|
|
|
|
شىۋىتسارىيە
The Confederation of Switzerland
كۆيىۋاتقان ئورماندىكى دۆلەت شىۋىتسارىيىنىڭ تولۇق نامى < شىۋىتسارىيە فېدىراتسىيىسى> بولۇپ ، ئوتتۇرا ياۋروپانىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تاشلىقلار كۆپ بولغان ئىچكى دەريا دۆلىتى . دۆلەت نامى دۆلەت ئىچىدىكى بىر شىتاتىنىڭ نامى-<شىۋىت>تىن كەلگەن . قەدىمكى كائوت تىلىدا <شىۋىت>نىڭ <كۆيمەك> دىگەن مەنىسى بار . چۈنكى، بۇ رايون ئەسلى بىر پارچە ئورمانلىق بولۇپ ، ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەندىن كىيىن ، ئەينى چاغدىكى شىۋىتسارىيىلىكلەر بۇ رايوندا ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان ،1291 -يىلى دۆلەت قۇرۇلغان . قەدىمدە بۇ جايدا نۇرغۇنلىغان گىرمان ۋە رىملىقلارنىڭ قەبىلىسى بولۇپ ، ئاۋستىرىيە ھابىسبورگ سۇلالىسىنىڭ تاجاۋۇزىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ،شىۋىتسارىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئۈچ شىتاتتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاق تۈزۈپ ، ئۆزلىرىنى< فېدىراتسىيە ئەزاسى> ياكى <فېدىراتسىيە> دەپ ئاتاشقان. فېدىراتسىيىنىڭ ئىچىدە شىۋىتنىڭ كۈچى ئەڭ زور بولغاچقا ، ئىتتىپاق قۇرۇلغان چاغدا ئۇنىڭ نامى <شىۋىت>نىڭ ئىسمى بىلەن <شىۋىتسارىيە>دەپ ئاتالغان . كىيىنچە يەنى بىرقانچە مىللەتنى قوشۇۋىلىپ ،تەدرىجىي ھالدا بۈگۈنكى شىۋىتسارىيە فېدىراتسىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن ،ھازىر شىۋىتسارىيىدە نېمىسچە،فىرانسوزچە،ئىتالىيانچە ئۈچ خىل تىل بىرلا ۋاقىتتا تەڭ قوللىنىلىدۇ. 1648-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ ،مۇستەقىللىق جاكارلاپ ،بىتەرەپ دۆلەت قۇرغان . 1798-يىلى ناپالىئون شىۋىتسارىيىنى بېسىۋالغاندا بىر مەزگىل ھارۋىل جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان 1815-يىلىدىكى ۋىنا يىغىنى ئۇنى مەڭگۈلۈك بىتەرەپ دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلغان . 1848-يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىپ ، رەسمىي ھالدا بىرلىككە كەلگەن فېدىراتىپ دۆلەت بولغان . دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ شىۋىتسارىيىگە بىر تال پوجاڭزىمۇ ئېتىشىغىمۇ رۇخسەت يوق .
شىۋىتسارىيىنىڭ يەرمەيدانى 14.3 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر .ئاھالىسى6مىليون 988مىڭ. بۇنىڭ %62.8تى گىرمانلار ، %16.9تى فىرانسوزلار ، %3.5تى ئىتالىيانلار . خىرىستىئان ۋە كاتولىك دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ . نېمىس، فېرانسوز ، ئىتالىيان تىللىرى دۆلەت تىلى ھىساپلىنىدۇ .پايتەختى بېرىن . پۇل بىرلىكى فىرانىك .
مەنبە : دۆلەت ۋە رايونلار نامىنىڭ كېلىش تارىخى .( شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى نەشىر قىلغان)
|
|
|
|
|
|