|
|
|
|
يەنە بىر شېئرى چاقچاق
ھېسلىرىمغا:
چېرايلىقتىن كەلمەي ۋاپا،
ياخشى قىزنى ئىزدىنىڭ،
ياخشى چىقماي بىۋاپا،
يەنە كىمنى كۆزلىدىڭ؟
بەھرامغا:
يوقاپ كەتمە دوستۇم بەھرام،
خەت يازسام بەرگىن جاۋاپ،
كۆزۈڭگە گەر ئالمساڭ مىنى،
بىلىپ قال ھالىم بەك خاراپ.
لەرزانغا:
لەرزان ئۇرىدۇ شامال،
تاڭ ساباھ يورىغاندا،
ئەسلىمىسەڭ نېمە ئامال،
دوستقا شېئىر يازغاندا.
ھۆكۈمران
ئەجەپمۇ دەردىڭىز كۆپ،
جىنىم دوستۇم ھۆكۈمران،
چىلماڭ، تېرىكمەڭ كۆپ،
بولمىسۇن بەختىڭىز ۋەيران.
تاڭنۇرغا:
تاڭنۇرجان يوقاپ كەتمەي،
ئەسەر يېزىپ تۇرغايسىز،
ئەجەپمۇ سېغىنىپ كەتتۇق،
سېغىنغاننى بىلگەيسىز.
شاتئايغا:
رەسىملىرىڭ گۈزەل ئىدى،
جىنىم دوستۇم شاتئاي گۈل،
يوقاپ كەتمە، كېرىپ تۇر،
بەخىت تاپ، يىغلىما كۈل.
كۆڭۈلگە:
يوقاپ كەتتى كۆرۈنمەس،
كۆڭۈل قىزنىڭ تېمىسى،
ئالى ئەزا بولىۋىلىپ،
يوقاپ كەتكىنى نېمىسى؟
زامانىغا:
زامانى دېگەن دوستۇم،
تېمىلىرىڭ بەك ئېسىل،
كىرىپ تۇرغىن مۇنبەرگە، يوقاپ كەتمە ئۈزۈل كېسىل.
ئەسرارىغا:
شېئىرلىرىڭ ئىكەن ئېسىل،
جىنىم دوستۇم ئەسرارى،
ئۇخجۇپ چىققان ھېسىيات، ئاشىقنىڭ ئاھۇ زارى. ئۇستازغا:
زەپمۇ ياخشى يازىدۇ،
غەزەلنى بىزنىڭ ئۇستاز،
قوبۇل قىلىڭ بىزلارنى،
چالايلى بىرلىكتە ساز.
خاپىلىققا:
خاپىلىق دوستۇم تاشلىما،
مەن غېرىپ مۇساپىرنى،
پەقەت كۆزۈڭ ياشلىما، كۆرسەتمە پىغانۇ زارنى. دەتمەنگە: يېقىن دوستۇم دەتمەنجان، ناخشا ئېيتىپ يۈرەمسىز؟ بولۇپ قالغاندا نىمجان، ئاندىن بىزنى ئەسلەمسىز؟
|
|
|
|
|
|