مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 967|ئىنكاس: 5

بۇ چىن مۇھەببەت ئەمەس (نۇر65) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1416
يازما سانى: 698
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16127
تۆھپە نۇمۇرى: 955
توردا: 8508 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-14 10:07:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ چىن مۇھاببەت ئەمەس

ھېجران دەردى قىينىسا، زارلىغان چىن يار ئەمەس،

يار باشىغا كەلسە كۈلپەت چىدىغان چىن يار ئەمەس.

كۆرسە گۈزەل نازىنىن ياكى بەردەم بىر يىگىت،

يار يانىدا تۇرسىمۇ مارىغان چىن يار ئەمەس.

سۆيگۈ يولى ئېگىز پەس، سىناقلىرى ئاندىن كۆپ،

شۇ سىناقتىن ئۆتەلمەي خورلىغان چىن يار ئەمەس.

كۆرسە يارنى چۈشۈرمەي «سۆيىمەن»نى مىڭ قېتىم،

كۆرمىگەندە يارىنى ئۇنتىغان چىن يار ئەمەس.

مەيلى يىراق، يېقىندا بولسا سۆيگەن سۆيگىنى،

سۆيگۈسىگە گۇمانلىق قارىغان چىن يار ئەمەس.

ۋەدە بولسۇن يۈرەكتە، ئەقىدىمۇ چىن بولسۇن،

ۋەدىسىنى قەغەزگە بويىغان چىن يار ئەمەس.

ۋەدە بېرىپ تىلىدا، خۇددى سېغىز بەرگەندەك،

ۋېسال تاپماي تەڭ يولدا توختىغان چىن يار ئەمەس.

سۆيگۈ مەخسەت ۋېسالدۇر، ۋاپا ئەيلەش بىر ئۆمۈر،

ۋاپا بىلمەي سۆيگىنى ئوينىغان چىن يار ئەمەس.

  مەنبە: نۇر  (كېرەمجان نۇردۇن) 2010-يىلى 14-ئوكتەبر كورلا

سۆيگۈ مۇھەببەت ھەققىدە يېزىلىۋاتقان ئەسەرلەر كۆپ، ھەر بىر ئادەم قولىغا قەلەم ئالسا، سۆيگۈ ھەققىدە قىلىدىغان پىكرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، بىراق، سۆيگۈنىڭ مەخسىدى ۋېسال تېپىش، ۋېسال تېپىپ مۇرات مەخسەتكە يىتىش يولىدا ھەر خىل قىسمەتلەرگە، سىناقلارغا دۇچار بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ھەر بىر مۇئەللىپنىڭ سۆيگۈ يولىدا ئۇچرايدىغان ياكى رىيال تۇرمۇشتا كۆرگەن ھېس قىلغان كۆز قاراش تۇيغۇلىرى مۇئەييەن پەرق بولىدۇ. شۇڭا مەن ھەر بىر ئوقۇرمەن قەلەمكەشلەر ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى تەكلىپ پىكىر بىلەن بىرگە قوشۇپ، شېئىر ياكى باشقا ژانېردا يوللاپ، بۇ تولۇق بولمىغان ئەسەرگە تولۇقلىما بېرىشىنى ياكى ئايرىم تېما قىلىپ يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاپادارلىق، ئەقىدە، بۇزۇلماس ۋەدە، ۋېسال،

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3168
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9817
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3933 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-14 11:19:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-14 12:31:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىملاغا دىققەت قىلسىڭىز.،...............مەخسەت ئەمەس: مەقسەت...............

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12382
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32424
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-17 12:53:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىن سۆيگۈ ئىشەنچ ،ۋاپا، كۆيۈنۈش،مېھرى -مۇھاببەت يەتكۈزۈشتۇر..... ھەقىقىي مۇھاببەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ياخشى ئىپادىلەپ بېرىپسىز.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
ئوگەنگۇ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-18 10:10:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش