نان ۋە ئىمان
ئۆتكۈر ھاشىموف
ئىشەنمەس ئىدىم. بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگىنىمدە ئىشەنمەس ئىدىم. ئېسىمدە بۇندىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى «لىتەراتۇربايا گېزىتى»دە خۇددى شۇنداق مەنزىرە تەسۋىرلەنگەن ماقالە چىققان ئىدى. بىراق ئۇنى ئوقۇغىنىمدا شۈبھىلەنگەنىدىم. «ئەمدى شۇنچىلىك دەرىجىگىمۇ يېتىپ بارغانمىدۇ» دېگەنىدىم. ئۆزۈم كۆرگەندىن ئىشەندىم. ياق، ئاۋۋال ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمەي تۇرۇپ قالدىم، كېيىن...
بۇ ۋەقە چىلانزاردا بولدى. ئىشتىن قايتىۋېتىپ، تۆمۈر رېشاتكىلار ئالدىدىكى مەيداندا پۇتبول ئويناۋاتقان بالىلارغا كۆزۈم چۈشتى. ئادەتتە كۈن پېتىش ئالدىدا ھەممە بالا ئانىسىنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ، كوچىلارغا قېچىپ كېتەتتى. بۇلار قىي چۇۋ قىلىشىپ ئوينىشاتتى، بىرى توققۇز ئون ياشتا، بىرى ئۇندىن چوڭراق... تەرلەپ كېتىشكەن، ۋاقىراپ جاقىراپ يۈگۈرىشەتتى. ھەممە بالا ئوينىشاتتى، ھەممە بالا قىي-چۇۋ سالاتتى. بىراق بالىلار تېپىۋاتقان «توپ»نى كۆرۈپ ۋۇجۇدۇم سەسكىنىپ كەتتى، ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمەي تۇرۇپلا قالدىم. ئۇلار... يېرىم پارچە ناننى توپ قىلىپ تېپىۋاتاتتى. بۇ يەردە قايسى ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىمنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. خۇددى بالىلار مېنىڭ بېشىمنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ تېپىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. كېيىن نېمە قىلغىنىم، نېمە دېگىنىم ئېنىق ئېسىمدە يوق. بالىلار ۋارقىراپ ھەرياققا قېچىپ كېتىشتى. توپىغا مىلەنگەن ناننى قولۇمغا ئالدىم. ناننىڭ سۈيى قاچقان، ئەمما ئۇنچىۋالا قاتمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن «توپ» بولغنىدا پارچىلىنىپ كەتمىگەن، ئەمما قىرلىرى تېپىۋەرگەچكە دۇمۇلىنىۋېرىپ سىلىقلىنىپ كەتكەن، قارا توپىغا مىلانغان ئىدى.
- نېمە گەپ ئەپەندىم؟
بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، ئۇدۇلۇمدا نېپىز ئەينەكلىك كۆزەينەك تاقىغان ئەللىك ياشلاردىكى كىشى تۇرۇپتۇ. ناننى كۆرسەتتىم:
-پۇتبول قىلىپ ئويناۋاتقىنىغا قاراڭ، بۇ ساپاقلارنىڭ.
مەن ئۇنىڭمۇ ئاچچىقلىنىشىنى كۈتكەنىدىم. قىزىق، كۆزەينەكلىك كىشى ئېرەنشىمىدى.
-ياخشى ئەمەس، ئەپەندىم،-دېدى بېشىنى چايقاپ،-بالىلارنى نېمە دەپ قورقىتىسىز؟
-ئاخىر بۇ نانغۇ،-دېدىم قىزىرىپ تۇرۇپ،-نانغۇ!
كۆزەينەكلىك كىشى ئازراق خىجالەت بولغاندەك قىلدى. ئەمما يەنە شۇ گەپنى قايتىلىدى:
-قاراڭ، قورقۇپ قېچىپ كەتتى. مەيلى ئەمەسمۇ، ئوينىسا ئوينىمامدۇ،-ئۇ بىر ئاز تۇرىۋېتىپ،-نان تېپىلىدۇ. ھەر قانچە بولسىمۇ بالىدىن ئەزىز نەرسە بولامدۇ؟
ئۇنىڭ قىرى چىقىرىلىپ دەزماللانغان شىمىغا، نېپىز كۆزەينەك ئارقىسىدىن تەنە بىلەن بېقىۋاتقان كۆزىگە ئۇزاق قاراپ قالدىم.
ئېھتىمال، بالا-بالىدۇر. ئەمما يورۇق دۇنيادا شۇنچە ياشىغان، تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغۇقىنى كۆرگەن بۇ ئادەمگە نېمە دېسە بولار!
ئۈندىمەي بۇرۇلۇپ كېتىۋاتاتتىم. ياندىكى بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى قايسىدۇر دەرىزە شاراق-شۇرۇق قىلىپ ئېچىلدى. ۋارقىرىغان ئاۋاز كەلدى:
-ساقچى چاقىرىش كېرەك! ئون بەش كۈن قامىتىش كېرەك، كىچىك بالىنى قورقۇتقان ئەبلەخنى!
گۈللۈك خالات كىيگەن، كۆكرىكى يوغان ئايال دەرىزىدىن قولىنى چىقىرىپ مېنى كۆرسىتىپ بارغانچە ئەزۋەيلەپ كېتىۋاتاتتى.
ناننى قولۇمدا تۇتقىنىمچە كېتىۋەردىم. بالىسىنىڭ ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىۋاتقان ئاۋۇ كۆزەينەكلىك كىشى بىلەن توختىماي توۋلاۋاتقان ماۋۇ خوتۇن ئۆزى كىم؟ پەرزەنتىگە قانداق تەربىيە بېرىدۇ؟ تۇپراققا مىلانغان «توپ»نى كۆتۈرۈپ ماڭغىنىمدا خىيالىمنى مەيۇسانە پىكىرلەر چۇلغىۋالدى.
دادام ئېيتىپ بەرگەن دەھشەتلىك ھادىسە
ئۇرۇشىن كېيىنكى يىللارنى ئازراق بىلىمەن. ئانام ئارپا نان ياققان كۈنى ئۆيدە بايرام بولۇپ كېتەتتى. ئاتا-ئانىمىز «نان تەۋەررۈك» دەپ قۇلىقىمىزغا قۇيۇپ قويغىنى ئۈچۈنمۇ كېيىنكى زامان توقچىلىق بولۇپ كەتكەندىن كېينمۇ بالىلىقىمدا ئۆگەنگەن بىر ئادەتنى ھېچ ئۆزگەرتەلمىدىم. يەردە نان پارچىسى تۇرغان بولسا، ئېھتىيات بىلەن كۆتۈرۈپ ئالىسىز. ئاۋۋال ئۈچ مەرتە ئۆپىسىز، پېشانىڭىزغا باسىسىز، كېيىن ئازادىراق يەرگە قويۇپ قويىسىز. نېمە بۇ؟ شۇنچىلىك باش-ئاخىرىنىڭ تايىنى يوق ئاساسسىز ئېتىقادمۇ؟ ياكى مەۋھۇم ئەقىدىمۇ؟ ئالدىرىماڭ، بۇ سوئاللارغا جاۋاپ ئىزدەشكە ئالدىرىمايلى.
...ئاشۇ ئېغىر يىللار ئىدى. تېخى مەكتەپكە بارمىغانىدىم. قىرىق ياماق سېلىنغان داستىخاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ناشتا قىلىپ ئولتۇراتتۇق. شۇ كۈنى ئانام ئارپا نېنى ياققان، يەنى ئۆيىمىزدە بايرام ئىدى. بىر چاغدا دادام ۋارقىراپ قالدى:
-نېمىگە ناننى تەتۈر قويىسەن؟
قارىسام دادام ماڭا گەپ قىلىۋاتىدۇ. دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇ بىز بالىلارنى ھېچقاچان ئۇرۇپ تىللىمايتتى، ئەمما ھەممىمىز دادامدىن قاتتىق ھېيىقاتتۇق.
-كۆزۈڭ بارمۇ!-دېدى ئۇ يەنىمۇ زەردە بىلەن،-نېمىگە ناننى تەتۈر قويدۇڭ؟
داستىخانغا قارىدىم. ھازىر ئۆزۈم سۇندۇرغان نان بۇردىسىنى تەتۈر ئۆرۈپ قويغانىكەنمەن. ئالدىراپ-تېنەپ ئوڭلاپ قويدۇم.
-بىلمىگەن-دە، دادىسى،-دېدى ئانام ئادەتتىكىدەك گۇناھىمنى يېپىپ،-ئەمدى ئۇنداق قىلمايدۇ...
دادام ئۈندىمىدى. بىراق خېلىغىچە قاپىقىنى سېلىپ ئولتۇردى. ئەتىسىمۇ، ئۆگۈنىمۇ دادام بىلەي بىلەن قاشاڭلاپ قالغان ھەرىنىڭ چىشلىرىنى بىلەۋېتىپ، دەھشەتلىك ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بەردى. ھازىر بۇ ھادىسىنى سۆزمۇ-سۆز دەپ بېرەلمەيمەن.
ئوتتۇز ئۈچىنچى يىلى(دادامنىڭ ئېيتىشىچە چوڭ ئاكام تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن) بەك ئاچارچىلىق بولۇپتۇ. باھار ئىكەن. دادام پاركەنتتە تۇرىدىغان ئاغىنىسىنىڭكىگە بېرىپتۇ. ئۇ تاغلاردا ئاچارچىلىق شەھەردىكىدىنمۇ ئېغىر ئىكەن. ئادەملەرنىڭ يېگۈدەك نەرسە ئىزدەپ تاغۇ-تاشلارنى كېزىپ يۈرگىنىنى كۆرۈپتۇ. شۇلار ئارىسىدا ئالتە ياشلىق بالىسى بىلەن بىر ئادەم ھەم ئوزۇق ئىزدەپ چىققانىكەن. بالىلار پەقەت بىر گەپنى تەكرارلاپ يىغلار ئىكەن:«نان»، «نان»
، «نان!» ئاتىسى جىلە بولۇپ، «ئۆچۈر ئاۋازىڭنى!» دەپتۇ. بالا ئۈنىنى پەسەيتىش ئورنىغا تېخىمۇ قاتتىق توۋلاپ:«نان، نان بېرىڭ، نان!» دەپتۇ. شۇ پەيتتە بۇ ئادەم:«ئۆچۈر ئاۋازىڭنى، بەدبەخت!» دەپ مۇشت ئۇرغانىكەن، بالا ئاتىسىدىن قاچىمەن دەپ ئارقىسىغا ئۇچۇپ كېتىپتۇ. بەختكە قارشى نېرىدا تاۋۇز چوڭلۇقىدىكى تاش ياتقانىكەن. بالا شۇ ئارىدا ئارقىسىغا ئۇچۇپ، بېشى تاشقا ئۇرۇلۇپتۇ-يۇ، تىپىرلاپ جان بېرىپتۇ. كىشىلەر:«نېمە قىلدىڭ، ئەبلەخ، بالىنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇڭغۇ!» دېسە بايىقى ئادەم بېشىغا مۇشتلاپ يىغلاپتۇ، بالىسىنى قۇچاقلاپ، داد سېلىپ:«ئۆلتۈرۈڭلار، مېنىمۇ ئۆلتۈرۈڭلار، بۇمۇ بىر ھېسابتا ياخشى بولدى، بالام بۇ ئازابلاردىن قۇتۇلدى، ئۈچ كۈن ئاۋۋال ئانىسى ئاچلىقتىن جان بەرگەنىدى، قەبرىستانغا ئېلىپ بېرىشقا ئادەم تاپالماي ھويلىغا كۆمگەنىدۇق» دەپتۇ.
بىلمىدىم، ئېھتىمال بۇ ھادىسىگە كۆپچىلىك ئىشەنمەس. ئەمما بىر نەرسە ئېنىق، دادام ھېچقاچان يالغان گەپ قىلغان ئەمەس... تېپىلىۋېرىپ قىرلىرى سىلىقلىنىپ كەتكەن ناننى كۆتۈرۈپ بېرىۋېتىپ ئىختىيارسىز شۇ ھادىسىنى ئەسلىدىم. كېيىن لېنىنگىرادتىكى پىسكاريوف قەبرىستانلىقىدىكى ۋەقە يادىمغا يەتتى.
بۇ قەبرىستاندا قامال ۋاقىتلىرىدا ئاچلىقتىن ئۆلگەن كىشىلەر ياتىدۇ. بۇ يەردە ئاق مەرمەر، قارا مەرمەر، كۆك مەرمەردىن ئورنۇتۇلغان خاتىرە تاشلار ئاز ئەمەس. قەبرىستاننى ئايلىنىپ يۈرۈپ، چاچ-ساقىلى ئاقىرىپ كەتكەن چوڭ ياشلىق كىشى بىلەن يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئايالغا كۆزۈم چۈشتى. بۇ قەبرىستاندا زىيارەتچىلەر كۆپ بولىدۇ. بىراق پەقەت بۇ كىشىلەرنىڭ ئېىسمدا قېلىشىدا سەۋەب بار. ئۇلار ھېچقانداق دەبدەبىلىك مەرمەر تاش ئورنىتىلمىغان كىچىك قەبرە بېشىدىكى ياغاچ جازىلار ئالدىدا جىم ئولتۇرۇشاتتى، قەبرە ئۈستىدە بولسا... بىر بۇردا نان بولىقى تۇراتتى. ھەيران قالدىم.
چال-كەمپىرلەر بىلەن سالاملاشتۇق. قەبرە ئۈستىگە نېمە ئۈچۈن نان قويۇپ قويۇشقىنىنى سورىدىم. چال بىلەن كەمپىر ئەلەملىك ۋەقەنى ئېيتىپ بېرىشتى.
قامالدا ئاچلىقتىن ئۆلگەن مەرھۇملارنى يىغىپ ئېلىش ئۈچۈن ھەم، كۆمۈش ئۈچۈن ھەم ئادەم قالمىغان. مانا بۇ بوۋاي-موماي(ئۇ دەملەردە ياش بولغان) يەتتە ياشلاردىكى قىزىنى يېتىلەپ كېلىۋتقاندا، قىز كوچا ئوتتۇرىسىدا ئۆلۈپ ياتقان ئادەم مەھكەم چاڭگاللاپ ياتقان ناننى كۆرۈپ قالغان. بالا، نېمىلا دېگەن بىلەن بالىدە! ناننى كۆرۈپ شۇ تەرەپكە يۈگۈرگەن. ئاتا-ئانىسى ئۇنى تۇتالمىغان. قىز ئاشۇ نانغا يېتىپ بارغىنىدا دۈشمەن ئاتقان سىنارەدتە پارتلىغانۇ...
...ئۇرۇش ئاخىرلاشتى. شۇندىن كېيىن ئاتا-ئانا بىر بۇردا نان ئۈچۈن قۇربان بولغان قىزىنىڭ قەبرىسىگە ھەر كۈنى بىر بۇردا نان ئېلىپ كېلىدىكەن...بىر بۇردا نان...
ئىنسان بالىسى خاتىرىسىز ياشالمايدۇ. بولۇپمۇ مۈشكۈل پەيتلەر ئادەمنىڭ ئېسىدا ئۇزاق ساقلىنىپ قالىدۇ. قامالدا بولغان ئادەملەر ھېلىھەم ئاشۇ دەملەرنى ياخشى ئەسلىشىدۇ. توققۇز يۈز كۈن داۋام قىلغان مۇھاسىرە... نان ئورنىغا يېلىم قاينىتىپ يېگەن ئادەملەر... يېقىن كىشىلىرىنىڭ ئاچلىقتىن لەۋلىرى قۇرۇپ ئۆلۈۋاتقىنىنى كۈزەتكەن، ئاخىرى ئۆزى ھەم ۋاپات بولغان قىزچاق تانيانىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى. 42-يىلىنىڭ يانۋار، فېۋرال ئايلىرىدا بىر شەھەرنىڭ ئۆزىدە ئاچلىقتىن ھالاك بولغان ئىككى يۈز مىڭ كىشى... ئۇرۇش بولىۋاتقان جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن ئىككى يۈز قىرىق مىڭ يېتىم بالىغا ئۆزى يەپ تۇرغان ناننى يېدۈرگەن ئۆزبېك خەلقىنىڭ مىسلىسىز ساخاۋىتى... بۇ كۈنلەرنى ئۇنۇتقىلى بولارمىكىن؟ دانىشمەن خەلقىمىز «ئەسكى چورۇقىڭنى ئۇنۇتما» دېگىنى بىكار ئەمەس...
چىلانزاردا ناننى توپ قىلىپ ئوينىشىۋاتقان بالىلارنى كۆرگىنىمدە، شىمىنىڭ قىرىنى چىقىرىپ كىيىۋالغان زىيالىي سۈپەت كىشى ماڭا دەشنام بەرگىنىدە، كۆكرىكى يوغان سېمىز خوتۇن مەن «ئەبلەخ»نى ساقچىغا تۇتۇپ بەرمەكچى بولغىنىدا مەن شۇلارنى ئەسلىدىم.
نان ھىدى
كۈنلەرنىڭ بىرى سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا دۇنيادا ئەڭ يېقىلىق ھىد تارقاتقۇچى نەرسىنى كەلتۈرۈشنى ئەمىر قىلىپتۇ. ۋەزىر-ۋۇزارالار سەندەل دەرىخىدىن تارتىپ، ئەڭ شېرىن پۇراقلىق گۈلگىچە سارايغا ئېلىپ كېلىپتۇ. بىراق شاھ تەسكىن تاپماپتۇ. ساراي ئەھلى نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي، ئاخىرى ئەلىشىر نەۋايىدىن مەدەد سوراپ بېرىپتۇ. «سۇلتانغا تونۇردىن يېڭى سويۇلغان بىر تال نان ئېلىىپ بېرىڭلار» دەپتۇ ھەزرىتى ئەلىشىر. راستىنلا پادىشاھ دۇنيادا ئەڭ يېقىملىق بۇي تونۇردىن يېڭى چىققان نان ھىدى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپتۇ.
بۇ بىر رىۋايەت. بىراق ھەر قانداق رىۋايەت ئاساسسىز بولمايدۇ.
...خەلقىمىزنىڭ ئاجيىپ ئۇدۇملىرى بار، يېڭى پەرزەنت كۆرگەن ئانىنىڭ كۆكسىگە دەررۇ ئىسسىق نان قويىشىدۇ. نېمىشقا؟ ئېھتىمال يورق دۇنياغا ئەمدى كەلگەن بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ئانا سۈتى ئارىلاش نان ھىدى ھەم كىرسۇن، دەپ شۇنداق قىلىشار. گۆدەك كېچىسى قارا بېسىپ قالمىسۇن دەپ بۆشۈككە، ياستۇقىنىڭ تېگىگە بىر بۇردا نان قويىشىدۇ. بالىنىڭ ئايىقى چىقىشى بىلەن ئايىقىنىڭ ئارىسىدىن كۈل پارچىسى يۇمىلىتىپ ئاتىقى ئىتتىك بالىلارغا ئەپقاچتۇرىدۇ. بالا ئەقلىگە كېلىشى بىلەن «نان ــ تەۋەررۈك، ناننى ئاياق-ئاستى قىلىش گۇناھ» دەپ قۇلىقىغا قۇيۇشىدۇ... سەپەرگە چىققان ئادەم يولدا ھەمراھ بولسۇن دەپ نان ئېلىۋالىدۇ. بەيگىگە چۈشكەن چەۋەنداز بېلىگە نان تۈگۈپ، كېيىن ئاتقا مىنىدۇ. ئانىلىرىمىز ئەلچىلىككە بارسا بوغچىسىغا، ئەلۋەتتە، نان تۈگۈپ بېرىشىدۇ. ئىككى ياشنىڭ بېشىنى قوشۇشتىن ئالدىن ساداقەتكە، بەختكە قەسەم سۈپىتىدە ئوتتۇرىدا نان ئوشتىلىدۇ. كىشىلەر بىراۋنى ماختىسا «ناندەك ئەزىز بول!» دەپ دۇئا قىلىشىدۇ.
خەلقىمىز نانغا بىھۆمەتلىك قىلغان كىشىنى ئەڭ رەزىل كىشىلەردىن ھېسابلايدۇ. ئەل ئارىسىدا «نانكور»، «نان تەپكۈر» دېگەن سۆزدىن ئارتۇق ھاقارەت يوق. ئادەم ئەڭ مۈشكۈل پەيتلەردە نان نامى بىلەن قەسەم ئىچىدۇ. «نان ئۇرسۇن» دېگەن ئەنت ئەڭ ئېغىر قەسەم! بۇ ھەم شۇنچىلىك ئاساسسىز ئەقىدىمۇ؟ ياق، ئىنسانىيەت ناننى كەشپ قىلغىنىغا 15 مىڭ يىل بولۇپتۇ. ناننى ئىمان دەرىجىسىگە، ۋىجدان دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن خەلق بۇ ئىشنى ئاڭلىق رەۋىشتە ــ بىلىپ قىلغان. بۇنىڭغا قاراڭ، گۆدەك بالىلارنىڭ ئاستىغا نان قويۇشنىڭ خاسىيىتىنى زامانىۋىي تىببىي ئىلىم تەستىقلايدۇ. نان ھىدىدا ھاۋانى تازىلىغۇچى، ئىنسان نېرۋىسىنى تېنچلاندۇرغۇچى بارلىق ئېلىمىنتلار بار ئىكەن. قىزىق، نېمە ئۈچۈن ئىنسان بالىسى گۆشسىز، ياغسىز ۋەۋ باشقا ئوزۇق-تاماقلارسىز بىمالال ياشايدۇ-يۇ، نانسىز ياشالمايدۇ؟ ئاقسىل ياكى كىراخمال دەيمىز، ۋەياكى ۋىتامىن دەيمىز، باشقا نەرسىلەردە ھەم بارغۇ! قىزىقارلىق يېرى شۇكى ناندا ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق نەرسىلەر بار. ئۇلار شۇ قەدەر مۇۋاپىق جايلاشقان ئىكەنكى، نان ئىنسان بالىسىنىڭ مەيدىسىگە ھېچ زەرەر يەتكۈزمەس. بۇنى ھەم زامانىۋى مېدىتسىنا تەستىقلايدۇ.
ئەرزان، ئەمما بىباھا
ئېھتىمال، بالىسى لاي ئايىقى بىلەن گىلەمگە چىقسا، بىر تەستەك ئۇرىدىغان ئادەم، شۇ بالىسى ناننى لايغا تاشلىۋەتسە پەرۋا قىلماس. توغرا، بەلكى ئۇ گىلەم ئىككى مىڭ سومدۇر، بەلكى بالىسى يەرگە تاشلىغان نان ئىككى تىيىندۇر. ئەمما ئادەم ئاچ قالغاندا، ئىككى مىڭ سوملۇق گىلەمنى پىشۇرۇپ يېيەلمەيدۇ، جېنىغا ئىككى تىيىنلىك نان ئارا بولىدۇ.
بىر كىلوگىرام ئۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن تۆت كىۋادرات مېتىر مەيدانغا بۇغداي تېرىش كېرەك. ئەگەر ھەر كۈنى ھەر بىر ئائىلىدە ھەر بىر ئادەمدىن يېرىم تال نان ئېشىپ قالسا، بىر ئۆيدە نەچچە كىلوگىرام بولىدۇ؟ بىر يىلدا نەچچە توننا بولىدۇ؟ بىر توننا بۇغداينى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تۆت مىڭ كىۋادرات مەيداندا دېھقانچىلىق قىلىش زۆرۈر! بىراق نان ئۇ بۇغداي تېرىشنىڭ ئۆزى ئەمەس. شۇنچە يەرنى ھەيدەش كېرەك، تۈزلەش كېرەك، ئوغۇتلاش، سۇغىرىش، ئورۇپ ئېلىش، يانچىش، خارمانغا تاشلاش، تازىلاش، ئۇن تارتىش.... شۇنچىلىك ئىشلار ئۈچۈن قانچىلىك يەر، قانچىلىك ئوغۇت، قانچىلىك تېخنىكا، قانچىلىك ئېنىرگىيە، قانچىلىك ئادەمنىڭ ھاياتى، مېھنىتى سەرپ بولىدۇ؟ ئىنساپ بىلەن گەپ قىلغاندا، بىر كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى ناننىڭ قىممىتى بىر كىلوگىرام ئالتۇننىڭ قىممىتىدىن كەم ئەمەس.
ھېساپ-كىتابنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى چەتئەللەرگە بارغانلار ياخشى بىلىشىدۇ. مانامەن دېگەن ئەڭ باي مەملىكەتكە بېرىڭ، مانامەن دېگەن رېستۇرانغا كىرىڭ. ھەر بۇردا ناننى «قولىڭىزغا ئۆلچەپ» بېرىدۇ!
ب د ت نىڭ ئاخباراتىنى ئوقۇغىنىمدا ئۆزۈم ھسەم ئاۋۋال ھەيران قالدىم. پەقەت بىر يىلدا 1979-يىلىدا يەر يۈزىدە 50 مىليونغا يېقىن ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشكەن. كېيىنكى پەيتلەردە ھىندىستاندا «يېشىل رىۋولىتسىيە» ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنى، يەنى يزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش جىددىي كۆپەيتىلگىنىگە قارىماي بۇ دۆلەتتەە 350 مىليون ئادەم تويۇپ تاماقلىنالمايدىكەن. ھىندونېزىيەدە 33 مىليون، باڭلادېشتا 27 مىليون، نېگىرىيەدە 14 مىليون، بىرازىلىيە، ئېفئوپىيە، پاكىستاندا 12 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئاچلىق ئازابىدىن قىينىلىدىكەن. 1983-يىلى يەر شارىدا ھەر كۈنى 40 مىڭ بالا ئاچلىقتىن ئۆلگەن ئىكەن. ھەر كۈنى! ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامرىكىسىدىكى مەملىكەتلەردە بىر بۇردا نان ئۈچۈن تىلەمچىلىك قىلىدىغان بالىلار ھەر قەدەمدە ئۇچرايدۇ. مىڭلاپ بالىلار...ھەتتا تەرەققىي قىلغان ئىتالىيەدە ھەم بىر مىليون بالا بىر بۇردا نان تېپىش ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلىشىدۇ.
بۇ گەپلەرنى ئىچىمدىن توقۇپ چىقىرىۋاتقىنىم يوق. بۇنداق دەھشەتلىك دەلىللەرنى ئامېرىكا ژورنالىستى دوتستون رېيدجېر يازغان. بۇ يۈز يىل ئاۋۋالقى ۋەقەلەر ئەمەس، بىزنىڭ زامانىمىزدا، 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر...
بالىسى گىلەمگە لاي ئايىقى بىلەن چىقسا جازالايدىغان، ئەمما شۇ بالا ناننى يەرگە ئۇرۇپ يۈرسە پەرسا قىلمايدىغان ئادەملەرنى كۆرگىنىمدە، ناننى پۇتبول قىلىپ تېپىۋاتقان بالىلارنى قوغلىغىنىمدا، شىمىنىڭ قىرىنى چىقىرىپ دەزماللانغان زىيالىي كىشى دەشنام بەرگىنىدە، ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئاشۇ خوتۇن مەن «ئەبلەخ»نى ساقچىغا مەلۇم قىلماقچى بولغىنىدا شۇلارنى ئويلىدىم. «نان بالىدىن ئەزىز بولامدۇ؟» دەپ قېشىنى يىمىرىدىغان ئادەملەرنى ھەم كۆپ كۆردۈم. شۇ پەيتدە شۇنداق دەپ ۋارقىرىغۇم كەلدى:«ھەئە، نان بالىدىن ھەم ئەزىز بولۇشى مۇمكىن!» مۇشەققەتلىك ئۇرۇش يىللىرىدا بالام ئاچلىقتىن ئۆلمىسۇن دەپ بىراۋلارنىڭ ئېشىكىگە، چايخانىلارغا، يېتىمخانىلاغا تاشلاپ كەتكەن ئادەملەر بار! ئۇلار ھېلىھەم تىرىك. پەقەت بۇ توغرىدا سۆزلەشكۈسى كەلمەيدۇ! توقلۇققا شوخلۇقنىڭ ھەم چېكى بولىدۇ. بالىڭىز ئېسىنى بىلگۈچە قۇلىقىغا قۇيۇڭ: ناننى خارلىمىسۇن».
توقلۇققا شوخلۇق
لېنىنگرادتا ئاجايىپ ئادەت بار. دۇكانغا كىرىپ ئىككى ساندۇق نان ئالسىڭىز، دەررۇ:« ئائىلىڭىزدە قانچە كىشى بار، شۇنچە ناننى نېمە قىلىسىز؟» دەپ سورىشىدۇ.
بۇ ھەم ئىنسان خاتىرىسىنىڭ قارارسىزلىقىدىن نىشانە. ناننى ئىسراپ قىلىش قاتتىق گۇناھلىقىدىن نىشانە. بىزدە سەل باشقىچىراق. نان دۇكىنىغا كىرگەن ئادەم خالىغىنىچە ئالىدۇ. بىرنى، ئۈچنى، ئوننى...ئىككىسىنى بالا-چاقىلىرى بىلەن يەيدۇ، قالغىنىنى... مالغا بېرىدۇ. قارىسىڭىز يېرىم يىل ئىچىدە بۇقىسىنى نان بىلەن سەمىرىتىپ موماي ناندىن دارامەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئەنە سىزگە ناندىن كېلىدىغان «ساپ پايدا».
كۆپىنچە ياشلاردىن قاقشايمىز:«ياشلار ئۇنداق بوپ كەتتى، ياشلار بۇنداق بوپ كەتتى، قەدر-قىممەتنى بىلمەيدۇ...» ئوچىقىنى ئېيتسام، ياشلاردىن ئۇنداق قاقشايدىغان ئادەملەرنى ئانچە ھۆرمەت قىلمايمەن.
ۋىجداننى دەپ ئېيتساق: تويلادىكى ئىسراپچىلىقلارغا، ئېنىقى شۇكى، نان ئىسراپچىلىقىغا كىم سەۋەبچى: ياشلامۇ، چوڭلارمۇ؟! مەن ئاتىلىرىمىزنى، ئانىلىرىمىزنى، ئومۇمەن چوڭلىرىمىزنى ئاجايىپ ئادەتلىرىمىز تۈپەيلى چوقۇمكى ئېھتىرام قىلىمەن. ئەمما توي ياكى مەرىكىلەردە قانچە خالتا ئۇن ئىشلىتىشكە كىم ھۆكۈم چىقىرىدۇ؟ ياشلارمۇ، چوڭلارمۇ! ھەر بىر مېھماننىڭ ئالدىغا ئەلۋەتتە نان سۇندۇرۇش، داستىخاندا تەييار نان تۇرغىنىغا قارىماي «ئىسسىقىدىن» ئوشتۇشنى كىم ھەل قىلىدۇ! بىراۋنىڭ ئەيىبىنى تېپىش قىيىن ئەمەس، ئۆزىمىزگە ھەم سىرتتىن بىر قاراپ كۆرەيلى!
يەنە بىر تەرىپى ھەقىقەت: ناننىڭ ئىسراپ بولۇشىغا..نان زاۋۇتلىرى ھەم ئەيىبدار. ناننى يامان دېيىش گۇناھ. ئەمما ئىنىساپ بىلەن ئېيتقاندا، زاۋۇتلادا پىشۇرۇلىدىغان نانلار بەك سۈپەتلىك ئەمەس. مەن تاشكەنتتىكى نان زاۋۇتلىرىدىن بىرىنىڭ دېرىكتورى بىلەن سۆھبەتلەشتىم. «راستىنى ئېيتىڭچۇ،- دېدىم كۈلۈپ،-داستىخانىڭىزدا ئۆز زاۋۇتىڭىزدىن چىققان نان بولسا، يەنە تونۇردا پىشۇرۇلغان نان تۇرسا، قايسى بىرىنى يەيسىز؟» دېرىكتور بىر دەم جىم تۇردى-دە، ئاخىرى ئۆزى ھەم كۈلۈپ كەتتى:«تونۇر نېنىنى يەيتتىم!»
توغرا، بىر كۈندە بەش-ئالتە تونۇر نان يېقىش باشقا، ھەر كۈنى 300 توننا ئۇندىن نان(بولكا) تەييارلاش باشقا. لېكىن تېخنىكا ۋە ئەلا سۈپەتلىك ئۇن بولغانىكەن، ناننى شۇنداق يېقىش كېرەككى، بۇردىسى ھەم، ئۇۋىقى ھەم ئۇۋال بولمىسۇن!
ئەلۋەتتە بۇ گەپلەر ھېچقاچان ئۆز زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەتنى سۇسلاتمايدۇ. ئەسلى بۇ ھەم بۈيۈك مەسئۇلىيەت ھەم ئەمەس، ئىنسانىي ئاددىي قائىدە. ناننى ئەزىزلەش ــ ئىماننى مەھكەم تۇتماق دېمەك، ۋىجداننى مۇستەھكەم ساقلىماق دېمەكتۇر.
دۇنيادا ئادەملەرنى بىر-بىرى بىلەن باغلاپ تۇرغۇچى يىپلار كۆپ. قېرىنداشلىق يىپى، قەدر-قىممەت يىپ يەنە نېمە دېسەك بولۇر...مەنپەئەت، مال-دۇنيا، پۇل...قىسقىسى تۈرى كۆپ. لېكىن زامانلارنى زامانلار بىلەن، ئىنسانلارنى ئىنسانلار بىلەن باغلىغۇچى ئەڭ مۇستەھكەم ۋاستە بار. بۇ ئېتىقاد. ئېتىقادى پاك، ئىمانى پۈتۈن ئىنسانلار يەر يۈزىدە ھەمىشە بولغان، بۇندىن كېيىن ھەم بولىدۇ. ئەسلىدە دۇنيانى شۇنداق كىشىلەر قولىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ.
«...دان سەپكۈچى دېھقان ئادەم ئاتا پەرزەنتى، بەلكى ئۇنىڭدىن رىزق يېگەنلەر ــ شۇ دېھقاننىڭ پەرزەنتى. ئۇنىڭ ئۆزى بولسا ئادەم ئاتىدۇر».
بۇ سۆزنى ھەزرىتى ئەلىشىر نەۋايى ئېيتقان. نەۋايىدەك ئۇلۇغ زات دان سەپكۈچى ئىنساننى ئادەم ئاتىغا قىياس قىلغان! بۇ بىكار ئەمەس ئاخىر!
ئەجىبا، ئارىمىزدا بىرمۇ، ئونمۇ، يۈزمۇ نان تېپىدىمىغان كىشى بولىدىكەن، ئۇلار ئېتىقادىمىزنى ھاقارەت قىلغان بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ناننى كۆزگە سۈرتۈپ ئەزىزلەش دائىمىي ئۇدۇمىمىز بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. شۇڭىمۇ بىز بىراۋغا ئەڭ ياخشى تىلەك بىلدۈرگىنىمىزدە «ناندەك ئەزىز بولۇڭ» دەيمىز.
ئۆتكەن يىلى تېلېۋىزىيەدە «بەھس» پىروگراممىسىدا ناننى خارلىغۇچىلار ھەققىدە ناھايىتى كەسكىن گەپلەر ئېيتىلدى. پىروگرامما يۈزىسىدىن مىڭغا يېقىن خەت كەلدى. شۇلار ئارىسىدا ئۇرۇش قەھرىمانى ئەنجانلىق تۇرغۇنئەلى ئاكىنىڭ بىر گېپى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. ئۇ كىشى بۇنداق نائىنساپلارغا گەپ تەسىر قىلماسلىقى، ئەگەر دۆلەت تەرىپىدىن ناننى ئىسراپ قىلغۇچىلارنى جازالاش ھەققىدە قانۇن چىقسىلا، ياكى خۇدا كۆرسەتمىسۇن، نان دېگەندە ئاشۇنداقلارنىڭ ئۆزى ئاچ قالسىلا ئېسى جايىغا كېلىشىنى ئېيتىپتۇ.
بۇ گەپتە ئاچچىق، ناھايىتى ئاچچىق ھەقىقەت بار.
————
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئابلاجان يۈسۈپ
مەنبە؛شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
http://www.xjzjxh.com/Views1.aspx?Subid=1202