مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1484|ئىنكاس: 16

ھەسەن بەننا ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13103
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-21 05:59:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام دۇنياسىدىكى سىياسى، ئىجتىمائى ھەركەتلەر توغرىسىدا گەپ بولغاندا، ئالدى بىلەن 20- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرى مىسىردا بارلىققا كەلگەن "مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى" نى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
    نۇرغۇن ئەسىرلەردىن بېرى سياسى، ئىقتىسات ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە مىسىر ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلدى. 18- ئەسىردە غەرپ مۇستەملىكىچىلىرى مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. 1882- يىلى مىسىر ئەنگىلىيىىڭ ھامىلىقىدىكى دۆلەت بولۇپ قالدى. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە غەرپنىڭ تەسىرى مىسىرلىقلارنىڭ ئىدىيە، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائى تۇرمۇشىنىڭ ھەممە قىسىمىغا سىڭىپ كىردى، بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ نەزەرىدە مىسىر جەمىيىتى چىرىپ كەتتى، دىندىن  خالى، ماددى مەنپەتكە بېرىىلپ كەتكەن ۋە غەيرى ئىسلام جەمىيىتىگە ئايلىنىپ قالدى. مۇشۇنداق قاراشتىكىلەرنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى ھەسەن بەننا بار ئىدى.
    ھەسەن بەننا(1905- 1949- يىللار) مىسىردىكى دىنى ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، دادىسى ئەزھەر ئۇنۋېرىستىتىدا ئوقۇغان، يەرلىكتە ئوقۇتقۇچى ۋە ئىمام بولغان. ھەسەن بەننا پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سۇۋەيىشتىكى ئىسمائىلىيە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. رادىكال ئىسلام مۇتەپپەككۇرى رەشىد رىزانىڭ تەسىرىگە چوڭقۇ ئۇچرىغان. مىسىر جەمىيىتىنىڭ غەرىپنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىشى تۈپەيلىدىن، ئىجتىمائى كەيپىياتنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن. ئۇ زامانىمىزدىكى مىسىر ياشلىرى ۋارسلىق قىلغان ئىسلام  دىنى چىرىگەن دىن، ئۇلارنىڭ كاللىسى سۇئال ۋە گاڭگىراش بىلەن تولغان دەپ ھىساپلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە دىندىن تاشقىرى ماارىپ ۋە غەرپنى تەقلىد قىلغان قانۇن- تۈزۈملەر رەڭگا-رەڭ پارتىيە-گۇرۇھلار ھەم غەرىپنىڭ تۇرمۇش شەكلى ئىسلام دىنىنى چىرىتىدۇ، دەپ قارىغان. مۇشۇنداق ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، 1928- يىلى 23 يېشىدا بىر نەچچە سىرداشلىرى بىلەن "مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى"نى قۇرغان. بۇ ئۇيۇشما ئەرەپچە "ئېخۋان" دەپ ئاتالغان. بۇ ئىسىم "قۇرئانى كەرم"دىكى "مۇسۇلمانلار قېرىنداشتۇر" دىگەن ئايەتتىن ئېلىنغان. ئۇلار مۇشۇنداق شەكىل ئارقىلىق غەرپنىڭ تەسىرىنى تازىلاپ، جەمىيەت ۋە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى پاكلاشتۇرماقچى، ھەمدە ئاخىرقى ھىساپتا پۈتۈنلەي "قۇرئانى كەرىم" نىڭ پىرىنسىپلىرىغا ماس كېلىدىغان ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇپ چىقماقچى بولغان. بۇ ئۇيۇشما دەسلەپ زوراۋانىق ئىشلەتمەيدىغان دىنى تەشكىلات بولۇپ، تەتقىق ۋە مۇھاكىمە، ئالماشتۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئىسلام ئەقدىسى ۋە روھىنى قوغداشنى مەخسەت قىلغان. ھەسەن بەننانىڭ دەسلەپكى پائالىيەتلىرىمۇ مەسچىت، قەھۋەخانا قاتارلىق جايلاردىن پايدىلىنىپ ياشلارغا دىنى ۋەز ئېيتىش بولغان. ئۇيۇشما كېيىنچە، ھەرخىل ئىجتىمائى پائالىيەتلەر ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغان، مەكتەپ، مەدەنىيەت كۇلۇپلىرىنى قۇرغان، ھەم ئەزالىرىنى ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، خەيرى- ساخاۋەت ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئۇيۇشتۇرغان. 30- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئەنگىلىيە- مىسىر شەرتنامىسىغا قارشى كۆرەشتە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى سىياسىلىشىش يولغا ماڭغان. ھەسەن بەننا بىر قاتار لېكسىيە ۋە ماقالىلىرىدا ئۆزىنىڭ سىياسى ئىدىيىسىنى شەرھىلىگەن. ئۇنىڭ ئىدىيىسى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1. ئىسلام دىنىنىڭ كەڭ قورساقلىقى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "بىز ئىسلامىيەتنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىغا، تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمز" . 1938- يىلى نەشىر قىلىنغان "يېتەكچى" ناملىق ژورنالدا " ئىسلام سەجدە قىلىش ۋە رەھبەرلىك قىلىش، دىن ۋە دۆلەت، روھ ۋە ھەرىكەت، دۇئا- تىلاۋەت ۋە كۆرەش قىلىش، بويسۇنۇش ۋە ھۆكۈمرانلىق قىىلش، قۇرئانى كەرىم ۋە قىلىچتىن ئىبارەت. بۇ ئىككى تەرەپنى بىرى- بىرىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ." دەپ يازغان. 2. ئىسلام  دىنىنىڭ ئەسلى ئەقدىسىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ ئىسلام دىنى "قۇرئانى كەرىم" ۋە  "ھەدىس" نى مەنبە قىلغان دەپ قارايدۇ. ئۇ" بىز پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋارسلىرىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ئۆلچىمىگە ئوخشىمايدىغان غەيرى ئۆلچەم بىلەن ئۆزىمىزگە تەلەپ قويۇشىمىزدىن خالى بولۇشىمىز لازىم". دەيدۇ. 3. ئىسلام دىنىنىڭ بىرلىكىدە ۋە خەلىپە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇدۇ. ئۇ، 1938- يىلى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 5- نۆۋەتلىك يىغىنىدا " خەلىپە_ ئىسلام بىرلىكىنىڭ سىموۋۇلى، ئىسلام مىللەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىشىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، ھەمە مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم"، دەيدۇ.
  بۇ ئۇيۇشما قول ھۈنەرۋەنلەر، ئۇششاق خىزمەتچىلەر، زىيالىلار قاتارلىق تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىغا نىسبەتەن زور جەلىپ قىىلش كۈچىگە ئىگە بولغان. بۇ كىشىلەر رىئاللاقتىن نارازى ھەم غەرپنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاز ئۇچىرىغان كىشىلەر بولغانلىقتىن، بۇنداق ئاددى ئىسلام تەشۋىقاتىنى ئاسانلا قوبۇل قىلغان. شۇڭا مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى تېز تەرەققى قىلىپ، 1933- يىلى قاھىرەدە باش ئشتاپ تەسىس قىلدى ھەم مەمىلىكەت بويىچە 50 تىن ئارتۇق شۆبە تەشكىلىرىنى قۇردى. كېيىنرەك قېرىشداشلار ئۇيۇشمىسى مەخپى تەشكەلات قۇردى. قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئالى باش تەربىيىچىسى ھەسەن بەننا ئىدى. 40- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ ئۇيۇشمىنىڭ ئزالىرى 500 مىڭدىن ئېشىپ، 5000 تارماق تەشكىلى جەمىيەتنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغا كېڭەيدى، شۇنڭدەك ئۆزلىرىنىڭ قوراللىق تەشكللىرىنى قۇرۇپ چىققاندىن باشقا سۈرىيە، ئىئوردانىيە، پەلەستىن، لىۋىيە، سۇدان قاتالىق دۆلەتلەردە شۆبە تەشكىللىرىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ تەشكىللەر: " قۇرئانى كەرىم بىزنىڭ ئاساسى قانۇنىمىز، پەيغەمبەر بىزنىڭ يولباشچىمىز، ئاللاھ يولىغا شەرەپ بىلەن ئۆزىمىزنى بېغىشلاش بىزنىڭ ئەڭ ئالى غايىمىز" دىگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
   بۇ ئۇيۇشما دەسلەپتە مىسىرنىڭ پادىشاھى فارۇق بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولدى، چۈنكى، پادىشا قويۇق ئەنئەنىۋى تۈس ئالغان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىدن پايدىلىنىپ، بىرمەھەل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مىللەتچى پارتىيە ئەل- ۋەفىد پارتىيىسىنى مەغلۇپ قىىلشنى ئۈمىت قىلاتتى. بۇ ئۇيۇشمىمۇ پادىشاھنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، ئۆز كۈچىنى زورايتىشنى ئۈمىد قىلاتتى. 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قېرىندالار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەربى كۈچىمۇ كۈچەيدى. ئۇرۇشتىنن كېيىن، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى پىدائى بولۇپ، 1948- 5-، 6- ئايلاردا ئىسرائىلىيىگە قارشى 1- قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىغا قاتناشتى. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قوراللىق كۈچى بولۇپلا قالماي، بەلكى، زاۋۇت- شىركەتلىرى، مەكتەپ- دوختۇرخانىلىرى..... بار بولۇپ، مىسىردا دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت بولۇپ قالغانىدى.
  قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تېز تەرەققى قىلىشى ۋە جەمىيەتنى ئىسلاملاشتۇرۇش قەدىمى ئوردا بىلەن ھۆكۈمەتنى خاتىرجەمسىزلەندۈردى. ئۇلار قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ داۋاملىق تەرەققى قىلىۋەرسە، دۆلەت ھاكىمىيىتىگە  تەھدىت بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، باستۇرۇش تەدبىرىنى قوللاندى. 1948- يىلىنىڭ ئاخىرى قاېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاغدۇرمىچىلىق ھەركەتلىرىگە ئائىت ئىسپاتلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، بىر قىسىم رەھبەرلىرىنى قولغا ئالدى. 12- ئايدا ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىرى نوكراش قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۇنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى، ھەم قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ زور مىقتاردىكى مال- مۈلۈكىنى مۇسادىرە قىلدى، قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى قىساس ئېلىشقا بەل باغلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر ئەزاسى نوكراشنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبىرى ھەسەن بەننا 1949- يىلى 2- ئايدا قاھىرەدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. پادىشاھ فارۇقنىڭ باستۇرۇشى بىلەن، قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق چوڭ زەربىگە ئۇچرىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىش يولىغا ماڭدى. مىسىر ھۆكۈمىتى 1950- يىلى ھەربى ئىدارە قىىلشنى ئەمەلدىن قالدۇردى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى يېڭى باش تەربىيىچى ھۈددەيبىنىڭ رەھبەرلكىدە پائالىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، 1952- يىلى مىسىردىكى ئەركىن ئوفېتسىرلار تەشكىلى فارۇقنىڭ پادىشالىق ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىشنى مەخپى پىلانلىدى. مۇسۇلمان قېرىندشلار ئۇيۇشمسىنىڭ ئادىمى كۆپ بولغاچقا، ئەركىن ئوفېتسىرلار تەشكىلىمۇ ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلىدى ھەم قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. 1952- يىلى 7- ئاينىڭ 23- كۈنى سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ، مۇۋاپىقىيەت قازاندى ۋە مىسىر جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. ئىنقىلاپتىن كېيىن، نەجىپ ۋەكىللىكىدىكى ئىنقىلابى قوماندانلىق ئىشتاۋى بارلىق سىياسى پارتىيىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتتى، لېكىن مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى مەنئى قىلنىمدى، مىسىر ھۆكۈمەت دائىرلىرى ئۇنى سىياسى پارتىيە ئەمەس، دىنى تەشكىلات دەپ ئېتىراپ قىلدى. ئىنقىلابىي قوماندانلىق ئىشتاۋىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق ئىدى، نەجىپ ھەسەن بەننانىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىپ، قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بۇ قۇرغۇچىسىغا ھۆرمەت بىلدۈردى. ئەركىن ئوفېتسىرلار تەشكىلى ئىچكى كابېنىتتا ئۈچ مىنستىرنىڭ  ئورنىنى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىغا بەردى.
   جامال ئابدۇل ناسىر 1953- يىلى نەجىپنىڭ ئورنىغا چىقىپ ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى بىلەن ئىنقىلابى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ناسىر ھۆكۈمىتى يولغا قويغان يەر ئىسلاھاتى، دىندىن خالىي مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھۆكۈمەتتىن ئىسلام شەرىئىتىنى يولغا قويۇشنى ئۈمۈىت قىىلش تەلىپى ناسىر ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىندى. قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر ئەزاسى 1954- يىلى ئالىكساندىرىيىدىىكى بىر قېتىملىق ئاممىۋى يىغىلىشتا جامال ئابدۇل ناسىرنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇپ، مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىدى. جامال ئابدۇل ناسىر مۇشۇ باھانىدا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى شەپقەتسىزلىك بىلەن باستۇرۇشقا باشلىدى، 6 ئادەمنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، 4 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تۈرمىگە تاشلىدى. قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نەچچە مىڭ ئەزاسى سۈرىيە، ئىئوردانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، لىۋىيە، پەلەستىن قاتارلىق جايلارغا قېچىپ كەتتى. مۇشۇ قېتىملىق زەربە بىلەن مىسىرنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى 10 نەچچە يىلدىن كېيىن ئەسلىگە كېلەلىدى. دەل مۇشۇ باستۇرۇشتىن كېيىن قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ چەتكە قېچىپ كەتكەن ئەزالىرى بۇ تەشكىلنى باشقا ئەرەپ دۆلەتلىرىگە كېڭەيتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ھەقىقى خەلقئارالىق ئىسلام ئەسلىيەتچى تەشكىلاتى بولۇپ قالدى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى زامانىمىزنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى تۇنجى تۆۋەن قاتلام ئاممىۋى دىنى سىياسى تەشكىل بولۇپ، كېيىنكى ئىسلامىزم ھەركىتىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك گۈللنىشىدە ئىنتايىن زور تەسىر پەيدا قىلدى.
   مەنبە: غەربىي جەنۇپ ئۇنۋېرىستىتى پىروپېسسورى شياۋ شيەن ئەپەندىنىڭ "خەلقئارا ئىسلام دولقۇنى" ناملىق كىتاۋى.
   مۇنبىرىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، قالايمىقان ئىنكاس يازماڭ.
كېينكى يازما يۇقۇرىقى كىتاپ: ئىسلامىيەت ۋە مىللەتچىلىك.

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 2155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13237
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-21 07:31:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسىرنىڭ ئىسلام تارىخىمۇ بۇ  ..................

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش .
يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

كىلەر قىتىم ئاپت

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14761
يازما سانى: 700
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3623
تۆھپە نۇمۇرى: 464
توردا: 2199 سائەت
تىزىم: 2010-10-21
ئاخىرقى: 2013-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-21 07:35:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز قىرىندىشىم .
بورۇن مەن بۇ ئويۇشما تۇغۇرلۇق كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم .

پالانى ياشىسۇن ،پۇكۇنى ياشىسۇن دەپ شۇئار تۇۋلاشتىن بۇرۇن ، ئۆزەڭنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقىڭغا قاراپ باق ؟

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3467
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12197
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-21 08:57:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شياۋ شيەن ئەپەندىم ،مۇسۇلمانمىدۇ،
خەلقئارادىكى ئىسلام دولقۇنى دىگەن كىتاۋىنى كۆرۈپ مەن ھەيرانلا قالغان،

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر ئارىسىدا مەن گۇناھسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6801
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-21 09:14:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تەشكىلاتقا بەك قايىل، ئاڭلىشىمچە سابىق ئىراق زۇڭتۇڭى  سەددام ھۆسەيىن مۇ مۇشۇ تەشكىلاتقا قاتنىشىپ مۇشۇ تەشكىلاتتا خېلى يۇقىرى ئۇرۇنغا چىققان ئىكەن، زۇڭتۇڭ بولمىغان ۋاقتىدا

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

بارلىق قىممەتنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2264
يازما سانى: 841
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12754
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 5519 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-21 09:45:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى قانۇنىي يول ئارقىلىق ھاكىمىيەتكە  چىقىشنى  تەشەببۇس قىلىدۇ ،زوراۋىنلىقنى تەشەببۇس قىلمايدۇ.20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بولسا كىرەك ،بۇتەشكىلات ئافرىقىدىكى مەلۇم دۆلەتتە(بەلكىم )تىنىچ ئاساسىدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان،لىكىن غەرپ بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بۇ سايلامنى ئىتىراپ قىلمىغان ،كىيىن ھاكىمىيەتتىن چۇشۇرۇلگەن .

قاراڭلار ئاۋۇ ئادەمگە!ئۇ ھەمىشە ئۈزى جاۋاپ تاپالايدىغان سۇئاللارنى سۇراشقىلا ئامراق.

بۇ دۇنيادا ھېچكى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7064
يازما سانى: 1086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43924
تۆھپە نۇمۇرى: 566
توردا: 8144 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 12:53:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچىسى بارمۇ ؟ يەرلىكتىكى كىتاپخانىلاردىن تاپقىلى بولامدۇ ؟

كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل،
قىينىمىسۇن يۈرەكنى ھەسرەت.
يازنىڭ ئالتۇن ئاپتىپىدەك،
ھەممىمىزگە ياغسۇن ئامەت.

مەن ساڭا ساراڭ ب

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12524
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11255
تۆھپە نۇمۇرى: 612
توردا: 2070 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2014-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 01:08:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىخۋانىيلارنىڭ  غوللۇق  ئەزالىرىدىن               مۇھەممەت  قۇتۇپ                    سەيپىد قۇتۇپنىڭ كىتاپلىرى شۇنداق ياخشى   ،،،،بۇ  تەشكىلاتنى  شۇنىڭ  كىتاپلىرىدىن  بىلگەندىم

شئېرنى  چۈشەنمەيسىز  ئەمما ھېس قىلالايسىز ،،شېئېر  ھەممە  ئادەم چۈشىنەلەيدىغان سەنئەت ئەمەس .

ئەينەككەقارسام ئۆزۈمنى كۆرىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5550
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4787
تۆھپە نۇمۇرى: 806
توردا: 4922 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 01:16:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  irpan0318 كە 2010-10-22 12:53 AMئەۋەتىلدى  :
بۇ كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچىسى بارمۇ ؟ يەرلىكتىكى كىتاپخانىلاردىن تاپقىلى بولامدۇ ؟
بار ...

ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرۋالغان تىلەمچى

يىگىت قەسەم ئىچم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9548
يازما سانى: 886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13697
تۆھپە نۇمۇرى: 434
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 01:20:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتاپنى ئىمكان بولسا بىر ئوقۇپ باققان بولساق ھە!

مەن  گاھىدا ئاق بولدۇم،گاھىدا قارا بولدۇم.لىكىىن كۈلرەڭ بوپ قالمىدىم...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش