|
|
|
|
[align=justify] ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى، ماۋۇ يامغۇردا ئولتۇرۇپ بىر ئىش كاللامغا كەلدى، نېمە ئىش دېمەمسىلەر؟ بىر تاققا-تۇققۇ شېئىر يېزىپ بېقىش بولمامدۇ...[align=justify] بۇنى پەقەت قىززىقچىلىق قىلىپ يوللىغان. شېئىرىيەتنى بۇزۇپسەن دەپ تىللاپ يۈرمەڭلار يەنە...ھى...ھى...ھى... باشلىدىم ئەممىسە: [align=justify] [align=justify] تاققا تۇققۇ شېئىرلار بىلىم دېمەك__گوياكى داستان، ۋاقىت ئوقتەك تېز ئۆتۈپ كېتەر. مىنى بۇنچە قىينىما يارىم، كۈچۈكىڭگە ھەلەپ سېلىپ بەر. چاپىنىمنىڭ قولتىقى يىرتىق، موزدوز يوقكەن، ئەستاخپۇرۇللا، قولچۆگۈنگە سامساق تېرىسام، بادىر بوپتۇ خۇدايىم توۋا !.... كالا سالغان لاي خىشقا، بۇلبۇل قونسا ئۇچمايدۇ. تامچە ئۆتكەن ئۆيلەردە، يارنىڭ ئوتى ئۆچمەيدۇ. ئىجارىگە ئالغان تام، ياماق سالسا چانمايدۇ. تومۇزلاردا ئوت-چۆپلەر، دوغاپ ئىچىپ قانمايدۇ. [align=justify] قېنى ئېلىھامى كەلگەنلەر بولسا يانداشساڭلار بولىدۇ.... تاققا-تۇققۇ مۇشائىرە بولسۇن.........
|
|
|
|
|
|