مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6951|ئىنكاس: 88

مىسرانىم مۇنبىرى كۆڭۈلدىكى سۆز (1-سان) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 24
مۇنبەر پۇلى : 5296
تۆھپە نۇمۇرى: 2002
توردا: 6769 سائەت
تىزىم: 2010-5-16
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 01:28:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مىسرانىم تور بېكىتى ،مىسرانىم مۇنبىرى سىجىل تەرەققىياتنى كۆزلەپ ،تېخىمۇ ساغلام ھەم مەزمۇنلۇق بولغان ئۇيغۇرلار تورچىلىقىدىكى يارقىن نامايەندە خارەكتىرىدىكى مۇنازىرە مۇنبىرى بەرپا قىلىش ئۈچۈن،مىسرانىمدىكى تورداشلار،شۇنداقلا پۈتكۈل ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى تورغا چىققۇچى تورداشلارنى رازى قىلىش مەقسىتىدە مىسرانىم تور بېكىتى مىسرانىم مۇنبىرى كۆڭۈلدىكى سۆز سەھىپىسىنى يولغا قويدى!


سەھىپە يولغا قويۇلۇش ۋاقتى:
بۇ كۆڭۈلدىكى سۆز ھەر ئاينىڭ ئوتتۇرى ھەم ھەر ئاينىڭ ئاخىرى ،جەمئىي ئىككى قېتىم يولغا قويۇلىدۇ!

سەھىپە مەسئۇلى:
مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ھەم ئالىي ئەزا ياكى مۇنبەر ئەزالىرى!(مىسرانىم ئەزالىرى)


سەھىپە خاراكتىرى:


ئاۋال مەزكۇر تېما يوللىغۇچى باشقۇرغۇچى ئالدىنقى 15 كۈندىلىك ئومومىي ئەھۋالدىن خۇلاسە چىقىرىدۇ،ئاندىن ئەزالار ئەركىن پىكىر قىلسا بولىدۇ!
پىكىر قىلىش دائىرسى ھەر تەرەپلىمىلىك بولسا بولىدۇ! قارشى پىكىردە بولغۇچىلار بولسىمۇ بولىۋىردۇ! يەنى  تۈۋەندىكى تەرەپلەردە يۇلۇققان مەسىللىرىڭىزگە ئىزدىنىپ تۇرۇپ ، سىز قايىل بولغىدەك جاۋاپ بىرىشكە تىرىشىمىز

تۇرمۇشتا قېيىنچىلىققا ئۇچراش
پىسخىكىدىن مەسلىھەت
مىسرانىمدىكى تەلەپ -پىكىرلەر
مىسرانىمدىكى مۇشۇ ھەپتىلىك نادىرلانماي قېلىپ قالغان تېمىلار
ئائىلە تۇرمۇش
كومپىيۇتىر بىلىملىرىدىن سۇئال
مىسرانىمدا ئېرىشكەن خوشاللىق ھەم قايغۇلار
ۋاھاكازالار.....


نۆۋەتچى تۇرۇش قائىدىسى:

ھەر كۈنى كەچ 11 دىن بۇرۇن ئەتىدىكى مەزكۇر تېمىغا جاۋاب بەرگۈچى باشقۇرغۇچى ھەم نازارەتچى ئۇقتۇرىلىدۇ.
ھەر بىر شۇ كۈندىكى باشقۇرغۇچى ئەزالار سورىغان سۇئاللارغا جاۋاب بېرىش ۋاقتىنى 3 سائەتتىن ئارتۇق قىلۋەتمەسلىكى كېرەك! بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا جاۋاب بېرىپ بولىشى كېرەك! كۈندىلىك مەسئۇل باشقۇرغۇچى چوقۇم باشقۇرۇش قائىدىسىگە بوي سۇنغان ئاساستا ئەزالارنى قايىل قىلارلىق جاۋاب بىلەن تەمىنلىشى كېرەك،مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلار ياكى تورداشلار سۇئاللىرىنى جاۋابسىز قويغانلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىندۇ!



ھەل بولۇنمىغان سۇئاللار:
ھەل بولۇنمىغان سۇئاللارغا ئىزدىنىپ 24 سائەتتىن كىيىن رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىمىز!

بىزنىڭ نىشانىمىز تورداشلارنى ئەڭ يۇقىرى تۈستە رازى قىلىش، باشقۇرغۇچى قوشۇنى بىلەن ئەزالار قوشۇنىنى ئىناق -ئىتتىپاق قىلىش ! مىسرانىمداشلارنى مىسرانىمدىن تولۇق رازى قىلىش!


بۇ سان جەريان چۈشەندۈرۈش بىلەن باشلاندى!


1-سان

ئالدىنقى بىر قانچە كۈندە بىر قىسىم تورداشلار بىر قىسىم نادىر تېمىلارغا ئالاھىدە ناچار ئىنكاسلارنى يازغانلىق ، قايتا- قايتا تەكىتلىسەكمۇ بىلمىگەنلىك سەۋەبلىك مۇنبەردە چەكلىنىش جازاسىغا ئۇچرىدى!


تورداشلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا مىسرانىم قائىدە -تۈزۈملىرىگە بوي سۇنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز!


alxirxahzada دېگەن توردىشىمىز ،قالايمىقان قۇرۇق ئىنكاس يېزىپ،مۇنبەر مۇھىيتىنى بۇلغىغانلىقى ئۈچۈن بارلىق ئارخىبى تەكشۈرۈلدى، نەتىجىدە يوللىغان ئىنكاسلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىملاسى خاتا، سۆز - جۈملىلىرى باغلاشمىغان بولۇپ چىقتى. بىز يۇقىرى تۈستە ئەسكەرتىش بېرىپ ،ئىنكاسلىرىنى ئۆچۈردۇق،مەزكۇر تورداشنىڭ قاتتىق دېققەت قىلىشنى سورايمىز!

بىر قىسىم تورداشلار قىسقا ئۇچۇرىدىن پايدىلنىپ بىر قىسىم چاكىنا سۆزلەر بىلەن مۇنبەردىكى قىزلار غورۇرىغا تەگكەن،ۋاقتىنچە مەزكۇر تورداشلارنىڭ ئىسىملىكى چىقىرىلمىدى. يەنە شۇنداق خاتالىقلار سادىر قىلىنسا دەل ۋاقتىدا ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ!



بىر قىسىم ئېسىل تورداشلارنىڭ كۈچلۈك قوللاش نەتىجىسىدە بىر قىسىم ناچار ئىنكاسلار ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلۋىتىلدى!
تورداشلارغا تەۋسىيە قىلدىغىنىمىز ،،تىما ئوقۇش ،ياكى ئىنكاس كۆرۈش جەريانىدا ،مۇنبىرىمىز بىخەتەرلىكى ھەم ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما ئىنكاسنى كۆرگەن ھامان ، پاش قىلىش كۇنۇپكىسى بىلەن بىزگە ۋاقتىدا پاش قىلۋەتسەڭلار!



ئالاھىدە ئەسكەرتىش:


ھەممە ئەزالار سۇئال سورىسا ،ياكى سۇئال سورىغانلارغا قايىل قىلارلىق جاۋاب بەرسە بولىدۇ،ئالاھىدە كىشىنى قايىل قىلغۇداك جاۋابلارنى بەرگەن تورداشلارغا 200 مۇنبەر پۇلى سوۋغا قىلىندۇ! پائالىيەتتە پەقەتلا باشقۇرغۇچىلار جاۋاب بېرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس،بەلكى بۇ بىلىمىڭلارنى سىنايدىغان ئەڭ ياخشى مەيدان، كىمنىڭ قورسىقىدا ئۇماچ بولسا،سۇئاللارغا جاۋاب بېرەلىگۈدەك ئىمكانىيەت بولسا جاۋاب بەرسە بولىۋىردۇ! 

باش نازارەتى : بېكەت باشلىقى --- مىسرانىم

مىسرانىم تور بېكىتى باشقۇرغۇچىلار كوللىگىيسى
مىسرانىم تور بېكىتى مۇنبەر باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى
2010 - يىلى 10- ئاينىڭ 22 - كۈنى (جۈمە)


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
asrari + 100 ئۇتۇق تىلەيمەن.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

:::  مەن كىم ؟ :::

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1584
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 19976
تۆھپە نۇمۇرى: 413
توردا: 3929 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 01:43:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<   مىسرانىم تورى >  شىركەت بولۇپ قۇرۇلدىمۇ ياكى مىسرانىم تور بېكىتى باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىگىدارلىقىدىمۇ ؟  

(  پەقەت قىزىش بىلەن سورالدى،  سودا مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان ئىش بولسا جاۋاپ بېرىلمىسىمۇ بولىدۇ )

==== توردا بىر-بىرىمىزدىن ئىسىل بىز   ====

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 2789
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43908
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 6957 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 01:49:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 مەن چۇشەندىم ! ناھايىتى مەنىلىك ،قىزىقارلىق ، بولغىدەك !
ئەممازە،
 پىسىىخىكىدىن سورالغان سۇئاللارغا تولۇق قايىل قىلارلىق جاۋاپ چىقارمۇ ؟

كۈلۈپلا قويىمەن خالاس.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 1505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97514
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1979 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 01:53:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەمسە كىچىك تىپتىكى سۇئالدىن بىرنى سوراي..
مىسرانىم دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى يېشىل قۇتىنى نېمىشقا ئىشلەتكىكىلى بولمايدۇ؟
مېنىڭ يىغىلىپ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالدى، يا مەن ئىشلىتىشنى بىلمىدىممۇ؟
ئىشلەتسە قوتاندىكى مال-چارۋىلارنىڭ ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈپ بېرىدىكەندۇق..
مۇشۇنى بىر ئويلىشىپ باقساڭلار بوپتىكەن..تېخىمۇ مۇكەممەل بولىشى ئۈچۈن..

ئاتاڭنـــڭ ئىززىتىنى قىل، ئاناڭنــــڭ خىزمىتىنى قىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 550
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 214594
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 1377 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 01:56:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مىسرانىم مۇنبىرىگە ئۇزۇندىن بېرى ئەزا بوپ كەلگەنىدىم،ھەم مۇشۇ مۇنبەردە نۇرغۇن خۇشاللىقلارغا ئېرىشتىم...تور ئىتىلىشتىن بۇرۇن تۇنجى بولۇ تىزىملاتقان ۋاقتىمدا تۇنجى تېمام نادىرلىنىپ مىنىڭ مۇنبەرگە بولغان قىزغىنلىقىم تىخىمۇ ئاشقانىدى...
ئەمدى سۇئالىمنى ئېيتسام مۇنبەرگە تېما يوللاش،تەستىقلاش توغرۇلۇق نۇرغۇن تېمىلار چۈشتى...مەن ئۆتكەندە "ئۇ مىنىڭ سىڭلىم"دىگەن بىر تېما يوللىغان ئىدىم،مىنىڭ قول يازمام ئەمەس،"ھەمشىرىلەر"دىگەن كىتابتىن كۆرگەنىدىم...ئوقۇغاندا ئۆزۈمگىمۇ بەك تەسىر قىلغانىدى...كىتابنىڭ ئاپتورى نەشىر قىلىنىشى ھىچنىمىسى يوقكەنتۇق...شۇڭا مەنبەسىنى "ھەمشىرىلەر"دىگەن كىتابتىن ئىلىندى دەپ يازغان ئىدىم...ئەمما باشقۇرغۇچىدىن بىرسى بۇنى ئۆچۈرىۋىتىپتۇ...سەۋەبىنى سورىسام مەنبەسى يوقكەن دەيدۇ...شۇڭا ئۇنى مەنبەسىنى يازغان دەپ ئەسكەرتكەن ئىدىم،ئۇ مىسرانكام بىلەن ئالاقىلىشاي دىدى...كىيىن سىزنىڭ قوليازمىڭىز ئەمەسكەن دەپ تەستىقلىمىدى دەيدۇ...شۇ كۈنىلا يەنە بىر تېمىنى كۆردۈم...ئۇمۇ باشقىلارنىڭ تېمىسىكەنتۇق...
پەقەت ئەقلىمدىن ئۆتمىدى...نىمە ئۈچۈن مەنبەسىنىمۇ ئەسكەرتسەم باشىقىلارنىڭ تېمىلىرى تەستىقلىنى مىنىڭ تەستىقلانمايدۇ؟

بەلكىم شۇنداق يارالغاندىمەن!                                                                                                ئەفسۇس...

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 3541
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 231043
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 11305 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 01:57:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى نىشانى نىمە ؟ئاڭلىسام مۇنبەردە 16 دەك باشقۇرغۇچىلار بار ئىكەن ،نىمە ئۈچۈن بىر نەچچە جاپاكەش باشقۇرغۇچىدىن باشقا باشقۇرغۇچىلارنى مۇنبەردە كۈرەلمەيمىز ؟
نىمە ئۈچۈن مۇنبەردە كۈرۈلۈپ باقمىغان < مەن كۆرمىگەن > بەزى باشقۇرغۇچىلار ئەزالار ئارسىغا چۆكمەيدۇ ؟ يەنە بەزى باشقۇرغۇچىلار نىمە ئۈچۈن بەزى داڭلىق ئەزالار تېما يولىسا ھارغۇچە ئىنكاس يېزىپ ئادەتتىكى ئەزالار يولىغان ياخشى يېزىلغان تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىپ قويمايدۇ ؟ قوللاش يۈزىسىدىن ،ياكى ئۇللارنىڭ ئىشى بەكمۇ ئالدىراشمۇ ؟
يەن تېخى بەزىلەر بىر جىسىمدىن نەچچە ئىسىم بۇلۇپ مۇنبەرگە كىرىپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىدىكەن بۇنىڭغا سىلەردە ھازىرچە ئامال يوقمۇ ؟


بۇلار پەقەت مۇنبەردە ئويلىغانلىرىم ،ھەممە باشقۇرغۇچىلارغا قارتىلغان ئەمەس ،ئەگەر خاتا سۆزلەپ قويغان بولسام ھازىرلا ئۆچۈرىمەن ،

ئانا تىلغا كەلگەندە خىرىس ، ئۆزگە تىلغا بولغاندا ھىرىس  ، شۇنچە يىللىق ئىسىل ئەنئەنە ، داۋام ئىتىپ بولغاندا چىرىش . ئاھ ! تىلىم دەپ يۈرەك يىغلايدۇ !؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13689
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8516
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 778 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 01:58:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمدا ھەپتىدە بىرسان باشقۇرغۇچىلار ھەم ئەزالار زىيارىتى يولغا قويسا ،،
بەزى شۇنداق ياخشى تىمىلار ئىنكاس يوق بەت يۈزىدىن يوقاپ كەتمىسە ،،،

ئاتا - ئانامنى بىر ئۆمۈر خوشال قىلىشقا تىرىشىمەن ،،،

مەرھابا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14038
يازما سانى: 643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11366
تۆھپە نۇمۇرى: 604
توردا: 2252 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 02:03:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم تورىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ھەممىمىزكۈچ چىقىرايلى

ئولۇغ اللاھدىن مەغپىرەت تىلەيمەن.
   星期八

گۈزەللىكنى قەلب

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5182
يازما سانى: 1782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11648
تۆھپە نۇمۇرى: 1056
توردا: 1956 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2012-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 02:05:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭۈلدىكى سۆزكەن كۆڭلۈندىكىنىلا دەي ...
تاڭنۇر ئەپەندىنىڭ دىگىنىمۇ توغرا ،مەن بىلىدىغان باشقۇرغۇچىلار :ئۇيغۇرۇم 007 ،قىزغىن ،سەھرا ئوغلى ، خوك ،تارىم ،ئىدىرىسجان قاتارلىق بىر نەچچەيلەن ،قالغانلىرىنى ئايلاپ يىللاپ كۆرۈپ باقمىدىم ،ئەلشىر دەپ بىر باشقۇرغۇچى باركەن توۋا مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىدىم ،نىمىشقا باشقۇرغۇچىلار ھەممىسى بىرلىكتە ۋەزىپىسىنى ئورۇندىماي مۇشۇ بىرنەچچە كىشىگە يۈكلەپ قويىدۇ ؟

قىزلاردا نازاكەت تۇگىسە، ئوغۇللاردا جاسارەت تۇگەيدۇ...!

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 2083
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41963
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 13853 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 02:05:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى بىر مەسسىلەردە كەسكىن مۇنازىرلىشۋاتسا، مۇنازىردە يىڭىلىپ ، ياكى سۇئالغا جاۋاپ تاپالماي ،ئوسال بولۇپ ، بىردەمدىن كىيىنلا باشقا ئىسىمدا ، ياكى باشقىلارنى كۈشكىرتىپ ئادەم تىللايدىغانلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مىسرانىمدىكى قۇرغۇچى باشقۇرغۇچىلارنىڭ قۇربى يىتەمدۇ ؟!  بۇنىڭدىن كېيىن  بۇ يەردا باشقىلارنى ئىنسان قىلپىدىن چىققان ھاقەرەت بىلەن تىللىغان ئەزالارغا قانداق تەدبىر قوللىنىسىلەر ؟! بۇ ھەقتە قانداق تەدبىر - پىلانىڭلار بار ؟!
مۇنبەردە ياكى قىسقا ئۇچۇردا باشقىلاردىن ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا قايسى ئورۇنغا خەۋەر قىلساق بولىدۇ ؟ ! ئىززەت ھۆرمىتىمىزنى قوغداش ئۇچۈن مىسرانىم مۇنبىردىكى قېرىنداشلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئەتراپلىق تەدبىر قوللانغانلىق توغرىستا تەپسىلى بىر چۈشەنچە بىرىشنى ئۈمۈت قىلمەن !!!!!!

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش