مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2933|ئىنكاس: 49

دىققەت!زامانى100gيۇمۇرلۇق ئاڭلىتىش ئاڭلاتت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 2084
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 58606
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 04:51:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھۆرمەتلىك،مۆھتىرەم،ئەزىز،قامەتلىك،كىلىشكەن ،ئۇز ،ئوماق،چىرايلىق،سۆزمەن،خۇشچاقچاق،تېتىك مىسرانىم جامائىتى تېنىچلىق تۇرۇشلا كەمىنە زامانىدىن شاپاق دوپپام چۇشۇپ كەتكۈدەك ئىگلىپ تۇرۇپ تاتلىق بىر سالام....
دىققەت....
1.2.3.....باشلاندى....



تىت تىت تىت ........تۇت.......
مىسرانىم خەلىق رادىئو ئىستانسى ...................................(ئاپلا كىمۇ ماۋۇ مىكروفىننى تارتىۋالغان)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم ئەھلى بۇگۇن سىلەرگە بېرلىدىغان ئۇيغۇرچە <<تاغدىن -باغىدىن>> ئاڭلىتىشمىزنى باشلايمىز!!!
گىژ گىژ گىژ كىش ........گىژژژژژژژ....



سائەت8:00 خەلقئارا خەۋەرلەر بۇ سەھىپىدە داڭلىق باي بىل گەيتىسنىڭ تىرلىيادىر بولشىغا 10 يۇئەن پۇلى كەملەپ قاپتۇ بولمىسا بۇرۇنلا تىرلىيادىر بولاتتىكەنتۇق شۇڭا ھازىر شۇ سەۋەب ئۇ باشقىلاردىن 10 يۇئەن سوراپ يۈرگىدەك دىگەن مىش -مىش پاراڭ

دۇنيانى زىل- زىلگە سالغان داڭلىق چولپان مايكول جېكسوننىڭ ئۆلۈش ئالدىكى قالدۇرغان ۋەسياتنامسنىڭ
ئاخىرقى بىر مەخپىي قۇرلار بۇگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئىتتپاقى ئاخپارات مەركىزىي تەرپىدىن ئاشكارلاندى..
بۇ مەخپىي قۇرلار مۇنۇ لاردىن ئىبارەت:
- << كورلا نەشپۇتىغا ئىغىز تەگمەي تۇرۇپ ھېسامكامدىن بالدۇر كېتىپ قالدىغان بولدۇم >>
ئىكەن.....

داڭلىق ۋوللىۋوت كىنو چولپىنى چېڭلوڭ يېڭى سىتۋالغان مايكىسنى تۇنجى قېتىم كەيگەچلا يىرتىپ قويۇپتۇ....
قاتارلىق جەمئىيتىمىزدىكى مىش مىش پاراڭلار ئاڭلىتىلدۇ.....

ۋىش ۋۇش......گىژ.....(تارىمكارادىئونى ياخشى تەڭشىيەلمەپسىز يەنە ).....

سائەت 9:00 دا سەنئەت گۇلزارى

بۇ سەھپىدە دۇنيا مۇزىكا ئاتسى يانينىڭ يىرتىلغان كانىينى چىڭ سىقىمدىغنىچە مەرتلىك بىلەن ئىيىتقان <<3 كويچىنىمنى بەرمەمسىز قىزچاق>> ناملىق مىللىيچە ئۇسلۇبدا ئېيتىلغان ناخشىسى ئاڭلىتىلدۇ
قېنى ئىدرىسجان داپنى،ئارشاڭ راۋاپنى تەييار قىلىڭلار..........

مۇنبېرىمىز قىزقچىلىردىن ئۆرۈكجاننىڭ ھويلا بېغدىكى سەي ئورسىدا ۋارقىراپ تۆۋەن ئاۋازدا ئېيىتقان

ئېسىدىدۇر بەلكىم،مىنىڭ ئېسىمدە يوق،
شۇ مىنۇت،شۇ ئۇنتۇلماس گۇزەل چاغ،
توۋا دەيمەن ھەجەپ ياراشتى ماڭا
يايرىم بۇرۇن بەرگەن يېڭى ئىشتان باغ

ناملىق ناخشىسىنىڭ لەرزان مۇڭلۇق DJ نۇسخېسى ئىلان قىلنىدۇ........



گىژ گىژ....ۋىش غىچ .....شى شى 中央电视台
团结就是力量 ئاپلا ماۋۇ بىزنىڭ ئاڭلىتشغا مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستانسىنىڭ كاشلا قىلۋاتىدۇ دىسە.....
خاتىرجەم بولۇڭلار ئامال بار ئۇلار بىلەن كارىمىز يوق ئاڭلىتىۋېرىمىز....نەگە كەلگەنتۇق ھە تاپتىم...

سائەت 10:00 بۇگۇنكى مائارىپ بۇ سەھىپىدە ھەر قايسى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگگ قارىتا <<ئوقۇغۇچىلاردىكى مىھر-مۇھەببەت ئېڭىنى كۈچەيتەيلى>> ناملىق قىسقا فىلىم تونۇشتۇرلىدۇ ھەمدە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن <<سىنىپلاردا بىر قىز- بىر ئوغۇل بىللە ئولتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى> سۆزلىنىدۇ....

سائەت 11:00 تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق بۇ چاچنى تارغاق بىلەن تارشقا قەتئىي پەقەت زادى بولمايدۇ پەقەت ئامال بولماي تاراشقا توغرا كىلىپ قالسا كەچتە تاراپ يېتىپ ئەتىسى ۋاقتىدا بۇزۋېتىش كىرەك ناملىق جىددى ساۋات سۆزلىنىدۇ....

بۇ سەھىپىگە ئۇلاپلا يانداش ئۆزۈم تەييارلىغان تىببىي ساۋات يەنى ھەممە ئادەم بىلىدىغان،دۆلەت گۆرھرىدىنمۇ مەخپىي رىتسىپ:
بەدەنگە پەيدىلىق ئاچچىق توخۇ شورپىسى،
چۇۋۇلۇپ تۇرار دەممۇ-دەم بۇرۇن خالتىسى،
ناملىق شېئىرىي رىتسىپ ئاشكارلىنىدۇ..............


يەنە تېخى جىگدە ،زاغرا نان يىسڭىز ئۇسسايسىز، كۆزڭىزنى ئىتۋالسىڭىز ھېچ نىمنى كۆرەلمەيسىز ،ئايقىڭىزنى كىيىپ پۇتىڭىز بىلەن ماڭسىڭىز ،ئايقىڭىز تىگنىڭ يەرگە تىگدىغانلىقنى بايقايسىز، ....



سائەت 12:00 دە ھاۋارايىدىن مەلۇمات يەنى شاتئاي قىزنىڭ بۇ
شېئىرى بىلەن باشلايمىز:

يازمۇ كەلدى دىسە ئاخىرى
قېلىن كىيىنسەكمۇ توڭۇپ-تىترەپ،
قىشمۇ كىلەر قاچانلىققا ،
ئوينايمىز شۇ چاغ يالڭاچ سەكرەپ،

گىژ گىژ گىژ كىش ........گىژژژژژژژ.... (ئاپلا سىگنال ياخشى ئەمەس ھەي........)

دىلكۇيى مۇزىكىسى باشلىنىدۇ دە


قەشقەردە رايونىدا قەشقەر كىشلىرنىڭ تاتلىقلىقىدىن چاپلىشىپ قالغۇدەك گەپلىرى رايونىمىزىدىكى پەۋقۇلاددە چوڭ 12 بال بوراننى تەسلىم قىلدۇردى...
ئاتۇش رايونىدا ئاتۇشنىڭ ئىككىنچى قەۋىتى بولغان ئۈستۇن ئاتۇش ئۈزۈملۈك يېزسىسى لەڭگەر كەنتىدىكى دىڭىز يۇزدىن 10مىتىر تۆۋەن تۆپلىكىدە 7 يۇئەنلىك خەلىق پۇلى ئۇدا ئىككى سائەت ياغىدۇ...
ئۈرۈمچى رايونىدا ئۈرۈمچىنىڭ باگاڭ رايونىدا پولات بىلەن تۆمۈر
سەنشىخاڭزا رايونىدا ياغاچ بىلەن كۆمۈر ياغىدۇ

سائەت 1:00 دە بېيىش يولى بۇ سەھىپىدە مۇنبېرىمىز ئەزاسى گۇزەل ئاتۇشنىڭ تەراققىيات پۇرسىتىگە دادىل قەدەم تاشلاپ بەزىدە مىسىلداپ مېڭىپ بەزىدە چوڭ چوڭ سەكرەپ بەزىدە دوملاپ ،بەزىدە يىقىلىپ، بەزىدە قوپۇپ ،جاپالىق ئەمما بوشاشماي تېرشش ئارقىلىق ئاخىرى باي بولغانلىقى ھەققىدىكى قىسقا فىلىم تونۇشتۇرلىدۇ ھەمدە كەڭ جامائەتكە مۇنۇ يۈرەك سۆزى
ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزسەكمۇ تويلارنى،
پۇل كىتىدۇ دەپ بوياتمىدۇق بويلارنى،
ئەزان نىسى سېتىۋەتمەستىن قويلارنى،
چىڭ تۇتايلى ئاران تاپقان كويلارنى،

سۇنىلىنىلىدۇ...

ئاپلا.....كىمۇ ماۋۇ ئاڭلىتىش ئۆيىگە قونچى بىلەن كىرۋالغان............



سائەت 2:00 دە شېئىر قوشاقلار
بۇ سەھىپىدە قار مەلىكىنىڭ مۇنۇ شېئىرى ئاڭلىتىلدۇ
كەتسەڭمۇ كەت يىراقلارغا،
ئارقاڭدىن مارلاپ قارمايمەن،
بۇزۋەتسەڭ چېچىمنى يەنە،
گېپىم گەپ ئىككىنچىلەپ تارمايمەن،

خوي ئالدىيماي تۇيۇشسىلا سەخيا ئوغلىنىڭمۇ باي تېخى
سەھرا ئوغلىنىڭ
سەھرالىرىڭغا بارمايمەن،
بىنالىرى بەك ئېگىز،
شەھەرلىرىڭگە كىرمەيمەن
پۇتلىرىمغا كىردى بىگىز،
ئاڭلىتىلدۇ....



سائەت 3:00 يۇرىت قىزىق نوقتىلىق پاراڭلىرى
بۇ سەھىپىدە غۇلجىدىكى چاقچاقچىلار يىلدىن يىلغا ئازلاپ كىتۋاتىدۇ شۇڭا خۇش چاخچاخ غۇلجا خەلقى ئالاھىدە جىددىي قىز سىگنال چىقاردى،ھەمدە مۇناسىۋەتلىك يۇقرى قاتلامدىكلەر بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۇپ
چاخچاقچىلار كۇرسى ئاچماقچى بۇ كۇرۇسقا شۇشىيەن قېرىغان ھېسامكام مۇددەرىسلىك قىلماقچى...........
ئاڭلىتىلدۇ...

سائەت 4:00 تە سۇيۇقجاننىڭ سۇيۇلىشى
بۇ سەھىپىسە دوستىمىز سۇيۇقجاننىڭ نەچچە مىنۇت ئالدىدا تونۇشقان 4565-نومۇرلۇق قىزغا يازغان7869-قېتىملىق تەلەپ خېتى بەخىتكە قارشى رەت قىلىندى لىكىن سۇيۇقجان كۆنۇپ كەتكەچكە قىرىغىمۇ ئەپ قويمىدى
ئۇ تەلەپ خېتىنى شۇنچىلىك تەسىرلىك يازدىكى ھەيھەنناس بۇ تىمىغا كىرگەن قىزلارمۇ ئۆچرەتتە تۇرۇپ كۆرۇشتى
يەنى مۇنداق يازغان ئىدى
راۋۇرۇس دۇلدۇل بولۇپ،
يانلىرىڭىزدە كىشنىسەم،
ئوماق تەخەي بولۇپ،
لەۋلىرڭىزنى چىشلىسەم،
يېڭى قىزنى تاپقۇچە قىزچاق،
نەچچە كۇنلۇك ئىشڭىزنى ئىشلىسەم.



سائەت 5:00 تە ئاق دوسىتلار خەيرى خوش....
مىسرانىم خەلىق رادىئو ئىستانسىدىن زامانى بىلىپ بىلمەي ئاڭلاتتى
100g يۇمۇر چاخچاقلىق ئاڭلىتىش مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى.....



ۋاي ئاپلا ماۋۇ تىمغا ھەممىڭلار كىرۋاپسلەرغۇ ھەي  تىمغا مەخپىي نومۇر سېلىشنى ئۇنتۇپتىمەن  دىسە  ھەي...

ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
karmalika + 100 قالتىس جۇمۇ.سىز  زامانى
شاتئاي + 99 ھى ھى ھى .. قالتىس ..قالتىس..
HALKIM + 100 تولىمۇ قىزقارلىق يېزىپسىز ...مۇنداقمۇ ھۇ
ئۇيغۇرشاھ + 100 چىرايلىق تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 399   باھا خاتىرىسى

ئۇيغۇرش بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 05:21:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىدىرىس بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 05:24:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىدىرىس بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 05:26:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97717
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2062 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 05:30:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمما لېكىن بېراق، مانداق ئاڭلىتىش بولسا قۇلاق يىرتىلغىچە زېرىكمەي-تېرىكمەي ئاڭلايمەن ھە...
[s:63]

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

تۈمەن مەن ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 1288
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 21398
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 1205 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 05:40:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلاپ قوياي قىززىق تۇرامدۇ نىم بۇ ؟سىلچىچۇ باللا . [s:115]

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 05:42:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ تەلەپنى يادىلىۋالسام بولامدۇ قانداق؟ [s:63]

ھۆپۆپۆپ چۈش

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 395
يازما سانى: 850
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3918
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 717 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 05:43:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋا ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى  [s:70]  [s:70]  [s:70]  [s:70]  [s:63]  [s:63]

ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئىنسانلارغا بىرىلگەن سوۋغات ئەمەس بەلكى پارىدۇر
ئىدىرىس بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 05:45:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

مەيلىمۇ يا!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 550
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 212089
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 1416 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 05:46:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنۇنۇ مانا 24سائەتلىك يۇمۇرىستىك 1كىلو كىلىدىغان ئاڭلىتىشكەنغۇ؟! [s:63]  [s:63]

بەلكىم شۇنداق يارالغاندىمەن!                                                                                                سايىم...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش