مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1344|ئىنكاس: 12

كېرىيەدىكى بىر قىسىم يەر - جاي ناملىرىنىڭ ك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇزۇن سەپەر ...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 674
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40011
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 3197 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 10:50:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


كېرىيەدىكى بىر قىسىم يەر - جاي ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا قاراشلىرىم
ئابلەت ئابدۇللا
( كېرىيە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدىن)

كېرىيە ___ قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ قەنۇبى غول لېنىيىسىگە قايلاشقان تارىخى ئۇزۇن يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردە ياشىغان خەلق چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئېقىن قوغلىشىپ كۆچمەنلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان. كېيىن ھەم دېھقانچىلىق ، ھەم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان جايلارغا ھەر خىل ناملارنى بېرىشكە باشلىغان. ئۇلار بۇ جايلارنىڭ بەزىلىرىگە شۇ جاينىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن ، يەنە بەزىلىرىگە شۇ جايدا ياشىغان قەبىلە، جەمەتنىڭ ئىسمى بىلەن نام قويغان. ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات داۋامىدا بۇ ناملاردا فونىتېكىلىق ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ، ھازىرقى نامى شەكىللەنگەن. بۇ يەر - جاي ناملىرىنىڭ كۆپىنچىسى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئاتالغانلىقى ئۈچۈن ، بۇنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۆۋەندە مەن كېرىيىدىكى بىر قىسىم يەر - جاي ناملىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ، مەنىسى، ھازىرقى ئاتىلىشى ئۈستىدە قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇلاھىزىسىگە سۇنماقچىمەن:
  بۇ يەردە ئالدى بىلەن گەپنى " كېرىيە " دېگەن بۇ نامدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. تارىخى خاتىرىلەردە ئېيتىلىشىچە ، ھازىرقى كېرىيە بۇرۇن  <ئۇرۇنتات، ئۇدۇن، يۈتىئەن ... > دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغانىكەن. كېرىيە دېگەن ئىسىم توغرىسىدا كىشىلەر ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەر " كېرىيە " دېگەن ئاتالغۇ < كەمەك > دېگەن سۆزدىن كەلگەن دېسە، بەزىلەر < كېيىن كەلگەنلەر > دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن دەيدۇ. يەنە بەزىلەر < قىريەر > دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن ، دەپ قارايدۇ.
  < كەمەك > دېگەن سۆزگە كەلسەك ، بۇ سۆز " ھىيلىگەر، ساختىپەز، سېھىر - جادۇ قىلغۇچى " ، " قاڭشىرى يوق، پاناق بۇرۇن " دېگەن ئىككى خىل مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن كېرىيىلىكلەرنىڭ ئاددى - ساددا ، ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست خەلق ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇم. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى پاناق بولماستىن، بەلكى قاڭشارلىق، بۇغداي ئۆڭ بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى < كەمەك > لەرنىڭ ئەۋلادى دېيىش ئەقىلگە سىغمايدۇ.
< كېيىن كەلگەنلەر > دېگەنگە كەلسەك، بۇ يەردە ياشىغانلار باشقا يۇرتتىن كۆچۈپ كەلگەنلەر بولماستىن (تارىخى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كەلگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا) ، بەلكى ئېقىن بويلىرىدا چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلەر. شۇڭا، " كېرىيە " دېگەن سۆزنى < كېيىن كەلگەنلەر > دېگەن سۆز بىلەن باغلاش تارىخقا ئۇيغۇن ئەمەس.
  < قىريەر > دېگەن سۆزنى " كېرىيە " دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى دەپ قاراش رىئاللىققا بىر قەدەر ئۇيغۇن. چۈنكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا < قىر > دېگەن سۆز  [ يۇرت - ماكان ] دېگەن مەنىنى ، <يەر > دېگەن سۆز جاينىڭ داڭلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، قەشقەرىيە، موڭغولىيە، خاقانىيە.. دېگەنلەرگە ئوخشاش. مەلۇم ۋاقىتلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن < قىريەر > دېگەن سۆزدىكى " ق " تاۋۇشى ' ك " تاۋۇشۇغا نۆۋەتلىشىپ،  " ر " تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىش نەتىجىسىدە < كېرىيە > دېگەن نام شەكىللەنگەن ، دەپ قاراشقا بولىدۇ.
  كېرىيە خەلقى ئەنە شۇنداق كۆچۈش، ماكانلىشىش ، بوستانلىقلارنى بەرپا قىلىش داۋامىدا ئۆزى ياشىغان جايلارغا ھەر خىل ناملارنى بەرگەن. كېيىنچە تەلەپپۇز جەريانىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، ھازىرقى ناملار شەكىللەنگەن.
   < مۇغاللا > : مۇغاللا ھازىر كېرىيىدىكى بىر بازارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەر بۇنى قەبىلىنىڭ نامى  دېسە، يەنە بەزىلەر بۇ جاينى تۇنجى بولۇپ بەرپا قىلغۇچىنىڭ نامى بىلەن  < مۇغاللا > دەپ ئاتالغان، دەپ قارايدۇ. بۇرۇن ئۇيراتلار  < مۇغالا > دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قەبىلە بولۇپ شەكىللەنگەن ھەمدە ئۆزى ئولتۇراقلاشقان بۇ جاينى < مۇغۇللا > دەپ ئاتىغان . كېيىن بۇ سۆز < مۇغاللا > بولۇپ ئۆزلەشكەن.
   < قاچۇن > : بەزىلەر بۇ يەرنى سىرتتىن قېچىپ كەلگەنلەر ئولتۇراقلاشقان  جاي دېسە، بەزىلەر < قاچۇن > دېگەن بۇ سۆز  < قاچقۇنلار > دىن ئۆزگەرگەن دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر < قاچۇن ئۆستەڭ > بۇرۇن < قاچا ئۆستەڭ > دەپ ئاتىلاتتى، < قاچا > دېگەن سۆز < قاچۇن> غا ئۆزگەرگەن دەپ قارايدۇ. بۇلار بىر پەرەز بولسىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. لېكىن، ئۇيراتلار قەبىلىسى ئىچىدە < قاچۇلى > دېگەن بىر جامىئە بار بولۇپ، ئۇلار قارلۇقلار بىلەن بىرگە كۆچۈپ ، ھازىرقى < قاچۇن> نى شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۈمكىن.
  < قارقى > : بۇرۇن كىشىلەر كۈن چىقىش تەرەپنى يورۇيدىغان تەرەپ، كۈن پېتىش تەرەپنى قارا بولىدىغان تەرەپ دەپ ئاتاپ كەلگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا " قىر " دېگەن سۆز يۇرت دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، بۇ جاي < كۈن پېتىشتىكى يۇرت > بولغاچقا، كىشىلەر < قارا قىر > دەپ ئاتىغان . كېيىنچە بۇ سۆزدىكى " ر " ۋە " ئا " تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىپ < قارقى > بولۇپ ئۆزلەشكەن.
  < شىۋول > : كونىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەر ئەسلىدە توغراقلىق بولۇپ، ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى شىر بار ئىكەن . ھازىر بۇ يەردە شىرنى كۆرگەىلى بولمىسىمۇ، قەدىمكى توغراقلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. كېيىن بۇ يەرنىڭ قىسمەن جايلىرى بوستانلىققا ئايلىنىپ، < شىر ئوۋۇل > ، يەنى شىرلار ياشىغان جاي دەپ نام بېرىلگەن. كېيىنچە تەلەپپۇز جەريانىدا بەزى تاۋۇشلار چۈشۈپ قېلىپ < شىۋول> دەپ ئۆزلەشكەن.
  < ئويتاغراق> : < ئوي > دېگەن سۆز " نېرى تەرەپتىكى " دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. توغراق بولسا دەرەخنىڭ ئىسمى. ئەسلىدە بۇ جاي بىپايان توغراقلىق بولۇپ، كېرىيە دەرياسىغا يېقىن توغراقلىقن < باش توغراق > ، كېرىيە دەرياسىدىن يىراقراق بولغان توغراقلىق < ئويتوغراق > دەپ ئاتالغان ، ھەمدە شۇ بويىچە ئۆزلەشكەن.
   < يەتتە باش> : بۇ ئەينى ۋاقىتلاردا كېرىيە دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدىكى يەتتە مەھەللىنى كۆرسىتەتتى. بۇ  جاي ئېقىننىڭ بېشىدىكى مەھەللە بولغاچقا، كىشىلەر < سۇ بېشىدىكى يەتتە مەھەللە > دەپ ئاتىغان. كېيىنچە بۇ ئىسىمدا مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، < يەتتە باش > دەپ ئاتالغان.
  < قارا تۇغام > : بەزىلەر بۇ يەردە ئىلگىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن چوڭ تۇغان سېلىنغان ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ ئاساسى بولمىسىمۇ، ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، " قارا " دېگەن سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يەنە " چىڭ، پۇختا، مەزمۇت " دېگەن مەنىلەرنى ، " تۇغام " بولسا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا " دامبا، قاش، تۇغان " دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ.
  < قالۇق > : بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى يەتتە سۇ رايونى ۋە قەشقەردىكى قارلۇقلار مەجبۇرى كۆچۈرۈلۈپ، بىر قىسمى جەنۇبقا، يەنە بىر قىسمى كېرىيە دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنلىرى بويىغا ئولتۇراقلاشقان. بۇلار ئولتۇراقلاشقان كەنت كېيىنچە شۇ قەبىلىنىڭ نامى بىلەن < قارلۇق > دەپ ئاتىلىپ، تەلەپپۇز جەريانىدا " ر " تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى بىلەن < قالۇق > دەپ ئۆزلەشكەن.
    <ئاتچان> : بۇ كېرىيەدىكى تاغلىق يېزا بولۇپ،  < ئارتچان > دېگەن سۆزنىڭ تەلەپپۇز ئۆزگىرىشىدىن شەكىللەنگەن.  " ئارت " ___ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا  " تاغ باغرى " دېگەن مەنىنى، " چان " _____ جاي دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كېيىن تەلەپپۇزدا " ر " تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىپ، < ئاتچان > دەپ ئاتالغان.
   < ھېيتكا > : بۇ " ھېيتگاھ " دېگەن سۆزنىڭ بۇزۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىشى بولۇپ، " ھېيت " دېگەن تۈپ سۆزنىڭ كەينىگە " گاھ " دېگەن تۈپ سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىنىڭ ئۇلىنىشى بىلەن ياسالغان . تەلەپپۇز جەريانىدا بۇ سۆز <ھېيتكا > دەپ ئۆزلەشكەن.
  < ئۇرايىم كۆلى > ؛ بۇ كۆل كوئېنلۇن ( قۇرۇم ) تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، 1929-يىلى ئۇرايىم ئىسىملىك كىشى بۇ كۆلنى تۇنجى بولۇپ بايقىغانلىقى ئۈچۈن، شۇ كىشىنىڭ نامى بىلەن < ئۇرايىم كۆلى > دەپ ئاتالغان.
  يۇقۇرىدا مەن كېرىيىدىكى بىر قىسىم يەر-جاي ناملىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتۈم. يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق، يەنە نۇرغۇنلىغان يەر- جاي ناملىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى، مەنىسى ھەققىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولۇشىمىز، بۇ ئارقىلىق قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۇنى ھازىرقى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشىمىز مۈمكىن.

مەنبە : http://keriya.blogbus.com/logs/39389663.html


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
gulgiyah + 100
ئوت + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

خۇشچىراي ، شېرىن سۆز ( بولسا ) ، مال - دۇنيا بېرىلسە ، بۇ ئۈچ نەرسە ئەتراپىغا ئەركىن كىشىلەرمۇ توپلىنىدۇ . قۇتادغۇبىلىكتىن :

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11005
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8294
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 220 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2011-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 11:11:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدى بىلەن بۇ گۇزەل يۇرتۇمغا بولغان سېغىنىشىمنى ھەم مىسرانىم مۇنبىردىكى بارلىق تورداشلارغا سالام يوللاپ بۇلۇپ كۇرەي ھەي گۇزەل يۇرتۇم سەندىن ئايرىلغىلىمۇ 2 ئاي بوپقاپتۇ ھەي [s:73]

ئابدۇللا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 2565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17875
تۆھپە نۇمۇرى: 568
توردا: 3891 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 11:13:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭمۇ كىرىيەدە بىر قانچە ساۋاقداشلىرىم بار ئىدى ، ئۇلار قانداقراق تۇرۋاتىدىكىن ؟

http://blog.sina.com.cn/esma88

ئەي ئويغۇرلار قې

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3102
يازما سانى: 1257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 115584
تۆھپە نۇمۇرى: 393
توردا: 4371 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 11:28:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كورىيە دەپ  ئوقۇۋاپتىمەن دىسە [s:112]

پايدىلىنىش قىممىتى بار كەن..

مەشرەپ ئويناپ ئاتالدۇق يىگىت، ئاھ! ئەجداتلار جەڭلەردە شەھىد.

رىزىق تىلىمە ،بە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3681
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17782
تۆھپە نۇمۇرى: 750
توردا: 450 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 11:28:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ ئادەملەر ئارىسىدا مەنمۇ بارمۇ نىمە ؟  بىر قاراپ باقاي! مىنىڭ  يېزام ئارىشنى چۈشەندۈرمەپتۇ  دىسە...............

بۇ دۇنيادا ياشىماق ئاسان، لىكىن ئۇلۇم سىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ،

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 02:20:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇرايىم كۆلىنى ئىبھراھىم كۆلى دېسە بولغىدەك ! [s:80]

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13101
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 03:09:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېرىيەدە مېنىڭمۇ ساۋاقداشلىرىم بار ئىدى، تېخى 7- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاقسۇدا كۆرۈشكەن، تېنى سالامەت، تۇرمۇشى خاتىرجەم ئۆتكەي!!!

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئۇزۇن سەپەر ...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 674
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40011
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 3197 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 03:31:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  xamxarka كە 2010-10-23 02:20 PMئەۋەتىلدى  :
ئۇرايىم كۆلىنى ئىبھراھىم كۆلى دېسە بولغىدەك ! [s:80]
ئەسلى ئىسمى ئىبرايىمدۇ بەلكىم .. لىكىن ئۇرايماخۇن دەپ چاقىرىپ شۇڭا  شۇنداق بوپ قالغانمىكى............بولمىسا شۇنداق دەپ ئاتىسامۇ بولدىكەن .

خۇشچىراي ، شېرىن سۆز ( بولسا ) ، مال - دۇنيا بېرىلسە ، بۇ ئۈچ نەرسە ئەتراپىغا ئەركىن كىشىلەرمۇ توپلىنىدۇ . قۇتادغۇبىلىكتىن :

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14997
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8029
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2010-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 08:06:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jahan kizar   sizmu  keryalikma  manmu  keryalik    biznig  yurtni  quxan  duruptu  bak  yahxi   boptu

ظةتترگذل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13857
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8416
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 622 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2011-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 11:49:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نادىر تېمىلارنى يازساق ھەر قايسى يۇرتلارنى خېلى چۇشۇنىۋالغۇدەكمىز. رەھمەت سىزگە! [s:73]

راستچئل بولذث، بذ سئزنئث ظاق كوثذللئكئثئزنئ  ظئپادئلةيدذ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش