مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8491|ئىنكاس: 36

(چاقىرىق!) كومپيۇتېردىن مۇكاپاتلىق يازما ي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3601
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8665
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 403 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 02:23:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!


ئەگەر مۇنبەرنىڭ ئۈنۈملىرى سەۋەپلىك تېمىنى تولۇق كۆرەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ PDF نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ: http://www.tirish.cn/Musabiqe_elan.pdf


ئىلاۋە:
تىرىشچانلار تورى قورۇلغاندىن باشلاپ پايدىلىق ئىلىم تارقىتىشنى مەقسەت قىلىپ كىچىكلىكتىن زورىيىپ مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە بىلىم ماكانى بولۇپ شەكىللەندى. ئەلۋەتتە، تىرىشچانلار تورىنىڭ بۈگۈنى كەڭ بىلىمخۇمار قىرىنداشلارنىڭ قوللىشى بىلەن قولغا كەلگەن بولسا، كەلگۈسى يەنىلا بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كۆيۈنىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. دىيارىمىزدا تور ئىچىلغاندىن بىرى ئۇيغۇرچە تورلاردىكى تۇرغۇنلۇقنى يوقۇتۇش ۋە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىغا مۇكەممەل ئۈگىنىش سورۇنى يارىتىپ بىرىش شۇنداقلا كەڭ ئىلىم تارقاتقۇچى ئۇستاز-ھەۋەسكارلارنىڭ ئەمگىكىگە رەھمەت ئىيتىش يۈزىسىدىن تۇنجى بولۇپ مۇكاپاتلىق «بىلىم يازمىسى» توپلاش پائالىيىتى تەشكىللەشنى ئويلىشىپ كەڭ دوستلارغا يۈزلىنىپ تۇرۇپتىمىز. ئىشىنىمىزكى كەڭ بىلىمخۇمار دوستلىرىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ پائالىيەت غەلبىلىك باشلىنىپ ئۇتۇقلۇق ئاياغلاشقۇسى.

خوش، ئۇنداقتا بۇ قىتىملىق پائالىيىتىمىزنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرىشىگە قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇندا بولسۇن.

*******************

تىرىشچانلار تورى باشلامچىلىق ئورنىدا تۇرۇپ باشلىغان بۇ پائالىيەت بارلىق تورداشلارغا قارىتىلغان بولۇپ مەزمۇن بىردەك ئۇيغۇرچە بولۇش شۇنداقلا كومپيۇتېر تىخنىكىسىغا ئائىت يازما بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. (بۇ مۇسابىقىدىن بارلىققا كەلگەن كومپيۇتېر بىلىملىرى يازمىلىرى نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ... بۇ مۇسابىقە سورۇنى يەنى كومپيۇتېر قامۇس سەھىپىسى نېمە مەقسەتتە قۇرۇلدى؟... بۇلارغا قارىتا چۈشەنچە ئىزدىسىڭىز ‹‹ ئۇيغۇرچە ساۋادىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا سىزنىڭمۇ رولىڭىز بار! ›› ناملىق تېمىغا كۆز يۈگۈرتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. )

مەزكۇر تېمىنى ھەرقايسى تور بەتلەرگە يوللىسىڭىز بولىۋېرىدۇ. كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى خەۋەرسىز قالمىسۇن.


*****************
مۇھىم مەزمۇن:

1. مۇكاپات بويۇمى؛

2. ئالاھىدە مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى؛

3. ھەر قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتى؛

4. مۇكاپات تەسسىس قىلىش ئۆلچىمى


5. مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلغان سەھىپە تۈرلىرى

6. يوللىنىدىغان تېمىلارغا قويۇلىدىغان ئۆلچەملەر

7. ھەرقايسى تور بېكەت قۇرغۇچىلارغا دوستانە ئۇچۇر

******************


1. مۇكاپات بويۇمى: نەخ پۇل ۋە مۇنبەر پۇلى بولىدۇ.

ئالاھىدە مۇكاپات : 1 نەپەر مۇكاپات سوممىسى: 100 يۈەن.

1- دەرىجىلىك مۇكاپات: 2 نەپەر؛ مۇكاپات سوممىسى: 50 يۈەن.

2- دەرىجىلىك مۇكاپات : 3 نەپەر؛ مۇكاپات سوممىسى: 30 يۈەن.

3- دەرىجىلىك مۇكاپات : 4 نەپەر؛ مۇكاپات سوممىسى : 20 يۈەن.

رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى: مۇنبەر پۇلى (ئەلۋەتتە مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلاش پەقەت تىرىشچانلار تورىدىكى ئەزالارغىلا ئەمەلىيلىشەلەيدۇ. باشقا مۇنبەردىكىلەرگە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئاجىزمىز...)

نەخ پۇل بىلەن مۇكاپاتلاش سانى: جەمئىي 10 نەپەر.

مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلاش سانى: 10+ X نەپەر.

******************



2. ئالاھىدە مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى:

ئۇدا ئۈچ ئاي :

ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە: 300 يۈەن تارقىتىلىدۇ.(ئۈچىنچى ئايلىق مۇكاپات ئىچىدە)

1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە: 150 يۈەن تارقىتىلىدۇ.(ئۈچىنچى ئايلىق مۇكاپات ئىچىدە)

2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە: 90 يۈەن تارقىتىلىدۇ.(ئۈچىنچى ئايلىق مۇكاپات ئىچىدە)

3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە: 60 يۈەن تارقىتىلىدۇ.(ئۈچىنچى ئايلىق مۇكاپات ئىچىدە)

يەنى بۇ ئايدا نورمال مۇكاپات سوممىسىنىڭ 3 ھەسسى بويىچە مۇكاپاتلىنىسىز دېگەن گەپ.

*****************



3. مۇسابىقە باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتى:

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى: مۇشۇ تېما ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېساپلىنىدۇ.

ئاخىرلىشىش ۋاقتى: 11- ئاينىڭ 27- كۈنى.

تەكشۈرۈپ، باھالاش، مۇكاپات سوممىسىنى رەسمىيلەشتۈرۈش ئىشلىرى قوشۇلۇپ ئىنشائاللاھ شۇ ئاينىڭ 30-كۈنى رەسمىي ئاخىرلىشىپ، كېيىنكى قېتىملىق مۇسابىقە باسقۇچى باشلىنىدۇ.

يەنى 2- قىتىملىق مۇسابىقە 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە بولىدۇ. كىيىنكى باسقۇچ مۇسابىقىمۇ مۇشۇ يۇسۇندا داۋام ئېتىدۇ. ئىنشائاللاھ!

****************



4. مۇكاپات تەسسىس قىلىش ئۆلچىمى: تېما سانى ۋە مەزمۇن پۈتۈنلۈكى ئاساس قىلىنىدۇ. تىما يازغۇچىلاردىن يەنە تىمىدا تىيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا يۈزلەنگەن ئۈزلۈكسىزلىكنى ساقلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

تېما سانى جەھەتتە:

مۇسابىقىگە يوللىنىدىغان تېما چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىجادىي تېمىسى بولۇش ئالدىنقى شەرت قىلىنغاندىن سىرت يەنە سان جەھەتتە

ئالاھىدە مۇكاپات : 45 تېمىغا يەتكەن بولىشى.

1- دەرىجىلىك مۇكاپات: 30 تېمىغا يەتكەن بولىشى.

2- دەرىجىلىك مۇكاپات :20 تېمىغا يەتكەن بولىشى.

3- دەرىجىلىك مۇكاپات :10 تېمىغا يەتكەن بولىشى كېرەك. شۇ شەرتكە توشقانلار سالاھىيىتى يەتكەن دەرىجە بويىچە تاللاشقا نامزات قىلىنىدۇ.

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى: بۇ پائالىيەت جەريانىدا يوللانغان بارلىق تېمىلار ئاممىۋى بىلىم تارقىتىش خاراكتىرلىك بولغاچقا نەشىر ھوقۇقى، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپ مەزمۇنلار بىردەك چەكلىنىدۇ. يوللانغان مەزمۇنلار قامۇس بىتىدە كەڭ بىلىمخۇمارلارغا ھەقسىز ئىچىۋىتىلگەندىن سىرىت ھەقسىز ھالدا، خەلقىمىزگە ھەر ئايدا بىر سان ئېلىكترونلۇق ژورنال قىلىپ تارقىتىش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى كومپيۇتېر بىلىملىرىنى توپلاش مەقسەت قىلغانمىز، شۇڭا بىردەكلىكنى ساقلاش ئۈچۈن بۇ يەرگە يوللانغان تېمىلارنىڭ كىيىنكى يۆتكەپ ئىشلىتىش مەنبەسى تىرىشچانلار تورى نامىدا بولىدۇ. شۇنداقلا تىرىشچانلار تورى بۇ مەزمۇنلارنى سودا خاراكتىرىنى ئالغان پائالىيەتكە قاتناشتۇرمايدۇ. ھەم قاتناشتۇرۇشنى چەكلەيدۇ. ئىلگىرى يوللانغان يازما بولسا مەنبەنى چوقۇم تىرىشچانلار تورى دەپ ئەسكەرتىشنى ئۈمۈد قىلىمىز. شۇڭلاشقا باشقا ھەرقانداق شەخىس-تەشكىل ياكى تور بەت بىلەن ئەسەر ھوقۇقى ماجراسىغا سەۋەب بولىدىغان تېمىلارنى يوللاشنى قەتئىي چەكلەيمىز.

****************



5. مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلغان سەھىپە تۈرلىرى:

مەشغۇلات سېستىمىسى، ASP بىلىملىرى، PHP بىلىملىرى، Html/Css بىلىملىرى، Mysql/Mssql بىلىملىرى، VB/ VB.NET بىلىملىرى، #C بىلىملىرى، ++C/C بىلىملىرى، Photoshop بىلىملىرى، Flash بىلىملىرى، OFFICE بىلىملىرى، 3DMAX بىلىملىرى، يانفون بىلىملىرى... دېگەندەك كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە بولىدۇ. (مەزكۇر تور بەتتىن سىز تاللىماقچى بولغان تۈرنى تاپالماي قالسىڭىز باشقا تۈردىكى بىلىملەر دېگەن تۈر ئىچىگە يازسىڭىز بولىۋېرىدۇ.)


****************



6. يوللىنىدىغان تېمىلارغا قويۇلىدىغان ئۆلچەملەر:

1. بۇ مۇسابىقىگە يوللىنىدىغان تېما پەقەت ۋە پەقەت يازمىچە تېما بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. (سۈرەتلىك تېما يوللاش ئىنشائاللاھ كېيىنكى مۇسابىقە تۈرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.)

2. تېما ئىچىدە رەسىم قوشۇلسا بولىدۇ.

3. تېما يوللىغۇچى مەيلى قايسى خىل مەزمۇن يىزىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىزچىللىقنى ساقلىشى، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا ئۆتۈشى كېرەك.يەنى ئاپتورنىڭ يازمىسىدىن كەڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارى چوقۇم ئىنىق بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدىغان بولسۇن . بىر تۈرنى تۇتقان ئىكەنسىز، ئەڭ كامىدا بەش تېما مۇشۇ سەھىپە توغۇرلۇق بولسۇن. بۇ يازمىن داۋاملاشتۇرۇش ئېھتىياجى تۇغۇلغاندا كېيىنكى ئاپتورغا ئېنىق بىر باشلانما بولىدىغان بولسۇن.

4. قايسى تۈرنى تاللىشىڭىزدىن قەتئىي نەزەر، مەزكۇر تۈرنىڭ تۇنجى تېمىسىدا بىر بۆلۈك مەزمۇننى شۇ تۈر توغۇرلۇق چۈشەنچە بېرىشكە ئاجرىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ. مەسىلەن: Photoshop نى تاللانغان بولسا، ئۇنداقتا ئەڭ ئاۋۋال بىر ئىككى جۈملە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، بۇ دېتالنىڭ ئاساسلىقى رەسىم بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقى توغۇرلۇق ئەسكەرتىلىشى كېرەك. ئەگەر #C نى تاللانغان بولسا، بۇ تىل پروگرامما لاھىيلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ يەنە نېمە مۇھىتنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى... ئەسكەرتىش كېرەك دېگەندەك.

5. مەزمۇن پۈتۈنلۈكىگە دىققەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. قانداقتۇر تېما سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر پۈتۈنلۈكتىكى تىما قەستەن پارچىلانماسلىقنى ئەسكەرتىمىز.

6. ئەگەر ئوخشاش بىر مەزمۇن ئىككى قېتىم يوللانغان بولسا، مەزمۇنى تولۇق بولغىنى تاللىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرىت تاللاش ئۇسۇللىرى ئەمەلىي شارائىتقا قاراپ بولىدۇ. شۇڭا تورداشلاردىن تېما يولاشتىن بۇرۇن ئىزدەپ كۆرۈپ بىقىپ ئاندىن قارا قىلىشىنى سەمىمىي ئەسكەرتىمىز.

7. كەڭ ھەۋەسكارلانىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ پىكىر-تەكلىپ بىرىشنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.شۇنداقلا ئېھىتىياجغا قاراپ يېڭى تۈرلەرنى قوشۇشنى ئويلىشىمىز.

8. بۇ پائالىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى تىرىشچانلار تورىغا تەۋە بولىدۇ.

مەزكۇر تېما ھەرقايسى تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللانسا بولىدۇ. مۇسابىقە مەيدانى Www.Tirish.Cn/Computer دە ۋە مۇشۇ تىمىنىڭ تىرىشچانلار مۇنبىرىدىكى ئەسلى تىما ئاسىتغا ئىنكاس شەكلىدە يوللانسىمۇ بولىدۇ. سورۇنىمىز قابىلىيىتى بارلارغا ھەر ۋاقىت ئوچۇق تۇرىدۇ ئىنشائاللاھ! مەزكۇر قامۇس سەھىپىسى نېمە مەقسەتتە يوللاندى، بۇنىڭدىن يىغىلغان تېما ماتىرياللار نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ... بۇ توغۇرلۇق چۈشەنچىگە ئېرىشەي دېسىڭىز، نەزىرىڭىز http://www.tirish.cn/bbs/viewthread.php?tid=1877 بۇ تېمىدا بولسۇن.

****************



7. ھەرقايسى تور بېكەت قۇرغۇچىلارغا دوستانە ئۇچۇر:

ھەر قايسى تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ بېرىشىنى، بىزنى قوللاپ بېرىشىنى، خەلقىمىزنىڭ پايدىلىق ئىلىم بىلەن ئۇچرىشىشىغا قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىشىنى سەمىمىي ئىلتىماس قىلىمىز.

خالىسىڭىز بۇ تېمىنى تەشۋىق سۈپىتىدە تور بېتىڭىزدە كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئورۇنغا قويۇپ بەرگەيسىز.





نۆۋەتتە مەزكۇر پائالىيەتكە ھەمكارلاشقانلار (ھەمكارلاشقۇچىلار داۋاملىق قوشۇلىدۇ.):




تىرىشچانلار تورى --- پايدىلىق ئىلىم تارقىتىش مەركىزى


2010- يىلى 10- ئاينىڭ 22- كۈنى





[ 姑娘你能否昂首挺胸不低头,不轻易把眼泪留给狗]
ھېسلىرى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 02:37:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3601
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8665
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 403 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 02:46:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[ 姑娘你能否昂首挺胸不低头,不轻易把眼泪留给狗]

ئەخلاق~ئادەم زىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3723
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6001
تۆھپە نۇمۇرى: 370
توردا: 1223 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 02:58:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا مەندەك كىچىسى ئۇخلىمايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەسكەن دە .........
چۈشۈنەلمىدىم بۇ مۇسابىقىنى .......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4329
يازما سانى: 1559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42374
تۆھپە نۇمۇرى: 632
توردا: 3196 سائەت
تىزىم: 2010-7-19
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 04:37:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىزدىنىپ باقاي .نەتىجىگە ئىرىشەلمىسەممۇ  قابىلىيتىمنى  نامايەن قىلامەن  [s:108]

مەن ھەققىدە نىمە ئويلىغان،مەن توغراسىدا نىمە قىلغان بولساڭ ئۇلۇغ  ئاللاھ ساڭا شۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن

باشقىلار كىتاب ئوقۇۋاتىدۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4026
يازما سانى: 1963
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18664
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2015-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 04:44:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يەنىلا مۇسابىقە تاماشىبىنى بولاي جۇمۇ!~~~~~~!

يۇرتۇم__ توققۇزتارا تاشتۆپە    ئىملاغا دېققەت قىلايلى قېرىنداشلار!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 197
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15514
تۆھپە نۇمۇرى: 1341
توردا: 2952 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 07:44:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاقىللار تورىدىمۇ تۇرىدۇ قارىسام ئۇلنشتا يوق ئىكەن قوشۇپ قوياي بۇ يەرىگە http://www.akillar.com/bbs/thread-9152-1-1.html

ھەقىسز بولغان كومپيۇتېر بىلملەر تورى بۇ يەرىدە مەرھەممەت !http://www.akillar.com/bbs

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10158
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63972
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7998 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 10:29:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چاقىرىككەن ، غەلبە ھامان تىرىشقانلارغا مەنسۇپ . ئەجرىڭلار ئۇرۇقلاپ مىۋە بەرگۈسى. ئىشلىرىڭلارغا يۈكسەك ئۇتۇق تىلەيمەن .

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

روناق تاپ، پاكىز ياشا!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5025
يازما سانى: 1835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15783
تۆھپە نۇمۇرى: 423
توردا: 1103 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 11:12:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زۇبەيدەنىڭ پىكىرنى قوللايمەن،

ئۇغۇل دىگەن ئەلگە يارالغان،
ۋاختى كەلسە جەڭگە يارالغان.
ئۈتۈك بىلەن سۇ كېچەر شوڭا،
ئۇغۇل نامى ئەلگە تارالغان.

جەننەت+دوزاخ = ھايات

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1477
يازما سانى: 1954
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 201567
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 3387 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 11:14:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كومپىيوتىر جەھەتتە ۋاي - دىگۈدەك بىلىمىم بولمىسىمۇ مۇشۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ مەزكۇر سەھىپىگە 6-5 تېما يوللاشقا تىرىشىپ باقىمەن .

سەمىمىيلىك ئىنساندىكى ئېسىل خىسلەتتۇر !  ئىللەت تۈزەلمىگۈچە ،مىللەت تۈزەلمەس!   ھەقىقەت ئېگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ !   تىلى ياتنىڭ دىلى يات !     تور دۇنياسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش