|
|
|
|
قىزىمنىڭ يۈرەك سۆزلىرى
(قىزىمنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىدىن)
ئاپتۇرى: ساپتىلەك
(مۇكاپاتلىق ئەسەر)
[align=justify] ئىلاۋە: مۇنبەردىكى نۈرغۇن قىرىنداشلىرىمنىڭ پەرزەنتى بار، يەنە بەزىلەرنىڭ پەرزەنتى بولۇش ئالدىدا. شۇڭا مېنىڭ بۇ ئەسىرىمدىن پەرزەنت تەربىيلەش جەريانىدا پايدىلىنىشقا تىگىشلىك جايلىرىدىن پايدىلىنىشى ئۆمۈد قىلىپ بۇ ئەسەرنى يازدىم. قىنى مەرھەمەت قىلغايسىلەر.
مەن ھەممە نەرسىدىن ماختىنىشقا ئامراق. يەنە كىلىپ قىزىمدىن ماختىنىشقا تېخىممۇ ئامراق. بۈگۈن ھاۋا شۇنچىلىك ئۇچۇقكى ھەتتا ئاسماندا ئالقانچىلىكمۇ بۇلۇت يوق ئىدى. شۇنىڭغا ماس ھالدا كۆڭلۈممۇ خۇددىي ئاسماندەك ئۇچۇق ھەم يۇرۇق ئىدىكى خۇشاللىقىم ئىچىمگە سىغمايتتى. نەچچە كۈندىن ئۇچۇرغانلا ئادەمگە «قىزىمغا بىيجىڭدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چاقىرىق كەلدى» دەپ ماختانغان بولسام، مانا بۈگۈن خىزمەتداشلىرىمغا يۈزتۇرانە، ئۇچۇرتالمىغان دۇست ۋە ساۋاقداشلىرىمغا تېلىفۇندا قىزىمغا چىدىمىغاچقا ئۇرۇمچىدىكى نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە بەرگەنلىكىمنى ئاغزى-ئاغزىمغا تەگمەي ماختاندىم. نەچچە كۈن ئۆتۈپ قىزىمنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۇرۇق-تۇققانلارنى، دۇست-بۇرادەرلەرنى ئۆيگە مېھمانغا چاقىرىپ ئۇلارنى خۇشاللىقىمغا ئورتاقلاشتۇرماقچى ھەم قىزىمنى ئۇزۇتۇپ قويماقچى بولدۇم ھەم دېگىنىمنى قىلدىم. بازاردىن نەچچە قور ئېسىل كىيىم-كىچەك سېتىۋىلىپ چامادانلىرىغا قاچىلىدىم. قىزىمنىڭ «ئاپا، بىزنى مەكتەپتە زىبۇ-زىننەت ئاسقىلى قويمايدۇ» دېگىنىگە قويماي، بىر دانا سېرىق ئالتۇن زەنجىر، بىر دانا سېرىق ئالتۇن ئۇزۇك، بىر دانە سېرىق ئالتۇن ھالقا ھەم بىر يۇرۇش قىزىل ئالتۇندىن زىننەت بويىمى ئېلىپ، قىممەت باھالىق سىپتە ئىشلەنگەن زىبۇ-زىننەت قاپچۇقىغا سېلىپ، ئۇنىمۇ چامادانغا قاچىلىدىم. قىزىم يولغا چىقار چاغدا مەكتەپتە ئېسىل كىيىنىپ يۇرىشىنى، ئۇرۇمچىلىك بالىلار ئالدىدا چېنىپ قالماسلىقنى، پۇلنىڭ تۇگەپ كېتىشىدىن ۋايىم يىمەسلىكنى، مەكتەپنىڭ ئوخشىمىغان تاماقلىرىنى يېمەي، سىرتتىكى تىز تاماقخانىلاردا ئوبدان تاماقلارنى يېيىشىنى، بالىلارغا بوزەك بولماسلىقنى قايتا-قايتا جىكىلىدىم. مەن نېمە دىسەم ماقۇل دەپ كۇنگەن، مەن بولمايدۇ دېگەن ئىشنى قايتا تىلغا ئالمايدىغان قىزىم يەنە ماقۇل دەپ تۇردى. ئاپدۇبۇس قوزغالدى. قىزىم بىلەن يىغلاپ تۇرۇپ، يىنىشلاپ قۇچاقلىشىپ خۇشلاشتىم. دادىسىنى سىز ئاپىرىپ قويۇڭ دېگىچە ئۆزەم ئاپىرىپ قويۇپ كەلمىگىنىمگە بەكمۇ پۇشايمان قىلدىم.
ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئۆي ماڭا تولۇمۇ «سۇرۇن» بىلىندى. قولۇمغا ھېچ ئىش بارمايتتى. قىزىمنى ھېلىتىن سېغىنىپ، ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىردىم. ئۇ ياتقان ياستۇقلارنى پۇرۇدۇم. ئۇ ئىشلەتكەن كىتاپلارنى بىر قېتىم سېلاپ چىقتىم. توساتتىن كىتاپلار ئارىسىغا تىزىلغان نەپىس ئىشلەنگەن بىر خاتىرىگە كۆزۇم چۈشتى. خاتىرىنى قولۇمغا ئالدىم. بۇ قىزىمنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى ئىدى. كۆڭلۈمدە «قىزىم بۇنى نېمىشقا ئۇنتۇپ قالغاندۇ؟ بۇنىڭغا نېمىلەر يېزىلغاندۇ؟» دەپ ئويلىدىم. بىر خېل قىزىقىش ئىچىدە خاتىرىنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم.
2003-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى (سەيشەنبە) بۈگۈن ھاۋا ئۇچۇق. مۇئەللىم بىزگە بۇنىڭدىن كېيىن كۈندىلى خاتىرە يېزىپ مىڭىشنى ئادەت قىلىشىمىزنى ۋە كۈندىلىك خاتىرىنى قانداق يىزىش كېرەكلىكىنى ئۈگەتتى. مۇئەللىمنىڭ دېيىشىچە كۈندىلىك خاتىرىنى كۈندە يېزىشىمىز زۇرۇر ئەمەسكەن، پەقەت بىزگە تەسىر قىلغان ئىشلارنى يېزىشىمىز كىرەككەن. مەن بۈگۈندىن باشلاپ كۈندىلىك خاتىرە يازىمەن.
2003-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى (پەيشەنبە) بۈگۈن مەكتەپتە تەنتەربىيە مۇسابىقىسى بولماقچى ئىدى. مېنىڭ بۇ مۇسابىقىغا شۇنداق قاتناشقىم بار ئىدى، بىراق ئاپام «سىز بەك ئورۇق، ئۇنىڭغا قاتناشسىڭىز ئاغرىپ قالىسىز، شۇڭا قاتناشسىڭىز بولمايدۇ» دەپ ئۇنىمىدى. كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولسىمۇ ئاپامغا يەنە دىيەلمىدىم. چۈنكى قايتا دېسەممۇ ئاپام بەرىبىر ئۇنىمايدۇ. مەن مەيۇس ھالدا مەكتەپكە باردىم. تۇيۇقسىز مۇئەللىم ئاپىڭىزنىڭ يېنىغا بېرىڭ دېدى. مەن ئاپام مۇسابىقىمىزنى كۆرگىلى كەپتۇ دەپ بەك خۇش بولدۇم، لىكىن ئەھۋال ئۇنداق ئەمەسكەن. ئەسلى ئاپام مېنى ئىككى كۈنلۈك سوراپ، ئالغىلى كەلگەن ئىكەن. مەن ئاپامغا مۇسابىقىغا قاتناشمىدىم، پەقەت مۇسابىقىنى كۆرسەم بولدى دېگەن بولساممۇ ئەمما ئاپام ئاپتاپتا ئولتۇرۇپ ئاغىرىپ قالىسىز دەپ مېنى مەجبۇرى ئىشخانىغا ئەكەتتى. بىر كۈن كەچكىچە ئاپامنىڭ ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇق ئىشلىگەچ زېرىكىپ ئولتۇردۇم. كۆڭلۈم يىرىم بولۇپ يىغلىۋىتەي دەپ قالدىم. شۇ تاپتا سىنىپتىكى دۇستلىرىم تازا خۇشال ئويناۋاتقاندۇ.
قىزىمنىڭ يازغانلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدە «ۋۇي، ئەخمەق قىزىم» دەپ ئويلىدىم.
2003-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى (يەكشەنبە) بۈگۈن بىر كۈن رىستۇراندا ئاپامنىڭ كەينىدە يۇردۇم. كۆڭلۈمدە تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولالمىسام مۇئەللىمدىن تەنقىت ئاڭلاشنى ئويلاپ قورقاتتىم. كەچ بولۇپ، ئۆيگە قايتتۇق. مېنىڭ شۇنداق ئۇيقۇم كىلىپ كەتتى، بىراق تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولمىسام بولمايدۇ-دە، ئىلاجىسىز تاپشۇرىقىمنى ئالدىم. تاپشۇرۇقنىڭ جىقلىقىنى كۆرۈپ، ئىشلەپ بولالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ يىغلاپ كەتتىم. ئاپام مېنىڭ يىغلىغىنىمنى كۆرۈپ يېتىپ ئۇخلىسام بولىدىغانلىقىنى، تاپشۇرۇقىمنى ئۆزى ئىشلەپ قويىدىغانلىقىنى ئىيتتى. بىراق مەن ئۇنداق قىلسام مۇئەللىم ئۇقۇپ قالسا تىللايدىغانلىقىنى ئىيتقان بولساممۇ ئاپام بىرلا توۋلاپ مېنى يېتىپ ئۇخلاشقا چىقىرىۋەتتى. مەن زادىلا ئۇخلىيالمىدىم. بىر ۋاقىتتا ئازراق ئۇخلاپتىكەنمەن، چۈش كۆرۈپ چۆچۇپ ئۇيغىنىپ كەتتىم. ئاپام تاپشۇرىقىمنى ئىشلەپ يېنىمغا قويۇپ قويۇپتۇ. مەن ئاۋاز چىقارماي ئاستا قوپۇپ، ئۇسەل چىرىقىنى ياندۇرۇپ، دەپتىرىمنى ئېچىپ ئاپامنىڭ چىرايلىق خەتلىرىنى بىرنى قويماي ئۆچۇردۇم ھەم قايتا ئىشلىدىم. تاپشۇرۇقنى تۈگۈتۈپ بۇ خاتىرىنى يازدىم. ئاپا، نېمانداق قىلىدىغانسىز ھە؟ سىزگە نېمىشقا كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى دېگىلى قويمايدىغانسىز؟
«ۋاي بىچارا قىزىم، شۇ كېچە ئۇخلىماپسىزدە»، كۆڭلۈمدە شۇلارنى ئويلاپ قىزىمغا ئىچىم ئاغىرىپ يۈرىكىم ئاغرىپ كەتتى.
2003-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى (چارشەنبە) بۈگۈن بايرام، مەن ئەتىگەن قوپۇپ، ئاپام ئېلىپ قويغان ئەتلەس كۆينەكنى خالتىسىدىن چىقاردىم، بىراق كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم بولدى. ئاپام نېمىشقا كەچكىچە مەن دېگەن ئىشنى ئەينەن قىلىپ بەرمەيدىغاندۇ؟ يا ئاپام مۇئەللىمگە بەك ئۆچمىدۇ؟ مۇئەللىم بىزگە سېرىق ئەتلەس كۆينەك كىيىڭلار دەپ شۇنداق كۆينەكنى مەكتەپكە ئەكىلىپ بىزگە كۆرسەتكەن تۇرسا. ئەمدى قانداق قىلارمەن، مۇئەللىم يەنە خاپا بولىدىغان بولدى. مەن قورقۇپ ھەم جىددىيلىشىپ يىغلاپ كەتتىم. ئاپام مېنىڭ نېمىشقا يىغلىغىنىمنى بىلەتتى. شۇڭا «ۋۇي ئەخمەق قىزىم، شۇنىڭغىمۇ يىغلامدۇ، مەنچۇ بالام، بىر كىيىمنى ھەممە ئادەم خۇددىي بىر يەردىن تارقاتقاندەك كىيىشىنى ياقتۇرمايمەن، ئۇنىڭ ئۇستىگە سېرىق رەڭ ئادەمگە ئاچمايدۇ، يىغلىماي كىيىپ بېرىۋىرىڭ، قىنى مۇئەللىمىڭىز تىللاپ باقسۇننا، سىزدەك ئەلاچى ئوقۇغۇچىنى باشقا مۇئەللىملەر تالىشىۋاتقاندا شۇ تالاشقان مۇئەللىمنىڭ سىنىپىغا ئەچىقىپ قويىمەن» دېدى. مېنىڭ باشقا سېنىپقا ھەرگىز چىققىم يوق بولغاچقا ئامالسىز ئاپام ئىلىپ بەرگەن كىيىمنى كىيىپ مەكتەپكە باردىم. مۇئەللىم كەلگەنتى، بەك قورۇقتۇم. مۇئەللىم راستتىنلا خاپا بولۇپ ماڭا ئالايدى. كىيىن بىزنىڭ سىنىپنىڭ نومۇر كۆرسىتىش نۆۋىتى كەلگەندە مۇئەللىم باشقا سىنىپتىكى بىر قىزنىڭ كىيىمنى سوراپ ماڭا كەيدۇردى. سىنىپدىكى بالىلارنىڭ ئاپىسىمۇ شۇنداق قىلامدىغاندۇ ھە؟ مەن بۈگۈن پەقەت خۇشال بولمۇدۇم.
«ۋۇي، شۇ ئىشنى ھەجەپ ئۇخماپتىمىنا. ئېسىت، شۇ ۋاقىتتا ئۇققان بولسام، مۇئەللىمنى تۇغۇلغىنىغا پۇشايمان قىلدۇراكەنمەن. ھەجەپ نەدىكى بىر يۇندىپۇرۇشنىڭ كىيىمنى قىزىمغا كىيدۇرۇپتا، كېسىلى بولسا يۇخمامدۇ، تېخى قىزىمغا ئالىيىپتۇ، خەپ» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
2003-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى (دۆشەنبە) بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم. ئەتىگەندىلا ئاپام ئېلىپ بەرگەن ئېسىل كىيىملەرنى كېيىپ، بەك خۇش بولدۇم.
بۈگۈن ئاپام يەنە رىستۇرانغا مېھمان چاقىرغان ئىدى. مانا نۈرغۇن ئاپاش، داداشلار كېلىشكە باشلىدى. مەن يەنە ئاپامنىڭ دېگىنى بويىچە ھەممە ئاپاش، داداشنى سۆيۈپ قويىشىم كىرەك. مۇشۇ ئىشقا بەك بېشىم قاتىدۇ. بىرەر قىتىم تۇغۇلغان كۈنىمدە دۇستلىرىم بىلەن ئوينىغىلى قويسا نېمە بولار ھە؟ مەن بىر كۈن كەچكىچە چوڭلار بىلەن زىرىكىپ ئولتۇرىمەن. داداشلار ھاراق ئىچىپ يا كەتمىگەن. تېخى خوشلىشىدىغاندا داداممۇ مەس بولۇپ قالغان داداشلارنى سۆيۈپ قويۇڭ دېگەن، ئۇلارنىڭ ئاغىزىنىڭ سېسىسقلىقى. خەپ قاچانمۇ چوڭ بولارمەن، چوڭ بولسامغۇ ئاپامغا، دادامغا قىلغۇم يوق ئىشنى قورقماي دىيەلەيتىم.
قىزىمنىڭ خاتىرسىنى ئوقۇغانچە كۆڭلۈم بىرقىسما بولۇشقا باشلىدى.
2003-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى (سەيشەنبە) بۈگۈن مېنىڭ كۆڭلۈم ئەڭ يىرىم. بۇرۇنمۇ شۇنداق بولاتتى. دادام مەس كىلىپ ئاپام بىلەن ئۇرۇشتى. دادام ئاپامنى بەك ئۇرۋەتتى. ئاپاممۇ يىغلىدى، مەنمۇ يىغلىدىم. دادام نېمىشقا شۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ دادام قاچانمۇ ھاراق ئىشمەيدىغان بولار؟ بىچارە ئاپام مېنى قۇچاقلاپ خېلى ئۇزۇن يىغلىدى. مەن مۇشنداق ۋاقىتتا بىريەرلەرگە قىچىپ كەتكىم كىلىدۇ. مەن بۇ ئۆيدە تۇرغىلى بەك ئۆچ بولدۇم. دادام ھاراقكەش، ئۇرۇشقاق. ئاپام بولسا ماڭا كۆيدۇم دەپ مېنى ھىچنېمە قىلغىلى قويمايدۇ. ياق قىلاتتىم دېسەم ۋارقىراپ خاپا بولىدۇ. مېنىڭ پارتىدىشىم ئايزىبا نېمە دېسە ئاپىسى شۇنى قىلىپ بىرىدىكەن. مەن كۆڭلۈم يىرىم بولۇپ يەنە يىغلىدىم.
بۇ قۇرلارنى ئوقىۋىتىپ ئىخىتىيارسىز يىغلاپ تاشلىدىم.
2003-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى (جۈمە) بۈگۈن ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ئاچماقچى ئىدى. ئاپاممۇ دەل ۋاقتىدا كىلىپ بولدى. مۇئەللىم سۆزلەپ بولۇپ ئاخىرىدا «سىنىپىمىزدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئوقۇغۇچى رەناگۈلنىڭ ئاپىسىنى سۆزگە تەكلىپ قىلايلى، ئۇ بىزگە قىزىنى تەربىيلەش جەريانىنى سۆزلەپ بەرسە» دېدى. ئاپام مېنى بىرھازا ماختاپ بولۇپ تۇرۇپلا دادامنى ئەيىپلەپ «بەك ھاراق ئىچىدۇ، تالا ئوينى كۆپ، بالا بىلەن زادى كارى يوق، مۇئاشىنىمۇ ئۆيگە ئەكىرمەيدۇ، شۇڭا بالىنى تەربىيلەش مېنىڭ زىمەمگە چۈشكەن، قىزىم شۇنداق ياخشى بولغىنى بىلەن مۇشۇ دادىسى دېگەن ھاراقكەش تۇزەلسە بولاتتى. ئۇ ۋاقىتتا تىخىممۇ ياخشى بولاتتى» دىمەسمۇ ئىزادىن ئۆلگىدەك بولدۇم. ئاپام نېمىشقا بۇنداق گەپلەرنى ساۋاقداشلىرىمنىڭ، نۇرغۇن ئاپاش، داداشلارنىڭ ئالدىدا دەيدۇ؟ مەن يىغلىۋەتتىم.
مەن بىئارام بولۇپ خاتىرىنى نەچچە بەت ئۆرۇدۇم. ئارلاپ ئوقۇپ ئىچىمنى مۇشۇك تاتلىغاندەك بولۇپ، قىزىمغا ئىچىم ئاغرىپ ياشلىرىم تۆكۈلۈشكە باشلىدى. بىچارە قىزىم.........
2007-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى (پەيشەنبە) بۈگۈن ئانىلار بايرىمى. مەن ئاپامغا نېمە ئالسام بولار؟ ئاخىرى ئاپامغا گۈل سۇۋغا قىلىش نىيىتىگە كەلدىم. ئاپامغا گۈل سېتىۋىلىپ سۇۋغا قىلدىم. ئاپام گۈلنى كۆرۈپ مېنى قۇچاقلاپ، خۇش بولۇپ يىغلىۋەتتى. ئاپپاق قىزىم دەپ سۆيۈپ بىر قىلۋەتتى. مەنمۇ بەك خۇش بولدۇم. كەچتە ئاپاملارغا زىياپەت باركەن. ئاپام كەتتى. داداممۇ يوق. مەن يالغۇز قالدىم. بۇنداق يالغۇز قىلىش ئادەتتىكى ئىش. ئاپامنىڭ خەتنە توي، توي، گۈل چاي، بۆشۇك توي، زىننەت توي دەيدىغان ئىشلىرى بەك كۆپ، يەنە تىخى بىر ئايدا تۆت قېتىم قاتار چايغا بارىدۇ. شۇڭا مەن دائىم ئۆيدە يالغۇز قالىمەن. بۈگۈنمۇ ئۇلار قاچان كېلىدۇ بىلمەيمەن. دادامنى، ئاپامنى ساقلاپ ئولتۇردۇم. دادام بەك مەس كىپتۇ. ئاپلا دادام مۇشۇنداق كەلسىلا ئاپام بىلەن ئۇرۇشاتتى. ئانامنىڭ ئۆيىگە كىتەلىگەن بولسام بەك ياخشى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقىنى زادىلا كۆرگۇم يۇق. بۈگۈن ئاپام بىلەن دادام يەنە ئۇرۇشتى. ئۇلار بەك سەت گەپ قىلىپ ئۇرۇشىدۇ. قولىقىمنى ئىتىۋالساممۇ ئامال يوق. ئاپام بىلەن ئىككىمىز يەنە كېچىگىچە يىغلاشتۇق.
2007-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى(دۆشەنبە) بۈگۈن بىر دۇستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. مېنىمۇ چاقىردى. بىراق ئاپامغا دېسەممۇ بەرىبىر بارماڭ دەيدۇ. ئاپام، دادام ئەزەلدىن مېنى ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئارلاشقىلى قويمايدۇ. شۇڭا تەتىلنىمۇ ئۆيدىن تالاغا چىقماي ئۆتكۈزىمەن. مېنىڭ دۇستلىرىمنىڭ ئۆيىگە شۇنداق بارغىم كېلىدۇ. مەنمۇ چوڭ بولدۇم. بىراق ئۇلار مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنمەيدۇ-دە. ئاپام بىلەن دادام بالىلىق ۋاقىتلىرىنى قانداق ئۆتكۈزگەن بولغىيتى. بەزىدە بەك ھەيران قالىمەن. بوپتىلا، بەلكىم ئاپام بىلەن دادان مېنى ياخشى ئۈگەنسۇن، ياخشى بالا بولسۇن دەيدىغاندۇ.
2007-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى (شەنبە) مەن تاماقمۇ ئىتەلمەيمەن، ھەتتا چاي قاينىتىش ئۈچۈن ئوچاق بېشىغا كەلسەم، ئاپام گازنى ئاچالمايسىز، بويىڭىزغا چاي تۆكۈپ كۆيدۇرۋالىسىز دەپ ئۇنىمايدۇ. بۈگۈن دۇستۇم گۈلچىھرە بىلەن پاراڭلاشتىم. ئۇ ئۆيدە گاڭپەن ئىتەلەيدىكەن. يەنە دائىم ئاپىسى، دادىسى بىلەن يىزىلارغا تۇقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كىلىدۇ. ئۇ ئىشلارنى ماڭا دەپ بەرگەندە كۆڭلۇم بەك يىرىم بولىدۇ. ماڭا ئاپام بەك ئامراق، بىراق مېنى چۈشەنمەيدۇ. مېنى خۇددىي قەپەستىكى قۇشتەك بىقىپ چوڭ قىلدى.
ئاپا، دادا، سىلەرگە شۇنداق دېگىم كىلىدۇ، مېنى سەل ئەركىن قويساڭلار، مېنى ئۆز ئالدىمغا مۇستەقىل ئىش قىلغىلى قويساڭلار. مەنمۇ سىلەرنى چۈشىنىمەن، بەلكىم مېنى يامان بالىلارغا ئارلىشىپ قالمىسۇن، دەرستە چېكىنىپ كەتمىسۇن دەپ ئەنسىرىيدىغانسىلەر. مېنىڭ سىلەردىن ھەرگىزمۇ ئارتۇق نەرسىلەرنى تەلەپ قىلغىم يوق. شۇ ماڭا كۆپرەك ھەمرا بولسىكەن، چايلارغا ئازراق بارسىكەن، ئۆيدە تاماق ئېتىپ ئۈچىمىز بىللە ئولتۇرۇپ يېسەككەن، يىزىلارغا بىللە بېرىپ تۇققانلارنى كۆرۈپ كەلسەك، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بىرگە ئوينىسامكەن، ماڭا ئاددىي ئۆي ئىشلىرىنى قىلغىلى قويسىكەن، بەلەن بىر نەچچە دۇستلىرىم بىلەن باردى-كەلدى قىلغىلى قويسىكەن دەپ ئويلايمەن. جىنىم ئاپا، دادا، مەندىن خاتىرجەم بولۇڭلار، مەن ھەرگىزمۇ چىكىنىپ كەتمەيمەن، تېخىممۇ تىرىشىمەن. يامان بالىلار بىلەن ئارلىشىپ قىلىشىم مۇمكىن ئەمەس. سىلەر مېنى شۇنداق چىڭ تۇتقاچقا مانا شۇنداق زور شەرەپكە ئىرىشتىم. سىلەرگە كۆپ رەھمەت.
مەن قوللىرىم تىتىرەپ تۇرۇپ قىزىمنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىنى ياپتىم. كۆزلىرىمدىن قۇيۇلۋاتقان ياش يىپى ئۇزۇلگەن مارجاندەك خاتىرە بەتلىرى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى. مەندە قىزىمچىلىكمۇ ئەقىل يوق ئىكەن. قىزىمنى شۇنچىلىك ئەتىۋارلىدىم دەپ قانچىلىك بىچارە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدۇم-دە. قىزىم، سىز ئەقىلىق بالا، سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولسۇن.
|
|
|
|
|
|