يېقىنقى كۈنلەر دە مۇنبەرگە بىر قانچە دوستىمىز ھەقسىز چ چ نۇمۇرلىرىنى تۆكمە، يايما، تاللا بازىرى......دېگەندەك ھەقسىز چ چ لارنى تارقىتىپ كەلدى، ئۇلارغا ھەممىمىز چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز(ئەلۋەتتە...ئۆزۈممۇ بار شۇ قاتاردا...........) مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا نۇمۇرلارنىڭ كۆپلىكىدىن قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەي ئاختۇرۇپ بولغۇچە باشقىلار ئېلىپ بولغان دېگەندەك ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەنلەر چوقۇم بارغۇ دەيمەن. |
ئۇنداقتا، مەن مۇنداق بىردېتالنى ئالغاچ كەلدىم،يەنى چ چ نۇمۇرلىرىنى تاللايدىغان دېتال. |
بۇ دېتال سىزنىڭ تەلىپىڭىز بويىچە نۇمۇرلارنى تاللاپ بېرىدۇ. مەسىلەن ئارىسىدا 520 بولغان،قاتار كەلگەن، قايتىلىنىپ كەلگەن......دېگەندەك، ئىشقىلىپ جىق تەلەپ بويىچە تاللاپ بېرەلەيدۇ.چ چ يايمىلىرىدىكى نۇمۇر تالىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى قورالى دېيىشكە بولىدۇ. |
ئەسلى رەسىمىمۇ بار ئىدى،رەسىم ئارقىلىق ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىمۇ ئۆگىتەي دېگەن ئەمما.....ھەي....مۇنبەرگە نېمانداق رەسىم چىقارغىلى بولمايدىغاندۇ....ئۇلىنىش قىلاي دېسەم تېخى ئاۋارىچىلىق، بولسا مىسرانجان بۇ ئىشنى بىر ھەل قىلىڭلار.مۇنۇ دېتالنىمۇ سىرتتىن ئۇلىنىش قىلاي.... |
ھە راست، دېتالنى مۇنبەر پۇلىغا ساتىمەن دېسەم ئاچچىقلاپ قالماڭلار مۇنبەرداشلار،چۈنكى دېتال ياخشى.ۋاقىت تېجەيدۇ.ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت ئەمەسما....ھەم.....مۇشۇ كۈنلەردە....سەل قولۇم قىسقا بولۇپ قالدى....مىسرانىم تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسى بار بولسا دېسەم باشقۇرغۇچىلار يا بىر ئويلاشمىدىڭلار.....بولسا ئويلىشىڭلار مۇنداق...ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىۋالايلى....
چۈشۈرۈش ئادرىسى: