ئالدىنقى قىسمى
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-16944.Mhtml
داۋامى
شۇنىڭ بىلەن ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ يېزىغا قاراپ ئۇچتۇق،يېرىم يولغا كەلگەندە باشلىق تۇيىقسىز ۋاقىراپ كەتتى:
-ئاپلا!
-نىمە بولدى باشلىق؟
- ھۆججەت سومكامنى ئۇنتۇپ قاپتىمەنۋا ئاداش سېنى ماڭدەپ ئالدىرىتىپ.
-نىمە قىلغىنى بۇ ئايالىڭىزنىڭ،ھەممە ئىشنى جايىدا قىپتۇ،شۇ ئىشتاننىڭ ياقىسىغا دەزمال سالماي قويۇپتۇ،تۈنۈگۈن بىر نىمە دىيىشىپ قاپسىزدە؟
-بىلىپ قالدىڭ ھە،ئاخشام چۈچىرىنى دۈملەپ پىشۇرىمەن دەيدۇ،مەنمۇ شۇ دۈملىگىچە زىخقا ئۆتكۈزۈپ پىشۇر تەملىك بولىدۇ دىسەم ئۇنىماي تەگىشىپ قالغان.
-سەتىراشقا كالتە ئىشتان تىككۈزگەنگە تويۇپسىزدە؟
-قويە ئۇ كالۋا گۇينى،شۇنچە تاپلىساممۇ ئېغىنى ئوچۇق تىكىپ قويۇپتۇ.
-مەنمۇ شۇ ناۋايغا 4 كۈن بۇرۇن پايپاق تىكىپ بەر دەپ بېرىپ قويسام ،تۈنۈگۈن خەۋەر قىلدى سېرىتما ئەككەلمىسىڭىز بىزدە قالمىدى ۋاقتىدا پۈتتۈرۈپ بېرەلمەيمىز دەپ.
-گۇناھ ئۆزىمىزدە زۇكام بولساق چىش دوختۇرغا بارغاندىن كېيىن.
-سەمەت تورغاينى بىلىسىز،ئايالىنى ئۆيدە يالغۇز قويۇشتىن قورقۇپ كۈندە كۆتۈرۈپ يۈرۈيدۇ دەپ ئاڭلىدىم،
- شۇنداقمۇ ئۇ خوتۇنمۇ مۇشۇ چاققىچە مېڭىشنى ئۈگەنمەي نىمە قىلغان بولغىتى.ھازىرقى مۈشۈك ياپىلاقلارمۇ چاشقاندىن زېرىككەن چېغى.
-بۇلبۇل خورەك تارتىپ ئۇخلىسا كېپىنەككە بايرام بولىدۇ-دە؟
-قاسساپتىن موما ئالسام بىر سومغا ئىككى دەيدۇ،تېزەكنىڭمۇ باھاسى ئۆسكەن چېغى؟
-نىمە ئامال ھەممە كالا سۇغا تېزەكلاۋاتسا باشلىق.
-تۈنۈگۈن تېلفۇنغا پۇل ئۇرۇپ قوي دىسەم خوتۇنغا،دوختۇرخانىنىڭ رېتسىپىنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ مۇشۇ تالۇننى كېسىپ بەردى دەپ.
-تايىنلىق سىزگە مۇكاپات چىقتى دەپ يازغاندۇ؟
-ئاشقازىنىڭىزدا يارا باركەن،ئوپىراتسىيە قېلىپ ئېغىزىڭىزنى تىكىپ قويىمىز دەپ يېزىپتۇ.
-مانا كارامەت سۈتنى ئازىراق ئېچىڭ چىرايىڭىز قارداپ كېتىدۇ دىسەم ئۇنىمايسىز؟موزاينىڭ ئۇۋالىغا قاپسىز ئەمدى؟ ھە راست تېلىۋىزوردىن كۆردىڭىزمۇ؟ئوباما ھېلارىڭكىگە ئەتكەن چاي ئىچكۈلى بارسا،كېلىنتون خوتنۇغا:كەچكىچە لەغمەننى تۇزسىز قېلىپ قويامسەن گۇي؟دەپ ۋاقىراۋاتقۇدەك.
-بولدى ئەسلى سەن گۇينىڭ ئاغزىنى تىكىپ قويسا بوپتىكەن،ماڭا چۈشۈپ ھوججەت سومكامنى ئېلىپ چىق؟
شۇنىڭ بىلەن ھارۋىكەشكە ئايرۇپىلاننى توختات دىسەم شۇنداق تورمۇز قېلىپ توختۇتۇپ سەكرە دەيدۇ،قارىسام پاراشوت يوق ،سەپ سېلىپ قارىسام بىر ئەسكى پالاس تۇرىدۇ تۆت بۇلۇڭىدىن تۇتۇپلا سەكرەپ چۈشسەم يېنىمغا باشقىلار ئولۇشۇپ كەتتى<قانداق نىمە دىسەك پاراشوت دىگەن مۇشۇمۇ؟> دەپ،بولدىلا چۈشەندۇرگەنگە ۋاقىت يوق دەپلا ئىشخانىغا يۈگەردىم،مانا مۇشۇ تاپتا ئىشخانىدا ئولتۇرۇپتىمەن.