلىشىپتۇ ))دەپ خوش بولدى .ئەمىلىيەتتە سىيىت ((ئاشىق))لىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتاتتى .

ئۇ ئارىدىن ئوننەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن مېھرىنىسانى ئىزدەش نىيىتىگە كېلىپ ،ئۇنىڭ يېزىسىغا بارىدى .ئاپتۇبۇستا ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئايال :

- بالام بۇيەردە تۇققانلىرىڭ بارمۇ ؟-دەپ سوراپ قالدى

-ياق، بىر قىزنى  ئىزلەپ كېلىشىم .

- قايسى قىز ئۇ؟

- مىھرىنىسا ئىسىملىك بىر قىز،ئۆتكەندە تۇنۇشۇپ قالغان ئىدىم ،ئۆيگە قاتقاندىن كېيىن ئۇنتىيالمىدىم .....-دىدى سىيىت ئاشىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ .سەپەرداش ئايال كۈلۈپ كېتىپ :

- ئۇ بەك تىرىشچان قىز ،يۇرتىمىزدا ئۇ  قىزغا ئاشىق يىگىتلەر كۆپ -دىدى

سىيىت ئۇ ئايالدىن مېھرىنىسانىڭ بىر رىستۇراندا ئىشلەۋاتقانلىقىن ئۇقۇپ ئاپتۇۋۇزدىن چۈشۈپلا رىستۇرانغا باردى ۋە ئۇنى كەچتە كۈرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى ،لېكىن قىزدىيىشكەن يەرگە بارمىدى ،سىيىت ئەتىسى مېھرىنىسا ئىشتىن چۈشكەندە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئۆيىەە بارىدىغان يولنى كۈرۈۋالدى ،ئۈچۈنچى كۈنى ئۇنى يېرىم يولدا ئۇنى ساقلاپ تۇردى .

سىيات مۇڭلۇق ناخشا ئاۋازىدىن مېھرىنىسانىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ ،ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى .مېھرىنىسا تۇيۇقسىز ئالدىدا پەيدا بولغان قارا گەۋدىدىن چۈچۈپ كەتكەنىدى .

-قورقماڭ ، بۇ مەن

- نىمىنداق قىلىسىز ؟

-سىزنى ساقلاپ ....

مېھرىنىسا رەنجىپ ئۇنى ئىتتىرىۋېتىپ مېڭىۋەدى ،سىيىت ئۇنىڭ بىلىكىە ئېسىلدى .

-مېھرىنىسا ،راس تىنلا سىزنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم ،مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرماڭ ،ماقۇل بولمىسىڭىز ......

- نىمە قىلالايتىڭىز ؟ماقۇل بولمايمەن ، توي قىلىدىغان ئىش ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس ،

-ئۇنداق دىمەڭ ،سىزنى بىر ئۆمۈر ياخشى كۈرىمەن .

ئۇنداق دەيدىغانلار جىق ،بۈگۈنكى كۈندە ئەرلەرگە كىم ئىشىنىدۇ ؟!

مېھرىنىسا تىت-تىت بولۇپ ،سائىتىگە قارىدى .سائە ئىستىرىلكىسى  كېچە سائەت 12نى كۆرسۈتۈپ تۇراتتى .مېھرىنىسا يىغلامسىراپ قۇيىۋېتىشنى ئۈتۈندى ،ئەمما سىيىتنىڭ قۇيۇپ بەرگۈسى يوق ئىدى . كېچە جىمجىتلىقىن ئۇلارنىڭ تاكاللاشقان ئىتلارنىڭ قاۋىغان ئاۋازى بۇزۇپ تۇراتتى .ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ سىيىتنىڭ قەلبىدە ئويغانغان ئاجايىپ گۈزەل مۇھەببەت تۇيقسىز پەيدا بولغان رەزىللىكنىڭ ئىسكەنجىسىدە گۈزەللىكىنى يوقاتتى .ئۇ بىر رەزىللىكنىڭ ۋەسۋەسىدە قىزغا تاشلاندى .قىزنىڭ يالۋۇرىشى ،قارشىلىقى ئۇنى تۇسۇپ قالالمىدى .

-بۇ گۇناھنىڭ جازاسىنى تارتىسەن ،سېنى ھەرگىز قويىۋەتمەيمەن !....قىز ئەنە شۇنداق دەپ يىغلايتى .

((ئۇ ئەرز قىلسا ،جىنايەتچىگە ئايلىنىمەن .ئەگەر ئۇ مېنى كەچۈرمىسە ،ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش ىيالىممۇ سۇغا چىلىشىدۇ ،ئۇنىڭدىن كۆرە ...))سىيىت شۇ رەزىل خىيالنىڭ تۈرۈتكىسىدە يوغان بىرتاشنى ئالدى -دە مېھرىنىسانىڭ بېشىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى .........

ئەتىسى يولدىن ئۆتلەنلەر مېھرىنىسانىڭ قەسىدىنى بايقاپ ،ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىغا دىلو مەلۇم قىلدى .رازۋېتكىچىلار نەق مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرگەندە ،نەق مەيداندىن تاماكا قالدۇقى بىلەن چوڭ تەرەتتىن باشقا ھىچقانداق يىپ  ئۇچى بايقالمىدى .رازۋېتكىچىلار كېچە -كۈندۈز رازۋېتكا قىلغان بولسىمۇ ،دىلودا ھىچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى .

بىر ئايال ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە راز ۋېتكىچىلارغا قىز زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى ئاپتۇۋۇستا 21ياش چامىسىدىكى بىريىگىتنى ئۇچراتقانلىقى ،ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قىزنى ئىزلەپ يۈرگەنلىكى ،ئۇنىڭ ئىسمى سىيىت ئىكەنلىكى ،دېخقانچىلىق مەيدانىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى .رازۋېتكىچىلار بۇنىڭ بىلەن دەرھال دېھقانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ  سىيىتنىڭ دىرىكىنى قىلدى .سىيىتنىڭ ئاتا -ئانىسى ئوغلىنىڭ ئىككى ئاي ئىلگىرى چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى ئېيىتتى .

سيىت شۇ قاشقىنىچە نەچچە يۈز كېلومىتىر نېرىدىكى چەت يېزىغا بېرىپ ،باشقىلارنىڭ مېلىنى بېقىپ بېرىپ ،بىر مەزگىل تۇردى ،لېكىن بىر جايدا ئۇزاق تۇرسا ئاشكارىلىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ،تېخىمۇ يىراق جايلارغا كەتمەكچى بولدى .كېيىن چەت بىر يېزىغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ كۈنىنى ئالدى . بىركۈنى خوشنىسىنىڭ ئۈيىگە تۇيۇقسىز ئوت كەتتى . سىيىت ئۇكۈنى تولىمۇ باتۇرلۇق قىلدى ، ئۇ دەسلەپ  ئۆيدە قاپسىلىپ قالغان بىر بالىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى ، ئارقىدىن پارتىلاپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار كۈمۈر ەازى تۇڭىنى ئاچىقتى .ئوت مۇداپىئە ئەترىتى  ئۇنى مۇكاپاتلاپ گۇۋاھنامە بەردى . ئارىدىن ئوننەچچە  يىل ئۆتۈپ كەتتى . مەھەللىدىكىلەر ئۇنى ((يىتىم))بىلدى ،بۇ مەزگىلدە  ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئەگىپ يۈرىدىغان قىزلارمۇ كوپ بولدى ،بىراق  ئۇ ھەممىسىنى رەت قىلدى .

بىركۈنى نۇپۇس ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئويىەە كىرىپ كەلدى .ساقچىلارنى كۈرۈپ ئۇنىڭ پۇت -قولىدا جان قالماي تىترەپ كەتتى ،خىيالىيغا 15يىل ئىلگىرىكى ئىش كېلىپ تېنى سۇ قۇيغاندەك سۇغۇق تەرلىدى .ساقچىلار ئۇنىڭ ئەسلى يۇرتىنى سوراپ بىلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭغا ۋاقىتلىق كىملىك بىجىرىپ بەردى ھەمدە ئۇنىڭ ئەسلى يۇرتىدىكى ج خ ئورگىنىغا ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاپ بېرىش توغرىسىدا ئالاقە ئەۋەتتى ، لېكىن ھىچقانداق خەۋىرى كەلمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولدى . ئارىدىن ئىككى يىل ئوتكەندە ، نۇپۇس ساقچىلىرى ئۇنى يەنە ئىزدەپ كەلدى ۋە ئەسلىي يۇرتىدىكى ج خ ئورنىغا يەنە بىرقېتىم ئالاقە ئەۋەتتى .سىيىتنىڭ ئەسلى يۇرتىدىكى ج خ ئورنىغا يەنە بىر قېتىم ئالاقە ئەۋەتتى ،سىيىتنىڭ ئەسلى يۇرتىدىكى ج خ ئىدارىسى ئالاقىنى تاپسۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن  پىكىر ئېلىش ئېلانى چىقاردى.

بىر كۇنى پىنسىيەگە چىققانلار ئىدارىگە يىغىنغا كەلگەندە،ئەينى يىلى دىلو بىجىرىشكە مەسئۇل جىنايى ئىشلار ساقچى چوڭ ئەتىرىتىنىڭ باشلىقى ئالاقىنى كۈرۈپ قالدى-دە ،ئەھۋالنى ئىدارە باشلىقىغا دوكىلات قىلدى.



              ئۇ تۇنجى ياخشى كۆرگەن قىزنى ئۆلتۇرگەن 17يىلدىن  بويان كۈنلىرىنى پۇشايماندا ئۆتكۈزدى ،ئاتا-ئانىسىنى ،يۇرتىنى سېغىنىپ نۇرغۇن كىچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدى .ئۇ ساقچىلارنىڭ قۇلىغا چۇشكەندە ،يەنە بىر قېتىم ئۆپكىسى ئۆرىلىپ قاتتىق يىغلىدى .

سىيىت ئايرىلغىنىغا 17 يىل بولغان يۇرتىغا قايتۇرۇپ كىلىنگەندىن كىيىن،ئالدى بىلەن ئاتا- ئانىسىنى سورىدى .ئاتا-ئانىسى خېلى بۇرۇنلا ئۇنىڭ دەردىدە ئالەمدىن ئۆتكەنىدى.



مەنبە . قانۇنچىلىق گېزىتى
http://www.husnigul.cn/shownews.asp?id=88
ئەسلى مەنبە ؛

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 594
يازما سانى: 1656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13754
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 7795 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-10 12:15:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي.............، بۇ ھىكايە ئەمەس ھەقىقى ۋەقەلىكتەك قىلىدۇ . ئىسىت  ، جەمىيتىمىزدە مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز  بىرىشى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ ؟  قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ۋاختىدا ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولالمىغانلىقى، شۇنداقلا  سىيىتقا ئوخشاش < مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر ....>لەر بىلەن  مىھرىنساغا ئۆخشاش ئاچ كۆز ، بىر ۋاخ تاماقنىڭ  قۇللىرى  تۈپەيلى .....، ئاللاھ ئىگەم ھەر بەندىنىڭ ئىنساۋىنى بەرسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 3050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12784
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2828 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-10 03:03:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست بۇ ھەقىقى ۋەقەلىكتەك قىلىدۇ .

سۈكۈت ئاجىزلىقتىن ئەمەس ، سەۋىردىن بىشارەت.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12426
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32498
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4488 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-10 03:32:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشق بولغان ئادەم ئۆزى ئاشق بولغان كىشىنىمۇ ئۆلتۈرېۋېتەمدۇ...؟ ئۆزىگە قىپتۇ...توۋا......

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

كېيىنكى ئەۋلاتل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 1301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13606
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4805 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-10 05:56:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق مۇھەببەت ھىكايىسى كىمنىڭ بېشىدىن ئۆتمىگەن دەيسىز ،مەن بۇ تېمىنى قانۇن گېزىتىدا كۈرۈپ ھەيرانلا قالدىم .ئاۋۇ ((ئاشىق ))بولغۇچى قانداق ((ئاشىق))تۇ ئككى ئاشىق بولغان ئادەمنى قانداقمۇ ئۆلتۈرگىسى كەلگەندۇ ؟ دىگەندەك سۇئاللار مىنى شۇنداق قىينىدى ،ھەم ئاۋۇ مەخلۇقنىڭ ئادەم سىياقىدا ياشاپ قالغىنىغا ئېچىندىم .يەنە كىلىپ بىزنىڭ مىللىتىمىز ئىچىدىن .ئۇ قېچىپ يۇرۇپ باتۇر لۇق بىلەن باش قىلارنى قۇتقۇز غىنى مېنى تېخىمۇ ئويلاندۇردى .  ئۇنىڭ نەزىرىدە ئادىمىلىك بارمۇدۇ ؟قانۇن ئېڭى چۇ؟ ئەخلاقچۇ ؟ۋىجدان دىگەن نەرسىگە قانداق قارايدىغاندۇ ؟ بەلكىم بۇ تېما بىرقىسىم پالۋان ياشلىرىمىزغا ئازىراق پايدىسى بولسا دەپ قارايمەن .

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش