مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1538|ئىنكاس: 29

توردا پۇل تېپىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12742
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8028
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2010-10-5
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-12 02:54:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توردا ھەقىقەتەن پۇل تاپقىلى بولامدۇ ؟ بۇنىسى بەك ئېنىق ئەلۋەتتە . چەتئەللىكلەرنى دىمەيلا قوياي ، دۆۋلىتىمىزدىنلا ئېيتساق سوخۇنىڭ لىدىرى جاڭ چاۋ ياڭ ، ۋاڭيىنىڭ لىدىرى دىڭلېي ، يەنە ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئەڭ تۇنۇش تور فېنبىي تورى ، بۇرۇنقى 163888 نىڭ لىدىرى جېڭلى ( يېقىندا 82 - يىلى تۇغۇلغان بۇ سولتەك سېرىق مەزمۇندىكى چايخانا ئېچىپ نۇرغۇن پۇل تاپقان بولسىمۇ قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچراپ 6 يىللىق قاماق جازاسى ھەم 500 مىڭ يۇئەن جەرىمانە قويۇلدى .) ...... بۇ تور ئارقىلىق پۇل تاپقان ماگناتلاردىن باشقا توردىن پايدىلىنىپ پۇل تاپقانلارنى ھەرقاچان ساناپمۇ تۈگۈتەلمەيمىز ..... بىزدەك ئاددى كىشىلەرگە ماس كىلىدىغان توردا قوشۇمچە كىرىم قىلىدىغان ئىشلار بارمىدۇ ؟ يېقىندا بۇمەزمۇندا تورلاردا بىرئاز ئىزلەندىم ، بەيدۇ دا بۇ ھەقتە ئىزلەنگۈچىلەرمۇ ئاز ئەمەسكەن . ئۇلانمىلارنىڭ كۆپۈنچىسىدە يالغان ئۇچۇر ياكى مەخسەتلىك ھالدا ئېلان چەكتۈرۈش ، ياكى قويمىچىلىق ،  ياكى ئۈچۈرۈپ تاشلانغان ئۇچۇرلار بار ئىكەن ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى ئېلان ئىكەن . ئەمما ئانچە - مۇنچە بىرنىلەرنىمۇ بىلىپ قالدىم ، قېنى بىللە كۆرۈپ باقايلى .
ئەمىلىيەتتە بۇ ھەقتە نۇرغۇن تور ئادرىسلىرى بولسىمۇ  توردا پۇل تېپىشنى تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچەلا تۈرگە بۆلدۈم .
1. ئېلان
ئېلان ئارقىلىق پۇل تېپىش توردا ئەڭ تەرەققى قىلىپتۇ . تور بېكىتىڭىز ، شەخسى تور بېتىڭىز ، بۇلۇگلىرىڭىز بولسا بىۋاستە ئېلان بېرىش ئارقىلىق ياكى ۋاستىلىق ئېلان بېرىش بىلەن پۇل تاپقىلى بولىدىكەن .ئەگەر تور بېكىتىڭىزنىڭ كۆلىمى كىچىك مەزمۇنى ئادەتتىكىدەك مەلۇم دەرىجىدە ئۆز ئۇسلۇبى بولمىسا باشقىلاردىن بىۋاستە ئېلان ئېلىشنى كۆتمىسىڭىزمۇ بولغۇدەك چۇنكى بۇنداق بىكەتلەرگە كىرىدىغانلار ئاز بولغاچقا خەقلەر پۇل چىقىرىپ سىزگە ئېلان بەرمەيدۇ ئەلۋەتتە . ئەمما ۋاستىلىق ئېلان بېرىش تور بېكەتلەرگە ،توربەتلەرگە ، بۇلۇگلارغىمۇ ماس كېلىدىكەن ۋاستىلىق ئېلانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئىشەنچلىك ھەم ئاسان بولغانلىرى گوگىلنىڭ ئاندىس ، ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئالى ماما لىرى ئىكەن ، يەنە بەيدۇ ، سوۇگۇ ،ۋاڭشاڭ لارمۇ باركەن ئەمما توردا بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر تورلىرىدا ئەڭ كۆپ بولغىنى گوگىلنىڭ ئاندىس ( adsense) ئىكەن . ئەگەر سىز توربېتىڭىزگە بۇلۇگلىرىڭىزغا ئېلان قويۇپ بىرئاز دوللار كىرىم قىلغىڭىز بولسا ،گوگىلنىڭ ئاندىسىنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ .
https://www.google.com/adsense/g ... ubid=ww-ww-et-HCTop
ئۇيغۇرچە تەپسىلى چۇشەندۈرۈشىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە سەل دىققەت قىلسىڭىزلا تۇلۇق چۈشەندۈرۈلۈشى ،دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار بار .( بۇرۇن ۋەقەنىڭ ئالدىدا 50  -80 يۇئەنگىچە پۇل بەرسىڭىز سىزگە ئاندىسنى ۋاكالەتەن تىزىملىتىپ  يەنە تور بەتلىرىنىڭىزنى چ چ ئارقىلىق يىراقتىن تەڭشەپ بېرىدىغانلار بار ئىدى ھازىر بۇ مۇلازىمەتنى قىلىدىغانلار بارمۇ بىلمىدىم )
2 . توردا دۇكان ئېچىش
تاۋباۋ ، پەي پەي .... لاردا دۇكان ئاچسىڭىزمۇ بولۇدىكەن . توردا قۇرال -ياراق ، زەھەرلىك چىكىملىك ، ئادەم ئورگانىزىمىلىرى ، ئىپپەت نۇمۇس ، ئىنسانى غۇرۇرلاردىن باشقا  نىمە ساتسىڭىز بولىۋېرىدۇ ، مەسىلەن: قاشتېشى ، گىلەم ، شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتلار ساياھەت بۇيۇملىرى،......ئۆيىڭىزدە تۇرۇپ قالغان يانفۇن باتارىيەسى 2002- يىلى قۇراشتۇرۇلغان كومپۇيوتېردىن چىقىرىۋېلىنغان Cpu .... ھەيران قالماڭ ھەر ئادەمنىڭ ھەرخىل ئېھتىياجى بار ، ئىشەنمىسىڭىز تاۋباۋنى ئايلىنىپ كۆرۈپ بېقىڭ  . http://www.taobao.com  ئەمما  توردا دۇكان ئېچىشمۇ رىيال دۇنيادا دۇكان ئاچقانغا ئوخشاپ كېتىدۇ ، دۇكاننى كۆڭۈل قويۇپ يۈرۈشتۇرگەندە تەر ئاققۇزۇپ بەدەل تۆلىگەندە ئاندىن ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز ، ھەرگىزمۇ  بۇلۇگىڭىزغا ئاندىسنىڭ ئېلانىنى قويۇپ قۇيۇپ ، باسماق قويۇپ توشقان ساقلاپ تۇرغانغا ئوخشىمايدۇ .
3 .  ئېلان كۆرۈش ئارقىلىق پۇل تېپىش
بىلىشىمچە بۇنداق ئۇسۇل چەتئەل تورلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىكەن ، ھەر قېتىمقى چېكىلگەن ئېلانغا 00.1-.0.1 سىنىت ئامىرىكا دوللىرى تاپىدىكەنسىز ئەڭ ئاساسلىغى ئەزا تەرەققى قىلىدۇرۇش ئارقىلىق پۇل تاپىدىكەنسىز .( ئەزا يىتۈشتۈرگەن پۇلىڭىز سىزنىڭ توك پۇلىڭىزغا چىقىش قىلامدۇ بۇنى بىلمىدىم )
ئۇنىڭدىن باشقا كومپۇيوتۇرىڭىزغا مەلۇم بىر يۇمشاق دىتالنى ئورنۇتۇپ شۇ  ئارقىلىق ئېلان چىكىش ،ياكى تەسۋىر يېڭىلاش) 刷新( بىلەن  ip ئادىرسىنى توختىماستىن ئۆزگەرتىش، تور ئېقىمىنى تىزلىتىش  ئارقىلىق پۇل تاپىدىكەنسىز ، بۇنى ئاڭلاپ  قورقۇپ كەتمەڭ ، بۇ ۋەزىپىنى شۇ يۇمشاق دىتال ئاپتۇماتىك ئورۇنلايدىكەن ،پاقەت كومپۇيوتۇرىڭىز نى ئېچىپ تورغا چىققاندا ئۇ يۇمشاق دىتالنى ماڭدۇرۇپ قويۇپ ئۆز ئىشىڭىزنى قىلسىڭىزلا بولىدىكەنمىش بۇنداق دىتالنى كومپۇيوتۇرىڭىزغا 8 سائەت ئېسىپ قويغانغا 5- 180 يۇەن ھاتتا 200 - 300 يۇەن ياكى 10~ 20 دوللار بېرىدىكەنمىش، ھەرخىل تور بىكەتلىرىدە بېرىدىغان ھەق ئۆلچىمى ئوخشىمايدىكەن .
http://www.ip5108.com
http://www.wz888.net/wangzhuan/319.html
بۇنىڭ ئىچىدىكى سىرنى بىلەي دەپ مەن  دۆۋلىتىمىز ئىچىدىكى پۇلى ئەڭ كۆپ بولغان بۇ تورغا تىزىملاتتىم  http://www.31do.info/?217197.htm  تىزىملاتقانغا ھەم بۇندىن كېيىن  ھىچ قانداق ھەق ئالماسمىش ،تور بېتىدە بۇ يۇمشاق دىتالنى قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە سۈرەتلىك فىلىممۇ باركەن ، تىزىملاتسام راستىنلا ئۇنى بۇنى تاپشۇر دىمىدىيۇ لېكىن ماڭا مۇنداق ئۇچۇر كەلدى، ئۇچۇردا بىكاردىن - بىكار يېتىپ پۇل تاپىدىغان ئىش  ئالەمدە يوقمىش بۇ تورنى 100 ئادەمگە كۆرسۈتۈشۈم كېرەككەنمىش 100 ip ئادىرىسى چىكىلىپ توشسا  ئاندىن مېنىڭ  ھەقىقى ئەزالىققا ئۆتۆپ پۇل تېپىشىم باشلىنىدىكەنمىش. مەن بۇ تورنى بەيدۇدىن ئاختۇرۇپ كۆردۈم نۇرغۇن تورداشلار ئۇنى ئىشەنچسىز دەپتۇ ئارىسىدىكى بىرەيلەن: قاراڭ بۇ توربەتنىڭ ھالىغا ياسىلىشى تولۇمۇ ئاددى ئۈستىدە يەنە ئىككى ئېلانمۇ باركەن سىىزگە كۈنىگە بىر ئىككى يۈز يۈئەن پۇل بېرەلەيدىغان توربەتلىرى ھەرگىزمۇ بۇنداق بولمايدۇ دەپتۇ ،  شۇنداقتىمۇ  ھازىرچە بۇ تورنىڭ ھەقىقەتەن ئالدامچىلىق ياكى ساختىلىقىغا ياكى ئالدانغانلارنىڭ ئىنكاسى يوقكەن .
4. ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش ئارقىلىق پۇل تېپىش .
ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش ئارقىلىق پۇل تېپىش تورلاردا خېلى كۆپكەن ھەم ئىشەنچلىككەن ، سىز توردىن لەرخىل رەسىم ، ماركا ، لەۋھە لاھىيەسى ،سۈرەتلىك فىلىملەر ، يېزىقچىلىق ........ ھەتتا  ppt ھۆججاتلىرى قاتارلىق ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ لاھىلەيدىكەنسىز ، ئەسىرىڭىزنى ئىشلىتىپلا قالسا نەچچە يۈز يۇئەن ھەتتا نەچچە مىڭ يۈئەن پۇل تاپىدىكەنسىز . پۇلۇغۇ يامان ئەمەسكەن لېكىن يامان يېرى قوساقتىكى "ئوماچ" قا تايىنىدىكەنسىز .
http://www.taskcn.com/
http://www.zhubajie.com/
ۋەزىپە تۈرىگە كىرىدىغانلاردىن يەنە مۇنبەردە تېما يوللاش ، تېمىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ۋەزىپىسى باركەن ،ھەر تېما ياكى ئىنكاسقا0.3~2 يۇئەن ئەتراپىدا پۇل بېرىدىكەن .سىز بۇنى ئاسانمىكىن دەپ قالماڭ ، بۇنداق تېما ۋە ئىنكاسلار بەكلا ئېلان تۈسىنى ئالغاچقا تەكشۇرگۈچىلەر ئاسانلا ئۈچۈرۈپ تاشلايدىكەن .
http://dianjicash.cn/b4.sb8.1.htm  ۋەزىپە تۈرىگە كىرىدىدىغان تۈردە
يەنە توردا تەكشۈرۈشىكە قاتنىشىپ پۇل تاپىدىكەنسىز ، ھەر تەكشۈرۈشكە 20 مىنوت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدىكەن 5 يۇئەن ئەتراپىدا پۇل بېرىدىكەن ، 1~10 دوللار بېرىدىغىنىمۇ باركەن .
http://www.freesurveyasia.com/cn/default?src=322
يەنە چەتئەلنىڭ سودا تور تەكشۈرۈش تورلىرى سىزگە مەلۇم نىسبەتتە پۇل بېرىپ مەلۇم سېتىۋېلىش ۋەزىپىسىنى بېرىدىكەن ۋەزىپىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك ئورۇنلىسىڭىز كەتكەن چىقىمنى ئۇلار  ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن ، سېتىۋېلىنىدىغان تۈرلەر يىمەك -ئىچمەك ، كىيىم كېچەك مىھمانخانا مۇلازىمىتى...... تۈرى بەك كۆپ ئىكەن ، مېنىڭ ئېنگىلىسچە سەۋىيەم  يوق بولغاچقا بۇ توردىن زادى قانداق ئۇسۇلدا پۇل تاپىدىغانلىغىنى تازا ئاڭقىرالمىدىم ئەمما توردا جوڭگو ئابونىتلىرىنى قوللايدىغانلىغى ئېيتىلىپتۇ .
http://www.surveys4checks.com/mysteryshopping.html
5. مەبلەغ سېلىش
يۇقۇرقى 4 تۈرگە مەبلەغسىز قاتناشقان بىلەن بۇ تۈرگە مەبلەغ سالمىسىڭىز بولمايدىكەن .بۇ تۈرنىڭ ئىچىدە بانكىنىڭ ئالتۇن سودىسى ، ئاكسىيە سودىسى ، تاشقى پىرىۋوت سودىسىنىڭ ئىلىكتىرونلۇق سودا ئۇسۇلىدىن باشقا يەنە ئىشەنچىلىكمۇ ئەمەسمۇ بىلگۈلى بولمايدىغان ھەرخىل تۈرلەرگە مەبلەغ سالىدىغان تورلار بەكلا كۆپكەن ( مېنىڭچە تولىسى ئالدامچى) بۇنداق تورلار ئاساسەن پۇل تېپىش ئاسان بولغىنى بىلەن خەتىرى كۆپ بولىدىكەن
http://www.forexclub-china.com/? ... rxqQCFQRCbgoduVyhBw
ئاخىرقى سۆز.
تور دۇنياسى مەلئۇم بولغىنى بىلەن ئەمما تولۇپ تاشقان قىزغىنلىققا تولغان ، بۇيەردە كاللىسى ئۇچۇق ھەم زىرەك كىشىلەرگە پۇل تېپىش ئۇسۇللىرى مېنىڭ يازغىنىمدىن تولىمۇ كوپ بۇلۇشى مۇمكىن ، يۇقارقى تور بەتلەرنى كۆرۈپ ئاللا نىمە ياخشى خىياللار  كاللىڭىزغا يالتتىدە كېلىپ قېلسا ھەم شۇ پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈپ قويماي پۇل تېپىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس .ئەمما مەن بۇ تور بەتلىرىنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ كۆرگىنىم يوق ، يۇقۇرقى توربەتلەردىن ئۇ يەر بۇ يەرگە تىزىملاتسىڭىز ھۇشيار بولۇڭ! ،ئاگاھلاندۇرۇپ !!! قويايكى قۇيۇلۇپ كەتسىڭىز مەن ھەم مىسرانىم تورى بىلەن ئالاقىسى يوق  . ئەمما مەن سىزگە توردا ، يانفوندىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا ، ھەم رىيال دۇنيادا چەتئەل ، ئىچكىرى ئۆلكە ھەم دىيارىمىزدا پۇتۇن ئالدامچىلىققا ئالدانمايدىغان بىر چارىنى دەپ بېرايمۇ ؟ ئۇ بولسىمۇ سەن مانچە پۇل رەسمىيەت ھەققى ، ياكى باشقا ھەق تاپشۇرساڭ ساڭا مانچە پۇل كېلىدۇ دىگەنگە ھەرگىز ئىشەنمەڭ ، مەن بۇنى پاتنىتىمنى سېتىش جەريانىدا بېيجىڭ شېنجېن دىگەن يەرلەردە ئىگىز بىنالارغا ئېچىلغان چوڭ شىركەتلەر بىلەن قىلىنغان مۇئامىلىلەردە 40 مىڭ يۈئەن خەجلەپ ئۈگەنگەن .ھازىر سىزگە ھەقسىز دەپ بەردىم ، بۇ ئىشلار بىز بىلەنلا كەتسۇن ...
ئاخىرىدا  تورداشلارنىڭ ئۆزى بىلگەن  قىلىپ باققان ياخشى ئىشەنچىلىك توردا پۇل تېپىش ئۇسۇلى بولسا ئىنكاس يېزىپ قويىشىنى سورايمەن . تور دۇنياسىدىكى پۇلنى يالغۇز تېپىپ بولالمايسىز ئەلۋەتتە بىلگىنىڭىزنى ئەلدىن يۇشۇرماڭ.
                                                مەنبە : ئۆزۈم

ھايات ئادەمگە پە

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2175
يازما سانى: 2897
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15485
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 6766 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-12 07:31:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ياخشىسى كەتمەن چېپىپ پۇل تاپقىنىم تۈزۈكتەك تۇرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1755
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8917
تۆھپە نۇمۇرى: 307
توردا: 3769 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2011-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-12 10:24:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ توردا پۇل تېپىش دىگەن گەپ بەك ئاۋۇپ كەتتى ،لىكىن مەن ھازىرغىچە بىرسىنىڭ مەن بىر كوي پۇل تاپتىم دىگىننى ئاڭلاپ باقمىدىم <ئاكىتسىيە ۋە فوندىدىن باشقا تۈرلەردە .>

ئەسلىڭنى ئۇنۇتما!

ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-12 10:31:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر نان يىسەم تۇيمەن. ھازىرچە ئىشىمنى قىلىپ تۇراي ، توردا قىلتاقمۇ ئاز ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2039
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8788
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-12 10:34:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر سىناپ باقسام بولغۇدەك!~   
  چچ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن  ،بىلمىگەن يەرلەرنى سورىۋالسام!~

ئوگەنگۇ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-12 10:40:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

تۇنۇگۇن-ئۆتمۈش،

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1720
يازما سانى: 516
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10950
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-12 10:59:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توردا پۇل تىپىشنى بىلشىتىن بۇرۇن توردا پۇل خەجلەشنى بىلىش كىرەك.
پۇل خەجلەشنى بىلگەن ئادەم پۇل تاپالايدۇ.

سەن ھەر قانچە يالغانچى ئادەم بولساڭمۇ لىكىن ساڭا ئىشىندىغان ئادەمگە ھەرگىز يالغان گەپ قىلما.

سۆيمىگەنگە سۈركەلمە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4598
يازما سانى: 1703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2332
تۆھپە نۇمۇرى: 855
توردا: 3148 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-12 12:00:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توردا پۇل تېپىش ئاسان ئەمەستەك قىلىدۇ. [s:80]

مەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1726
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8866
تۆھپە نۇمۇرى: 361
توردا: 4250 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-12 12:07:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا ماس كەلمىگىدەك [s:99]

مەشۇقسىز -ئاشىق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش