مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 808|ئىنكاس: 8

ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيىت بايرام ئادەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11735
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8103
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 1264 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2011-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 06:27:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئىسلام دىنى تارقالغاندىن كىيىن، بۇ دىنغا مۇناسىۋەتلىك بىر مۇنچە بايراملار بارلىققا كەلدى. رۇزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىت شۇنىڭ جۇملىسىدىندۇر. بۇ بايراملارنىڭ دىنى تۇسى ئاستا- ئاستا ئاجىزلاپ، بۇگۇنكى كۈنگە كەلگەندە ئەنئەنىۋى مىللى بايرامغا ئايلىنىپ كەتتى. زامانلارنىڭ ئۇتۇشى بىلەن بۇ بايراملارغا دائىر بىر مۇنچە ئادەت قائىدە يۇسۇنلار شەكىللەنگەن.
قۇربان ھېيىت يېقىنلاپ قالغانلىقتىن قۇربان ھېيىتتىن باشلايلى.
   قۇربان ھېيىت- ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان خەلقلەرنىڭ ئەڭ زور ئەنئەنىۋى بايرىمى بۇلۇپ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. رىۋايەت قىلىنىشىچە، قۇربانلىق قىلىش ئادىتى مىلادىدىن ئىگىركى 12- ئەسردە ياشىغان پەيخەمبەرئىبرايىمنىڭ ئۆز ئوغلى ئىسمايىلنى مىنا تېغىدا قۇربانلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاللاغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۇرۇشتىن كەلگەن. قۇربانلىق قىلىش ھىجىرىيە كالىندارى بۇيىچە زۇلھەججەنىڭ ئونىنجى كۇنى بۇلىدۇ. شۇ كۈنى كىشىلەر جامەگە يىغىلىپ ھېيىت نامىزى ئۆتەيدۇ. نامازدىن كىيىن ئۆيلىرىگە قايتىشىپ، قۇربانلىق ئۈچۇن ھازىرلىغان ماللىرىنى سويىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن قۇلۇم- قوشنا، ئۇرۇق- تۇققان، ئەل- ئاغىنىلەر ئۆز- ھېيىتلىشىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا ھېيىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مۇنچە ياخشى ئادەتلەر شەكىللەنگەن.  مەسلەن:
1- ھېيىتتىن بۇرۇن چوڭ تازىلىق قىلىنىدۇ. ئۆينىڭ تام- تورۇسلىرىنى سۇپۇرۇپ، ئۆينى تازىلايدۇ. زۇرۇر تېپىلغاندا ئۆينى ھاك بىلەن ئاقارتىدۇ، كىر يۇيىدۇ. ئائىلىنىڭ چوڭ- كىچىك ئەزالىرى يۇيۇنۇپ تارىنىدۇ.
2- ئائىلە ئەزالىرى ھېيىتلىق بىرەر قۇردىن يېڭى كىيىم كىيىدۇ. بۇلۇپمۇ كىچىك بالىلارغا يېڭى كىيىم قىلىپ بىرىپ، ئۇلارنى چىرايلىق ياساندۇرۇپ قۇيىدۇ.
3- ئاياللار ھېيىتتىن بۇرۇن ھېيىت ئۈچۇن ساڭزا، قېيىقچە ۋە تۇرلۇك پىچىنە پىرەنىك قاتارلىقلارنى پىشۇرىدۇ. ھېيىت كۇنى داستىخان ناھايىتى مول راسلىنىدۇ.
4- ئۇرۇق- تۇققانلار ھېيىتلاپ كەلسە، كىچىك بالىلارغا ھېيىتلىق پۇل تۇتقۇزۇپ قۇيىدۇ.
5- ھېيىت نامىزى ئوقۇش ئۈچۇن جامەگە بارغۇچىلار غېرىپ غۇرۋالارغا ئالاھىدە سادىغا بېرىدۇ. شۇنداقلا بايلار رامزان ئېيىدا ئۆز تەئەللۇقاتىنىڭ قىرىقتىن بىرىنى ئايرىپ، كەمبەغەللەرگە زاكات بىرىدۇ.
6- ھېيىت- بايراملارنىڭ ئەڭ ئىسىل خاسىيىتى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇرۇق- تۇققان، ئەل- ئاغىنە ۋە قۇلۇم - قوشنىلار ئارىسىدا ئارازلىشىپ يۇرگىچىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر- بىرىنىڭ ئائىلىسىگە ھېيىتلاپ كىرىپ، ئوتتۇرىدىكى ئاداۋەتنى يۇيۇپ تاشلايدۇ ھەمدە ياخشى بۇلۇشۇپ قالىدۇ.
7- ھېيىتتا ئاياللار مېھمان كۈتۇش بىلەن بۇلۇپ باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ھېيىتلاپ بارالمىغانلىقى ئۇچۇن ئۈچ كۇن ھېيىت تۇگىگەندىن كىيىن، ئاياللار ئارا ھېيىتلىشىش باشلىنىپ كىتىدۇ ۋە ھېيىت چېيى ئۇيۇشتۇرىدۇ. بۇ چاي ھېيىت چېيى تۇگىگىچە داۋاملىشىدۇ.
ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرى دىگەن كىتاپتىن ئەينەن ئېلىندى. دوستلار قاراپ باقايلى قايسىلىرىغا ئەمەل قىپتىمىز.

سەن بەخىت بىلەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10373
يازما سانى: 1929
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14188
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 7478 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 06:39:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاساسى  جەھەتتىن  ھەممىسىگە ئەمەل  قىلىپتىمىز..............

سىز ماڭا كۈلۈپ قاراڭ ،مەنمۇ سىزگە كۈلۈپ قاراي شۇندىلا دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايسىز!!!

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 06:44:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتتىگەندە بېشىمىزدا دوپپا كەچتە قولىمىزدا  رومكا كىرىشىمىز جۇبا ، ئوينىشىمىز ۋاڭبا ! [s:86]

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

مەن كەلدىم!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41660
تۆھپە نۇمۇرى: 652
توردا: 9284 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 06:46:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېيىتلىق ئولتىراشلىرىمىز كۆپەيگەندەك قىلىدۇ.

ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر!!!

دۇنيا مۇھەببەت ب

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1591
يازما سانى: 735
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10473
تۆھپە نۇمۇرى: 491
توردا: 519 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 06:47:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روزى ھىيىت بايرىمى خۇددى خۇددى كىچىك بىر بايرامدەك ئاران 1 كۇن قويۇپ بىرىدۇ ، تىخى بۇنى بايرام قاتارىغىمۇ كىرگىزمەيدۇ . بۇ نىمە ئۇچۇن  ؟

ھايات شام ئۆچىدۇ تۇرمايـدۇ ينىق ، دۇنياغا كەلدىڭمۇ كەتىمىكىڭ ئىنىق . شۇ كىلىپ كەتمەكنىڭ ئۆزى بىر سۇئال، جاۋاپقـا تەييار بـول يۇتكىچە تىنىق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10693
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13465
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 5732 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 06:58:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىيىت بايرىمى باغانچە تەرەقى قىلىپ 1كۇنىلا قۇلىمىزدا رومكا كوتۇردىغان بۇپكەتۇق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97720
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2062 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 07:07:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاساسى جەھەتتىن ھەممىسىگە ئەمەل قىپتىمىز...  ياق  ئەمەل قىپتىمەن..
[s:74]
لېكىن قۇربان ھېيتتا ئولتۇرۇش قىلىدىغانلارنى يوق دىگىلى بولمايدۇ جۇمۇ..
نىمە دەيتۇق رەڭگارەڭمۇ  رەڭلىكمۇ ئىشقىلىپ شۇنداق..

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

قېرنىداش

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11172
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8094
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 467 سائەت
تىزىم: 2010-9-22
ئاخىرقى: 2010-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 07:35:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر  ئاشۇق-مەشۇقلار بايرىمى قۇربان ھېتتقا قارىغاندا بەك قىزىيدىكەن.... [s:86]  [s:86]

ئاركادا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 01:54:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش