مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 639|ئىنكاس: 0

مۇسۇلمانلار كىمدۇر؟  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈلۈمدىن باشقىس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5791
يازما سانى: 498
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9481
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 1461 سائەت
تىزىم: 2010-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 06:39:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسۇلمانلار كىمدۇر؟

ئاللاھ تەئالا ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ئۆزىنىڭ دىنىغا بويسۇنغانلارنى «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىغان. ئاللاھ تەئالانىڭ: «ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرىكى كىتابلاردا ۋە قۇرئاندا ‹مۇسۇلمان› دەپ ئاتىدى» دېگەن سۆزى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.- (ھەج سۈرىسىنىڭ 78- ئايىتىنىڭ بىر قىسمى).
لېكىن ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ تا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغىچە كەلگەن ھەر پەيغەمبەر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ پەيغەمبەرنىڭ يولىدا ماڭغانلىقىنى ۋە ماڭىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان بىر قىسىم ئىنسانلار ئاللاھنىڭ دىنىغا بويسۇنۇشنىڭ ئورنىغا، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرۇپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھالەتكە ئەكىلىشكەن، ھەتتا ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۆزگەرتكەن.
شۇنىڭ بىلەن «مۇسۇلمان» دېگەن مۇبارەك ئىسىم، ئۆزگەرتىلگەن «دىن» نىڭ مۇرىتى دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدىغان بىر ئىسىم بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرغان. مۇسا ئەلەيھىسسالام تەبلىغ قىلغان «ئىسلام» نى «يەھۇدىيلىك» كە، ئىيسا ئەلەيھىسسالام تەبلىغ قىلغان «ئىسلام» نى «خرىستىئانلىق» قا ئۆزگەرتكەنلەر بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ.
ئاللاھ تەئالا ئۆزىنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتابىنى، ئۆزى قوغدايدىغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلار، بولۇپمۇ دىننى ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ ئارزۇلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىش خىيالىدا بولغانلار قۇرئان كەرىمگە نىجىس قوللىرىنى تەككۈزەلمىگەن، شۇنداقلا «مۇسۇلمان» دېگەن مۇبارەك ئىسىمنى ئۆزگەرتەلمىگەن.
لېكىن ئۇلار ئالدى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى بولۇشتىن چىقىرىپ ئاللاھنىڭ شېرىكى، ھەدىسلەرنى قۇرئانغا تابى (ئەگەشكۈچى) بولۇشتىن چىقىرىپ، قۇرئاننىڭ ئوخشىشى قىلىشقان. ھەتتا ئۇلار «ھەدىس قۇرئاندىن ئۈستۈن!» دەپ ئېلان قىلىشقان.  
ئاندىن كېيىن ئۇلار ئىككىنچى قەدەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھېچبىر مۇناسىۋىتى بولمىغان سۆزلەرنى ھەدىس دەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ قۇرئان ئۆز ئىچىگە ئالغان «بىرلا توغرا دىن» نىڭ ئىچىدە بىرقانچە مەزھەپ پەيدا قىلىشقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار «مۇسۇلمان» دېگەن ئىسىمغا باشقا بىر ئىسىم قوشالىغان ياكى قوشۇلۇشىغا شارائىت تەييارلىغان.
نەتىجىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن «مەن مۇسۇلمان» دېيىشى كۇپايە قىلمىغان، ئەكسىچە «مەن سۈننى مۇسۇلمان»، «مەن شىيئىي مۇسۇلمان» دېمىسە بولمايدىغان بولۇپ قالغان. ھەتتا زامان ئۆتكەنسېرى «مۇسۇلمان» چۈشۈپ قېلىپ «مەن سۈننىي»، «مەن شىيئىي» دېيىش پەيدا بولغان.
بارا-بارا ئىش بۇنىڭدىنمۇ تەرەققىي قىلىپ «مۇسۇلمان» دېگەن مۇبارەك ئىسىمنىڭ ئورنىنى «ھەنەپىي، شافئىي، مالىكىي، ھەنبەلىي….» دېگەندەك ئىسىملەر ئالغان. بۇ، سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئىچىدىكى تارماق مەزھەپلەرنىڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئەھۋالىدۇر. بۇنىڭغا ئىككى چوڭ مەزھەپنىڭ بىرى بولغان شىئە مەزھىپىدىكى تارماق مەزھەپلەرنىڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئەھۋالى قوشۇلسا ئىشنىڭ نەدىن نەگە كەلگەنلىكىنى بىلىش ئۇنچە قىيىن بولمىسا كېرەك! تېخى ھەر ئىككى مەزھەپتىكى تەرىقەتلەرنىڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئەھۋالى ئايرىم مەسىلە.
ئەپسۇسكى، ئاللاھ تەئالانىڭ ئىلگىرى نازىل قىلغان كىتابلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئاللاھ تەئالانىڭ دىنىغا ئۆزلىرى چاغلاپ شەكىل بېرىشكەنلەرنى لەنەتلىگەنلەر، ئاللاھ تەئالانىڭ ئاخىرقى كىتابى قۇرئان كەرىمدىن يىراقلىشىپ، ئاللاھ تەئالانىڭ دىنىغا بىدئەت، خۇراپات ۋە شېىرىك ئېتىقادلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغانلارنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋىرىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقانلارنى لەنەتلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالىنىمۇ قوبۇل قىلىمىغان.
بىز قۇرئان كەرىم تامامەن تەرك ئېتىلگەن، ئوقۇغانلارمۇ مەنىسىنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ساۋاپ تېپىش ئۈچۈن لەۋزىنىلا ئوقۇۋاتقان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە بويسۇنۇش ئەمەس، كىشىلىكىگە چوقۇنۇش مۇسۇلمانلىق دەپ ھېسابلىنىۋاتقان بىر زاماندا مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يولغا چىققان مۇسۇلمانلار بولغاچقا، تور بېتىمىزنى «مۇسۇلمانلار» دېگەن ئىسىم بىلەن ئاچتۇق. چۈنكى بىر خاتالىقنىڭ قىلىنىشى ۋە داۋاملىشىشى قانچىلىك گۇناھ بولسا، ئۇ خاتالىق يۆگىۋالغان توغرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلماسلىقىمۇ شۇنچىلىك گۇناھتۇر.
مەقسىتىمىز مۇسۇلمانلارغا ئويدۇرۇلغان دىننى ئەمەس، نازىل قىلىنغان دىننى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى مەزھەپچىلىكتىن چىقىپ قۇرئانچىلىققا كىرىشكە، تەرىقەتچىلىكتىن چىقىپ ئۈممەتچىلىككە كىرىشكە، شۇنداقلا ئۆزىلىرىنىڭ «مۇسۇلمان» كىملىكىنى تونۇپ، بۇ كىملىكىگە يارىشا ئىش قىلىشقا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر، خالاس.

مەنبە :مۇسۇلمانلار تورى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
سابا + 100 بارىكئاللاھ

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش