مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 977|ئىنكاس: 10

ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر - كەسپكە دائىر ئاتال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-21 08:30:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر - كەسپكە دائىر ئاتالغۇلار ھەققىدە


ھۈنەر -كەسپ بىر مىللەتنىڭ ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مەدەنىيەت ھادىسىسى، ھۈنەر - كەسپ ئاتالغۇلىرىنى تەتقىق قىلىش مىللى مەدەنىيەتنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشنىڭ ، شۇنداقلا شۇ ھۈنەر - كەسپلەرنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى، يىل دەۋرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئاساسى بولىدۇ.
    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر - كەسپ ئاتالغۇلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تارىخى تەرەققىياتى جەريانىدا تەدرىجى شەكىللەنگەن بولۇپ، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت تارىخىمىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تۇراقلاشقان مىللىيلىك ئالاھىدىلىكلىرى ھەرقايسى تارىخى دەۋرلەردىكى تۈرلۈك تەرەققىياتلار نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن . ئەنە شۇ جەرياندا ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر -كەسپ ئاتالغۇلىرىنىڭ ئاساسى بارلىققا كەلگەن ۋە تەدرىجى راۋاجلىنىپ مۇكەممەلشكەن.
تۆۋەندە تىلىمىزدىكى ھۈنەر - كەسپكە ئائىت قىسمەن ئالغۇلارنى كۆرۈپ باقايلى :

            1 -- تۆمۈرچىلىككە ئائىت قىسمەن ئاتالغۇلار

1) ئاتەشكۈ _____ تۆمۈرچىلىك دۇكانلىرىدىكى ئوچاقنىڭ شامال كۆزىنى ئاچىدىغان ئىلمەك تۆمۈر.

2) پوتال ______ ھەر خىل ئەسۋابلارنى زىننەتلەش، پەردازلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بۇيۇم.

3) تولۋۇر ____ تۆمۈرچىلىكتە تۆشۈك تېشىلىدىغان تۆمۈرنىڭ ئاستىغا قويىدىغان تۆشۈكلۈك ياپىلاق تۆمۈر.

3) تېكىنەك ___ تاقا مىخنىڭ ئۇچىنى قايتۇرىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب.

4) تىغچى ____ ئات ئۇلاغلارنى تاقىلىغاندا ، قېقىلغان مىخنىڭ ئۇچىنى كېسىدىغان قەلەم.

5) جەندىر ____ تۆمۈرگە بۇرما چىقىرىدىغان ئەسۋاب.

6) جۈپتەك ____ ئىنچىكە ۋە كىچىك نەرسىلەرنى قىسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قىسقۇچ.

7) دوكپايە ____ تۆمۈرچى ، تاقىچىلار ئىشلىتىدىغان بىر خىل سەندەل، " مىخ سەندەل" دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

8) سەندەل ____ تۆمۈرچىلەر تۆمۈرنى ئۈستىدە قويۇپ، بولقاياكى بازغان بىلەن ئۇرۇپ بىرنەرسە ياسايدىغان قۇيما ئەسۋاب.

9) سىركا ____ تۆمۈرچىلىك دۇكانلىرىنىڭ ئوچىقى.

10) قەللە ____ قەلەي بىلەن ئاليۇمىننىڭ قېتىشمىسى، تۆمۈر ئەسۋابلارنى پاياتلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

11) قۇيۇچ ___ پولات، گاڭ.

12) قىسقاچ ___ چوغلانغان تۆمۈرنى قىسىپ ئالىدىغان قايچىسىمان تۆمۈر ئەسۋاب.

13)قىلات ____ چاقلانغان پىچاقنىڭ بىسىدىكى سۈيى يانغان ناھەيىتى نېپىز قىسمى.

14) كۆرۈك ___ تۆمۈرچىنىڭ ئوتنى پۈۋلەپ يالقۇنلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ، كۆپىنچە ئۆچكە تېرىسىدىن ياسىلىدىغان قاپسىمان پۈۋلەش ئەسۋابى.

15) گوشا ____ چۆگۈننى قاپقاق بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان جايى، ئاستى گىرۋەكلىك بولىدۇ.

16) مورىگۈل ___ تۆمۈرچىلىكتە يوغانراق تۆمۈرلەرنى قىسىدىغان قىسقۇچ.
17) ئوچاقنەيزە ___ ئىككى تەرىپىدىن شامال ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان تۆمۈرچىلىك ئەسۋابى.

        2 - موزدۇزلۇق كەسپىگە ئائىت بىر قىسىم ئاتالغۇلار

1)ئاپقۇت ___ كۆن ۋە خۇرۇم قاتارلىقلاردىن تىكىلگەن ئاياغلارنىڭ پاشنا ئۈستىدىكى تاش بىلەن ئەستەر ئارىسىغا ئېلىنىدىغان قاتۇرما. كۆپىنچە تارىشا ياكى قېيىش چەمىدىن ئىشلىنىدۇ. بەزى جايلاردا " ئاخپۇت " مۇ دېيىلىدۇ.

2) ئاپقۇتچى ___ ئاپقۇت ياسىغۇچى ، تەييارلىغۇچى كىشى، ئاپقۇت ساتقۇچى كىشى.

3) بەلچە ____ ئاياغ كىيىمىنىڭ پاشنا ۋە چەم چۆرىسىنى تۈزلەپ سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب.

4) بۈرەندە ___ موزدۇزلارنىڭ كۆن، خۇرۇم قاتارلىقلارنى كېسىدىغان، تىغى ئاي شەكىللىك ، ئەگرى ساپلىق ئەسۋابى.

5) بىگىز ___ موزدۇزچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ، مېتالدىن يىڭنىگە ئوخشاش ئۇچلۇق قىلىپ ياسالغان ياغاچ ساپلىق ئەسۋاب.

6) ئۆكچە ___ ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسى.

7) پاشنا ___ ئاياغ كىيىمنىڭ تاپىنىغا قويۇلىدىغان ، چەم ياكى باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان قاتۇرما، ئۆكچە.

8) پالقان __ ئاياغ كىيىمنىڭ سوڭىغا ئورنىتىلغان قەلەي.

9)پوركاپ ___ ئۆتۈكنىڭ قونچىغا سېلىپ، پاشنىسىنى مىخلايدىغان دۆگىلەك ياغاچ كالتەك.

10) تۆمۈنە ___ ئۇچى نەيزىسىمان ، ئۆتكۈر كېلىدىغان ، يىپنى ئىلىپ تارتىدىغان تۆشۈكى بار، تۇتقۇچلۇق چوڭ بىگىز.

11) چەتنو ___ ئامبۇرنىڭ بىر خىلى.

12) چوپسا ___ خۇرۇم، چەم قاتارلىقلارنى سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب.

13) دىستە ___ ئاياغنىڭ پاشنىسى.

14) مۇلغۇي ___ موزدۇزنىڭ شىلىمى .

15) سەيدۇ ___ تېرە، خۇرۇم قاتارلىقلارنى كېسىدىغان پىچاق.

16) كاسىۋال ___ ئۈچ قىرلىق ئېكەك.

17) دەستەك ___ ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسىغا چاپلانغان ، باشلىقىغا ئۇلاپ تىكىلىدىغان قىسمى.

18) ئۇلتاڭ ___ ئاياغ كىيىمنىڭ يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان قىسمى، دەسسىلىدىغان يېرى؛ تاپان، چەم.

19) نال ___ ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسىغا ياكى چەمنىڭ ئۇچىغا قېقىلىدىغان تۆمۈر بۇيۇم، كىچىك تاقا.

20) ئىسمائىلتاپ ____ موزدۇزلۇقتا يىپنى ئىلىپ قويۇپ ئىشلىتىدىغان ئىلمەك تۆمۈر.
21) يانتوقا ___ ئاياغ كىيىمنىڭ ئاياغنى چىڭىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يان تەرەپتىكى توقىسى.

22) روپچىك ____ موزدۇزلۇقتا ئىچ چەم بىلەن باشلىقنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ تىكىلىدىغان تاسما.

23) دەزگىل ____ موزدۇزچىلىقتا تىكىلىدىغان كۆن ، خۇرۇم قاتارلىقلارنى قويۇپ، ئۈستىدىن باستۇرۇپ تۇتۇپ تۇرىدىغان تاسما.

24) دۇپىي ___ موزدۇزلۇقتا ئاياغنى چەملەش ، مىخلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ، شەكلى پۇتقا ئوخشايدىغان، بىر تەرىپىنى يەرگە ياكى كۆتەككە قېقىپ قويۇدىغان تۆمۈر ئەسۋاب.

25) كوۋا ___ موزدۇزلار رەختنى تۈزلەش، چىڭداش، پاشنا قاتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان ، تاپىنى كەڭ مېتال ئەسۋاب.

      3 - موزدۇزلۇقتا چەتتىن كىرگەن ئاتالغۇلار

1) بەتىنكە ___ [رۇسچە] كۆن ياكى خۇرۇمدىن تىكىلگەن قىسقا قونچلۇق ئاياغ.

2) باجىڭگىر ___ [رۇسچە] كۆن، خۇرۇمدىن تىكىلگەن كالتە قونچلۇق ، بوغقۇچلۇق ئاياغ، قونچلۇق توپلەي.

3) بوتىي ____ [رۇسچە] ئاياللار ۋە بالىلار كىيىدىغان قىسقا قونچلۇق، قونچىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ۋە بوغقۇچلايدىغان يېرىگە تېرە تۇتۇلغان قىشلىق ئاياغ.

4) توپلەي ___ [رۇسچە] ئەر -ئاياللارنىڭ يازلىق ئاياغ كىيىملىرىنىڭ ئومومى نامى.

5) چوسۇنكا ___ [رۇسچە] قونچى ئىگىز، باشلىقى خۇرۇم ، تاپىنى چەمدىن ئىشلەنگەن پاشنىلىق پىيما.

6) شىبلىت ____ [رۇسچە] خۇرۇمدىن تىكىلەەن ئەرەنچە كۈزلۈك، ئەتىيازلىق ئاياغ.

7) موما خەي ___ [خەنزۇچە] رەختتىن تىكىلگەن قىشلىق ئاياغ كىيىمى.




مەنبە :شىنجاڭ پەلىسەپە- ئىجتىمائىي پەنلەربېكىتى


يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 2155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13237
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-21 10:24:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئو  بۇ توغۇرسىدا  شىۋىتسىيىلىك  بىر  ئالىم  ئىزدىنۋىتىپتىكەن  ئۇيغۇرلارنىڭ  ھۈنەر كەسىپنىڭ ئۇيغۇرچە  ئاتالغۇسى  دەپ   نىمىلا  بولمىسۇن  بىز  ئۆزىمىزدىمۇ بۇ توغىرسىدا  ئىزىدىنۋاتقانلار بار ئىكەن .

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش .
يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

Action is better than words~

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1989
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9138
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 730 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-21 11:03:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم،ئەجرىڭىزگە مىڭلاپ تەشەككۈر دوستۇم~

ئۇيغۇر تورچىلىقىغا باشقا ئىش قىلىپ بېرەلمىسەممۇ كۈندە زىيارەت قىلغان ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ google ئىلانىنى بىر قېتىمدىن چىكىمەن~
ئوگەنگۇ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-21 11:22:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Whatever you are,be a good one

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13244
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8740
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 2163 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2013-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 12:04:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگمە ئۆتكۈزىدىغان تۆشۈكنى نېمىدەپ ئاتايدۇ؟ "پەتلە" دەمدۇ؟ بىلىدىغانلار دەپ بېرىڭلار.

دوستلار ئارىسىد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4240
يازما سانى: 1490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9292
تۆھپە نۇمۇرى: 600
توردا: 5847 سائەت
تىزىم: 2010-7-18
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 01:15:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىگىلەپ قۇيۇشقا تىگىشلىككەن...

باشقىلارنىڭ دىلىنى يۇرۇتۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزەڭنىڭ دىلىنى نۇرلاندۇر.
ئاركادا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 01:30:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

مەيلىمۇ يا!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 550
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 212089
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 1416 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 01:34:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى يېزىمىزدا ئىشلىتىدىغان سۆزلەركەن...بىزنىڭ يېزىدىمۇ بار ئىشەك تاقىلايدىغانلار...سەندال دىگەنلەرنى مەنمۇ ئۇقىمەن...ئىشقىلىپ كۆپىنچىسىنى بىلىدىكەنمەن...تىخى مەن ئاڭلاپمۇ باقمىغانلىرىممۇ باركەن... [s:110]

بەلكىم شۇنداق يارالغاندىمەن!                                                                                                سايىم...

يىگىت قەسەم ئىچم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9548
يازما سانى: 886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13697
تۆھپە نۇمۇرى: 434
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 02:03:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ئىكەن...خىلى ئاتالغۇلارنى ئۈگىنىۋالدىم رەھمەت..

مەن  گاھىدا ئاق بولدۇم،گاھىدا قارا بولدۇم.لىكىىن كۈلرەڭ بوپ قالمىدىم...

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17171
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 12:11:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇر!

باشقا كەسىپ ئاتالغۇلىرىمۇ مىسرانىمدىن ئورۇن ئالسا...

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش