-ھەي ،ھەي چاقچاق قىلماي دىسەممۇ ما بالاڭزىغا يەنە چاقچاق قىلغۇم كېلىپلا تۇرىدۇ ،ئامال يوق چاقچاقتىن ئىككى خورتەك كەلتۈرمىسەم مىسرانىم ئەھلىنى، مىسران ئەپەندىنىڭ بىرقىسىم يېڭى ھىكايىلىرىدىن خەۋەردار قىلمىسام كۆڭلۈم ئۇنىمايدىغاندەك تۇرىدۇ .ئەمسە مىسرانجاننىڭ ھىكايىسىغا قىزىققۇچىلار بولسا ئۇزۇن قۇلاقلىرىڭلارنىڭ سالپايتىۋالماي دىڭ قىلىپ تۇرۇشۇڭ !
ئەلقىسسە شۇنداق قىلىپ مەن ،مىسرانجان ،يېڭى ئەزا قىرمىش ئاتا،يەنە ئىككى دوستىمىز بولۇپ 5 ئادەم خۇتەن دىيارىغا قەدەم باستۇق مەن بۇيۇرۇتلارغا تولا كەلگەچكە ئادەتتىكىچە بىلىنگەن بىلەن ما مىنىڭ سەپەرداشلىرىم بۇيەردىكى بىرقىسىم ئىشلارغا ئاغزىنى ئېچىپلا قېلىۋاتاتتى، بولۇپمۇ بىزلەر خۇتەندىن ئايرىلىپ كېرىيەگە كىتىپ بارغىنىمىزدا يۇرۇڭقاش دەرياسىدىكى ئادەملەرنى كۆرگەن ما مىسرانجان،
- ئاۋۇلار نىمىش قىلىۋاتقانلار؟، دەپ سورىدى ھەيران قالغان ھالدا
- نىمىش قىلىۋاتقانلار بولاتتى قاشتېشى تېرىۋاتقانلار ،دىدىم مەن پەرۋاسىزلا .
- ۋاي ئاكا ماشىنىڭڭىزنى توختۇتۇڭ كىچىك تەرىتىم قىستاپ كەتتى ،
مەن بۇ بالىنىڭ ماشىنىغا تەرەت قىلىپ قۇيىشىدىن ئەنسىرەپ ماشىنىنى يۇرۇڭقاش كۆۋرۇكىدىن ئۈتۈپلا توختاتتىم . مىسرانجان ئىشتىنىنى قولتۇقلاپ چۇخيىنى سۆرىگىنىچە دەريا تەرەپكە كەتتى ،بىز خېلى ئۇزاق ساقلىغان بولساقمۇ مىسرانجاندىن خەۋەر يوق شۇنىڭ بىلەن مەن يېڭى ئەزا قىرمىشنى ماڭ ئاۋۇ باشلىققا قاراپ باق ئۈزى چىقارغان گەندىسىگە پېتىپ قالغان بولمىسۇن دىدىممەن ،قىرمىش ئاتا ھايال بولمايلا ئۆزى يالغۇز يېنىپ كەلگىنىنى كۈرۈپ ،مەن ئەنسىرىگەن ھالدا
ھەي باشلىقنى ئېلىپ كەلمەپسەنغۇ ؟دىسەم.
خوجايىن بىزنىڭ باشلىققا ئۆزىنىڭ بېشىدىنمۇ يوغانراق قاشتېشىدىن بىرسى ئۇچراپ قاپتىكەن شۇنى قۇچاقلىۋېلىپ يېنىغا ھىچكىمنى يېقىن كەلتۈرمەي غەلىتە بىر گەپلەرنى قىلىپ ئولتۇرىدۇ .
-باشلىقنىڭ قېشىغا مىنى باشلاپ بار، دىدىممەن قىزىپ ،
قىرمىش بىزنى كوۋرۈكنىڭ ئاستىدا چاپىنىغا يوغانلا بىرنەرسىنى يوگىۋېلىپ ئۆزىگە ئۆزى گەپ قىلىپ ئولتۇرغان باشلىقنىڭ قېشىغا باشلاپ باردى .
- ھەي ئۇكام نىمىش قىلىۋاتىسەن؟ چاپانغا يوگىۋالغىنىڭ نىمە ؟
- قا شتېشى ،......
-ۋاي ئۇكام ساڭا خۇدايىم بىر بېرىپتىغۇ ئاچە كۈرۈپ باقايلى !
- ياق..... دىدى كەسكىن ھالدا باشلىق چاپىنىنىغا يوگىۋالغان بىر نەرسىنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلاپ
بۇنى نىمە قىلاي دەيسىلەر ؟دىدى يېنىمدا تۇرغان ئاكا -ئۇكىلارنىڭ بىرسى
ساتىمەن ئۇنداقتا ما خوجايىنغىلا ساتمامدۇق دەپ مىنى كۆرسەتتى ھەمرايىم ،
ھە ئۇكا ما بىر پاي چاقى بار ماشىنامغا تىگىشەمدۇق دىدىممەن قىزىقىپ ،
- ياق ئايرىپىلانغا تىگىشىمەن ئايرۇپىلانغا ،
- بولىدۇ ئۇنداقتا ئاچە ئاۋۇ نەرسەڭنى كۈرۈپ باقايلى، دىدۇق بىز.
- ياق
مەن باشلىقنىڭ بۇنداق تەرسا جايىللىقىنى ئەزەلدىن كۈرۈپ باقماپتىكەنمەن ،يېنىمدا تۇرغان ھەمرايىم ئۇكا ئايرىپىلان ئېلىپ نىمە قىلىسەن؟ دەپ سورىۋېدى.
ما باشلىق نىمە دەيدۇ دىمەمسىلەر ،-خۇتۇن ئالىمەن 30نى، ئاندىن ئۇلارنى ئايرۇپىلىنغا چىقىرىپ پۈتۈن دۇنيانى ساياھەت قىلىدۇرمەن . ما مۇنبەرنى ئاۋۇ ئون مىڭ ئەزانى تاشلاپ قۇيۇپما؟ دىدى يېنىمدا تۇرغان قىرمىش ئاتا
- لازىم بولسا ساڭا بېرىپلا ۋەتتىم ھەممىسىنى
مېنىڭ ۋاقتىم قىستاپ قېلىۋاتاتتى كىرىيە بىلەن چىرادىكىلەر مىنى ساقلاپ تۇرۇشاتتى، ما باشلىق بولسا يەنە شۇ نىمە دىسەك( ياق) دەپ تۇراتتى ،
بۇ باشلىققا قارىساق ئىشلىرىم قېلىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يېڭى ئەزا قىرمىش ئاتا بىلەن يەنە بىر دوستىنى بىچارە مىسرانجانغا قارىغىلى قۇيۇپ مەن يەنە بىر دوستۇم بىلەن كىرىيەگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق .
بىز كىرىيە بىلەن چىرادىكى ئىشلارنى تۈگۈتۈپ خۇتەندە ئېلىپ قويغان ياتاققا يېرىم كېچىدە كەلسەك، ما باشلىق قىرمىش ئاتا يەنە بىر دوستى ئۈچى تېخى ئۇخلىماي بىززنىڭ يۇلىمىزغا قاراپ تۇرۇپتۇ.
مىسرانجان بولسا ئابايام قاشتېشىنى يوگىۋالغان چاپىنىنى كىيىپ ئولتۇرۇپ كىتىپتۇ ،ھەي قاشتېشى قانداق بولدى ؟
دەپ سورىسام .ما مىسرانجان ھەممىسى ۋاڭبادا قالدى دەپ جاۋاپ بېرىپلا كىيىم بىلەنلە ياتقانغا كىرىپ بېشىنى ياتقان بىلەن يوگەپ يېتىۋالدى ،ھەمرايىم بىلەن ئىككىمىز ھەيران بولۇپ ئاۋۇ ئىككەيلەنگە بۇ نىمە ئىش؟ دىگە ندەك قىلىپ قارىۋېدۇق ،ئۇلار بىزنى تالاغا تارتىپ ئەچىقتى، بىز تالاغا چىققاندىن كېيىن، ئۇلار ئۈزىنى تۇتىۋالالماي قاھ- قاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتىدە .
ھەي خوجايىن ما باشلىقنىڭ تېپىۋالغىنى كارامەت نەرسىكەن ئەمەسمۇ دىيىشتى ،ھەمرايىم بىلەن ئىككىمىز تېخىمۇ قىزىقىپ ھە نىمىكەن چاققان دىمەمسىلەر دىدىممەن قىزىقىپ .
نىم بولاتتى ئاتنىڭ كاللىسىدەك بىر تېزەككەن ،دىدى يېڭى ئەزا قىرمىش ئاتا
ھا ھا ھا ھا
مەنبە كاۋا گىرات دولىتىنىڭ شاھىن شاھى خوجا ئاكاڭ دۇر
داۋامى بار