|
|
|
|
بۈگۈن كۈنگە شەنبە، ئەتە بولسا يەكشەنبە. ئۇچۇپ كەلدۇق ھەممىمىز، بۇ سورۇنغا مۇنبەرگە.
خوك ئەپەندىم قاپاق تۈرۈپ، تەستىقلايدۇ تىمىنى. چارچىغاندۇ دىمەيلا، ھىجىيىپ ئولتۇرۇپ كۆرىمىز.
كۈلقىز دەيدۇ كۈلدۈرۈپ، كۆيدۈم دەيدۇ دانەككە. دادىل سۆزلەر ھەر قاچان، ئارىمىزدىن مۇسلىمە.
يوقاپ كەتتى ئارىمىزدىن، ساھىپجامال بىر قىزىمىز. يۈرۈپ كەتتى قەيەرگە، زەپەر قۇچۇپ كارۋىنىمىز.
تۇزنى بىسىپ كىلىدۇ، ئىزباسارلار سەپ تىزىپ. كۆڭۈل قىزىمىز بەك نازۇك، مەجنۇنتالدەك ئىگىلىپ.
قارمەلىكىنى ئىزلەپ، كەپتۇ ئارىغا يەتتە پاپا. نىمە بولدى بىلمىدىم، خاپىلىقمۇ بەك خاپا.
دات باسمىسۇن قىلىچ دەپ، بىلەپ يۈرەر جان پولات. ئۆركىشىمۇ ھەم ئەسكى، ئالدىراشتىن نان تىلەپ.
شاتئاي خىنىم قەنە سىز؟ لەرزان ئۈزۈپ يۈرەمسىز؟ يوپۇرماقتەك كۆز قىسىپ، شادىمان ئويناپ يۈرەمسىز؟
سىرلىق كىلىپ دوئىلغا، كۆكنۇر قىنى كۆكيارمۇ؟ جاھان كىزىپ يۈرمىسۇن، يېنىپ كەلسۇن سەرسانمۇ.
فاتىمە ھەم بەرنامۇ، بىر جۈپ قوشماق بولۇڭلار. سۇزۇك سۇنىڭ بويىدا، شاۋقۇن - سۇرەن قىلماڭلار.
ئاقيول تىلەپ تاڭنۇرى، پەرىشتىنى ئۇزاتتى. مەڭگۈ،سۇبات،خاسلىقمۇ، قىزغىن چاۋاك قىلىشتى.
مەنبە: ئۆزۈمنىڭ. ئاق مۆشۇك ( ناتىۋان).
|
|
|
|
|
|