ياۋرۇپا تۈركلىرىنىڭ بۈيۈكى
[align=justify] [align=justify] [align=justify]19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ياشىغان مەشھۇر تاتار شائىرى غابدۇللا توقاي (غابدۇللا مۇھەممەد غېرىب ئوغلى توقايوف) روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغىچە بولغان تاتار پوئېزىيىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەكىلى. شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن شائىردۇر. ھازىر 60-80 ياش ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئىچىدە توقاي شېئىرلىرىنى يادقا بىلمەيدىغانلار يوق دېيەرلىك.
غابدۇللا توقاي 1886-يىلى 14-ئاپرېل ھازىرقى تاتارىستاننىڭ ئەتنە رايۇنىدىكى قۇشلاۋېچ ئاۋۇلىدا تۇغۇلغان. ئۇ ئورالسىكى شەھرىدە نەشىر قىلىنغان "پىكىر گېزىتى"نىڭ باسماخانىسىدا ھەرپ تىزغۇچى،كوررېكتور،ئەدەبىي خادىم بولۇپ ئىشلىگەن. 1905-يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويۇپ،ئۆز زامانىسىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىجدىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى تاتار ئەدەبىياتىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ،ھەقىقەتەنمۇ خەلقپەرۋەرلىك روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان ئالىي سۈپەتلىك ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان.
غابدۇللا توقاي ئۆزىنىڭ پوبلىستىك ماقالىلىرىدا ئەمگەكچى خەلقنى ئاقارتىش،تاتار ئەدەبىياتى،تىلى قاتارلىقلار ھەققىدە يازغان بولسا،ساتىرا ژانىرىدا ئادالەتسىزلىك،بۇزۇقچىلىق،چېرىكلىك ھادىسىلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن پاش قىلغان.ئۇنىڭ شېئىر-داستانلىرى يەنە تاتار ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقسىزلىقى،ياش ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش،بالىلارغا كۆيۈنىش،مەدەنىيەتلىك ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈش جەھەتلەردە چوڭقۇر پىكىرلىك ئىدىيىلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان.شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ مەشھۇر رۇس كلاسسىكلىرىدىن پوشكىن،لېرمونتوف،نىكراسوفلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ قالدۇرغان.
غابدۇللا توقاي 1913-يىلى 2-ئاپرېل 27 يېشىدا ئۈپكە كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان.
ئىگىلىنىشىچە،غابدۇللا توقاي بىرلەشكەن دۈلەتلەر تەشكىلاتى ئەنگە ئالغان شائىر بولۇپ،قازان شەھرىدە ئۇنىڭغا ئىككى ئورۇندا مۇزېي تەسىس قىلىنغان.ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 4 توملۇق ۋە 5 توملۇق قىلىپ نەشىر قىلىنغان.
"بۇلاق" ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 2-سانىدىن(بۇ ساندا يەنە غابدۇللا توقاي ئەسەرلىرىدىن نەمۇنىلەر بېرىلگەن)ئېلىندى.
مۇھەببەت
غابدۇللا توقاي
يەر كۆكەرمەس، گۈل ئېچىلماس سۇ تامچىسى بولمىسا،
شائىر شېئىرنى نەدىن ئالسۇن ئىلھامچىسى بولمىسا.
ئەيتىڭلارچۇ قايسى شائىر بىر گۈزەلنى سۆيمىدى؟
بايرونىڭمۇ؟ لىرمونتوفمۇ؟ پۇشكىننىڭمۇ؟ قايسىسى؟
يۈرەك ئۆزى بىر پارچە گۆش ئەگەر ئىشقى بولمىسا،
مۇھەببەتنىڭ دەردى ئۇنى پارە-پارە قىلمىسا.
بۇ شېئىرنىڭ ھېسلىرىنى ئالدىم گۆھەر، ئۈنچىدىن،
ئەيتساڭلارچۇ ھۆسنى قانداق كام ئەمەسقۇ غۇنچىدىن.
تاتارلارنىڭ شائىرلىرى كېيىن قالغاي ھەممىسى،
ئالغا بارسۇن شىلتىپ تۇرسۇن چىن مۇھەببەت قامچىسى.
ئۆلتۈرسىمۇ بۇ دۇنياغا بىر كۈن خوجا بولمايمەن،
ئاشىقلىقنىڭ، مۇھەببەتنىڭ پەقەت مەڭگۈ قۇلىمەن.
يوشۇرۇن كۆيۈش، مەخپىي ئازاب شۇنچە تاتلىق لەززىتى،
بارمىكىن تاڭ، بۇنى بىلەر مەندىن ئۆزگە بىر كىشى.
كىشلەر بار مۇھەببەتنىڭ ئوتى بىلەن يانغۇچى،
قايدا پەرھاد بىلەن مەجنۇن مەن ئۇلارنىڭ تاڭچىسى.
كىتاب
( غابدۇللا توقاي )
كۆڭلۇم مېنىڭ ئېچىلماستىن ئىچىم پۇشسا ،
ئۆز - ئۆزۇمنى بىلمەس ھالدا روھىم چۈشسە .
جاپا چەكسەم ، ھېرىپ كەتسەم ، بۇ دۇنيادا ،
ھېچ بىر لەززەت تاپماستىن بۇ جېنىمغا .
تۈگىمەس بىر قايغۇ - ئەلەم كېلىپ تۇرسا ،
كۆڭۈلسىزلىك ئويلار بىلەن بېشىم قاتسا .
سارغىيىمەن كۆيۈپ جېنىم مۇڭغا پاتسا ،
كۆزلىرىمدىن تامچە ياشلار ئېقىپ تۇرسا .
شۇ ۋاقىتتا مەن قولۇمغا كىتاب ئېلىپ ،
ئۇنىڭ ئىزگۈ بەتلىرىنى ئوقۇپ بىلىپ ،
جېنىم ، قېنىم لەززەتلىنىپ كېتەر شۇ چاغ
كۆڭلۇمدىكى دەردلىرىممۇ دەرمان تېپىپ .
ئوقۇپ چىققان ھەر بىر قۇرۇم ، ھەر بىر سۆزۇم -
يول كۆرسىتەر مېنىڭ پارلاق يۇلتۇزلىرىم .
بۇ دۇنيانىڭ ئازابىدىن قۇتۇلغاندەك ،
پاقىرايدۇ نۇرغا تولۇپ كۆڭلۇم ، كۆزۇم .
پاكىزلىنىپ ، يېنىكلىنىپ مەن شۇ چاغدا ،
رەھمەت دەيمەن ئوقۇپ چىققان كىتابىمغا .
ئاشار مېنىڭ ئىشەنچىم ئۆز - ئۆزۈمگە ،
ئۈمۈد بىلەن مەن قارايمەن كېلەچەككە.
بولمىسا
(غابدۇللا توقاي)
كىم يېتەر قەدرىڭگە جانان قەلبى چۇل - چۇل بولمىسا ،
ناز ئېتەر كىملەرگە گۈل ئالدىدا بۇلبۇل بولمىسا .
سۈرىتىڭنىڭ ئەسلىيىسى بىل شائىرنىڭ قەلبىدەدۇر ،
شۇنى كۈزگۈدىن كۆرەلمەيسەن ئەگەر ئول بولمىسا .
بەرمىدى لەيلى كەبى مەھبۇبىگە دۇنيا باھا ،
ئانچىكىن بىر قىز ئىدى ئۇ يانىدا مەجنۇن بولمىسا .
تەڭ قىلالماسمەن ئۇنى سەندەك گۈزەللىك شاھىغا ،
بولمىغاندا ، ھېسقا باي شائىر كېلىپ قۇل بولمىسا .
مەنبە : http://hi.baidu.com/erkmandadxah/blog/item/e18930ef50856ee2ce1b3e8d.html