مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 896|ئىنكاس: 9

لولى"دېگەن سۆزنىڭ تارىخىي مەنبەسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

http://www.dolanlik.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7539
يازما سانى: 773
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11720
تۆھپە نۇمۇرى: 1085
توردا: 11506 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 04:12:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify]لولى"دېگەن سۆزنىڭ تارىخىي مەنبەسى
مۇختار قادىر ھونزادە
بىز ئۇيغۇرلاردا ھىلىگەر كىشىلەرنى "لولىلار" دەپ ئاتايدىغان ئادەت مەۋجۇت.تارىخىي مەنبەلەر ۋە خەلق ئىچىدىكى رىۋايەتلەر نوقتىسىدىن ئىزدىنىپ كۆرگەندە،بۇ سۆزنىڭ مەلۇم تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. "سوڭ تارىخى"نىڭ 491-جىلد "تاڭغۇتلار تەزكىرىسى"دە:"تاڭغۇتلارنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى(تارىم ۋادىسى)دا لولى ئېلى دولۇ (都罗罗勒族) نىڭمۇ بولغانلىقى" خاتىرلەنگەن(1)."بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى تارىخى،غەربىي يۇرۇت تەزكىرىسى"دە:"تۆمۈر قوۋۇقتىن چىقىپ،دوخولو(都货罗)دۆلىتىگە بارغىلى بولىدۇ"دېيىلگەن(2).كىيىنچە بۇ ئەلنىڭ نامى تۇخولو(吐火罗)،دولى(都勒)،دۇچۆلو(都炔罗)،دۇنخۇئاڭ(敦荒)دەپ ھەر خىل يېزىلغان.ۋاڭ زوڭۋېي ئەپەندى بۇ ناملارنى تەتقىق قىلىپ،دۇنخۇئاڭدىن باشلاپ،لوپنۇر رايۇنى،تارىم دەريا ئېقىنى،ھەتتا يەكەن دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغىچە بولغان بىر پۈتۈن لىنىيەدە مىلادىدىن ئىلگىرىلا خىلى كۈچلىك بىر ئەلنىڭ بولغانلىقى،دېلى،تېلى،دولى،دولولو،تۇخولو قاتارلىق ناملارنىڭ ئەنە شۇ مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى(3). موللا مىرسالىھ قەشقىرىنىڭ "چىڭگىزناما"ناملىق كىتابىدا سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك پادىشاھى ئابدۇرىشىتخاننىڭ دولانلىق بىر لولىنى(شائىرە،مۇقامشۇناس ئائاماننىساخاننى)ئەمرىگە ئالغانلىقى يېزىلىپ،ئابدۇرىشىتخاننىڭ چۈچۈك خانىشقا ئېيتقان مۇنداق بىر شېئىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن(4): جان ئوتراسىدا ئانىڭكى يولى بولسا، نى ئەيىب ئانىڭ ئەسلى لولى بولسا؟ زامانلاردا "دولىلار"(ئۆشنىسىدە ئەقلى بارلار) دەپ ئاتالغان.ئەمما كۆپ كۆچۈپ،تىرە-پىرەڭلىكتە ياشىغانلىقى ئۈچۈن،شەھەرلەشكەنلەر تەرىپىدىن ھامان ھاقارەتلىنىپ تۇرغان.بۇنى موللا مۇسا سايرامى يازغان "تارىخىي ھەمىدى" دە تىلغا ئېلىنغان:"لوپنۇر،لۈكچۈن ئەتراپىدىكى دولانلارنىڭ سەككىز مىڭ كىشىلىك غوجىلار قوشۇنى تەرىپىدىن باستۇرۇلغانلىقى،راشىدىن غوجىنىڭ "بۇ دولانلارنىڭ قانچىلىك ئەتىۋارى بولسۇن؟"دېگەنلىكىدەك مەلۇماتلار(5) ھەم بۇ كىتاپنى نەشىرگە تەييارلىغۇچىلارنىڭ "دولان سۆزى قۇل،دېدەك دېگەن مەنىلەرگە ئىگە" دەپ يېزىشى ئىسپاتلايدۇ(6).
خەلق ئارىسىدا مۇنداق رىۋايەتلەرمۇ ساقلانغان:قەدىمكى زامانلاردا دولانلارنىڭ بىر نەپەر چوڭ ئانىسى بولۇپ،پىرۇخۇنلۇق-داخانلىقتا كامالەتكە يەتكەن ئىكەن. ئۇ ياۋا توڭگۇزنىڭ تاغاق سۆڭەكلىرىگە ئويۇۋالغان ئەپسۇن-ئايەتلىرى ئارقىلىق كېسەل داۋالايدىكەن ياكى يەر يۈزىدە بولغان-بولىدىغان ئىشلارغا پەتىۋا چىقىرىدىكەن.مۇشۇ دانىشمەن ئومايغا ئىگە ئەلگە بىر ۋاقىتلاردا بالايى ئاپەت يېغىپ،ياۋ لەشكەرلىرى قىستاپ كېلىپ قاپتۇ.دولان لەشكەرلىرى ئاجقىز بولغانلىقى ئۈچۈن،ياۋ قوشۇنىنى پەم-پاراسەت بىلەن يېڭىش كېرەككەن.داخان موماي بىر نەرسىلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ،ياۋ لەشكەرگاھىغا ئەلچىلىككە بېرىپتۇ ھەم دولانلارنىڭ ئەل بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.ئۇنى مەنسىتمىگەن ياۋ سەردارى بىر تەڭنىگە قارا ئۈجمە،يەنە بىر تەڭنىگە قارا قوڭغۇز ئېلىپ كېلىپ،:"ئۈجمىنى يېسەڭ ئەل بولغېنىڭ يالغان،قوڭغۇزلارنى يېسەڭ ئەل بولغېنىڭ راست،"دەپتۇ.دولانلىق موماي:"ئۈجمە دېگەن جىم تۇرىدىغان نەرسە،قاچان يېسە بولىۋېرىدۇ،قوڭغۇزلار قېچىپ كېتەلەيدۇ.شۇڭا ئۇنى ئاۋال يەي" دەپ قىزىقچىلىق قىلىپتۇ-دە،ئۆمىلەۋاتقان قوڭغۇزلارنى تېرىپ ئېلىپ يەۋىتىپتۇ. ياۋ قوشۇنى دولانلارنىڭ ئەل بولغانلىقىغا ئىشىنىپ،بىخارامان شەھەرگە كىرىپتۇ.لېكىن شەھەرگە كىرە-كىرمەيلا،مۆكتۈرمە لەشكەرلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھالاك بولىشىپتۇ.پەقەت بىرنەچسىلا قېچىپ كەتكەنىكەن،بارغانلا يېرىدە:"دولوئانلارغا چېقىلماڭلار،ئۇلار ئۇلار لولى(رەڭباز،ھىلىگەر،تەدبىرچى)لار ئىكەن!"دېيىشىپتۇ.شۇندىن كىيىن"لولى،قوڭغۇزچى دولان"دېگەنلەر دولان خەلقىگە لەقەم بولۇپ قالغانىكەن.يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق ئېيتىلغان:ئاتام زاماندا دولانلىقلار بىر نەچچە خىل ئۇرۇقتىن بولغانىكەن.بىر كۈنى خان ئۇرۇق ئاقساقاللىرىنى ئوردىغا مەجلىسكە چاقىرىپتىكەن،ھەرقايسى ئايماقلاردىن كەلگەنلەر بەس-بەس بىلەن خانغا سوۋغات تەقدىم قىلىپتۇ. تېرىملىق دولانلار ئەڭ ئاۋال سوۋغا تەقدىم قىلغانىكەن،خان ئۇلارنى"قارادولان(مەركىزىي دولان" دەپ ئاتاپتۇ؛ ياغاچ ئۆيلۈك دولانلار جىم ئولتۇرۇپ قاپتىكەن،خان ئۇلارنى"لولى(تەدان) دولان"دەپتۇ،لولىلىق دولانلارغا شۇنىڭدىن قالغانىكەن.....
يۇقۇرىقى يازما مەنبەلەر بىلەن رىۋايەت-ئەپسانىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ قارىساق،"لولى"سۆزىنىڭ ھەقىقەتەن مەلۇم تارىخى ئاساسىي بارلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.دولانلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى،ئۇلارنىڭ تارىختىن بۇيان تارىم دەريا ۋادىسىدا ياشاپ كېلىۋاتقانلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان مەسىلە.ئۇلاردا نۇرغۇنلىغان يەرلىك خۇسۇسىئىيەتلەر ساقلانغان بولۇپ،مۇئەييەن تەئەتقىقائات قىممىتىگە ئىگە.

ئىزاھاتلار: (1)---گۇجىچىن:"ۋاڭ يەندىنىڭ قۇجۇغا ئەلچىلىككە بېرىش خاتىرىسى"،"شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى" ژورنىلى،ئۇيغۇرچە،1985-يىللىق 4-سان،128-بەت. (2) (3)--- ۋاڭ زوڭۋېي:"دۇنخۇئاڭ دىگەن ئىسىمنىڭ يەشمىسى"،يۇقۇرىقى ژورنال،1987-يىللىق 4-سان. (4)--- موللا مىرسالىھ قەشقىرى،"چىڭگىزناما"،قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى،109-بەت.
بۇ ماقالە ئەسلىدە "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى"نىڭ 1989-يىل 5-دىكابىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان.


كۈزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر.

كەڭ قورساقلىق ۋە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6151
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9682
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 8789 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 07:13:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىملەر ئىكەن،جاپا چېكىپسىز...........

دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم يوق،ئەڭ مۇھىم بولغىنى قەلىب گۈزەللىكى ،ئادەم ئۆزىگە ئىشىنىشى ھەم ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك...

بِسْـــــــــــ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11527
يازما سانى: 691
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10845
تۆھپە نۇمۇرى: 414
توردا: 1395 سائەت
تىزىم: 2010-9-25
ئاخىرقى: 2011-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 07:38:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت!   بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك بىلىملەركەن! [s:79]

كۆپتۇر سېنىڭ كۆرگىنىڭدىن كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەلەيسەن ئۆلمىگىنىڭ.

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13103
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 07:42:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز تارىخىمىزنىڭ بىر قىسىمدىن خەۋەردار قىىلغىنىڭىزغا رەھمەت!  [s:79]  [s:79]

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ياسىنجان(سىرلىق)

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5357
يازما سانى: 7033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90743
تۆھپە نۇمۇرى: 1350
توردا: 6262 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 08:35:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك  ياخشى  تىمىكەن...................... رەھمەت [s:79]

سىرلىق سەنئەتلىك لايىھەلەش سىتودىيسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1311
يازما سانى: 2538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17589
تۆھپە نۇمۇرى: 1167
توردا: 14790 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 08:45:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھەمىيەتلىك تېما ئىكەن.

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 09:31:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخىنى بىلمىگەن مىللەتنىڭ كېلەچىكى بولمايدۇ..............

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 1347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12305
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2764 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 10:20:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم .ياخشى تېمىكەن!

ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 11:56:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ئەھمىيەتلىك تىما.مەن لولى دىگەن سۆزنى <تەخسىكەش،ياغلىما سۆزگە ئۇستا ،ۋىت-ۋىت>كىشلەر دىگەن مەنىدە بولسا كېرەك دەپ ئويلىغانتىم،بىزنىڭ مەھەللىدە بۇئايشەم لولى دەپ بىرسى بۇلىدىغان،ئىسىمگە كىلىپ قالدى. [s:74]

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ㄗμtLαㄨㄢ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14195
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8041
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2010-10-16
ئاخىرقى: 2011-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 02:38:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى چۇشەنمىدىم نىمە دىگەن گەپ كەن ئۇ؟ [s:111]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش