|
|
|
|
مارجان سۆزلەر خەلق- ھەقىقەتنى تونۇغۇچى ۋە تونۇتقۇچى.
قانۇن- دۆلەتنىڭ ئاتىسى، ئەخلاق- ئانىسى.
شەكىلۋازلىق- ھاكىمىيەت دەرىخىگە چۈشكەن قۇرۇت.
سەركەردە پەملىك بولسا، ئەسكەرلىرى باتۇر بولۇر.
تەربىيە باشتا قاتتىق بولسا، ئاخىرى تاتلىق بولۇر.
جاپا تارتمىغۇچە ھالاۋەت يوق، ئىنسان بولمىغۇچە سائادەت.
بىر كىتاپ-مىڭ كىشىگە ئۇستاز.
بىرلىكنى بىلمىگەنلەر، ئۆز بىشىنى يىگەنلەر.
بىلىم ئالساڭ تىلىڭ چىقىدۇ، ئالمىساڭ يىلىڭ چىقىدۇ.
بىلىملىك ئادەم تاللىنار، بىلىمسىز ئادەم شاللىنار.
بىلىم- ئاچچىق يىلتىزدىن ئۆسكەن مىۋە.
بىلىملىكنىڭ ھۆرمىتى زور، بىلىمسىزنىڭ ھەسرىتى زور.
بىلىم ئالمىغان ياش- تام تۈۋىدىكى تاش.
بىلىملىكنىڭ كۆڭلى گۈلىستان، بىلىمسىزنىڭ كۆڭلى گۆرىستان.
سالام بەرمەك پەرز، ئىلىك ئالماق قەرز.
دوست بولۇشساڭ ئىناق بول، بىر- بىرىڭگە سىناق بول.
دوستنى دوست ئايايدۇ، كەمچىلىكنى تەنقىد بىلەن ساۋايدۇ.
چوڭنىڭ ئەقلى چوڭ بولۇر، قىلغان ئىشى ئوڭ بولۇر.
خوشامەتچىدە نومۇس بولماس، قىلغان ئىشى دۇرۇس بولماس.
بۇ دۇنيادا يارىماس ئادەم يوق، گەپ ئۇنىڭ نىمىگە، نەگە يارىشىنى بىلىشتە.
سۇنىڭ بۇلغىنىشى لاتقا- ئەخلەتتىن، ئادەمنىڭ بۇلغىنىشى ھاۋايى-ھەۋەستىن.
پۇشايماندا قالماي دىسەڭ، زىرەكلەرنىڭ نەسىھەتىدىن مەسلىھەت ئىزدە.
بىر سەر ئالتۇنۇڭ بولغىچە، بىر مىسقال ئەقلىڭ بولسۇن.
ئات كىشنىشىپ تىپىشار، ئادەم سىردىشىپ تىپىشار.
ئاتاڭنىڭ نەسىھەتىدە تىغىڭ كۆكلەر، ئاناڭنىڭ نەسىھەتىدە بېغىڭ كۆكلەر.
ئاتا- ئانا يايرىسا باغ، يۆلەنسە تاغدۇر.
باراڭ ئۈزۈم بىلەن، ئادەم تۈزۈم بىلەن.
بار دەپ تۆكمەڭ، يوق دەپ كۆپمەڭ.
بايلىق- بايلىق ئەمەس، بىرلىك بايلىق.
ئەڭ ئېغىر مۇھتاجلىق- دوختۇرخانىدا يىتىپ قالغان يوقسىز بىمارنىڭ مۇھتاجلىقى.
بىر تال قىلنىڭمۇ سايىسى بار، ھەق- ناھەقنىڭمۇ سورىقى بار.
بىر سۆزلىشىپ مۇڭداش دېمە، بىللە مىڭىپ يولداش دېمە.
بىر كېلىشمەسلىكتىن بىر ئەقىل تاپار.
بىر ئىت كۆرۈپ قاۋىسا، مىڭ ئىت كۆرمەي قاۋايدۇ.
بىغەمنىڭ قەرزى كۆپ، ئىشچاننىڭ ۋەسلى كۆپ.
بىلگىنىڭنى ئايىما، ئەگەر بىلمىسەڭ كايىما.
بىلىم قاچماس تىرىشچاندىن، بەخىت قاچماس ئىشچاندىن.
تاياقنى ھايۋانغا ياراتقان، سۆزنى ئادەمگە.
تايانغىلى يۇرت ياخشى، ئىسسىنغىلى ئوت ياخشى.
بۈگۈنكى سىناقتىن ئۆتەلمەي تۇرۇپ، ئەتىكى ئىمتىھانغا ئىشەنچ باغلىما.
بەختىنى ھەر كىم ئۆز قېلېپى بىلەن قۇيىدۇ.
جان راھىتى تەن بىلەن، تەن راھىتى پەم بىلەن.
چارىسىز ئىش بولماس، ئارپىسىز ئاش بولماس.
چوڭ گەپ قىلغۇچە، چوڭ ئىش قىل.
چايناپ يىگەن لەززەتلىك، كۆپ ئۆگەنگەن ئىززەتلىك.
خاپىلىق ئالدىدا كېلەر، پۇشايمان ئارقىدا كېلەر.
بالىلار- بىز ئىرىشمەكچى بولغان نەرسىلەردىن ئاشكارا بېشارەت بەرگۈچىلەردۇر.
داناغا قول بەر، ئۆزۈڭدىن چوڭغا يول بەر.
دانا قەدرىنى نادان بىلمەس، ئاغرىق قەدرىنى ساق بىلمەس.
دەرەخ زىننىتى- ياپراق، ئىنسان زىننىتى- ئەخلاق.
دەرەخ شېخىدىن سۇنار، ئادەم گىپىدىن سۇنار.
باشقىلار بىزنىڭ كۆزىمىزگە سىغمىسا، بىزمۇ باشقىلارنىڭ كۆزىگە سىغمايمىز.
ھىممىتى بار كىشىنىڭ، ئۈنۈمى بار ئىشىنىڭ.
مۇھتاجلىقتىن ئادەم بىر بولسا ئۆزىنى تاپىدۇ، بىر بولسا ئۆزىنى ساتىدۇ.
سەپەر قىلغان يول بىلور، كىتاپ كۆرگەن مول بولۇر.
سەمىمىي دوستلۇق تەڭداشسىز كۈچ- قۇۋۋەت.
ئەڭ تۇترۇقسىزلىق- بىر خاتالىقنى تەكرار ئۆتكۈزۈش.
سەۋەبىنى ئاتىدىن ئىزدە، نوقساننى بالىدىن ئىزدە.
مەنبە : http://hi.baidu.com/turkzat/blog/item/4182120ea590e9276159f322.html
|
|
|
|
|
|