ئارمىيەسى يوق ياۋرۇپا دۆلىتى قايسى:
ئا: شىۋىتسىيە
ب: شىۋىتسارىيە
س: بەلجىكا
2-سۇئال:
دۇنيانى ئايلانغان تۈنجى پاراخۇتنىڭ ئىسمى نېمە؟
ئا: سانتا مارىيا
ب: ۋىكتورىيا
س: ئەرمادا
3-سۇئال: قۇرئان كەرىمدىكى ئون بەشىنجى پارا قايسى سۈرە بىلەن باشلايدۇ؟
ئا: ئىسرا سۈرىسى
ب: كەھف سۈرىسى
س: نەھل سۈرىسى
4- ياۋرۇپادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر قايسى؟
ئا: جىنىف
ب: پارىس
س: لوندون
5-سۇئال: دۇنيادىكى ئەڭ كونا كۆۋرۈك نەدە؟
ئا: جۇڭگو
ب: تۈركىيە
س: ئىتالىيە
6- ئاللاھنىڭ قىلىچى نامىنى ئالغان ساھابە كىم؟
ئا: خالىد بىن ۋەلىد
ب: مالىك بىن سىنان
س: ھەمزە بىن ئابدۇلمۇتەللىپ
7-سۇئال: ئاسىيا ۋە ئافىرىقا قىتئەسىگە جايلاشقان دۆلەت قايسى؟
ئا: مىسىر
ب: سۇدان
س: سۈرىيە
8-سۇئال: يەر شارى ئايدىن قانچىلىك ئۇزاقلىقتا؟
ئا: 285 مىڭ كىلومىتىر
ب: 246 مىڭ كىلومىتىر
س : 384 مىڭ كىلومىتىر
9-سۇئال: قۇرئان كەرىمدە قانچە پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغان؟
ئا: 26
ب: 50
س : 24
10- ئىنسان قىنىدىكى سۇ نىسبىتى قانچىلىك؟
ئا: %83
ب: %38
س: 45%
مىسرانىم تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسىنى ئۆتكۈزگۈچى
5000مۇنبەر پۇلى
ئالاھىدە مۇكاپات
ئۇدا ئۈچ قېتىم بىرىنجىلىكنى ساقلاپ قالغانلار
10000مۇنبەر پۇلى ۋە ئىجاتجان ئەزا مىدالىدىن بىر دانە.
1. دەرىجىلىك مۇكاپات
(بىر نەپەر)
سۇئالنىڭ ھەممىسىگە ئەڭ تىز، تۇلۇق جاۋاب بەرگەنلەر.
مۇكاپات سوممىسى 3000مۇنبەر پۇلى ۋە ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىدالىدىن بىر دانە
2-دەرىجىلىك مۇكاپات
(ئىككى نەپەر)
2000 مۇنبەر پۇلى
3-دەرىجىلىك مۇكاپات }
(ئىككى نەپەر)
1000 مۇنبەر پۇلى
رىغبەتلەندۈرۈش
(بەش نەپەر)
جاۋاپنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قاراپ 100 مۇنبەر پۇلىدىن 500مۇنبەر پۇلىغىچە.
توردىشىڭلار <<كۆكيار>> دىن
بۇ پائالىيەت بوش ۋاقىتتىن پايدىلنىپ زىھنى قۇۋۋىتىمىزنى ئاشۇرۇش ۋە ئەقىل پاراسىتىمىنى سىنايدىغان پۇرسەت بۇلۇپ ھەممىڭلارنىڭ ئورتاق قوللىشى ئاستىدا بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكىسى.
پائالىيەت باشلىنىپ تاكى نەتىجىسى چىققۇچە ئىككى كۈندە بىر قېتىپ تېما ئىلگىرلىتىپ تورداشلارنىڭ جاۋاب بىرشىگە قۇلايلىق يارتىپ بىرلىدۇ.
جاۋابىنى چۇقۇم يۇشۇرۇن شەكلىدە يوللايسىلەر، يوللاپ بۇلۇپ قايتا تەھرىرلەشكە ۋە ئىنكاس يېزىپ بۇلۇپ جاۋاب يېزىشقا قەتئى بولمايدۇ. (ئىنكاس يېزىپ بۇلۇپ ئاستىدا يازما يۇشۇرۇش دىگەن ئۇرۇن بار، ياندىكى كاتەكچىگە بەلگە سېلىپ يوللىساڭلار يازما يۇشۇرۇن ھالەتتە كۆرنىدۇ.)
تورداشلارنىڭ بىلىدىغانلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز ، سىزنىڭ جاۋابىڭىز ئارقىلىق ، باشقىلارنىڭ بىلمەيدىغانلىرى تولۇقلىنىپ قالسا بۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ شەرەپ.
كىيىنكى سان مىسرانىم تەلەي يۇلتۇزىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئەزا مۇشۇ تىما ئاستىغا ئىنكاس يېزىپ ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. كىيىنكى ساننى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تاللىنىپ ئىلتىماسى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە كىيىنكى سانغا تەييارلىغان سۇئاللارنى بىزگە ئەۋەتىپ بىرىدۇ. بىز سۇئاللارنى كۆرۈپ مۇقىملاشتۇرغاندىن كىيىن، ھەر ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئالدىنقى سان نەتىجىسى ئېلان قىلىپ، ماھىرلارغا مۇكاپات ئۆزلەشتۈرۈلگەندىن كىيىن، دۈشەنبە كۈنى كېيىنكى سان <<مىسرانىم تەلەي يۇلتۇزى>> نى ئېلان قىلسا بولىدۇ.
تەلەي يۇلتۇزىنىڭ كىلەرنى سانلىرىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغانلار باشقۇرغۇچى تارىم ياكى قىزغىن بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ!
ھۆرمەت بىلەن مىسرانىم تور بىكىتى